كرويسانت (بولكا)

ئورنى Wikipedia
ئوتتۇرانچە چوڭلۇقتىكى كرويسانت

كرويسانت ( ئۇيغۇرچە باشقىچە نامى: كرۇۋسانت، كورسانت، ھىلالئاي بولكا، فىرانسىيە مۈڭگۈز بولكىسى؛ فىرانسۇزچە : croissant ) ئاۋىستىرىيەدىن كەلگەن قاتلاملىق ۋە ھىلال ئاي شەكلىدىكى يېمەكلىك بولۇپ ،كرويسانت ئۇيغۇر تىلىدا « ھىلال ئاي پىشۇرۇق ، ھىلال ئاي» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ . ئۇ پەقەت سېرىقماي بىلەنلا ياسالغان بولغاچقا ، باشقا بولكىلار بىلەن خېلى چوڭ پەرقى بار. كرويسانت ئادەتتە قەھۋە بىلەن بىللە يېيىلىدۇ. كرويسانت فرانسىيەنىڭ مىللىي (ئۇلۇس ياكى دۆلەتلىك) يېمەكلىكى دەپ قارىلىدۇ ، چۈنكى ئۇ ئۇزۇندىن بۇيان فرانسىيە تائاملىرىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئەزاسىدۇر.

كرويسانتنىڭ 13-ئەسىردىن باشلاپ ئاۋىستىرىيەدە ھەر خىل شەكىلدە ياسالغانلىقىغا ئائىت تارىخى پاكىتلار بار. ئاۋسترىيە ئەمەلدارى ئاۋغۇست زاڭ پارىژدا ناۋايخانا ئاچقاندا ، يېمەكلىكلەر فرانسىيىدە مودا بولدى. ئۇ پارىژدا ھىلال ئاي شەكلىدە ياسالغان Viennoiserie (ۋېننا ئۇسلۇبى) تۇرقى بىلەن دۇنياغا تونۇلدى. ھازىر كرويسانت دۇنيا تەۋەسىدا فىرانسىيە كۈلتۈرى ۋە يېمەكلىكلىرنىڭ تاجىسى سۈپىتىدە كەڭ تارقالماقتا ۋە ئالقىشقا ئېرىشمەكتە. كرويسانتنىڭ كۆپ خىل تەملىكلىرى بار، مەسلەن، شاكىلات تەملىك، ئەسلى (سېرىق ماي) تەملىك، يوغۇرت تەملىك، مېغىزلىق، سۈتلۈك ۋە باشقىلار. كرويسانت يۇمشاق، چۈرۈك كېلىدۇ، تائامنىڭ تۇيغۇسى قاتلىما نان ياكى يۇتانىڭ يۇمشاق نۇسخسىغا ئوخشايدۇ. كرويسانتنىڭ بوۋاق، كىچىك، ئوتتۇرانچە، ۋە چوڭ شەكىللىكلىرى بار.

ئالبۇم[تەھرىرلەش]