خەتتاتلىق

ئورنى Wikipedia

خەتتاتلىق ياكى خەت سەنئىتى ۋە يا كالىگراڧى (يۇنانچە: κάλλος - كاللوس - "گۈزەللىك" + γραφή - گراڧىي "خەت")، يېزىق سېستىمسى ۋە يېزىق قۇراللىرىنى قوللىنىغان، كۆپىنچە گۈزەل كۆرۈنۈش مەقسەدلىك قوللىنىلغان، بىر كۆرۈنۈش سەنئەت تۈرىدۇر. بۇ سەنئەت بىلەن مەشغۇل بولغۇچىلارغا خەتتات ياكى كالىگراڧ دېيىلىدۇ.

خەتتاتلىق خەتنى چرايلىق يېزىش ھۆنىرى دېمەكتۇر. مەئلۇم بىر يېزىش ئۇسلۇبىغا يېزىق تىپى، خەت نۇسخىسى، قول ياكى ئەلىڧبە دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ئوخشىمىغان يېزىقلاردا ئوخشىمىغان شەكىللەردە، ئوخشىمغان جۇغراپىيىلىك رايونلاردا ئوتتۇرىغا چىققان كالىگراڧى، بولۇپمۇ مەتبەئەدىن بۇرۇن ئىنتايىن مۇھىم ئىدى. بۇگۈنكى تىپوگراڧى سەنئىتى بىلەن باغلاشقا بولىدۇ ۋە دائىما يېزىق سېستىمىسىغا ياكى ئوخشىمىغان خەت مەدەنىيىتىگە كۆرە سىنىپلاندۇرۇلىدۇ: ئىسلام خەت سەنئىتى (ئىسلامىي كالىگراڧى)، ئەرەب خەت سەنئىتى (ئەرەب كالىگراڧىسى)، پارس خەت سەنئىتى (پارس كالىگراڧىسى)، ياپون خەت سەنئىتى (ياپون كالىگراڧىسى)، جۇڭگو خەت سەنئىتى (جۇڭگو كالىگراڧىسى) ۋە غەرب خەت سەنئىتى (غەرب كالىگراڧىسى) قاتارلىقلار.

ئەرەب - ئىسلام خەت سەنئىتى[تەھرىرلەش]

ئىسلام دىنىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، ئەرەب خەتتاتلىقىمۇ جايلار مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، خىلمۇخىل ئۇسلۇبتىكى خەت نۇسخىلىرى مەيدانغا كەلدى. ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىلىدىغانلىرىدىن: كۇفى خەت نۇسخىسى، نەسخ خەت نۇسخىسى، سۇلۇس خەت نۇسخىسى، پارس (تەئلىق) خەت نۇسخىسى، دىۋانى خەت نۇسخىسى ۋە رۇقئى خەت نۇسخىسى قاتارلىق ئالتە خىل خەت نۇسخىسى بار. بۇنىڭدىن باشقا يەنە جەللى دىۋانى خەت نۇسخىسى، مۆھۈر خەت نۇسخىسى، تەۋقى خەت نۇسخىسى، ئىجازەت خەت نۇسخىسى، تاج خەت نۇسخىسى، مەغرىب خەت نۇسخىسى ۋە رەيھانى خەت نۇسخىسى قاتارلىقلار بار.