كۈرەش ئاتاخان

ئورنى Wikipedia
كۈرەش ئاتاخان

Korash Atahan

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى
نىڭ پارلامېنت رەئىسى
ۋەزىپىدە
ۋەزىپىگە ئولتۇرغان 2018-يىلى
پرېزىدېنت غۇلام ئوسمان
مۇئاۋىن پارلامېنت رەئىسى ئىليار شەمسىددىن
شەخسىي ئۇچۇرلىرى
تۇغۇلغان 1965-يىلى 24-ماي (54 ياش)

ئاتۇش شەھىرى

مىللىتى ئۇيغۇر
دۆلەت تەۋەلىكى گېرمانىيە
تۇرار جايى فرانكفورت، گېرمانىيە
كەسپى ئۇيغۇر سىياسەتچى، ئىنقىلاپچى[1]
تور بەت شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

كۈرەش ئاتاخان (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Küresh Ataxan )بولسا شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى نىڭ ھازىرقى پارلامېنت رەئىسى.

شەخسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

كۈرەش ئاتاخان 1965-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاتۇش شەھىرى دىكى تاغلىق كەنتتە بىر ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر مائارىپچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز مائارىپىنى شۇ ئۆزى تۇغۇلغان كەنتتە تاماملىغان. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى مەمتېلى ئەپەندىمنىڭ ئوقۇغۇچىلى قۇرغان ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان.

1982-يىلى شەرقىي تۈركىستان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1985-يىلى 12-ئايدىكى كەڭ كۆلەملىك ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ تەشكىللەش ئىشلىرىغا بىۋاستە قاتناشقان.

1987-يىلى ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ ئاتۇشقا قايتىپ كېلىپ ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە ئىشقا چۈشكەن. 1987-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە شۇ مەكتەپكە ئىشلىگەن.

1991-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە خەلق نەشرىياتىنىڭ ئەدەبىيات سەنئەت تەھرىر بۆلىمىگە ئىشلىگەن.

  • 2001-يىلى ۋەتەندىم ئايرىلىپ بىر يىلغا يېقىن قازاقىستان دا ياشىغان.
  • 2002-يىلى 4-ئايدا گېرمانىيەگە كەلگەن.
  • 2007-يىلى 5-ئايدا گېرمانىيەنىڭ فرانكفورت شەھىرى ئەتراپىدىكى قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى نى قۇرۇپ چىققان.

باشقىلار[تەھرىرلەش]

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىليار شەمسىددىن.

قارالسۇن[تەھرىرلەش]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]