موڭغۇللارنىڭ ئافرىقا يۈرۈشى ۋە تارىخ چاقىنى بۇرىغان مەغلۇبىيىتى

ئورنى Wikipedia

بۇنىڭدىن 700 يىل مۇقەددەم، موڭغۇل چەۋەندازلىرى ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدا بارغانلا يېرىنى بويسۇندۇرغان. ئەمما موڭغۇللار ھازىرقى پەلەستىننىڭ شىمالىدىكى ئەيىن جالۇت دېگەن يېرىدە ئەجەللىك مەغلۇبىيەتكە دۇچار بولۇپ، ئاڧرىقىغا بېسىپ كىرىشنىڭ بىردىنبىر پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان.


1251-يىلى، مۆڭكە خان موڭغۇل ئىمپېرىيىسىگە خان بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ بوۋىسى چىڭگىزخان قۇرغان موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ زېمىنى چاڭجىياڭ ۋادىسىسىن شەرقىي ياۋروپا يايلاقلىرىغا سوزۇلۇپ، ياۋروپا ۋە ئاسىياغا سوزۇلغان، تارىختىن بۇيانقى زېمىنى ئەڭ چوڭ دۆلەت بولۇپ قالغان ئىدى. ئەمما مۆڭكە خاننىڭ زېمىن كېڭەيتىش ئويى ھېلىھەم توختىمىغان بولۇپ، ئۇ شەرقتە ئىنىسى قۇبىلاينى جەنۇبىي سۇڭ ئىمپېرىيېسىگە ھۇجۇمغا ئەۋەتكەن بولسا، غەربتە يەنە بىر ئىنىسى ھۇلاكۇ (ھىلاكۇ) نى ئىران رايونىنىڭ باش ۋالىلىقىغا تەيىنلەپ، موڭغۇل ئىمپېرىيەسىنىڭ 3- قېتىملىق، شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك غەربكە يۈرۈشىنى باشلىغان ئىدى.
1256-يىلى ھۇلاكۇ موڭغۇل قوشۇنىنى باشلاپ ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتىدۇ، بۇ قوشۇندا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن كەلتۈرۈلگەن خەنزۇ توپچى ۋە قونداقلىق ئوقياچىلارمۇ بار ئىدى. بۇ قوشۇننىڭ ئىلغارى (ئالدىن يۈرەر قوشۇن) نايمان ئۇرۇقىدىن چىققان كەتبۇقا بولۇپ، ھۇلاكۇخان بۇ قومانداننى بەك ياقتۇرار ئىدى. ھۇلاكۇخان ئۇنىڭغا: «ئامۇ دەرياسىدىن ئىككى قىرغىقىدىن تاكى مىسىر زېمىنىنىڭ يەنە بىر ئۇچىغىچە بولغان كەڭ زېمىندىكىلەر چىڭگىزخان يۇسۇنى ۋە ياساقلىرىغا بويسۇنۇشى كېرەك» دەپ بۇيرۇق بەرگەن ئىدى. بۇنىڭدىن موڭغۇللارنىڭ ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقى بىلەن چەكلەنمەستىن، ئافرىقا زېمىنىدىمۇ ئات چاپتۇرغىسى بارلىقىنى كۆرۈش مۇمكىن ئىدى.
موڭغۇللار بۇ قېتىملىق يۈرۈشىدىمۇ خۇددى ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق غەربكە يۈرۈشىگە ئوخشاش، ئالدىغا ئۇچرىغاننى ئۇرۇپ سوقۇپ، ھۆرپەيگەننى تۈزلەپ ماڭغان. موڭغۇل ئاتلىرى ئىران ئېگىزلىكىدىمۇ تۇياق ئىزلىرىنى قالدۇرۇپ، مىسسوپوتامىيە ۋادىسىغا كىرگەن، موڭغۇل لەشكەرلىرى ئەينى ۋاقىتتىكى ئابباسىيلەرخانىدانلىقىنىڭ پايتەختى باغدادقا كەلگەن. موڭغۇللار باغدادنى ئىگىلىگەن ۋە 17 كۈن قەتلىئام يۈرگۈزۈپ، ئاخىرىدا ئەينى ۋاقىتتىكى ئەرەب ئىسلام مەدەنىيتىنىڭ ۋەكىلى بولمىش بۇ شەھەرنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلغان. ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ خەلىڧەسى بولسا تاغارغا قاچىلىنىپ ئاتقا دەسسىتىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئابباسىيلار خانىدانلىقى شۇنىڭ بىلەن ۋەيران بولغان، ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەركىزى رايونلىرى موڭغۇل ئىمپېرىيىسى زېمىنىغا قوشۇۋېتىلگەن، بۇنىڭدىن ئەرەبلەر ۋە غەرب دۇنياسى قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن.
موڭغۇل چەۋەندازلىرى بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمىغان ۋە سۇرىيەنى نىشانلاپ داۋاملىق يۈرگەن. ئەينى ۋاقىتتا بۈگۈنكى سۇرىيە ۋە مىسىرغا تەۋە زېمىنلار ئاتاقتا ئەييۇبىيلەر، يەئنى ئەينى ۋاقىتتا ئەھلىسەپنىڭ شەرققە يۈرۈشىگە قاقشاتقۇچ زەربىلەرنى بەرگەن سالاھىددىن ئەييۇبى قۇرغان خانىدانلىقنىڭ زېمىنى ئىدى. ئەمما بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە سالاھىددىن ئەييۇبىنىڭ ئەۋلادلىرى ئەجدادلىرىدەك باتۇرلۇقنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلالمىغان. ئۇلار خاتىرجەم، راھەت-ڧاراغەت ئىلكىدىكى تۇرمۇشقا كۆنۈپ كەتكەن بولغاچقا، موڭغۇللار بىلەن بىر نەچچە رەت ئېلىشا-ئېلىشماي قۇيرۇقىنى خادا قىلغان. دەمەشىق ۋە ھەلەب شەھەرلىرى موڭغۇللارنىڭ قولىغا ئۆتكەن، موڭغۇللار بۇ رايونلاردا خۇددى ئۆز يايلاقلىرىدا كەزگەندەك توسالغۇسىز يۈرىۋەرگەن.
ئەينى ۋاقىتتا ئەھلىسەلىپكە قارشى ئۇرۇشتا قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن ئەييۇب خانلىقىنىڭ مۇسۇلمان جەڭچىلىرى موڭغۇللارنىڭ تاجاۋۇزىنى توسۇشقا ماغدۇرسىز قالغان. 1259-يىلى 9-ئايدا، ئەييۇب خانىدانلىقىنىڭ سۇلتانى ھۇلاكۇخانغا تەسلىم بولغان، سۇرىيەنىڭ پۈتۈن زېمىنى موڭغۇللارنىڭ قولىغا ئۆتكەن. كەتبۇقا باشچىلىقىدىكى ئىلغار قوشۇن ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى نابلۇسنى ئىگىلىگەن ۋە غەززە رايونىغا بېسىپ كىرگەن. موڭغۇل چەۋەندازلىرىنىڭ ئاتلىرى سىناي يېرىم ئارىلىغا تاقاشقان بولۇپ، ئافرىقا ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئىدى.
دەل مۇشۇ ۋاقىتتا يۈز بەرگەن بىر قاتار ئىشلار موڭغۇللارنىڭ غەربكە يۈرۈش قەدىمىنى توختىتىپ قويغان. مۆڭكە خان 1259-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى جەنۇبى سۇڭنىڭ دىياۋيۈ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا ئۆلىدۇ. ئىنىلىرى قۇبلاي ۋە ئارىق بۆكە خانلىق تالىشىپ سوقۇشدۇ. ھۇلاكۇ قوشۇنلىرىنى ئىرانغا قايتۇرىدۇ.
قايتىشتىن بۇرۇن ئۇ دەمەشىقتىن غەززاغىچە بولغان رايونلارنى باشقۇرۇشنى كەتبۇقاغا تاپشۇرغان ۋە ئۇنىڭغا 20 مىڭ لەشكەر قالدۇرغان. بۇ لەشكەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى مەجبۇرى ئەسكەرلىككە تۇتۇلغان چىرىكلەر بولۇپ، قوشۇندىكى موڭغۇللارنىڭ سانى نەچچە مىڭلا ئىدى.
غەربىي ئاسىيادىكى مۇسۇلمان دۇنياسى موڭغۇل چەۋەندازلىرىنىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا تىترەپ تۇرغاندا ئەييۇب خانىدانلىقىنىڭ بىر قىسىمى سانالغان مىسىردىمۇ دۇنيانىڭ كەلگۈسىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغان يەنە بىر ئىش يۈز بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇ دەل مەملۇكلارنىڭ باش كۆتۈرۈشى ئىدى.
ئەينى ۋاقىتتىكى مىسىر سالاھىددىن جەمەتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولۇپ، ئەييۇبىي خانلىقىنىڭ بىر قىسىمى ئىدى. ئەييۇبىي خانلىقىنىڭ بۇ ئاقسۆڭەكلىرى «مەملۇك» دەپ ئاتالغان قۇللارنى بېقىپ، ئۆزى ئۆچۈن جەڭگە سېلىشاتتى. مەملۇك دەپ ئاتالغان بۇ قۇللار كىچىك ۋاقتىدىلا كاۋكاز ۋە چېركەس ياكى كاسپىي دېڭىزىنىڭ شىمالىدىكى قىپچاق تۈركلىرى ئارىسىدىن مىسىرغا سېتىلغان بالىلار ئىدى. بۇ تۈرك بالىلار مىسىردا سېتىلغاندىن كېيىن، ئىسلامغا كىرەتتى ۋە جاپالىق ھەربىي مەشىقلەرنى باشتىن كەچۈرەتتى.
شۇنداق قىلىپ، ئەييۇب خانىدانلىقىدا مۇنتىزىم بىر مەملۇك ئوردۇسى پەيدا بولغان بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى سۇلتاننىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن تۈرك قۇللىرى ئىدى. بۇ مەملۇكلار سالاھىددىن ئەييۇبىنىڭ يۇمشاقباشلىشىپ كەتكەن ئەۋلادلىرىدىن پەرقلىق بولۇپ، تۈرك چارۋىچى قەبىلىلىرىدە تۇغما ئىقتىدار ھېسابلانغان جەڭگىۋار ۋە جەسۇرلۇقلىرىنى ساقلاپ قالغان ئىدى. كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي، مەملۇكىيلەر قۇل بولۇشتىن باش تارتقان ۋە ئەييۇبىي خانىدانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۆزلىرى سۇلتان بولغان. موڭغۇللارنىڭ قەدىمى مىسىرغا يېتەي دېگەندە، مەملۇكىيلەردىن بولغان سەيڧىددىن قۇتۇز مىسىرغا سۇلتان بولغان ئىدى (1259-1260).
ھۇلاكۇ دەمەشىقتىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن، موڭغۇللارنىڭ ئادىتى بويىچە، مەملۇك سۇلتانى قۇتۇزغا مەكتۇپ يوللاپ «تەڭرى چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى ھۆكۈمران قىلىپ تاللىدى، موڭغۇللارغا باش ئەگ» دېگەن. قۇتۇز شۇ ھامان يېقىنلىرىنى كېڭەشكە چاقىرغان.
ئۇ قول ئاستىدىكىلەرگە:
«پۈتكۈل سۇرىيە نالە قىلماقتا، باغدادتىن مەرۋگىچە ھەممە يەر خارابىگە ئايلاندى، ئالدىمىزدا سۈلھ، جەڭ ۋە قېچىشتىن ئىبارەت ئۈچ يول تۇرۇپتۇ. موڭغۇللارغا باش ئېگىپ تەسلىم بولساق بىزمۇ باشقىلارغا ئوخشاش قىرغىن قىلىنىمىز؛ قاچساق، غەربىمىزدە قۇملۇق تۇرۇپتۇ؛ ئۇرۇشۇش ۋە غەلبە قىلىشتىن باشقا يولىمىز يوق!» دەيدۇ. باشقىلارمۇ ئۇنى قوللايدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەملۇكلار بارلىق ئەسكەرلىرىنى يىغىپ، سىناي يېرىم ئارىلىغا ئات سالىدۇ. تۈمەنلىگەن مەملۇك چەۋەندازلىرى سىناي قۇملۇقىدىن ئۆتۈپ، غەززەنى بېقىپ ياتقان بىر بۆلۈك موڭغۇللارنى سۈر-توقاي قىلىدۇ. كەتبۇقا مىسىردىكى مەملۇكلارنىڭ ھۇجۇم قىلغىنىى ئاڭلاپ ئەتراپىدىكى نەچچە مىڭ موڭغۇل چەۋەندازنى توپلايدۇ، ئەمما بارلىق ئەسكەرلىرىنى توپلاشقا قادىر بولالمايدۇ. ئەمما كەتبۇقا بۇنىڭدىن ئەنسىرەپ كەتمەيتتى، چۈنكى موڭغۇللار غەربىي ئاسىياغا قەدەم باسقاندىن تارتىپ، ئۇلار بىلەن تەڭ تۇرالىغۇدەك بىرەر كۈچ چىقمىغان، تىركەشكۈدەك رەقىبمۇ ئۇچرىمىغان ئىدى. كەتبۇقا بۇ قېتىملىق جەڭنىڭمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشاش موڭغۇللارنىڭ غەلبىسى بىلەن تاماملىنىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشەنگەن ئىدى.

ئىككى تەرەپنىڭ ئوردۇسى غەززەنىڭ شىمالىدىكى ئەيىن جالۇت دېگەن يەردە ئۇچرىشىدۇ. مەملۇكىيلەر سان جەھەتتىن مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە بولسىمۇ، ئەينى ۋاقىتتا دۇنيادا بىر سانالغان موڭغۇل چەۋەندازلىرى بىلەن تۇتۇشىدىغان بولغاچقا، ھەر ئېھتىمالغا قارشى پىستىرما قويىدۇ، قۇتۇز بولسا بىر قىسىم قوشۇننى باشلاپ موڭغۇللارنىڭ مۇقابىلىسىگە چىقىدۇ. كەتبۇقا نەيرەڭنى بىلمەي پۈتۈن سەپ بويىچە ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ، قۇتۇز موڭغۇللارنى پىستىرما قويغان يېرىگە باشلاپ كېلىدۇ، مەملۇك چەۋەندازلىرى ئۈچ تەرەپتىن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، موڭغۇللار بىلەن قۇچاقلاشما جەڭگە كىرىشىدۇ. ئىككى قوشۇن سەھەردىن چۈشكىچە قان كېچىپ جەڭ قىلىدۇ.
قىلىچ جېڭىدە موڭغۇللارنىڭ ئۈستۈنلۈكى سانالغان ئوقيالىرى ئەسقاتمايدۇ، مەملۇكىيلەر بولسا يەكمۇ-يەك جەڭنىڭ ماھىرلىرى ئىدى. ناپولىئون بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «تەڭرى ئەركىسى سانالغان موڭغۇللار ئاخىرى ئەڭ كۈچلۈك رەقىبكە دۇچ كەلدى». دەمەشىق قىلىچى ۋە ئەرەب ئېتى ئالدىدا موڭغۇل قىلىچى ۋە پاكار ئاتلىرى بىئەپ ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. مەملۇك چەۋەندازلىرى يەكمۇ-يەك ماھارەتلىرى بىلەن موڭغۇللار ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ. موڭغۇللار چېكىنىشكە يۈزلىنىدۇ، كەتبۇقا جەڭ ۋەزىيىتىنى بۇراش ئۈچۈن جان-جەھلى بىلەن ھۇجۇم قوزغىغان بولسىمۇ ئەمما يا ئوقى تېگىپ ئۆلىدۇ. باشچىسىدىن ئايرىلغان موڭغۇللار پېتراپ كېتىدۇ. مەملۇكىيلەر موڭغۇللارنى ئون نەچچە كىلومېتىر يەرگىچە قوغلاپ بېرىپ ئۇلارنى قورشىۋالىدۇ. موڭغۇللار ئاتتىن چۈشۈپ قالقانلىرى بىلەن ھالقىسىمان مۇداپىئە سېپى تۈزۈپ، مەملۇكىيلەرنى ئوق ئېتىپ يېقىن يولاتمايدۇ. موڭغۇللارنىڭ ئوقلىرى تۈگىگەندىن كېيىن، مەملۇكىيلەر موڭغۇللارنىڭ قالقان سېپىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ئۇلارنى تولۇق قىرىپ تاشلايدۇ.
ئەيىن جالۇت ئۇرۇشى دۇنيا تارىخىغا ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسەتكەن ئۇرۇش بولۇپ، موڭغۇللارنىڭ داۋاملىق غەربكە يۈرۈش قىلىشىنى توسۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى بولمىش ئىرۇسالىم شەھرىنى قوغداپ قالىدۇ. غەرب تارىخچىلىرى بۇ جەڭنى تارىخنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى دەپ قارىغان. مەملۇكىيلەر كەتبۇقانى يىغىشتۇرغاندىن كېيىن، پۈتۈن سۇرىيەنى ئۆز قولىغا ئالىدۇ. ھۇلاكۇخان كەتبۇقانىڭ ئۆلۈمىدىن قاتتىق غەزەبلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما موڭغۇل خانلىقى ئىچىدىكى نىزا سەۋەبلىك ئىراندىن ئايرىلالمايدۇ. ئەيىن جالۇت ئۇرۇشىدا غەلبە قىلغان قۇتۇزمۇ مەملۇكىيلەرنىڭ ئىچكى نىزاسىدا بايبارسنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى يۈز يىل مابەينىدە، موڭغۇل ئىلخانلىقىنىڭ ۋارسلىرى بىلەن مەملۇكىيلەر سۇرىيە تەۋەسىدە ئۇرۇشۇپ تۇرىدۇ، ئەمما ھېچقايسىسى بىر-بىرىنى يوقىتالمايدۇ. موڭغۇل ئاتلىرىنىڭ توياقلىرىمۇ ئافرىقا تۇپرىقىغا قەدەم باسالمىغان.