يۇتتا

ئورنى Wikipedia

يۇتتا شەكلى (ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى: Yutta; باشقىچە تەلەپپۇزى: يۇتا) ئەگمە ئۇزۇنچاق كېلدىغان، ئۇن، سۇ، تۇخۇم، ماي، ۋە قايماق بىلەن ھورلاندۇرۇپ پىشرۇلدىغان بىر شاھانە ئۇيغۇر تائامىدۇر.

يۇتتانى قاسقاندا ھورلاپ پىشۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ رەڭگى ئۇچۇق سېرىق ياكى سارغۇچ رەڭگە كىرىدۇ. 30 مىنۇتلارچە ھور يېگەندىن كېيىن قازاندىن ئېلىپ ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ. يۇتتانىڭ تەمى بىر ئاز تاتلىق، خۇشپۇراق ھىدى بار، چۈرۈك كېلىدۇ.