كۆك قۇتان

ئورنى Wikipedia

كۆك قۇتان —چوڭ تىپتىكى قىرغاق قۇشلىرى تۈرىگە تەۋە بولۇپ ، ئاساسلىق سۇ بويلىرىدا ياشايدۇ . ئۇنىڭ باش ، بويۇن ، پۇتى ۋە تۇمشۇقى ئۇزۇن ، ئەمما بەدىنى ئورۇق كۆرۈنىدۇ . ئەركەك كۆك قۇتاننىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 942 گرامدىن – 1825 گرامغىچە ، چىشى كۆك قوتاننىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 1030 گرامدىن – 1750 گرامغىچە كېلىدۇ ؛ ئەركەك كۆك قوتاننىڭ بەدىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 750 مىللىمېتىردىن – 1052 مىللىمېتىرغىچە ، چىشىسىنىڭ 750 مىللىمېتىردىن – 1000 مىللىمېتىرغىچە كېلىدۇ ؛ ئەركەك كۆك قۇتاننىڭ تۇمشۇقىنىڭ ئۇزۇنلىقى 106 مىللىمېتىردىن – 127 مىللىمېتىرغىچە ، چىشىسىنىڭ 100 مىللىمېتىردىن – 130 مىللىمېتىرغىچە كېلىدۇ ؛ ئەركەك كۆك قوتاننىڭ قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 375 مىللىمېتىردىن – 460 مىللىمېتىرغىچە ، چىشىسىنىڭ 415 مىللىمېتىردىن – 460 مىللىمېتىرىغىچە كېلىدۇ ؛ ئەركەك كۆك قوتاننىڭ قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 154 مىللىمېتىردىن – 185 مىللىمېتىرغىچە ، چىشىسىنىڭ 140 مىللىمېتىردىن – 175 مىللىمېتىرغىچە كېلىدۇ ؛ ئەركەك كۆك قوتاننىڭ پۇتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 137 مىللىمېتىردىن – 160 مىللىمېتىرغىچە ، چىشىسىنىڭ 135 مىللىمېتىردىن – 160 مىللىمېتىرغىچە كېلىدۇ .

كۆك قوتان دۆلىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان . چەت ئەللەردە بولسا ، ئافرىقا قىتئەسى ، ماداغاسقار ، ياۋرۇپا – ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا ، ئەنگلىيىنىڭ لوندوندىكى ئۈچ ئارىلىدىن يىراق شەرق دېڭىز قىرغاقلىرىغىچە ۋە ساخالىن ئارىلى ۋە ياپونىيە ، جەنۇبتا چاۋشيەن ، مۇڭغۇلىيە ، ئىراق ، ئىران ، ھىندىستان ، جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا جەنۇبىي يېرىم ئارالدىكى بەزى دۆلەتلەرگە تارقالغان .