ھاجى قۇتلۇق قادىرى
كۆرۈنۈش
| ھاجى قۇتلۇق قادىرى | |
| ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى | |
| شەخسىي ئۇچۇرلىرى | |
| تۇغۇلغان | ئۈرۈمچى شەھىرى |
| مىللىتى | ئۇيغۇر |
| دۆلەت تەۋەلىكى | ياپونىيە |
| تۇرار جايى | ياپونىيە |
| كەسپى | ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى |
ھاجى قۇتلۇق قادىرى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Haji Qutluq Qadiri )بولسا شەرقىي تۈركىستان نىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ھازىر ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتى نىڭ ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
شەخسىي ئۇچۇرلىرى
[تەھرىر]ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئۈرۈمچىدە بىر سەنئەتكار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۈرۈمچىدە تاماملىغاندىن كېيىن، 1986-يىلى شەرقىي تۈركىستان ئۇنىۋېرسىتېتى نىڭ ئەدەبىيات ڧاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان ھەمدە شۇ يىلى پاكىستان خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا ئېۋەتىلگەن.
- 1986-يىلىدىن 1989-يىلىنىڭ ئاخىرغىچە پاكىستان خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن ئۆتكەن.
- 1990-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە ۋەتەندىكى بۇلاق ژورنىلىدا مۇھەررىر بولۇپ خىزمەت قىلغان.
- 2001-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن تا ھازىرغىچە ياپونىيەدە ياشاۋاتىدۇ. ماگستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ياپونىيەدە تاماملىغان.