ئىبراھىمىي دىنلەر

ئورنى Wikipedia
خرىستىيانلىقنىڭ سىموۋۇلى (سول يوقرىدا)، ئىسلامنىڭ سىموۋۇلى (ئوڭ يوقرىدا)، يەھۇدىلىكنىڭ سىموۋۇلى (سول ئاستىدا)، باھائىيلىكنىڭ سىموۋۇلى (ئوڭ ئاستىدا)

ئىبراھىمىي دىنلەر، بىر تەڭرىلىك بولۇپ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ پۇشتىدىن كەلگەن پەيغەمبەرلەرگە نىسبەت قىلىنغان ئوتتۇرا شەرقتە ئوتتۇرىغا چىققان دىنلەردۇر.

ئىلگىرى كېيىنلىك تەرتىبى بويىچە ئىبراھىمىي دىنلار يەھۇدىلىك، خرىستىيانلىق ۋە ئىسلام قاتارلىقلاردۇر. بەئزىدە باھائىيلىك ھەم بۇ كاتېگورىيىگە داخىل قىلىنىدۇ.

يىلتىزلار ۋە ئۆتمۈش[تەھرىرلەش]

ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغۇللىرىدىن بولمىش ھەزرىتى ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ پۇشتىدىن مۇسەۋىيلىك ۋە خرىستىيانلىق دىنلىرىنىڭ پەيغەمبەرلەرىنىڭ؛ ھەزرىتى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ پۇشتىدىن ئىسلام پەيغەمبەرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كەلگەنلىكى قەبۇل قىلىنىدۇ. ئىبراھىم كەلىمىسى «نۇرغۇن خەلقنىڭ ئاتاسى» دېگەن مەنىگە ئىگە. مەككەلىكلەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىنى سابىئىيلىك دەپ ئېيتاتتى. قۇرئاندا ئىبراھىم پەيغەمبەرنى ھەنىڧ دەپ سۈڧەتلەيدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى تاناھتا ئاۋرام\Awram دەپ ئېلىنىدۇ. ئىسلام مەدەنىيىتىدە ساماۋىي دىنلەر ئوقۇمى بەئزى بەئزىدە ئىبراھىمىي دىنلەر ئوقۇمى مەنىسىدە قوللىنىلسىمۇ دەل ئۆزى ئەمەستۇر. ساماۋىي دىنلەر ئىسلامدا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن ئالدىنقىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تۇنجى ئىنسان ھەزرىتى ئادەمدىن بۇيانغا تەڭرىدىن نازىل بولغانلىقىغا ئىشىنلىدىغان ۋە بەئزىلىرى بۇگۈن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن بىر خۇدالىق دىنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

دىن ئىلىملىرىدا دىن تونۇشى[تەھرىرلەش]

ئوخشىمىغان يول تۇتقان ئىلمشۇناسلارنىڭ دىنلار ھەققىدىكى تونۇشى ئوخشاشمايدۇ. دىن تونۇشى ئومۇمەن تەڭرىشۇناسلىق، ئەخلاقى، ڧەلسەڧىي، پىسىخولوگىيلىك ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق كاتېگورىيلىرى ئاستىدا قولغا ئېلىنىدۇ. ساماۋىي دىنلەر بىلەن باشقا بىر تەڭرىلىك دىنلەر ئارىسىدىكى پەرق بۇ دىنلەردە كېيىن كەلگەن دىننىڭ بۇرۇن كەلگەن دىنلەرنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ۋە دىنىي كاتتىلىرىنى قەبۇل قىلىپ ھۆرمەت كۆرسىتىپ ياد ئېتىشىدۇر. لېكىن دەل ئەكسى ئەھۋال ھەر زامان مەۋجۇت ئەمەستۇر. مەسىلەن، ھەزرىتى ئىسا ئەلەيھىسسالام يەھۇدىلىكتە، ھەزرىتى مۇھەممەد س.ئە.ۋ ھەم يەھۇدىيلىك ھەم خرىستىيانلىقتا پەيغەمبەر دەپ قارالمايدۇ.

ئىبراھەمىي دىنلەرنىڭ ئۆزگىچەلىكلىرى[تەھرىرلەش]

پۈتۈن ساماۋىي دىنلەر، پەرۋەردىگارنىڭ زات ۋە سۈڧەتلىرىدە بىر ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ يېگانە ياراتقۇچى ئىكەنلىكىنى، ئىبادەتلەرنىڭ يالغۇز ئۇنىڭغىلا قىلىنىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقىسىغا چوقۇنۇلمايدۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. پەيغەمبەرلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە ۋەھىي يوللىغان ئەلچىلىرى ئىكەنلىكىنى مۇئجىزەلەر كۆرسىتىپ ئىسپاتلاشقا تىرىشىدۇ. ئىبراھىمىي دىنلەردە نۇرغۇن ئەڧسانە، ئوقۇم، ئاتالغۇ ياكى ھىكايىگە ئوخشاپ كېتىدۇرغان مەزمۇنلارغا ئىگە بولماق بىلەن بىرگە بىر بىرىگە دەلمۇدەل ئوخشاشلىق كۆرۈلمەيدۇ. مەسىلەن، تەڭرى، مۇقەددەس كىتابلار، پەيغەمبەرلىك ۋەيا پەيغەمبەرلەر ياكى ئاخىرەت قاتارلىق ئوقۇملار ھەر دىنىي گرۇپتا ئوخشىمىغان مەنا ۋە مەزمۇنغا مالىكتۇر.

ئېتنوگراڧىك ئىبراھىمىي دىنلەر[تەھرىرلەش]

بەئزى ئېتنوگراڧىك ئىبراھىمىي دىنلەر سامىرىزم، ئەزىدىلىك، دۇرزىلىك، سابىئىيلىك ۋە راستاڧاريانىزم قاتارلىقلاردۇر.