خىتاي

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى Xitay)

زامانلاردىن بىرى خەنزۇلارنى خىتاي دەپ ئاتاش ئومۇملاشقان ئادەتكە ئايلىنىپ ، بۇنىڭ تەسىرى ھازىرمۇ ساقلىنىپ كەلمەكتە . ئىلمى نۇقتىدىن ئېيتقان خەنزۇلارنى << خىتاي >> دىيىش تامامەن توغرا. ئەممە قىتايلارنى خىتاي دىيىش پۈتۈنلەي خاتا .قىتاي بىلەن خىتاي ئىككىسى ئىككى مىللەتنىڭ نامى ، ماخمۇت قەشقىرىنىڭ كۆرسۇتىشىچە << قىتاي> لار تۇركى قەبىلىلىرىنىڭ بىرىدۇر ( <تۇركى تىللار دىۋانى > 1981 - يىلى نەشرى 38 - بەتكە قارالسۇن) . ئۇلار ۋەتىنىمىزنىڭ غەربى شىمالىدىكى لياۋ خې دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىمىدا ياشاپ ، مىلادى 916 - يىلىدىن باشلاپ << لياۋ سۇلالىسى>> نى قۇرغان ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى مىلادى 1124 - يىلىدىن 1211 - يىلىغىچە ھازىرقى شىنجاڭ ۋە ئۇنىڭ غەربىدىكى جايلاردا << غەربى لياۋ سۇلالىسى >> نى قۇرۇپ < قۇز ئوردۇ >> يەنى << بالاساغۇن >> شەھىرىنى مەركەز قىلغان . ئۇلار تارىختا خەنزۇچە ماتىرياللاردا << كىدان >> دەپ ئاتالغان بولۇپ ، ئەسلى تۇرۇكچە << قىتان >> دەپ ئاتىلاتتى . خەنزۇ تىلىدا << ق >> تاۋۇشى بولمىغاچقا << ك >> تاۋۇشىدا تەلەپپۇز قىلىنغان . كېيىن بۇ << قىتان >> سۆزى تۇركى تىللار تەرەقىياتىدا << ن>> تاۋۇشى بىلەن << ي >> تاۋۇشىنىڭ ئالمىشىشى نەتىجىسىدە قىتان سۆزى قىتايگە ، ئاندىن 'قىتايگە ئۆزگەرگەن . << خىتاي >> سۆزى روس تىلىدا < كىتاي >> شەكلىدە ئۆزلىشىپ ھەم خەنزۇ ھەم جوڭگۇ دىگەن مەنىدە قوللۇنۇپ كەلمەكتە.


ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەرمۇ قىتاي ياكى خىتاي دەپ ئاتايدۇ. كىلىش مەنبەسى سىز ئىيتقاندەك قىتان ،ئولۇغ بوۋىمىز ئۇلارنى نىمە ئۈچۈن تۈركى مىللەت دەپ ئاتىغانلىقىنى بىلمىدىم،مەنچە بولسا ئۇلار مانجۇ،موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر بىلەن ئەجدادى بىر بولغان تونگۇس ئېرىقىدىكى خەقلەر. ھازىرقى شەرقى-شىمال ۋە شىمالى جۇڭگۇغا توغرا كىلىدىغان قىتان خانلىقى (خەنزۇچە مەنبەلەردە لىياۋ سۇلالىسى) يىمىرىلگەندىن كىيىن ئۇلار غەربكە كۆچۇپ دىيارىمىزدا خارابلاشقان شەرقى قاراخانىلارنىڭ ئورنىغا قارا قىتان سۇلالىسى (خەنزۇچە مەنبەلەردە غەربى لىياۋ سۇلالىسى) دىگەن سۇلالىنى قۇرۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا خاراب بولغان.بېرىتانىيە قامۇسىدا ئېيتىشىچە ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىسى قىرغىزلىشىپ كەتكەن دىيىلىپتۇ. ئىھتىمال تىل جەھەتتىكى ئوخشاشلىق بويىچە چىڭگىزخاننىڭ ئارمىيىسىگە قوشۇلۇپ موڭغۇللىشىپ كەتكەن بولوشىمۇ مۇمكىن.

يۇرتتىكى چوڭلىرىمزنىڭ ئېيتىشىچە ئەينى ۋاقىتتا مانجۇلار بىلەن تەڭ كەلگەن (18-ئەسىردە) خەنزۇلارنى كىشىلىرىمىز ئۇلاردىن كۆپ بۇرۇن (12-ئەسىردە) كەلگەن قىتانلارغا ئوخشىتىپ (چىراي ھەم بەدەن شەكلىدىكى ئوخشاشلىقنى دىمەكچى)خاتا ھالدا شۇنداق ئاتاپ ئومۇملىشىپ قالغان.ئىنىقكى بۇ گەپنىڭ خىلىلا ئاساسى بار. ئەگەر خەنزۇلار زىمىنىمىزغا قىتانلاردىن بۇرۇن كەلگەن بولسا بۇ خىل خاتالىق يۇز بەرمەس ئىدى ئەلۋەتتە.