ئابلىكىم باقى ئىلتەبىر
Appearance
ئابلىكىم باقى ئىلتەبىر
Ablikim Baqi Iltebir | |
شەخسىي ئۇچۇرلىرى | |
تۇغۇلغان | 1951-يىلى 2-ئۆكتەبىر |
ۋاپات بولغان | 2019-يىلى 8-ئاۋغۇست
ۋاشىنگتون |
مىللىتى | ئۇيغۇر |
دۆلەت تەۋەلىكى | ئامېرىكا |
كەسپى | يازغۇچى، ژۇرنالىست، ئىنقىلاپچى |
رەپىقىسى | دىلبەر ئىلتەبىر |
پەرزەنتلىرى | ئەلپىدا ئىلتەبىر |
ئابلىكىم باقى ئىلتەبىر (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Ablikim Baqi Iltebir) بولسا 1951-يىلى 2-ئۆكتەبىر شەرقىي تۈركىستان نىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى دە تۇغۇلغان. تونۇلغان ژۇرنالىست ۋە ئەدىب ئابلىكىم باقى ئىلتەبىر 2000-يىلدىن باشلاپ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدا تەھرىر بولۇپ ئىشلەپ، 2017-يىلى 8-ئايدا پېنسىيەگە چىققان ئىدى. ئۇ كېسەللىك سەۋەبى بىلەن بۈگۈن، يەنى 2019-يىل 8-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئالەمدىن ئۆتتى.[1]
ھاياتى
[تەھرىرلەش]- ئابلىكىم باقى ئىلتەبىر 1951-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ ئاپەتلىك يىللىرىدا، يەنى 1973-يىلدىن 1975-يىلغا قەدەر «قايتا تەربىيە» نامىدا ئىلى ۋىلايىتىنىڭ توققۇزتارا ناھىيەسى گۆرجىلغا يېزىسىغا تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن.
- 1975-يىلى 9-ئايدىن 1977-يىلى 7-ئايغىچە ئۈرۈمچى مائارىپ ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان، كېيىنكى مەزگىللەردە يەنە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئابلىكىم باقى ئىلتەبىر ئەپەندى 1992-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىن ئايرىلغانغا قەدەر ئۈرۈمچى تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق خىزمەتلەردە بولغان.
- ئابلىكىم باقى ئىلتەبىر ئەپەندىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ھاياتى 1992-يىلى 8-ئايدا ئائىلىسى بىلەن بىللە قازاقىستانغا تۇغقان يوقلاشقا چىقىپ، كېيىن تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قېلىشتىن باشلانغان. ئۇ 1992-يىلدىن 2000-يىلى 2-ئايغىچە ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ مەدەنىيەت تەتقىقات مەركىزىدە تەتقىقاتچى بولۇپ خىزمەت قىلغان. بۇ جەرياندا «شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن.
- 2000-يىلى 2-ئايدىن 2017-يىلى 8-ئايغا قەدەر ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىدە تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن.
ئائىلىسى
[تەھرىرلەش]ئابلىكىم باقى ئىلتەبىر 1979-يىلى دىلبەر ئىبراھىم خانىم بىلەن توي قىلغان بولۇپ، ئىككى پەرزەنتى بار. ئۇلار بولسا ئەلپىدا ئىلتەبىر ۋە ئەلنىگار ئىلتەبىر دۇر.
باشقىلار
[تەھرىرلەش]- ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرلار
- رابىيە قادىر
- دولقۇن ئەيسا
- ئەركىن ئەكرەم
- پەرھات مۇھەممەد
- ئۆمەر قانات
- نۇرى تۈركەل