Jump to content

ئابدۇكېرىم زاھىر

ئورنى Wikipedia
ئابدۇكېرىم زاھىر
ئابدۇكېرىم زاھىر , 2023-يىلى لوندون

ئابدۇكېرىم زاھىر ياكى كېرىم زاھىر (ئابدۇكېرىم زاھىر شايار دەپمۇ ئاتىلىدۇ) (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدا: Abdukérim Zahir) تونۇلغان ئۇيغۇر دىنىي زات، تەتقىقاتچى ۋە سىياسىي پائالىيەتچى. ئۇ  1968 - يىلى 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى شايار ناھىيە يېڭى مەھەللە يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1984 - يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگۈچە ئەرەب تىلى گىرامماتىكىسى، ھەدىس، مەنتىق ۋە فىقھى ئوقۇغان. شۇ يىلىدىن باشلاپ 1987 - يىلى 8 - ئايغىچە توقسۇ ناھىيەسىدە ئابدۇرېھىم داموللام، ئابدۇرېھىم مەخسۇم ۋە ئەزىز داموللاملاردا تەپسىر، ھەدىس، فىقھى، ئۇسۇلى فىقھى، مەنتىق ۋە ئەرەب ئەدەبىياتى ئوقۇغان. كۇچادا كېرەم داموللام ۋە ئابدۇلھېكىم داموللامدا تەپسىر، ھەدىس، ئۇسۇل فىقھى ۋە فىقىھ ئوقۇغان. 1987 - يىلى 8 - ئايدىن باشلاپ 1990 - يىلىغىچە قەشقەر قاغىلىق ناھىيەسىدىكى ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىم، ھامۇتخان مەخسۇم ۋە ھەبىبۇللا مەخسۇملاردىن ئەرەب ئەدەبىياتى، تەپسىر، فىقھى، ئەقىدە ۋە مەنتىق دەرسلىرىنى ئۇقۇپ، ئوقۇشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن شايارغا قايتىپ كەلگەن. 1990 – 4-5-كۈنى يۈز بەرگەن بارىن قوزغىلىڭى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر يىل تۈرمىدە ياتقان. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، 1994 - يىلى 6 - ئايغىچە شايار ناھىيە يېڭى مەھەللە يېزىسىدا مۇدەررىسلىك قىلغان. 1994 - يىلى 6 - ئايدا قىرغىزىستانغا چىقىپ بىر يېرىم يىل تۇرغاندىن كېيىن، قازاقىستاندا ئالتە يېرىم يىل تۇرغان. شۇ جەريانىدا ئالمۇتىنىڭ دۇرۇژبۇ ۋە تۇركسىپ رايونلىرىدا ئۇيغۇر بالىلىرىغا قۇرئان، يېڭى زامان ئەرەب تىلى دەرسلىكى ئۆگەتكەن ۋە جامائەت سورۇنلىرىدا داۋاملىق ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلغان. 1997-يىلىدىن باشلاپ 2002- يىلىغىچە تىجارەت قىلغان.

2002 - يىلى 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار كومىتېتىنىڭ ياردىمى بىلەن قازاقىستاندىن نورۋېگىيەگە يەرلەشكەن. 2003-يىلى 8-ئايدا نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى قۇرۇلغاندىن باشلاپ بۇ كومىتېتتا 3 يىل رەئىسلىك خىزمىتىنى قىلغان. نورۋېگىيەنىڭ بېرگىن شەھىرىدە ياشاش جەريانىدا، شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرىغا مەۋسۇملۇق قۇرئان ۋە ئانا تىل دەرسلىكى ئۆگىتىش بىلەن شۇغۇللانغان. جامائەت سورۇنلىرىدا داۋاملىق ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلغان ۋە نورۋېگىيەدە ياشىغان مۇددەتتە داۋاملىق ۋەتەن داۋاسىدا ئاكتىپ بولغان. 2016 - يىلى 10 – ئايدا لوندونغا كەلگەندىن باشلاپ لوندوندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن تۇتۇشۇپ، لوندوندا ۋەتەن داۋاسىنى جانلاندۇرۇشقا تىرىشقان ۋە ئەنگلىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ بېشىدا 3 يىل خىزمەت قىلغان. ئەنگلىيەدىكى جامائەتنى بىر يەرگە كەلتۈرۈش ۋە توپلىنىدىغان بىر ئورۇنغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشقان. ئاخىرىدا تەشكىلات رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە «لوندون ئۇيغۇر مەكتىپى»نى ئېچىپ ئۇيغۇر بالىلارغا ئانا تىلى، مىللىي مەدەنىيەت، تارىخ قاتارلىق ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىگە مۇناسىۋەتلىك دەرسلەرنى ئۆگىتىدىغان بىر ئورۇننى قۇرۇپ چىققان. ھازىرمۇ بۇ مەكتەپ داۋام قىلماقتا.

ۋەتەندىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى 30 يىللىق ھاياتىدا مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلگەن ۋە ۋەتەن داۋاسىدا ئاكتىپ بولغان. 20 يىل دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىر ۋەكىلى بولۇش ئارقىلىق ۋەتەن داۋاسى ۋە سىياسىي پائالىيەتلەردە پىداكارلىق كۆرسەتكەن. كۆپ قېتىنم ئاخبارات ۋاستىلىرىدا دوكلات بەردى .

2010-يىلىدىن باشلاپ جەنۇبى ئاسىيا ئارقىلىق ۋەتىنىمىزدىن چىققان قېرىنداشلىرىمىز رادىكال دىنچىلارنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ سۈرىيەدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قېتىلىپ كەتتى. بۇ جەرياندا قانچە مىڭلىغان قىز- يىگىتلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق ۋە قانچىلىغان خوتۇنلار تۇل قالدى ۋە قانچىلىغان بالىلار يېتىم قالدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئابدۇكېرىم زاھىر دىندا ئوقۇغان بىرسى بولۇش سۈپىتى بىلەن 2017-يىلىدىن باشلاپ مىللەتنىڭ دىنى ساھەدىكى بىر قىسىم خاتا چۈشەنچىلىرىنى ئوڭشىۋېلىشىغا پايدىسى بولۇپ قالار دېگەن ئۈمىدتە دىنىي ساھەدە خىزمەت قىلىشقا كىرىشكەن. خىزمىتىنىڭ تۇنجى مەھسۇلى سۈپىتىدە 2018-يىلى «قازا ۋە قەدەر» ناملىق بىر ئەسىرى نەشردىن چىقىپ خەلقىم بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. ئىجدىمائىي ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئېىتىقات ۋە ئىسلامچە ياشاش ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىنى خەلقىمىز بىلەن ئورتاقلاشماقتا. ئاللاھ خالىسا، تەتقىقاتچى ئابدۇكېرىم زاھىرنىڭ «قۇرئانغا ئاساسەن ئىسلام» ۋە «قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسى» ناملىق ئەسىرىمۇ نەشردىن چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئىنشائاللاھ بۇ ئەسەرلەر خەلقىمىزنىڭ دىنى چۈشەنچىسىدىكى بىر قىسىم مۇغلەق (مۈجمەل) يەرلىرىنى يورۇتۇپ بېرىشىگە پايدىسى بولۇپ قېلىشىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.