Jump to content

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى

ئورنى Wikipedia
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى
قىسقارتىپ يېزىلىشى ShTMHJ
قۇرۇلۇشى 2006-يىلى
تىپى NGO
باش شتاب ئىستانبۇل، تۈركىيە
رەسمىي تىللار ئۇيغۇرچە
رەئىس ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان
مۇھىم كىشىلەر
تور بەت شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى:Sherqiy Türkistan Maarip ve Hemkarliq Jemiyiti) بولسا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە 2006-يىلى 5-ئايدا قۇرۇلغان جەمئىيەت. شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى 2006 ‏- يىلى ئىستانبۇل شەھرىدە “ شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى“ نى نام بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇنلۇق ھالدا رەسمى قۇرۇلدى.

تارىخى

[تەھرىر]

ئىشغالچى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغان 1949- يىلىدىن باشلاپ تا ھازىرغىچە خەلقىمىزنى باش كۆتەرتمەي زۇلۇم قىلىپ باستۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. نۇرغۇن ئۆلىمالىرىمىز، زىيالىرىمىز ئۆلتۈرۈلدى ۋە ياكى تۈرمىگە قامالدى. تارىخى ئەسەرلىرىمىز كۆيدۈرۈلدى. مەدەنىيەتلىرىمىز يوق قىلىندى. نۇرغۇنلىغان مەسچىد ۋە مەدىرىسلىرىمىز چېقىۋىتلدى. مەجبۇرىي پىلانلىق توغۇت سىياسىتى يۈرگۈزۈپ دۇنياغا تېخى كۆز ئاچمىغان نۇرغۇن بۇۋاقلىرىمىزنى ئانىنىڭ قارنىدا ئۆلتۈرۈپ يوق قىلىۋاتىدۇ. خىتاي كۆچمەنلەرنى ۋەتىنىمىزگە كۆپلەپ يەرلەشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركسىتاندا نوپۇسىمىزنى ئازلىق قىلىپ كۆرسىتىشكە ئورنىۋاتىدۇ. خەلقىمىزنىڭ مال – مۈلكى، يەر- ماكانلىرىنى تارتىۋالدى. شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ سىياسي، ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائي ۋە مىللىي ھەق-ھۇقۇقلىرى ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنماقتا.

ئىشغالچى خىتاي خەلقىمىزنى پۈتۈنلەي ئاسىمىلىياتىسيە قىلش ۋە يوق قىلىش سىياستى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە ، ۋەتىنىمىزنى ئازاد قىلىش، دىنى ئەركىنلىكىمىزنى قولغا كەلتۈرۈش، ئانا تىلىمىزنى قوغداش، مىللىي مائارىپىمىز بويىچە تەلىم ئېلىش، مىللىي مەدەنىيەت ۋە ئۆرۈپ ئادەتلىرىمىزنى ساقلاپ قېلىش خىزمىتى، خەلقىمىزنىڭ غەپلەت ئۇيقۇدىن ئويغىنىشىنى تەقەززا قىلماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن شانلىق مۇسۇلمان ئەجدادىمىزغا ۋارىسلىق قىلغان، ئۇيۇشۇش، ئىتتىپاقلىشىش، ئاساستا بىرلىشىش ۋە ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىش ئۆزىنى شەرقىي تۈركىستانلىق دەپ قارايدىغان ھەر بىر ئىنساننىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان، دىنى، مىللىى، ئىمانى ۋە ۋىجدانى مەجبۇرىيتى بولۇپ قالدى. بۇ مەجبۇرىيەتنى ھەممىمىز جەم بولۇپ بىرلىكتە ئادا قىلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قۇرۇلدى.

رەھبەرلىك ھەيئىتى

[تەھرىر]

ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى

[تەھرىر]

ئەزا تەشكىلاتلار

[تەھرىر]

باشقا شەخسلەر

[تەھرىر]

نەشرىياتى

[تەھرىر]

قارالسۇن

[تەھرىر]

مۇناسىۋەتلىك

[تەھرىر]

تەشكىلاتلار

[تەھرىر]

شەرقىي تۈركىستان

[تەھرىر]

جۇمھۇرىيەتلەر:

مەنبەلەر

[تەھرىر]

    سىرتقى ئۇلانمىلار

    [تەھرىر]

    مەنبەلەر

    [تەھرىر]