ئابدۇخالىق مەتتۇرسۇن

ئورنى Wikipedia
ئابدۇخالىق مەتتۇرسۇن
شەخسىي ئۇچۇرلىرى
تۇغۇلغان ۋاقتى 1976-يىلى 6- ئاينىڭ 6- كۈنى
يۇرتى كېرىيە
مىللىتى ئۇيغۇر
كەسپى يازغۇچى، تەتقىقاتچى

ئابدۇخالىق مەتتۇرسۇن، 1976- يىلى كېرىيە ناھىيىسىنىڭ كوكيار يېزىسىدا مەرىپەتپەرۋەر خىزمەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1999- يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ تىل ۋە ئەدەبىيات پاكولتىتىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئويتوغراق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە كېرىيە كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق شۇغۇللانغان. يېقىنقى زامانلاردا كېرىيە ناھىيىلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە خىزمەت قىلاتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا، كېرىيە ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ دائىمى ئەزاسى بولغانىدى.

ئابدۇخالىق مەتتۇرسۇن (قارا) 1996- يىلى «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دە ئىلان قىلىنغان «‹مەسنەۋى خاراباتى›دىكى ھايات ماماتلىق كۆز قارشى»، «مىيىت ئۇزاتقاندىكى ھىسلار» قاتارلىق ماقالە ئەسەرلىرى بىلەن ئىجادىيەت سىپىگە كىرگەن. ئۇنىڭدىن كىيىن «يېڭى قاشتېشى»، «خوتەن گېزىتى»، «شىنجاڭ مائارىپى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، «شىنجاڭ تەزكىرىسى»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەت ئالى تېخنىكومى ئىلمى ژورنىلى»، «كېرىيە تارىخ ماتېرىياللىرى»، «كوكبۇلاق» ۋە «كېرىيە» ... قاتارلىق گېزىت-ژورنال ۋە مەجمۇئەلەردە «كېرىيە تارىخىدا ياشاپ ئۆتكەن مەشھۇر خەلق سەنئەتچىسى شىرىن دورغا ۋە ئۇنىڭ نەسەبى توغرىسىدا»، «كېرىيەنىڭ ھەر قايسى تارىخى دەۋرلەردىكى نامى ۋە ‹كېرىيە› نامىنىڭ كىلىپ چىقىشى توغرىسىدا»، «قاراقۇرۇمدىكى قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزى-لۇش قەبرىستانلىق توغرىسىدا»، «كېرىيە ھاتەم پاشا يولى توغرىسىدا»، «تارىخىنىڭ بەدىئىي ئەينىگى»، «شائىرلىق يۇلى –ئازاب يۇلى»، «قاراقۇرۇم ئەپسانىلىرى» ... قاتارلىق تارىخ-تەزكىرە، فولىكلور تىمىسى ۋە باشقا تۈرلۈك ژانىرلار بويىچە 40 پارچىدىن ئارتۇق ماقالە ئەسەر ۋە باشقا تەرجىمە ئەسەرلەرنى ئىلان قىلدۇرغان. ئۇ يەنە كېرىيە ناھىيىلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان «كوكبۇلاق» ژۇرنىلى ۋە «كېرىيە» ژورنىلىنىڭ مۇھەررىرلىك، تەھرىرلىك، كوررىكتورلۇق ۋە بەت ياساش خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولغان.

ئابدۇخالىق مەتتۇرسۇننىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەت ئالى تېخنىكومى ئىلمى ژورنىلى»نىڭ 2006- يىللىق 4- سانىدا ئىلان قىلدۇرغان «خوتەن ئەنئەنىۋى فولكلورىدا ئىپادىلەنگەن تىبابەتچىلىك قاراشلىرى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسى مەزكۇر ژورنالنىڭ بەش يىللىق ماقالە ئەسەرلەرنى مۇكاپاتلاش پائالىيىتىدە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن. 2008-يىلى كېرىيە ناھىيىلىك خەلق ھۈكۈمىتى تەرىپىدىن «فولكلور تەتقىقات خىزمىتىدىكى مۇنەۋۋەر خادىم» دىگەن نام بىلەن مۇكاپاتلانغان.[1]

ئابدۇخالىق، كېرىيە ناھىيىسىدىكى ئەڭ چوڭ كىتاپخانا بولغان مەرىپەت كىتاپخانىسىڭ ئىگىسى بولۇپ، كېرىيە ناھىيىسىدىكى ياش ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ كىتاپ ئوقۇش، بىلىم ئېلىش قىزغىنلىقىنى ئ‍ۆستۈرۈش ئۈچۈن كۆپ قېتىم ناھىيە كۆلەملىك كىتاپ ئوقۇشقا تەشۋىق، ياردەم ۋە مۇكاپات پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرغان ئىدى. ۋەتەن سىرتىدا ياشاۋاتقان يېقىنلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇخالىقتىن 2017- يىلىدىن باشلاپ ئالاقە ئۈزۈلگەن بولۇپ، خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرگە تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ئېنىقلانغان ئەمما ئۇنىڭ جازا لاگىرىغا ياكى تۈرمىگە تاشلانغانلىقى ئېنىق ئەمەس.[2]

ئىلمىي ماقالىلىرى[تەھرىرلەش]

شائىر زەھۇرى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىي پائالىيەتلىرىى توغرىسىدا، كېرىيە تارىخ ماتېرىياللىرى، 2000- يىلى[3]

تارىخنامىلەردە تىلغا ئېلىنغان قەدىمقى شەھەر دۆلىتى «ئۇزۇنتات» توغرىسىدا، كېرىيە تارىخ ماتېرىياللىرى، 2002- يىلى

كېرىيەدە ئۆتكەن مەشھۇر خەلق سەنئەتكارلىرى، كېرىيە تارىخ ماتېرىياللىرى، 2002- يىلى

شېرىن دورغا ۋە ئۇنىڭ كېيىنكى نەسەبى، دۇنيادا بىرلا خوتەن بار (ئۆچمەس ئىزلار)، 2003- يىلى

خوتەن ئەنئەنىۋى فولكلورىدا ئىپادىلەنگەن تېبابەتچىلىك قاراشلىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى، 2006 -يىل 2 -سان

قارا قۇرۇمدىكى قەدىمىي ئۆتەڭ «پۇلۇ» نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى، شىنجاڭ ئىجدىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى، 2017- يىلى

قاراقۇرۇم ئېتىكىدىكى قەدىمىي مەدەنىيەت ئىزى - لۈش قەبرىستانلىق خارابسىى توغرىسىدا، شىنجاڭ ئىجدىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى، 2009- يىلى

سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە كېرىيە، دۇنيادا بىرلا خوتەن بار 18 (نەزىرىمىزدىكى خوتەن)، 2011- يىلى

شىرىن دورغا ۋە ئۇنىڭ نەسەبى ھەققىدە ئىزدىنىش، يېڭى قاشتېشى، 2004- يىلى

يېزىش- ئوقۇشتىن باشلىنىدۇ - يازغۇچى مەتتۇرسۇن سۇلايمان بىلەن سۆھبەت، ېېڭى قاشتېشى

شائىرلىق يولى - ئازاپ يولى - شائىر بۇغدا ئابدۇللا بىلەن سۆھبەت، يېڭى قاشتېشى، 2006- يىلى

تارىخنىڭ بەدىئىي كۆرگۈسى - جاللات خېنىم رومانى توغرىسىدا، يېڭى قاشتېشى، 2005- يىلى

‹مەسنەۋى خاراباتى›دىكى ھايات ماماتلىق كۆز قارشى

قاراقۇرۇم ئەپسانىلىرى

ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرى[تەھرىرلەش]

ئۈرۈمچىلىك ئېشەك (ھېكايە) شىنجاڭ ياشلىرى، 2015 - يىللىق 6 - سان

مىيىت ئۇزاتقاندىكى ھىسلار

كېرىيە ھاتەم پاشا يولى توغرىسىدا

كارخانىچىلىقتا ئۆتكەن ھايات، دۇنيادا بىرلا خوتەن بار 14 (كارخانىچىلار)، 2006

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  1. https://uyghurhjelp.org/2023/09/who-is-abduhaliq-mettursun/
  2. https://xinjiang.amnesty.org/#case-SR012
  3. https://independent.academia.edu/AbduhaliqMettursun