ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن |
---|
ئۇيغۇرمەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى بۆسۈش خاراكتىرلىق ئىلمىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەم بەدىئىي ئىجادىيەت ساھەسىدىكى قايىل قىلارلىق ئۇتۇقلىرى بىلەن شۆھرەت قازانغان مەشھۇرئالىم. تالانتلىق ئەدىب، تۆھپىكار مائارىپچى، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن 1933-يىلى 9-ئاينىڭ 28- كۈنى ئاتۇشنىڭ مەشىھەدكە تۇتاش باغئېرىق كەنتىدىكى ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن دىنىي تەربىيىنى قىسقا مۇددەت ئالغاندىن كېيىن 1950- يىلىغىچە نەزەرباغدىكى قەشقەردارىلمۇئەللىمىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپىدا 4يىل ئوقۇغان.
1950-يىلى غەربى شىمال ياشلار بىرلەشمىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان. يىغىندىن كىيىن شىئەن، بېيجىڭ، تىيەنجىن قاتارلىق شەھەرلەردە ئىكىسكۇرسىيىدە بولغان ۋە شۇ يىلنىڭ ئاخىرى ئۈرۈمچىدىكى سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ بىئو- خىميە فاكۇلتپتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1952-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ مەكتەپنىڭ ئۆزىگە تەخسىم قىلىنغان. شۇيىلى جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولغان. مەكتەپتە بىر تەرەپتىن ئۆسۈملۈكلەر فىزىئولوگىيىسى، ئۆسۈملۈكلەر پاتالوگىيىسى، ھاشاراتشۇناسلىق قاتارلىق دەرىسلەرگە تەرجىمان ئوقۇتقۇچى بولغان. يەنە بىر تەرەپتىن فىزىكا، ماتپماتىكا، بىئولوگىيە، خىمىيە ۋە ئاگرانومىيە سىنىپلىرىغا ماركسىزم ئاساسلىرى پەلسەپە دەرىسلىرىنى ئۆتىگەن.
1953- يىلى ئۇ شىئەندىكى غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماركسىزم ئاسپىرانتورىيىسىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىپ بىريىل بىلىم ئاشۇرغان. ئاسپىرانتورىيىنى پۈتتۈرۈپ ئانا مەكتىپىگە قايتىپ كەلگەندىن كپيىن ماركسىزم كافىدىراسىدا پەلسەپە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ بىر نەچچە خىل دەرىس ئۆتكەن ۋە بۇ دەرىسلەرنىڭ دەرىسلىكىنى تۈزۈپ چىققان. بۇ ئىقتىدارلىق ياش ئوقۇتقۇچى 1955- يىلىدىن باشلاپ نەشىر قىلىنغان شىنجاڭ ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى(ئۇيغۇرچە نەشرى)نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان. ئۇنىڭ تەتقىقات ھاياتى ئەنە شۇ يىللاردا رەسمىي باشلانغان. ئۇنىڭ ئىككى تىلدا يازغان ئۇيغۇرخەلقىنىڭ 11-ئەسىردىكى ئىككى بۈيۈك ئالىمى ناملىق ئىلمىي ماقالىسى 1956-يىلى مەزكۇر ئىلمىي ژۇرنالنىڭ خەنزۇچە ھەم ئۇيغۇرچە سانىدا ئېلان قىلىنغان. بۇ شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا قۇتادغۇبىلىك ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى تۇنجى ئىلمىي تەتقىقات ئىدى. ئۇ مۇشۇ ماقالىسى سەۋەبىدىن20يىل ئوڭچى قالپىقى كىيگەن. 1959- يىلى ئۇ پارتىيىدىن خىزمىتىدىن ھەيدەپ چىقىرىلىپ، ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش ئورنىغا ئەۋەتىلگەن.
1961-يىلى ئۇ ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش ئورنىدىن قويۇۋىتىلگەن. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن1966- يىلى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى باشلانغانغا قەدەر تۆت يىل جەريانىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۈتۈپخانىسىدا نازارەت ئاستىدا ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا ئىلىمخۇمار ئالىم جۇڭگۇنىڭ مەشھۇر كلاسسىك ئەسەرلىرى بولغان ئەلنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئۆرنەكلىرىنى، 24تارىخنى، ئەنگلىيە دراماتورگى شپكسپىرنىڭ 36 سەھنە ئەسىرىنى، ھىندىستاننىڭ رامانايا، ماخاپىراتا داستانلىرىنى، سوۋېت ئىتتىپاقىدا نەشىر قىلىنغان 15توملۇق(32كىتاب) دۇنيا تارىخىنى، ئومۇمىي تاڭ نەزمىلىرىنى, بايرۇننىڭ دون جۇئان داستانىنى، ھومېرنىڭ ئىللادا ۋە ئودپسسا داستانلىرىنى، يۇنان ۋە رىمنىڭ ئەپسانە – رىۋايەتلىرىنى، قۇرئان كەرىم، ئىنجىل ۋە تەۋراتنىڭ خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىلىرنى، ئەپلاتۇن، ئارستوتىل ئەسەرلىرىنى، دانتىنىڭ تەڭرى كومىدىيىسى داستانىنى، گومورو ۋە تيەنخەننىڭ تارىخى درامىلىرىنى، ماركىس ئىنگىلىس ئەسەرلىرىنى، نەۋائى، بابۇر، مەشرەپ شېئىرلىرىنى ئوقۇغان ۋە ئۈگەنگەن. ئۇ بۇجەرياندا 30 نەچچە خاتىرە دەپتەرنى ئۆگىنىش خاتىرىسى بىلەن تولدۇرغان. ئۇ مۇشۇ يىللاردا «قارلىق تاغ شەجەرىسى» ناملىق داستان ۋە «سۇمۇرغلار قوشىقى»، «قەدىمكى يىپەك يولى»، «خەن ئوردىسىدا باھار»، «مەلىكە خۇارۇڭ»، «تەڭرىتاغ ناخشىسى»، «دات باسماس قىلىچ»، «پىلە مەلىكىسى» قاتارلىق يەتتە پارچە تارىخىي دراما يپزىپ چىققان. جاۋاھىرۇل ھاقايىق دېگەن ماۋزۇدا قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا(بۇ كىتاب1995-يىلىنىڭ بېشىدا 4 -قىتىم تۈزىتىلگەندە ئالىم قەدىمكى تۇران تارىخى دەپ ئاتىغان) ناملىق كىتابنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى قولدىن چىقارغان. يەنە بارماق ۋەزىنلىك بىر تۈركۈم مۇھەببەت لىرىكىلىرىنى يىزىپ چىققان. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ئاخىرلاشقاندىن كىيىنكى دەسلەپكى مەزگىلدە ئىزدىنىش ۋە ئىجاد قىلىش روھى كۈچلۇك بۇ ئالىم ناھەقچىلىق قاپلىغان ئاشۇ ئەنسىز يىللاردا پارچە - پارچە يازغان 500 پارچىدىن ئارتۇق رۇبائىيسىنى رەتلىگەن. سەۋدالىق تەئەججۇپنامىسى ( بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى تۇنجى نەسىرلەر توپلىمى) ناملىق لېرىك نەسىرلەر توپلىمىنى تولۇق تاماملىغان.
1978- يىلى پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كپيىن، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن سىياسىي جەھەتتە زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغان ھەم خاتا ئوڭچى قىلىنغان دېگەن خۇلاسە بىلەن ئاقلانغان ۋە 1980 -يىل ئۇ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا يۆتكىلىپ ئومۇمىي ئىستىتىكا دەرسىنى تەسىس قىلىپ ئۆتۈشكە كىرىشكەن . شۇنىڭدىن كپيىن ئۇنىڭ كىتاب، ماقالە، رۇبائىي، شىئر-غەزەللىرى ئارقا - ئارقىدىن ئىلان قىلىنىشقا باشلىغان. 1986- يىلى ئۇ ياپۇنىيىدە ئىلمىي زىيارەتتە بولۇپ ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يىتۈك قامۇسى- «قۇتادغۇبىلىك» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىگەن. 1980-يىللاردا ئۇنىڭ200 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى، «ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى 12 مۇقام ھەققىدە»، «شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا- ئۇسۇل سەنئىتى»، «فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستىمىسى»، «ئومۇمىي ئىستېتىكا»، «چوغلۇق»، «رۇبائىيات(1)»، «رۇبائىيات(2)»، «قارلىق تاغ شەجەرىسى» قاتارلىق كىتابلىرى نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭ يەنە 1980- يىللاردىن كېيىن ئېلان قىلىنغان « روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسى»، «ھەسەتخورلۇق ھەققىدە ھەسرەتلىك خىياللار»، «ئارىفنامە»، «يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت»، « يىپەك يولىدىكى بىر چوڭ ئىللەت» قاتارلىق بىر قاتار ئىسىل ماقالىلىرى ۋە «سىكتاي- ساك- ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم- كىچەك مەدەنىيىتىدىكى ئەنئەنىۋى ئىزچىللىق»، «ئۇيغۇر ئەجدادلىرىدا مەي مەدەنىيىتى»، «ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ۋەكېيىنكى غەربىي يۇرت ئۇسۇل سەنئىتىنىڭ تارىخىي ئۇچۇرى»، « ئەلىشىر نەۋائىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى ئورنى»، «ئون ئىككى مۇقام ۋە نەۋائىخانلىق ئەنئەنىسى»، «نورۇز بايرىمى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي قاتلىمى توغرىسىدا»، «ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىش ھەقىقىي تەتقىقاتچىنىڭ بۇرچى» قاتارلىق كۆپلىگەن ئىجتىمائىي مۇلاھىزە ۋە تەتقىقات ماقالىلىرى ئىجتىمائىي ھاياتىمىزنى چۈشىنىشىشتە ۋە مەدەنىيەت تارىخىمىزنى تەتقىق قىلىشتا يېڭى يول ئېچىپ بەردى. ھەقىقەتەنمۇ بۇ مۇنەۋۋەر ئالىمنىڭ ئاشۇ يىللاردا يازغان ۋە تۈزەتكەن «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى»، «غەربىي يۇرت تاشكىمىر سەنئىتى»، «قۇتادغۇبىلىك خەزىنىسى»، «ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى»، «سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى» قاتارلىق كاتتا ئەسەرلىرى ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن بىر- بىرلەپ نەشىر قىلىندى. «بالاساغۇننىڭ ئورنى مەسىلىسى ھەققىدە»، «يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش»، «سوغدىلار ۋە ئۇنىڭ ئېتنىك ۋارىسلىرى توغرىسىدا»، «چىن ۋە ماچىننىڭ جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم دائىرىسى» قاتارلىق نەچچە ئون پارچە ئىلمىي ماقالىسىمۇ گېزىت - ژۇرناللاردا ئىلان قىلىندى. بۇ ئەسەرلەر ئۇيغۇرتارىخى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتىغا يىپيىڭى تۈس قوشقان ئىدى.
ئەپسۇسكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر ئالىمى، تالانتلىق ئەدىپى، تۆھپىكار باغۋىنى، مول مىۋىلىك پروفىپسورى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن ئۆزنىڭ بىر تالاي يازمىلىرىنى، گۈزەل ئارزۇ- ئارمانلىرىنى خەلقىگە قالدۇرۇپ، 1995-يىلى2-ئاينىڭ 27-كۈنى زىققا كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىشى سەۋەبى بىلەن62يېشىدا بۇئالەم بىلەن خەيىرلەشتى.
مەنبە : شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلى
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
[تەھرىرلەش]ئۇيغۇرمەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىق ئىلمىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەم بەدىئىي ئىجادىيەت ساھەسىدىكى ئۇتۇقلىرى بىلەن شۆھرەت قازانغان مەشھۇر ئالىم، تالانتلىق ئەدىب، تۆھپىكار مائارىپچى. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن 1933-يىلى 9-ئاينىڭ 28- كۈنى ئاتۇشنىڭ مەشىھەدكە تۇتاش باغېرىق كەنتىدىكى ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن دىنىي تەربىيىنى قىسقا مۇددەت ئالغاندىن كېيىن، 1950- يىلىغىچە نەزەرباغدىكى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپىدا 4يىل ئوقۇغان. 1950-يىلى غەربىي شىمال ياشلار بىرلەشمىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان. يىغىندىن كىيىن شىئەن، بېيجىڭ، تيەنجىن قاتارلىق شەھەرلەردە ئىكىسكۇرسىيىدە بولغان ۋە شۇ يىلنىڭ ئاخىرى ئۈرۈمچىدىكى سابىق شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ بىئوخىميە فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1952- يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، مەكتەپنىڭ ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان، شۇ يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولغان. مەكتەپتە بىر تەرەپتىن ئۆسۈملۈكلەر فىزىئولوگىيىسى، ئۆسۈملۈكلەر پاتالوگىيىسى، ھاشاراتشۇناسلىق قاتارلىق دەرىسلەرگە تەرجىمان ئوقۇتقۇچى بولغان. يەنە بىر تەرەپتىن فىزىكا، ماتېماتىكا، بىئولوگىيە، خىمىيە ۋە ئاگرونومىيە سىنىپلىرىغا ماركسىزم ئاساسلىرى، پەلسەپە دەرسلىرىنى ئۆتىگەن. 1953- يىلى ئۇ شىئەندىكى غەربىي شىمال ئۇنىۋەرسىتىتىنىڭ ماركسىزم ئاسپىرانتورىيىسىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىپ بىر يىل بىلىم ئاشۇرغان. ئاسپىرانتورىيىنى پۈتتۈرۈپ ئانا مەكتىپىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ماركسىزم كافىدىراسىدا پەلسەپە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ بىر نەچچە خىل دەرس ئۆتكەن ۋە بۇ دەرسلەرنىڭ دەرسلىكىنى تۈزۈپ چىققان. بۇ ئىقتىدارلىق ياش ئوقۇتقۇچى 1955- يىلىدىن باشلاپ نەشىر قىلىنغان<<شىنجاڭ ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى"(ئۇيغۇرچە نەشرى)نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان. ئۇنىڭ تەتقىقات ھاياتى ئەنە شۇ يىللاردا رەسمىي باشلانغان. ئۇنىڭ ئىككى تىلدا يازغان "ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11-ئەسىردىكى ئىككى بۈيۈك ئالىمى" ناملىق ئىلمىي ماقالىسى 1956-يىلى مەزكۇر ئىلمىي ژۇرنالنىڭ خەنزۇچە ھەم ئۇيغۇرچە سانىدا ئېلان قىلىنغان. بۇ شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا "قۇتادغۇبىلىك" ۋە "تۆركىي تىللار دىۋانى" تەتقىقاتى ساھەسىدىكى تۇنجى ئىلمىي تەتقىقات ئىدى. ئۇ مۇشۇ ماقالىسى سەۋەبىدىن 20يىل "ئوڭچى" قالپىقى كىيگەن. 1959- يىلى ئۇ پارتىيىدىكى خىزمىتىدىن ھەيدەپ چىقىرىلىپ، ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش ئورنىغا ئەۋەتىلگەن. 1961- يىلى ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش ئورنىدىن قويۇۋېتىلگەن. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن1966- يىلى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى باشلانغانغا قەدەر تۆت يىل جەريانىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدا نازارەت ئاستىدا ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا بۇ ئىلىمخۇمار ئالىم جۇڭگونىڭ مەشھۇر كلاسسىك ئەسەرلىرى بولغان "ئەلنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئۆرنەكلىرىنى"، "24تارىخ"نى، ئەنگلىيە دراماتورگى شەكسپىرنىڭ 36 سەھنە ئەسىرىنى، ھىندىستاننىڭ رامانايا، ماخاپىراتا داستانلىرىنى، سوۋېت ئىتتىپاقىدا نەشر قىلىنغان 15توملۇق(32كىتاب) "دۇنيا تارىخى"نى، "ئومۇمىي تاڭ نەزمىلىرى"نى، بايرۇننىڭ "دون جۇئان" داستانىنى، ھومېرنىڭ "ئىللادا" ۋە "ئودېسسا" داستانلىرىنى، يۇنان ۋە رىمنىڭ ئەپسانە - رىۋايەتلىرىنى، "قۇرئان كەرىم"، "ئىنجىل" ۋە "تەۋرات"نىڭ خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىلىرى، ئەپلاتۇن، ئارستوتىل ئەسەرلىرىنى، دانتىنىڭ "تەڭرى كومىدىيىسى" داستانىنى، گومورو ۋە تيەنخەننىڭ تارىخى درامىلىرىنى، ماركىس ئىنگىلىس ئەسەرلىرىنى، نەۋائى، بابۇر، مەشرەپ شېئىرلىرىنى ئوقۇغان ۋە ئۆگەنگەن. ئۇ بۇ جەرياندا 30 نەچچە خاتىرە دەپتەرنى ئۆگىنىش خاتىرىسى بىلەن تولدۇرغان. ئۇ مۇشۇ يىللاردا "قارلىق تاغ شەجەرىسى" ناملىق داستان ۋە "سۇمرۇغلار قوشىقى"، "قەدىمكى يىپەك يولى"، "خەن ئوردىسىدا باھار"، "مەلىكە خۇئارۇڭ"، "تەڭرىتاغ ناخشىسى"، "دات باسماس قىلىچ"، "پىلە مەلىكىسى" قاتارلىق يەتتە پارچە تارىخىي دراما يېزىپ چىققان. "جاۋاھۇل ھاقايىق" دېگەن ماۋزۇدا قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا(بۇ كىتاب1995-يىلىنىڭ بېشىدا 4-قېتىم تۆزىتىلگەندە ئالىم "قەدىمكى تۇران تارىخى" دەپ ئاتىغان) ناملىق كىتابنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى قولدىن چىقارغان. يەنە بارماق ۋەزىنلىك بىر تۈركۈم مۇھەببەت لىرىكىلىرىنى يېزىپ چىققان. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ئاخىرلاشقاندىن كىيىنكى دەسلەپكى مەزگىلدە ئىزدىنىش ۋە ئىجاد قىلىش روھى كۈچلۈك بۇ ئالىم ئاق تېررورلۇق قاپلىغان ئاشۇ ئەنسىز يىللاردا پارچە - پارچە يازغان 500 پارچىدىن ئارتۇق رۇبائىيسىنى رەتلىگەن. "سەۋدالىق تەئەججۇپنامىسى" ( بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى تۇنجى نەسىرلەر توپلىمى)ناملىق لىرىك نەسىرلەر توپلىمىنى تولۇق تاماملىغان.
1978- يىلى پارتىيە11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن سىياسىي جەھەتتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ھەم خاتا ئوڭچى قىلىنغان دېگەن خۇلاسە بىلەن ئاقلانغان ۋە1980-يىل ئۇ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا يۆتكىلىپ ئومۇمىي ئىستىتىكا دەرسىنى تەسىس قىلىپ ئۆتۆشكە كىرىشكەن . شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ كىتاب، ماقالە، رۇبائىي، شېئىر- غەزەللىرى ئارقا - ئارقىدىن ئىلان قىلىنىشقا باشلىغان. 1986- يىلى ئۇ ياپۇنىيىدە ئىلمىي زىيارەتتە بولۇپ "ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يىتۈك قامۇسى-قۇتادغۇبىلىك" دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىگەن.
1980-يىللاردا ئۇنىڭ200 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى، "ئۇيغۇر كىلاسسېك مۇزىكىسى 12 مۇقام ھەققىدە"، "شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا- ئۇسۇل سەنئىتى"، "فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستېمىسى"، "ئومۇمىي پستپتىكا"، "چوغلۇق"، " رۇبائىيات(1)"، "رۇبائىيات(2)"، "قارلىق تاغ شەجەرىسى" قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭ يەنە 1980- يىللاردىن كېيىن ئېلان قىلىنغان: "روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللەتنى گۆللەندۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسى"، "ھەسەتخورلۇق ھەققىدە ھەسرەتلىك خىياللار"، "ئارىفنامە"، "يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت"، "يىپەك يولىدىكى بىر چوڭ ئىللەت" قاتارلىق بىر قاتار ئېسىل ماقالىلىرى ۋە "سىكتاي- ساك- ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم- كېچەك مەدەنىيىتىدىكى ئەنئەنىۋى ئىزچىللىق"، "ئۇيغۇر ئەجدادلىرىدىكى مەي مەدەنىيىتى"، "ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ۋە كىيىنكى غەربىي يۇرت ئۇسۇل سەنئىتىنىڭ تارىخىي ئۇچۇرى"، "ئەلىشىر نەۋائىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى ئورنى"، "ئون ئىككى مۇقام ۋە نەۋائىخانلىق ئەنئەنىسى"، "نورۇز بايرىمى ۋەئۇنىڭ تارىخىي قاتلىمى توغرىسىدا"، "ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىش ھەقىقىي تەتقىقاتچىنىڭ بۇرچى" قاتارلىق كۆپلىگەن ئىجتىمائىي مۇلاھىزە ۋە تەتقىقات ماقالىلىرى ئىجتىمائىي ھاياتىمىزنى چۈشىنىشتە ۋە مەدەنىيەت تارىخىمىزنى تەتقىق قىلىشتا يېڭى يول ئېچىپ بەردى.
ھەقىقەتەنمۇ بۇ مۇنەۋۋەر ئالىمنىڭ ئاشۇ يىللاردا يازغان ۋە تۆزەتكەن "ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى"، "غەربىي يۇرت تاشكىمىر سەنئىتى"، "قۇتادغۇبىلىك خەزىنىسى"، "ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى"، "سەۋدالىق تەئەججۇپنامىسى"قاتارلىق كاتتا ئەسەرلىرى ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن بىر- بىرلەپ نەشر قىلىندى. "بالاساغۇننىڭ ئورنى مەسىلىسى ھەققىدە"، "يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش"، "سوغدىلار ۋە ئۇنىڭ ئېتنىك ۋارىسلىرى توغرىسىدا"، "چىن ۋە ماچىننىڭ جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم دائىرىسى" قاتارلىق نەچچە ئون پارچە ئىلمىي ماقالىسىمۇ گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى. بۇ ئەسەرلەر ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتىغا يىپيىڭى تۈس قوشقان ئىدى.
ئەپسۇسكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر ئالىمى، تالانتلىق ئەدىبى، تۆھپىكار باغۋېنى، مول مېۋىلىك پروفېسورى ئابدۇشۆكۆر مۇھەممەد ئىمىن ئۆزىنىڭ بىر تالاي يازمىلىرىنى، گۈزەل ئارزۇ- ئارمانلىرىنى خەلقىگە قالدۇرۇپ، 1995-يىلى2-ئاينىڭ 27-كۈنى زېققا كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىشى سەۋەبى بىلەن 62يېشىدا بۇ ئالەم بىلەن خەيىرلەشتى. >br> ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پروفېسسورى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ ئەزاسى، جوڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، مۇقام تەتقىقات ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، غەربىي دىيار سەنئەت تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يىپەك يولى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئىلمى ئىجادىيىتىنىڭ قىممىتى توغۇرسىدا
[تەھرىرلەش]يازغۇچى : ﺋﺎﺯﺍﺕ ﺭﻩﮬﻤﯩﺘﯘﻟﻼ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ( ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﭘﯧﺪﺍﮔﻮﮔﯩﻜﺎ ئۈﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ، ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ، ﺩﻭﻛﺘﻮﺭ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﺴﻰ )
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ئۈﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﻯ، ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ تۇنۇلغان ئاﻟﯩﻤﻰ ئاﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﯩﻠﻰ 10 ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ئۈﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ 2003 - ﻳﯩﻠﻰ 12 - ئاﻳﻨﯩﯔ 23 - ﻛﯜﻧﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ئەﻫﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﭘﺎئاﻟﯩﻴﻪﺕ ئۆﺗﻜﯜﺯﯛﭖ، ﺑﯘ ﻣﯚﻫﺘﻪﺭﻩﻡ ئۈﺳﺘﺎﺯﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻣﯘﻫﺎﻛﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ئاﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ئەﯓ ﭼﻮﯓ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ئوﭼﯩﻘﻰ، ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﺋﯧﺮﭘﺎﻥ ﺑﺎﻏﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ئۈﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 80 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﻮﻳﯩﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﯞﯦﻠﯩﺶ ﻫﺎﺭﭘﯩﺴﯩﺪﺍ ئاﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺟﺎﻣﺎئەﺕ ئەﺭﺑﺎﺑﻠﯩﺮﻯ، ﻣﺎئاﺭﯨﭙﭽﯩﻼﺭ، ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺟﻪﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ئۈﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺑﺎﻏﯟﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ئەﻣﮕﻪﻛﻠﯩﺮﻯ، ﺗﯚﻫﭙﻪ - ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻛﻪﯓ -ﻛﯘﺷﺎﺩﻩ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﭗ، ئۇﻧﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﺎ، ئەﻣﻤﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ئەﻫﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﺎﻫﺎ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﻰ، ﻣﻮﻝ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺗﻮﻧﯘﺷﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻻﺷﺘﯘﺭﺩﻯ، ئاﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺭﻭﻫﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﺘﯩﻠﯩﻐﺎ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ئاﻳﺪﯨﯖﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ . ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯩﻐﯩﻦ ئەﻫﻠﻰ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ئۇﻧﯩﯔ ﺷﺎﮔﯩﺮﺗﻠﯩﺮﻯ ئۆﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﻪﺩﯨﺮﺩﺍﻥ ئۇﺳﺘﺎﺯﯨﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﺎﺩ ئەﺗﺘﻰ . ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ئۈﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ئۆﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﭘﺎئاﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ئەﯞﺟﯩﮕﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺕ ﯞﻩ ﺗﯩﭙﯩﻚ ﻫﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺕ ﺷﻪﻙ - ﺷﯜﺑﻬﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺭﺍﻳﯩﻨﻰ ئەﻛﺲ ئەﺗﺘﯜﺭﺩﻯ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ئاﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﯞﺍﭘﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺑﯘ جاﻱ، ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ئۆﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﻤﺪﯨﻦ ئاﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ . ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺑﯩﺰ ئوﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ، ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻣﯚﻫﺘﻪﺭﻩﻡ ئۇﺳﺘﺎﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺳﯧﻐﯩﻨﻤﺎﻗﺘﯩﻤﯩﺰ . ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ئاﻟﯩﻤﯩﺪﻩ ئۆﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ئاﺩﻩﻡ ﻳﻮﻕ . ﻣﻪﻳﻠﻰ ئۇ ئۆﻣﯜﺭ ﭼﻮﻟﭙﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ئۇﺯﯗﻧﺮﺍﻕ ﻳﺎﺷﯩﺴﯩﻤﯘ ئۇ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﻪﺭﯨﺒﯩﺮ ئۆﻟﯩﺪﯗ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ئوﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ئاﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ئۆﻟﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺗﺎﺭﺍﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻟﻤﯩﻘﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ئوﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ئۆﻟﯜﭖ ﻟﻪﻫﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﻩ - ﻛﯩﺮﻣﻪﻳﻼ ﺗﯩﺮﯨﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ئاﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻧﺎﻣﻰ - ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ ئۆﭼﯜﭖ ﺗﯜﮔﻪﻳﺪﯗ . ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺟﯩﺴﻤﻰ ﻛﯧﭙﻪﻧﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﯩﻤﯘ، ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺟﯩﺴﻤﻰ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻘﺎ ئاﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﯩﻤﯘ، ئەﻣﻤﺎ ئۇﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻡ - ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻯ ئۆﭼﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺋﯩﺰ - ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﻳﯜﺗﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺗﯚﻫﭙﻪ - ئەﻣﮕﯩﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ئاﻏﺰﯨﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﻤﻪﻳﺪﯗ . ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ئۆﻟﯜﻣﻠﻪﺭﮔﻪ ﻫﺎﺯﯨﺪﺍﺭﻻﺭ، ئۇﺭﯗﻕ - ﺗﯘﻏﻘﺎﻥ، ﻳﯧﻘﯩﻦ - ﻳﻮﺭﯗﻗﻼﺭﻻ ئەﻣﻪﺱ، ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺟﺎﻣﺎئەﺕ، ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ئەﻝ ﺯﺍﺭ - ﺯﺍﺭ ﻳﯩﻐﻼﻳﺪﯗ . ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭘﻰ ﯞﻩ ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ ئاﺑﺪﯗﺭﻩﻫﻤﺎﻥ ﺟﺎﻣﯩﻲ : ﻳﺎﺩﯨﯖﺪﯨﺪﯗﺭ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺳﻪﻥ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ئۈﻥ، ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻛﯜﻟﮕﻪﻧﯩﺪﻯ، ﺳﻪﻧﻼ ﻳﯩﻐﻠﯩﻐﺎﻥ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺷﯩﻐﯩﻨﻜﻰ، ﻛﯧﺘﻪﺭ ﭼﯧﻐﯩﯖﺪﺍ، ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﻗﺎﻟﺴﯘﻥ، ﺳﻪﻥ ﻣﺎﯕﻐﯩﻦ ﺧﻪﻧﺪﺍﻥ . ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﯩﮕﻪﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻲ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﻩ ﺭﯦئاﻟﻠﯩﻘﺘﺎ ﺯﺍﻫﯩﺮ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ئاﻟﯩﻢ ﯞﺍﭘﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻯ ﺳﯩﻤﺎﭼﻴﻪﻧﻨﯩﯔ : << . . . ئاﺩﻩﻡ ﺑﻪﺭﯨﺒﯩﺮ ئۆﻟﯩﺪﯗ، ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ئۆﻟﯜﻣﻰ ﺗﻪﻳﺸﻪﻥ ﺗﯧﻐﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻚ، ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ئۆﻟﯜﻣﻰ ﻫﺎﯕﻐﯩﺮﺕ ﭘﯧﻴﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﻗﻪﺩﯨﺮﺳﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻫﯚﻛﯜﻣﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﺎﺩﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﻪﭼﺘﻰ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ، ﺩﻩﺭﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺕ، ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭئۆﻟﯩﺪﯗ _ ﺗﯜﮔﻪﻳﺪﯗ، ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ئۆﻟﯩﺪﯗ _ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ . ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ، ﺗﻮﻏﺮﻯ ﺑﺎﻫﺎ ﯞﻩ ئاﺩﯨﻞ ﻫﯚﻛﯜﻡ ئەﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﯩﻨﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﻪﺭﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ، ﻳﻪﻧﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺷﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﭼﯚﻛﺘﯜﺭﻣﯩﻼ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯗﻍ - ﻻﺗﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ئۆﺯ ئاﭘﻘﯩﻨﯩﺪﺍ ﺗﯩﻨﺪﯗﺭﯗﭖ، ﻏﯘﯞﺍﻟﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺭﻭﺷﻪﻧﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﻘﻨﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯨﺪﯗ . ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻫﻪﻟﻠﯩﻚ ﺷﻪﻫﻪﺭ ئاﻟﻐﺎﻥ ئاﯕﺴﯩﺰﺍﻧﻪ ﻗﯩﻘﺎﺱ - ﭼﯘﻗﺎﻥ، ﭘﻮﺭﭘﺎﯓ - ﺳﯜﺭﻩﻧﻠﻪﺭ ﺑﯧﺴﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻼ، ﺋﯧﺰﯨﺘﻘﯘ ﺳﯜﭘﻪﺕ ﻫﺎﺩﯨﺴﯩﯟﻯ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭ ﺗﺎﻣﺎﻡ ﭘﺎﺭﻏﺎ ئاﻳﻠﯩﻨﯩﭗ، ئەﺑﻪﺩﯨﻴﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻣﺎﻫﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﭼﯩﻨﻠﯩﻖ ﭼﯩﺮﺍﻱ ئاﭼﯩﺪﯗ . ئاﻟﯩﻢ ﯞﺍﭘﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺑﯘ ئاﻱ، ﺑﯘ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﯚﻛﺘﯜﺭﻣﻪ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﺪﻯ . ئاﻟﯩﻢ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ئۈﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻧﻪﭘﻪﺭ ئوﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ << ﻏﺎﻳﻪ - ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ - ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ >> ﺳﻪﺭﻟﻪﯞﻫﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . ئۇﻧﯩﯖﺪﺍ ئاﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﺎئاﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ، ﻣﺎئاﺭﯨﭗ، ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ، ﺑﻪﺩﯨﺌﯩﻲ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﺳﺎﻫﻪﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﭼﯧﻠﯩﻘﺎﺭﻟﯩﻖ ﻫﻪﻡ ﺑﯚﺳﯜﺵ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ئاﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ئۆﺯﮔﯩﭽﯩﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺳﻪﻫﻨﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ئوﺭﻧﻰ، ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﯞﻩ ئەﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﻣﯘﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ، ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺷﻮئاﺭﻧﻰ ئەﻣﻪﺱ، ﭘﺎﻛﯩﺘﻨﻰ ئاﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﻛﻪﯓ ﺟﺎﻣﺎئەﺗﻨﯩﯔ ئاﻟﯩﻤﻨﻰ ﯞﻩ ئۇﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻲ ئەﻣﮕﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻻﭖ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﯩﺪﻩ ئاﻛﺘﯩﭗ ﺭﻭﻝ ئوﻳﻨﯩﺪﻯ . ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪﻩ ئاﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ، ﻣﯘئەﻟﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ( ﺷﺎﮔﯩﺮﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ) ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺗﯚﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﭘﯧﺸﻘﻪﺩﻩﻡ ئۇﺳﺘﺎﺯ ئوﻗﯘﺵ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ، ﺑﯩﻠﯩﻢ ئاﺳﺎﺳﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ، ئۆﺯ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ، ﺭﯗﺳﭽﻪ ﺗﯩﻠﻼﺭﻧﻰ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ( ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺗﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ، ئۇﻧﯩﯔ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﭘﺎﺳﺎﻫﻪﺗﻠﯩﻚ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ )، ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﯞﻩ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ئۇﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ، ﭘﺎﺭﺱ ﺗﯩﻠﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻘﺎ ﯞﻩ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ﺯﻭﺭ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﯚﻟﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ئوﻗﯘﺗﯘﺷﻨﻰ ئۇﺗﯘﻗﻠﯘﻕ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﮕﻪﻥ << ﻳﯧﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻣﺎئاﺭﯨﭙﭽﻰ >>، << ﺗﯚﻫﭙﯩﻜﺎﺭ ﺑﺎﻏﯟﻩﻥ >> . ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ئاﻟﯩﻲ ﻣﺎئاﺭﯨﭙﺘﺎ ئوﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﯧﯖﻰ - ﻳﯧﯖﻰ ﺗﻪﻟﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ئاﻟﻼﺑﯘﺭﯗﻥ ﺗﻪﻟﺘﯚﻛﯜﺱ ﻫﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻐﺎﻥ ئۆﺭﻧﻪﻛﻠﯩﻚ ﻣﯘئەﻟﻠﯩﻢ ﺋﯩﺪﻯ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ئۈﭼﯜﻥ، ئاﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰ ﺑﺎﺳﺎﺭ ﻣﯘئەﻟﻠﯩﻤﻠﯩﺮﻯ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ئاﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ﯞﻩ ئۇﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ئۇﺳﺘﺎﺯﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺪﺍﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎﺭﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺳﯚﻳﯜﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ئۈﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ئوﺗﺘﯘﺭﺍ ﻳﺎﺵ ﯞﻩ ﻳﺎﺵ ﻣﯘئەﻟﻠﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ئۇﺳﺘﺎﺯﻧﻰ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺸﻨﻰ، ئۇﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ئۈﮔﯩﻨﯩﺶ، ئۇﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ ﯞﻩ ﻳﺎﺷﺎﺷﺘﺎ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩﻚ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﭼﯜﻧﻜﻰ 80 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺷﻪﯞﻛﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﯘ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺑﺎﻏﭽﯩﺴﻰ ئۆﺯ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺸﯩﺪﻩ ئاﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻨﺪﻩﻙ ﺑﺎﻏﯟﻩﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻣﯘﻫﺘﺎﺝ . ﺑﯘ ﻣﯚﻫﺘﻪﺭﻩﻡ ئۇﺳﺘﺎﺯﯨﻤﯩﺰﻣﯘ ئۆﺯﻯ ﺋﯩﺨﻼﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩ ﻧﯘﺭﻻﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﻣﻪﺷﺌﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ئۇﺯﯗﻧﻐﯩﭽﻪ ﺋﯩﺰ ﺑﺎﺳﺎﺭﺳﯩﺰ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯗ . ئۇ ئۆﺯ ﺷﺎﮔﯩﺮﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﯘﻧﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ : << ﻣﻪﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ئۆﻟﮕﻪﻥ ﺟﻪﺳﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﺭﻩ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯜﺷﯩﻨﻰ، ﻣﺎئاﺭﯨﭙﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﯞﻩ ﺧﯩﻤﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ئاﻧﺎﻟﯩﺰﻻﺭﻏﯩﻼ ئەﻣﻪﺱ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺭﯦئاﻝ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻘﺎ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﺧﻪﻳﺮﯨﺨﺎﻫﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ، ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ، ﺷﺎﺋﯩﺮ، ئوبزۇﺭﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﯞﻩﻗﻪﻟﯩﻜﻰ ﭼﺎﺗﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻧﻐﺎﻥ ئەﺳﯩﺮ - ئەﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﭼﯩﻨﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﯩﻐﺎ ﭼﯚﻛﯜﺷﯩﻨﻰ، ﺯﯦﻤﯩﻦ ﺑﺎﻏﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ئوﺑﻴﯧﻜﺘﻠﻪﺭ ئۈﺳﺘﯩﺪﻩ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﺍﻧﻪ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﺷﯩﻨﻰ، ﺑﯧﻴﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﮔﯩﻨﻰ ﭘﺎﺧﺎﻝ، ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﻐﯩﻨﻰ ﺟﺎﯞﺍﻫﯩﺮﺍﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ ﭘﺎﻳﺪﺍ - ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻣﯩﺰﺍﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﻫﻪﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ئاﺷﻠﯩﻖ، ﭘﻮﻻﺕ ﯞﻩ ﻧﯧﻔﯩﺖ ﻣﻪﻫﺴﯘﻻﺗﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﺎﺵ ﻗﺎﺗﯘﺭﯗﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ئۇﺭﯗﻗﻰ، ﺳﯚﯕﻪﻙ، ﻗﻮﯞﯗﺭﻏﯩﺴﻰ، ﻗﻪﻟﺒﻰ ﯞﻩ ﻗﯧﻨﻰ ئۈﺳﺘﯩﺪﻩ ﺗﻪﺧﯩﺮﺳﯩﺰ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ، ﺋﯩﻠﻠﻪﺕ ﭘﺎﺗﻘﯩﻘﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﺵ ﻧﻮﺗﺎ ﯞﻩ ﮔﯜﻝ - ﮔﯩﻴﺎﻫﻼﺭﻧﯩﯔ ئۆﺯ - ئۆﺯﯨﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻛﯧﻠﻪﭼﯩﻜﯩﻨﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭﺩﻩ ﺗﯘﺗﯘﭖ، ئۆﺯﯨﻨﻰ ئاﭘﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﯗﺷﯩﻨﻰ ئۈﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ >>، << ئۆﺯﻯ ئوﻳﻐﺎﻧﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺳﯚﻳﯩﻤﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺩﺍﯞﺭﺍﯓ، ﺧﺎﻻﺱ ! >> . ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘﻻﺭ ﻛﯚﭘﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ، ﻛﯚﺭﮔﯩﻨﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﻛﯚﭘﺮﻩﻛﻨﻰ ئوﻳﻠﯩﻴﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻧﯩﯔ ئۆﺯ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﭼﻮﯓ ئاﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﻪ ئەﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﯞﻩ ﺧﯩﺮﯨﺴﻘﺎ ﺑﺎﺗﯘﺭﻻﺭﭼﻪ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﭗ، ئۆﺯ ﺋﯩﻘﺒﺎﻟﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﯩﻠﻪﻛﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯩﺰﻫﺎﺭﯨﺪﯗﺭ . ئاﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺗﯩﻠﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ئەﺳﻠﻪﺵ _ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﺎﺵ ﻗﯘﺭﺍﻣﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ئەﺧﻼﻗﯩﻲ، ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺷﻜﻪ ئەﻫﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ئاﻻﻫﯩﺪﻩ ئەﻫﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ، ئەﻟﯟﻩﺗﺘﻪ . ئاﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ئۆﻣﯜﺭ ﻣﯘئەﻟﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻫﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ئاﻳﺎﻥ . ﺷﯘ ﯞﻩﺟﯩﺪﯨﻦ ئۇﻧﯩﯔ ﻣﯘئەﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﺳﯜﭘﻪﺕ - ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﻪﻝ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻴﺮﻩﻙ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﺪﯗﻕ . ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﺑﯩﺰ ئۇﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ئۆﺗﯩﻤﯩﺰ .
ئاﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻲ ئەﻣﮕﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ئاﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ئەﺩﻩﺑﯩﻲ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﻪﻧﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 40 - ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ئاﺧﯩﺮﻯ، 50 - ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ئۆﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺗﻪﻟﭙﯜﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﻫﯚﺭﻟﯜﻙ، ئاﺯﺍﺩﻟﯩﻘﻘﺎ ﺗﻪﺷﻨﺎ ﻗﻪﻟﺒﯩﻨﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮﻱ ﻣﯩﺴﺮﺍﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﺰﻫﺎﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . 1956 - ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﺗﺒﯘئاﺗﺘﺎ ئاﺷﻜﺎﺭﻩ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ << ئۇﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ 11 - ئەﺳﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﯜﻳﯜﻙ ئاﻟﯩﻤﻰ >> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ 23 ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺳﺎﻫﯩﺒﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺳﺎﻫﯩﻠﯩﮕﻪ ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻣﯧﯟﯨﺴﻰ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻩﻥ ئۇ ئۆﺯﯨﻨﯩﯔ ئاﻻﻫﻪﺯﻩﻝ 40 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ئاﻟﺪﻯ - ﻛﻪﻳﻨﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، << ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺗﺎﯓ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﺧﺸﺎ - ئۇﺳﺴﯘﻝ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ >>، << ئۇﻳﻐﯘﺭ ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﺴﻰ < ئوﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻡ > ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ >>، << ئوﻣﯘﻣﯩﻲ ﺋﯧﺴﺘﯧﺘﯩﻜﺎ >>، << ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ﯞﻩ ئۇﻧﯩﯔ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ >>، << ﻗﺎﺗﻼﻣﻠﯩﻖ ﺋﯧﺴﺘﯧﺘﯩﻜﺎ >>، << ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕ ﺗﺎﺷﻜﯧﻤﯩﺮ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ >>، << ئۇﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺧﻪﺯﯨﻨﯩﺴﻰ >>، << ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘﺑﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﺯﯨﻨﯩﺴﻰ >>، << ئۇﻳﻐﯘﺭ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ >>، << ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ >>، << ئۇﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ >>، << ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ئاﺳﯩﻴﺎ >>، << ئاﺋﯩﻠﻪ >>، << ﺳﻪﯞﺩﺍﻟﯩﻖ ﺗﻪئەﺟﺠﯜﭘﻨﺎﻣﯩﺴﻰ >>، << ﭼﻮﻏﻠﯘﻕ >>، << ﺭﯗﺑﺎﺋﯩﻴﺎﺕ >>، << ﻗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﺎﻍ ﺷﻪﺟﻪﺭﯨﺴﻰ >>، << ئاﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ﻫﯧﻜﻤﻪﺗﻠﯩﺮﻯ >> ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ئەﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﺭﯗﻗﻠﯘﻗﻘﺎ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﻯ . 137 ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺋﯩﭽﻰ ﯞﻩ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﯞﻩ ئەﺩﻩﺑﯩﻲ ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ئۇﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﯞﻩ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ، ﻳﺎﭘﻮﻥ، ﺋﯧﻨﮕﻠﯩﺰ ﯞﻩ ئۆﺯﺑﯧﻚ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ . ئۇﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻳﻪﻧﻪ 10 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ئەﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ، ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﺗﯘﺭﻣﺎﻗﺘﺎ، ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﻗﻮﻟﻴﺎﺯﻣﯩﻠﯩﺮﻯ ئاﺭﮔﯩﻨﺎﻝ ﻫﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ئۆﻳﺪﻩ ﺳﺎﻗﻼﻧﻤﺎﻗﺘﺎ . ئۇﻧﯩﯔ ﭘﻪﻧﻨﻰ ئوﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ئائىت، ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ 44 ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﮔﯧﺰﯨﺖ - ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ئەﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ( ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ئەﺩﻩﺑﯩﻲ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻠﻪﺭﻣﯘ، ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ئەﺳﻪﺭ ﯞﻩ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭ ) ئاﺯ ئەﻣﻪﺱ . ئاﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﻮﺷﻘﺎﻥ ئەﺩﯨﺐ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﺎﻻﻫﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﮊﺍﻧﯧﺮﺩﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ئەﺩﻩﺑﯩﻲ ئەﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ . ﺑﯘﻻﺭ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﯞﻩ ﻏﻪﺯﻩﻟﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻧﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻛﯩﻨﻮ ﺳﯩﻨﺎﺭﯨﻴﯩﺴﻰ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﺎﺭﭼﻪ ئەﺳﻠﯩﻤﻪ، ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺭﻭﻣﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ئۆﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ئاﻟﯩﺪﯗ، ئۇﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻗﻮﻟﻴﺎﺯﻣﺎ ﻫﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺳﺎﻗﻼﻧﻤﺎﻗﺘﺎ . ئۇﻧﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻲ ئەﻣﮕﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ئاﺳﺎﺳﯩﻲ ﺳﺎﻟﻤﺎﻗﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﯧﻤﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﻪﯓ، ﺭﻩﯕﺪﺍﺭ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﭼﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯗ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺳﺎﻫﻪﻟﻪﺭﮔﻪ ﺗﯘﺗﯩﺸﯩﺪﯗ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ئەﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﻛﯚﺯﻩﺗﺴﻪﻙ ﺩﻩﺭﻫﺎﻝ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻗﻘﺎ ﭼﯧﭽﯩﻼﯕﻐﯘ، ﺗﺎﺭﻗﺎﻗﺘﻪﻙ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ئەﻣﮕﻪﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ئاﺳﺎﺳﯩﻲ ﮔﻪﯞﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻧﯘﻗﺘﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻳﻤﯩﺰ، ئۇ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ _ ئۇﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﺪﯗﺭ . ئۇ ئۆﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ئاﺧﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ئاﺳﺎﺳﯩﻲ ﻳﺎﻗﺘﯩﻦ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻨﯩﯔ ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘ ﭼﻮﯓ ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﯧﻐﯩﺸﻠﯩﻐﺎﻥ . ئەﻟﯟﻩﺗﺘﻪ، ئۇﻧﯩﯔ ﻣﺎﺭﻛﺴﯩﺰﻡ، ﻟﯧﻨﯩﻨﯩﺰﻡ، ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ، ﺋﯧﺴﺘﯧﺘﯩﻜﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ئاﺯ ئەﻣﻪﺱ . ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﯧﺮﻯ ﺷﯘﻛﻰ، ئۇ ﺑﯘ ﺟﻪﻫﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ئاﺳﺎﺳﯩﻨﻰ، ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺟﯘﻏﻼﻧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ، ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ئۇﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ . ئۇ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﺎﺩﺩﻯ ﯞﻩ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻗﺎﺗﻼﻣﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺦ، ﺗﯩﻞ - ئەﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ، ﺳﻪﻧئەﺕ، ﻓﻮﻟﻜﻠﻮﺭ، ﺩﯨﻦ، ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ، ئاﺭﺧﯧئوﻟﻮﮔﯩﻴﻪ، ﺋﯧﻜﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ - ئاﻳﺎﻍ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﯩﺰﻡ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﯩﺰﻣﻠﯩﻖ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﻫﻪﻡ ئۇﺳﯘﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﭗ، ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻨﻰ ئەﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺰﺩﯨﮕﻪﻥ، ئۇ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ئاﻟﻐﺎﻥ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ، ئەﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﺴﯩﺸﻜﻪﻥ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺳﻮﻏﯘﻗﻘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻨﯩﯔ ئاﺩﺩﯨﻲ، ﺗﯜﺯ، ﻳﯜﺯﻩ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ، ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻟﯘﻗﻨﻰ، ﺋﯩﻠﻤﯩﻴﻠﯩﻜﻨﻰ، ﭼﯩﻨﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ئۈﭼﯜﻥ، ئۇﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯜﭘﻪﺕ - ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ، ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﻰ ئاﺯ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ ئۈﺳﺘﯜﻥ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ . ﺑﯩﺰ ئۇﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ئەﻣﮕﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ، ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯜﭘﻪﺕ - ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ، ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﻠﻪﭖ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﺶ ﺯﯙﺭﯛﺭ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﯩﺰ ( ﺑﯘ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ) . ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯩﺰ ئاﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﻧﺎﭖ ئۆﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﯗﻕ . ﺑﯘ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭ ﺳﯩﺘﺎﺗﯩﺴﺘﯩﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ، ﻫﯚﺭﻣﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﺸﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ئاﻛﺎﺩﯦﻤﯩﻴﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ، ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ئوﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ئۈﭼﯜﻥ، ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻼﺭ ( ﻗﻪﻟﻪﻡ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﻯ ) ئۈﭼﯜﻥ، ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻥ ﯞﻩ ئەﺩﯨﺒﻠﻪﺭ ئۈﭼﯜﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﯨﻤﯘ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ئۆﻣﺮﯨﻨﻰ، ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ئەﻗﯩﻞ - ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺕ، ﺯﯦﻬﯩﻦ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺑﯧﻐﯩﺸﻼﭘﻤﯘ ﻫﯚﺩﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﺗﻪﺳﺘﻪ ئوﺭﯗﻧﺪﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ئوﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻫﻪﻕ ﺩﺍﺩﯨﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯘئەﻟﻠﯩﻢ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺗﯘﺭﺳﺎ، ﺑﯩﺰ ئۇﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰﻣﯘ ؟ ﺑﯩﺰ ئۇﻧﯩﯔ ﻏﺎﻳﻪ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ئاﺧﯩﺮﻗﻰ ﻧﻪﭘﯩﺴﯩﮕﯩﭽﻪ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭﻟﯩﻜﯩﮕﻪ، ﺑﯩﻠﯩﻤﮕﻪ ئۆﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯧﻐﯩﺸﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻐﺎ، ﻛﻪﻣﺪﯨﻦ - ﻛﻪﻡ ئۇﭼﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ئەﻳﻠﯩﻤﻪﻳﻤﯩﺰﻣﯘ ؟ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺭﯨﻴﺎﺯﻩﺕ ﭼﻪﻛﻜﻪﻥ ﺑﯘ ئاﻟﯩﻢ ﯞﻩﺗﻪﻥ ئاﺳﻤﯩﻨﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻫﻪﻝ ﻗﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﺑﯘﻟﯘﺗﻼﺭ ﻗﻮﻏﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﻫﺎﺭﻯ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻠﯩﻚ ﭼﺎﻏﻼﺭﻧﻰ ﺗﯘﺗﯩﻴﺎ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺪﻯ . ئۇﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﯩﻤﻰ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻛﯜﻧﻤﯘ، ﻫﻪﺗﺘﺎ ئاﻏﺮﯨﻖ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ . ﺑﺎﻟﻨﯧﺴﺘﺘﺎ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﺍ، ﻫﻪﺗﺘﺎ ئوﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻧﺎﺭﻛﻮﺯﻧﯩﯔ ﻛﯜﭼﻰ ﻛﯧﺘﻪﺭ - ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﻼ ﺋﯩﺸﻠﻪﺷﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺧﺎﭘﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ئۇﻧﯩﯔ ئۈﭼﯜﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﻫﯘﺯﯗﺭ ﺋﯩﺪﻯ، ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯩﺪﻯ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﺩﻩﻙ ئۆﺯﯨﻨﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﺩﻩﻡ ئاﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ئۇﻧﯩﯖﺪﺍ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ئۈﭼﯜﻥ، ئۇ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﭼﺎﻱ، ﺑﻪﺯﻣﯩﻠﻪﺭﮔﻪ، ﺗﻮﻱ - ﺗﯚﻛﯜﻥ، ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﺭﺍﻟﻤﯩﺪﻯ، ئاﻣﺎﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﺎﺭﺳﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩئاﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ئوﻟﺘﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ، ﺩﻭﺳﺖ - ئاﻏﯩﻨﻪ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺪﺍﺵ، ئەﻝ - ﺟﺎﻣﺎئەﺗﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﻳﻮﻗﻠﯩﻴﺎﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ . ئەﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ئاﻟﯩﻤﻨﯩﯔ << ئاﺩﻩﻣﮕﻪﺭﭼﯩﻠﯩﻜﻰ >>ﻧﯩﯔ ﺳﯘﺳﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺭﻩﻧﺠﯩﮕﻪﻥ، ﺑﯘﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ئەﻣﺪﯨﻠﯩﻜﺘﻪ ئاﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻣﻪﻧﯩﺪﻩ ﭼﯜﺷﻪﻧﺴﻪ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮﺍﺗﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ . ﺑﯩﺰﺩﻩ ﺋﯩﺶ ئۈﺳﺘﯩﺪﻩ ﻗﺎﺯﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻳﻮﻕ ئەﻣﻪﺱ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ئاﻟﯩﻤﻐﺎ ئوﺧﺸﺎﺵ ﻳﯧﺰﯨﯟﯦﺘﯩﭗ، ﺋﯩﺸﻠﻪﯞﯦﺘﯩﭗ، ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﻗﻪﻟﻪﻡ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ئۆﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ئاﺯ ئۇﭼﺮﯨﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺑﯩﺮ ئوﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ئۈﭼﯜﻥ، ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ ئۈﭼﯜﻥ ئۆﺯ ﺋﯩﺸﯩﻐﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻧﻨﻰ ﻗﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﻖ، ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻖ، ﺩﻩﭖ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﺴﻪﻙ ئاﺷﯘﺭﯗﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻤﯩﺰ ؟ 1996 - ﻳﯩﻠﻰ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ << ﻏﺎﻳﻪ - ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ - ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ >> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ئاﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ئۇﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯚﺳﯜﺵ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ئۈﻧﯜﻡ ﻫﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ئۆﺯ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻳﯧﺸﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻥ ﺗﯜﮔﯜﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﺸﯩﺶ ئۈﭼﯜﻥ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﭗ، ﺷﯘ ﺳﺎﻫﻪﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻟﺪﺍﻕ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻣﯘﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . ﺑﯩﺰ ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻻﭖ ئوﻟﺘﯘﺭﻣﺎﻳﻤﯩﺰ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ئاﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ئاﺧﯩﺮﻗﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﻣﯘﻫﯩﻢ ئەﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ، ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ئۆﺗﻤﻪﻛﭽﯩﻤﯩﺰ . ئاﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ئۆﺗﻜﻪﻥ ئەﺳﯩﺮﻧﯩﯔ 90 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ << ﺭﻭﻫﻨﻰ ﺳﺎﻏﻼﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ _ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﯩﺴﻰ >>، << ﻫﻪﺳﻪﺗﺨﻮﺭﻟﯘﻕ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻫﻪﺳﺮﻩﺗﻠﯩﻚ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭ >>، << ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ئۆﺯ - ئۆﺯﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﺴﺘﯩﻚ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ئۈﭺ ﺑﯘﺭﺟﯩﻜﻰ >>، << ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ >>، << ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ >>، << ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﻠﻠﻪﺕ >>، << ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻗﺎﻳﺘﺎ ئۈﻳﻠﯩﻨﯩﺶ >>، << ئاﺭﯨﻔﻨﺎﻣﻪ >> ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ئاﺭﻗﺎ - ئاﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ئاﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﺘﺎ ﺭﯦئاﻝ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ، ئەﻣﻪﻟﯩﻲ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ئەﻫﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ .
1992 - ﻳﯩﻠﻰ ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮﺩﻩئۈﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ خەلقاﺭﺍ ﻳﻪﺭﻣﻪﻧﻜﯩﻨﯩﯔ ئۆﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ، ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ - ئاﺳﯩﻴﺎ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﻛﯚﯞﺭﯛﻛﯩﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﻪﻟﻘئاﺭﺍﺩﯨﻜﻰ ﯞﻩ ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﺸﻼﺭ ئاﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻧﺎﺗﻼﻧﺪﯗﺭﺩﻯ . ئۇﻧﯩﯔ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻯ ﺟﺎﻫﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻧﺪﻩ _ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﯞﻩ ﺑﯜﮔﯜﻧﯩﮕﻪ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﺘﻰ، ئۇئەﺟﺪﺍﺩﻻﺭﺩﯨﻦ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻫﯧﻜﻤﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺷﯘﯕﻐﯘﺩﻯ، ﻳﯧﯖﻰ ﺗﺎﯕﺪﯨﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ئاﻟﯩﻤﯩﮕﻪ ﭘﻪﺭﯞﺍﺯ ﻗﯩﻠﺪﻯ . << ﻫﻪئە، ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ! ﻧﻪﭼﭽﻪ ئەﺳﯩﺮ < ئەﺳﻬﺎ ﺑﻮﻟﻜﻪﻫﻒ >ﺩﻩﻙ ئۇﺧﻠﯩﻐﺎﻥ < ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ > ﺭﻭﻫﻰ ئوﻳﻐﺎﻧﺪﻯ . ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ - ئاﺳﯩﻴﺎ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﯩﺪﺍ ﺟﻪﯞﻻﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ < ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ > ﺳﯘﻣﺮﯗﻏﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻗﺎﻗﺘﻰ . ﺗﺎﺭﯨﺦ ئۆﺯﯨﻨﯩﯔ ئۈﭼﯩﻨﭽﻰ ﺋﯧﺮﺍﺳﯩﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻗﻮﻳﺪﻯ ! >> ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﺩﻯ . ئاﻟﯩﻢ ﺷﺎﺩﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﺗﻪﻧﺘﻪﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ، << ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﻮﯓ ﺋﯧﭽﯩﯟﯦﺘﯩﺶ، ﻏﻪﺭﺑﺘﻪ ئوﺗﺘﯘﺭﺍ ئاﺳﯩﻴﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ئاﻻﻗﯩﻨﻰ ﺗﻪﺧﯩﺮﺳﯩﺰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ئۇﻝ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯧﯖﻰ ﺷﻪﺭﻕ - ﻏﻪﺭﺏ ئاﻻﻗﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ ئوﺗﺘﯘﺭﺍ ئۆﺗﻜﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ئەﯓ ئاﺧﯩﺮﻗﻰ ﻣﯘﺯ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﯧﺮﯨﺘﯩﯟﻩﺗﺘﻰ . ﺯﺍﻣﺎﻧﯟﻯ ﺗﺎﺷﻴﻮﻝ، ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ - ئاﺳﯩﻴﺎ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎئاﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﻰ، ﻫﺎﯞﺍ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯧﻠﯧﮕﺮﺍﻑ - ﺗﯧﻠﯧﻜﺲ ئاﻻﻗﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﺸﻰ، ﻗﯘﻡ ﺑﺎﺭﺧﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻏﻪﺭﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﺮﻯ ئۈﺳﺘﯩﺪﻩ ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ ! ئاﻟﻪﻡ ﺯﯙﺭﯛﺭﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺷﯘﻧﻰ ﺗﻪﻗﻪﺯﺯﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗﻛﻰ، ﺑﯘ ئۇﻟﯘﻍ ﯞﻩ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ئەﻣﻪﺱ ! >> . ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﯘﻣﺮﯗﻍ ﻛﻪﺑﯩﻲ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻗﺎﻗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺷﺎﺩﻻﻧﻐﺎﻥ ئاﻟﯩﻢ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ئۆﺯ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﺪﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺑﺎﺭ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ، ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ، ئۆﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭﻧﻰ ئاﻟﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﻪ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯧﺮﺍﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻜﻰ ﺭﻭﻫﯩﻲ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺯﯙﺭﯛﺭﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ئۆﺯ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﺎﺭﻻﻕ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﻨﺪﯗﺭﻣﯩﺴﯩﺪﺍ، ﺟﯘﻏﻼﻧﻤﯩﺴﯩﺪﺍ << ﻣﺎﻱ ﻗﯘﺭﺗﺘﻪﻙ >> ﻟﯚﻣﯜﻟﺪﻩﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﻛﯚﺭﯛﺷﻰ، ﺗﻮﻧﯘﺷﻰ ﯞﻩ ئۇﻧﻰ ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺩﻩﭖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ . << ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻚ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻢ ! ﺑﯩﺰ < ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ > ﺑﯩﻠﻪﻥ < ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﻠﻠﻪﺕ >ﻧﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ، ئاﻟﺪﯨﻨﻘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ئىپتىخارى ﺋﯩﻠﻬﺎﻣﯩﺪﺍ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺋﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﯚﻛﯜﺷﯩﻤﯩﺰ، ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ، ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ < ئاﺭﯨﻔﻠﯩﻖ > ( ئوﻳﻐﺎﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ) ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ < ئاﺷﯩﻘﻠﯩﻖ > ( ﻛﯚﻳﮕﻪﻧﻠﯩﻚ )ﺗﯘﺭ ! >>
ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ئوﻗﯘﺭﻣﻪﻥ ! ﺳﯩﺰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﯞﻩ ئەﻧﺪﯨﻜﯩﺶ ﻫﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﭼﯚﻣﮕﻪﻥ ﺑﯘ ئەﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ئوﻗﯘﻏﺎﻧﻤﯘ ؟ ئەﮔﻪﺭ ئوﻗﯘﻣﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ئوﻗﯘﯓ، ئوﻗﯘﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ئوﻗﯘﯓ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘﻻﺭ ئاﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﺍﻧﻪ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﯞﻫﻪﺭﻟﯩﺮﻯ، ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺋﯩﺰﻫﺎﺭﯨﺪﯗﺭ . ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ئاﻧﭽﯩﻜﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻐﯘ، ﺩﻩﭘﻼ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻗﻮﻳﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺑﯘ ئەﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺭ، ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺳﯚﺯ ﯞﻩ ﺟﯜﻣﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻧﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﯩﻨﻰ، ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﻛﯧﻠﻪﭼﯩﻜﯩﮕﻪ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ئوﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯚﺭﯛﺷﯩﻤﯩﺰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺯﯙﺭﯛﺭ . ﺑﯩﺰ ئۆﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ، ئەﺗﺮﺍﭘﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺯﻩﻥ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﺎﻳﻠﻰ، ئوﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ئاﻟﺪﯨﺪﺍ ئاﻟﯩﻢ ﻗﯩﻴﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﺩﯗﭺ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰﻏﯘ ! ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺕ ﯞﻩ ﺭﻩﻫﯩﻤﺴﯩﺰ ﺷﺎﻟﻼﺵ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ئەﻣﻪﺱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ئاﻟﯩﻢ 80 - ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ئاﺧﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﮕﻪ ﻫﻪﺭ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺰ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻏﺎ ﻳﯚﻟﯩﻨﯩﯟﺍﻟﺴﺎﻕ ﺋﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﭼﺎﺗﺎﻕ، ﻫﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ، ﺷﺎﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﻤﯩﺰ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ئەﻧﺪﯨﻜﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘﺱ ئۆﺯﻟﻪﺭ ئەﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻗﯘﻻﻗﻘﺎ ﺧﯘﺷﻴﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . ﻣﺎﻧﺎ ﻫﺎﺯﯨﺮ ئاﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﮔﻪ ئوﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﻳﯩﻠﺴﯧﺮﻯ ﺗﻪﯕﺸﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ . ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻧﯩﯔ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﺸﻰ، ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ئوﻣﯘﻣﯩﻴﯜﺯﻟﯩﻚ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﺷﻰ، ﺑﯩﺰﮔﻪ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﯩﻤﯘ، ﺧﯩﺮﯨﺴﻨﯩﻤﯘ ﺗﻪﯕﻼ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺟﯩﺪﺩﻯ ئوﻳﻼﻧﻤﯩﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ . ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘ ﺗﺎﭘﺘﺎ ﺑﯩﺰ ئالىمنى ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰ . ئۇﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻮئاﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ، ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯧﻬ، ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻚ ئۇﺳﺘﺎﺯ ! ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﺭﯨﯖﯩﺰ ﺧﯧﻠﻰ ئۆﺗﯜﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ئوﺧﺸﺎﻳﺪﯗ .
ئاﻟﯩﻢ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﯩﻠﻰ 10 ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻻﻱ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ئۇﻧﻰ ﻣﯘﺷﯘ 10 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ﺗﻮﻧﯘﺩﻯ، ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﻯ . ئۇﻧﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻤﯘ ﺗﻮﻧﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﺭﺍﻕ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺩﯗﺭﯗﺳﺮﺍﻕ ﺗﻮﻧﯘﺩﻯ . ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻮﻧﯘﺷﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ئاﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺟﯜﻣﻠﻪ ﺳﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ئاﻟﯩﻢ، ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻧﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﭘﻪﻟﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﻪﻟﯩﮕﻪﻥ ئۇﻳﻐﯘﺭ ئاﻟﯩﻤﻰ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ئۇ ئەﯞﻟﯩﻴﺎ ئەﻣﻪﺱ، ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ، ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﺧﺎﺱ ﺭﻭﻫ ﯞﻩ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﺧﺎﺱ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺳﻪﯞﻩﻧﻠﯩﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺧﺎﻟﯩﻲ ئەﻣﻪﺱ ئاﺩﺩﯨﻲ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ . ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ئوﻥ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺗﺎﺭﺍﺯﯨﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﻫﺎﻻﺷﻨﯩﯔ ﺯﯙﺭﯛﺭﻟﯩﻜﯩﻨﻰ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻼ ﺑﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﺠﺎﺩﻛﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﺴﻤﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ئاﯓ ﺗﺎﻧﺎﺳﯩﭗ ﺑﻮﻻﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯗﻕ . ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻫﺎﺭﻣﺎﺱ ﺗﯘﻟﭙﺎﺭﯨﻨﻰ ئۇﻟﯘﻏﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ئۇﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻻﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯗﺭ . ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ئۆﺯ ﺑﺎﺗﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﻳﺎﻟﯩﻐﯘﺩﻩﻙ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺑﺎﺭ، ﻛﯚﺭﻩﻟﯩﮕﯜﺩﻩﻙ ئەﻗﯩﻞ ﻛﯚﺯﻯ ﺑﺎﺭ .
ﺑﯘ 10 ﻳﯩﻠﺪﺍ ﻣﻪﺭﻫﯘﻣﻨﯩﯔ ئوﺭﮔﯩﻨﺎﻝ ﻫﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ئەﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ . ﺑﯘﻧﻰ ئەﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ، ﻣﻪﺭﻫﯘﻣﻨﯩﯔ ﺳﻪﭘﺪﺍﺵ، ﺷﺎﮔﯩﺮﯨﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ئاﻳﺮﯨﭗ ﻗﺎﺭﯨﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺑﯘ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﺭﻩﻧﺎ ئاﭘﭙﺎﻱ ( ﻣﻪﺭﻫﯘﻣﻨﯩﯔ ﺭﻩﭘﯩﻘﯩﺴﻰ )ﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ئاﻻﻫﯩﺪﻩ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ئەﺭﺯﯨﻴﺪﯗ . ﺭﻩﻧﺎ ئاﭘﭙﺎﻳﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻫﯘﻣﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻨﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ _ ئەﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ئەﺳﻠﻪﺵ ﯞﻩ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺶ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ئۇﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪﯗﺭ . ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻣﻪﺭﻫﯘﻣﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ئەﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ _ ﻣﻪﺭﻫﯘﻣﻨﯩﯔ ﭼﯩﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ئەﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯗﺭ .
ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻜﺎﺑﻼﺭﺩﺍ ﺳﺎﻗﻼﯞﻩﺭﻣﻪﻱ، ئۇﻻﺭﻧﻰ ئوﻗﯘﭖ ئۈﮔﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ، ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺳﯚﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ - ئەﺗﯩﯟﺍﺭﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﺶ، ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ئوﻗﯘﻏﯘﭼﻰ، ئاﻣﻤﺎ ئەﺗﯩﻜﻰ ﺋﯩﺰ ﺑﺎﺳﺎﺭ ئاﻟﯩﻤﻼﺭﻏﺎ ﺗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺵ _ ﺑﯘ ﺑﻪﻛﻤﯘ ئاﻗﯩﻼﻧﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺳﯚﻳﯜﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺗﺎﻟﻼﺵ . ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻣﻪﻧﭙﻪئەﺗﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ئۆﺭﻟﻪﭖ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻫﯧﺴﺎﺑﺎﺕ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺩﻩﺳﻤﺎﻳﻪ ﯞﻩ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﺍﺭﺍﻣﻪﺕ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻦ ﻫﺎﻟﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ئاﺳﺎﻥ ئەﻣﻪﺱ . ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ، ﺑﯘﻣﯘ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺗﯘﺭﻟﯘﻕ . ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺑﺎﺗﯘﺭﻟﯘﻗﻘﺎ ئاﭘﯩﺮﯨﻦ ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﻪﻥ .
ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ئاﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻨﮕﻪ ئوﺧﺸﺎﺵ ﺗﯚﻫﭙﯩﻜﺎﺭﻻﺭﻏﺎ ﻣﯘﻫﺘﺎﺝ . ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﻩﻧﺎ ئاﭘﭙﺎﻳﻐﺎ ئوﺧﺸﺎﺵ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻻﺭﻏﯩﻤﯘ ﻣﯘﻫﺘﺎﺝ . ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﺎئاﺭﯨﭙﯩﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺗﻪﻟﻤﯜﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ئوﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻗﻮﻟﻼﺭﻏﺎ ﻣﯘﻫﺘﺎﺝ . ﺑﯩﺰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﻛﯚﺭﯛﺷﻨﻰ ئۈﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ .
ئەسەرلىرى
[تەھرىرلەش]گۆھەرگە دەسسەپ تۇرغان كور گاداي
«ئىنسان قەلبىنىڭ ئىنژىنىرلىرى» ۋە تارىخىي يىراقنى كۆرمەسلىك
ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ
قالغان ئەسەرلىرىنىئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى دېگەن تۈردىن كۆرگەيسىز. .......................................