ئائىشە بىنت ئەبى بەكر

ئورنى Wikipedia
ئائىشە بىنت ئەبۇبەكر

ھز. مۇھەممەدنىڭ رەڧىقىسى

نىكاھ(لار) رەسۇل مۇھەممەد بىن ئابدۇللاھ
ئاتاسى ئەبۇ بەكر سىددىق
ئاناسى ئۇممۇ رومان بىنت ئامىر
توغۇلىشى 604-605
ۋاڧاتى 678
دەڧن جەننەتۇلباقىي
دىنى ئىسلام

ئائىشە بىنت ئەبى بەكر، ياكى ئائىشە بىنت ئەبۇ بەكر (ئەرەبچە: عَائِشَةْ بِنْتِ أَبِي بَكْرْ) (تو. 604\605، مەدىنە - ۋ. 678، مەدىنە)[1] ھز. پەيغەمبەر مۇھەممەد س.ئە نىڭ ئۈچىنچى زەۋجەسى ۋە ئۇممۇل مۇئمىنۇننىڭ بىرىدۇر. ئاتىسى خۇلاڧائى راشىدىننىڭ بىرىنچىسى ھز. ئەبۇ بەكر ر.ئە نىڭ قىزىدۇر. ھز. ،مۇھەممەد س.ئە غا ئوخشاش قۇرەيىش قەبىلەسىدىن ئېرۇر.

سۇننىيلەر تەرەپىدىن ھز. مۇھەممەد ئە.س نىڭ باشقا زەجەلەرىگە ئوخشاشلا ئۇممۇل مۇئمىنۇن (مۇمىنلەرنىڭ ئانىسى) ۋە "سىددىقە" سۈڧەتى بىلەن ياد ئېتىلمەكتە، لېكىن بۇ ھۈرمەت ۋە ئىشەنچ شىئەلەر تەرىپىدىن كۆرسىتىلمەيدۇر.

ھزەرىتى ئائىشە، كۈنىمىزگە يېتىپ كەلگەن نۇرغۇن ھەدىس رىۋايەت قىلغان بىرىنچى قول مەنبئە سۈڧەتىدە قەبۇل قىلىنماقتا.

نەسەبى[تەھرىرلەش]

ئاتا تەرەڧ نەسەبى: ئائىشە بىنت ئەبۇ بەكرى سىددىق ب. ئەبۇ قۇھاڧە ب. ئەمر ب. ئۆمەر. ب. كەئب ب. سەئد ب. تەيم ب. مۇررە ب. كەئب ب. لۇئەي ب. غالىب ب. ڧىھر ب. مالىك ئېرۇر.[2]

ئانا تەرەڧ نەسەبى: ئائىشە بىنت ئۇممۇ رومان بىنت ئەمر ب. ئۇۋەيمىر ب. ئابدشەمس ب. ئەتتاب ب. ئۇزەينە ب. سۇبەي ب. دەھمان ب. ھارىس ب. غەنەم ب. مالىك ب. كىنانە ئېرۇر.[2]

ھز. ئائىشە، ئاتا تەرەپتىن قۇرەيش، تەمىمى، ئانا تەرەپتىن كەنانىي ئېرۇر.[2] ئىسلام پەيغەمبەرى ھز. مۇھەممەد س.ئە بىلەن ئاتا تەرەپتىن يەتتىنچى-سەككىزىنچى بوغۇندا، ئانا تەرەپتىن نەسەبتە بولسا، ئونبىر - ئونئىككىنچى بوغۇندا بىرلىشىدۇ. ھز. ئائىشەنىڭ كۈنيەسى، "ئۇممۇ ئابدۇللاھ" (ئابدۇللاھنىڭ ئانىسى) دۇر.[3] بۇ كۈنيە ئۇ زاتقا مۇھەممەد ئەلەيھىسسلام تامانىدىن بېرىلگەنلىكى ئىڧادە قىلىنماقتا.[3][4][5] تىلغا ئېلىنغان ئابدۇللاھ، ئائىشە ئانىمىزنىڭ قىز قېرىندىشى ئەسما ۋە يېزنىسى زۇبەيرنىڭ ئوغلىدۇر.

ھاياتى[تەھرىرلەش]

ھز. ئائىشەنىڭ ھاياتى بىزگە ئاياللارنىڭمۇ ئىلىمدە ئالىم ئۆلىمالارغا ئۇستاز بولالايدىغان ھالەتتە ئەرلەردىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كېتەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

ھز. ئائىشە ناھايىتى ياش ۋاقتىدىلا مول ۋە چوڭقۇر بىلىملەرنى ئىگىلىگەن ئىدى. ئۇ بالىلىقىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا كەڭ بىلىمى، ئېسىل ئەخلاقى ۋە خۇشخۇي مۇئامىلىسى بىلەن قۇرەيش ئىچىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان دادىسى ئەبۇ بەكرىنىڭ تەربىيىسىدە بولدى. ئەبۇ بەكرى ھۆرمەتلىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى بولۇپ، رەسۇلۇللاھ پەيغەمبەر بولۇشتىن خېلى بۇرۇنلا ئەبۇ بەكرىنىڭ ئۆيىگە پات ـ پات كېلىپ تۇراتتى.

ھز. ئائىشە ياشلىق دەۋرىدە ئۆزىنىڭ كىشىنى جەلپ قىلىدىغان گۈزەللىكى ۋە ئادەتتىن تاشقىرى ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى بىلەن بۈيۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ دىققىتىگە ۋە ياخشى كۆرۈشىگە سازاۋەر بولدى. رەسۇلۇللاھنىڭ ئايالى ۋە يېقىن ساھابىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئائىشە رەسۇلۇللاھتىن ھېچبىر ئايال ئىگىلىيەلمىگەن بىلىملەرنى ئىگىلىگەن ئىدى.

ئائىشە 10 ياشقا كىرەي دېگەندە مەككىدە رەسۇلۇللاھقا نىكاھلاندى. ئەمما ھىجرەتنىڭ 2 ـ يىلى ئائىشە 14 ـ 15 ياشلارغا كىرگەندە ئاندىن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مەيلى نىكاھتىن ئىلگىرى ياكى كېيىن بولسۇن، ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە — ئۇنىڭ ساھابىلىرى، ھەتتا ئۆز ئاتا-ئانىسىمۇ مۇھەببەت باغلىغان، ئۇلۇغلاپ ئىخلاس قىلىۋاتقان پەيغەمبەرگە — ياتلىق بولغانلىقىدىن ھېيىقىش ۋە تارتىنىش يوقتەك، ئىلگىرىكىدەكلا بالىلارچە غەمسىز، خۇشال ـ خۇرام تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇردى. ئائىشە ئۆزىنىڭ توي كۈنى توغرىلىق ئەسلەپ، ئاتاـ ئانىسىنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلغان چاغدا يولدا كېتىۋاتقان بىر دوستى بىلەن ئويناش ئۈچۈن، ئاتاـ ئانىسىغا تۇيدۇرماستىن قورۇغا چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ:

— مەن لىڭگىرتاقتاق ئويناۋاتاتتىم، — دەيدۇ ئۇ،

— ئۇزۇن چاچلىرىم شامالدا چۇۋۇلۇپ قالايمىقانلىشىپ كەتكەن ئىدى، ئۇلار كېلىپ مېنى ئويۇنۇمدىن توختىتىپ ياساندۇردى.

ئۇلار ئائىشەگە بەھرەيننىڭ قىزىل يوللۇق رەختىدىن تىكىلگەن توي كىيىمىنى كەيگۈزدى. ئاندىن ئانىسى يېڭىدىن سېلىنغان ئۆيگە ئېلىپ كەلدى. ئەنسارىلاردىن بەزى ئاياللار ئىشىك تۈۋىدە ئۇلارنى ساقلاۋاتاتتى. ئۇلار ئائىشەگە:

— ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق ۋە خۇشال ـ خۇراملىق ئاتا قىلسۇن، — دەپ سالام بېرىشتى.

شۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا چىقىپ كەلدى. بىر قاچا سۈت كەلتۈرۈلدى، رەسۇلۇللاھ سۈتتىن ئىچىپ، ئاندىن ئائىشەگە بەردى. ئائىشە ئىزا تارتىپ ئىچىشكە ئۇنىمىغان بولسىمۇ، رەسۇلۇللاھنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن سۈتتىن ئىچىپ، ئاندىن قاچىنى يېنىدا ئولتۇرغان ئاچىسى ئەسماغا ئۇزاتتى، باشقىلارمۇ سۈتتىن ئىچىشتى. ئەنە شۇ ئۇلارنىڭ تويىدىكى ئاددىي، ئەمما كاتتا بىر ئىش بولدى. ھېچقانداق توي زىياپىتى ئۆتكۈزۈلمىدى.

پەيغەمبەرگە ياتلىق بولۇش ئۇنىڭ بالىلارچە خۇشال ـ خۇراملىق تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىۋەتمىدى. دوستلىرى دائىم ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا ئۇنى يوقلاپ كېلىپ تۇراتتى. ئائىشە مۇنداق دەيدۇ: «مەن دوستلىرىم بىلەن قونچاقلىرىمنى ئويناۋاتقاندا رەسۇلۇللاھ كېلىپ قالسا، دوستلىرىم ئۆيدىن غىپپىدە چىقىپ كېتەتتى، ئاندىن رەسۇلۇللاھ چىقىپ ئۇلارنى قايتۇرۇپ ئەكىرەتتى، چۈنكى ئۇ مېنىڭ دوستلىرىم بىلەن بىللە بولۇشۇمدىن خۇشاللىناتتى.» بەزى چاغدا رەسۇلۇللاھ ئائىشەنىڭ دوستلىرىنىڭ قايتىدىغان ۋاقتى بولمىسىلا: «ئويۇنۇڭلارنى داۋاملاشتۇرۇڭلار» دەيتتى ۋە قۇشۇلۇپ بىللە ئوينايتتى. ئائىشە مۇنداق دەيدۇ:

«بىر كۈنى مەن قونچاقلىرىمنى ئويناۋاتسام رەسۇلۇللاھ كىرىپ كەلدى ۋە:

— ئى ئائىشە، بۇ قانداق ئويۇن؟ — دەپ سورىدى.

— بۇ سۇلايماننىڭ ئاتلىرى، — دېدىم، رەسۇلۇللاھ كۈلۈپ كەتتى.»

بەزى چاغلاردا ئائىشە ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى ئويناۋاتقاندا كىرىپ قالغۇدەك بولسا، ئۇلارنىڭ ئويۇنىغا دەخلى قىلماسلىق ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ رىداسى بىلەن يۈزىنى تۇسۇۋېلىپ ئۆتۈپ كېتەتتى.

ھز. ئائىشەنىڭ مەدىنىدىكى ھاياتى:[تەھرىرلەش]

بىر قېتىم ئائىشەنىڭ دادىسى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان ئىككى ساھابە مەدىنىدە مەلۇم ئايلاردا بولىدىغان قاتتىق قىزىتما بىلەن ئاغرىپ يېتىپ قالدى. بىر ئەتىگىنى ئائىشە ئۇلارنى يوقلاپ باردى. ئۇلارنىڭ ناھايىتى ئاجىز ۋە ماغدۇرسىز ھالەتتە ياتقانلىقىنى كۆرۈپ، تولىمۇ بىئارام بولۇپ كەتتى. ئائىشە دادىسىدىن ئەھۋالىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى سورىغان ئىدى، ئۇنىڭغا شېئىرغا ئوخشاش بەزى چۈشىنىكسىز سۆزلەر بىلەن جاۋاب قايتۇردى، قالغان ئىككىيلەنمۇ ئوخشاشلا چۈشىنىكسىز بىر نېمىلەرنى دېيىشتى. ئۇ ناھايىتى تىت ـ تىت بولۇپ، ئۆيىگە قايتىپ رەسۇلۇللاھقا:

— قىزىتمىنىڭ سەۋەبىدىن ئۇلار كاللىسىدىن ئادىشىپتۇ، پەلىپەتىش جۆيلۈپ ياتىدۇ، — دېدى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى سورىدى. ئۇ گەرچە ئۇلارنىڭ نېمە دېگەنلىكلىرىنى تولۇق چۈشەنمىسىمۇ، لېكىن ئەينەن سۆزمۇ ـ سۆز قايتىلاپ ئېيتىپ بەردى. بۇ ئائىشەنىڭ نۇرغۇن يىللاردىن كېيىنمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ كۆپلىگەن قىممەتلىك، بىباھا ھەدىسلىرىنى ئەستە قالدۇرغان ناھايىتى كۈچلۈك تۇتىۋېلىش قابىلىيىتىنى نامايان قىلدى.

رەسۇلۇللاھ مەدىنىدىكى ئاياللىرى ئىچىدە ئائشەنى ئەڭ ياخشى كۆرەتتى. بىر قىسىم ساھابىلەر رەسۇلۇللاھتىن بەزىدە سورايتتى:

— يا رەسۇلۇللاھ، سەن دۇنيادا ھەممىدىن كىمنى ياخشى كۆرىسەن؟

رەسۇلۇللاھ بۇ سوئالغا ھەر قېتىمدا ئوخشاش بىر خىللا جاۋاب بەرمەيتتى، چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ قىزلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى، ئەبۇ بەكرىنى، ئەلىنى، زەيدنى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئۇسامەنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى، ئەمما ئاياللىرى توغرىلىق سورالغاندا، ئۇنىڭ تىلغا ئالغىنى پەقەت «ئائىشە» بولدى. ئائىشەمۇ رەسۇلۇللاھنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى ۋە دائىم رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆزىنى قايسى دەرىجىدە ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىش ئارقىلىق كۆڭلى تەسكىن تاپاتتى. بىر قېتىم ئائىشە رەسۇلۇللاھتىن:

— ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭ قانداقراق؟ — دەپ سورىدى.

رەسۇلۇللاھ كۈچلۈك ۋە ئىشەنچلىك دېگەن مەنىدە:

— ئارغامچىنىڭ تۈگۈنچىسىدەك، — دەپ جاۋاب بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئائىشە پات ـ پات «تۈگۈن قانداقراق؟» دەپ سورايتتى. رەسۇلۇللاھمۇ «ئىلگىرىكىدەكلا» دەپ جاۋاب قايتۇراتتى.

ئائىشە پەيغەمبەرگە بولغان مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن قورققانلىقتىن، رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆزىگە قارىغاندا باشقا ئاياللىرىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈپ كېتىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرەلمەيتتى، بىر قېتىم ئۇ رەسۇلۇللاھتىن:

— ئى رەسۇلۇللاھ، ئەگەر سەن تاغ باغرىدا بىرى پادىلار كىرىپ ئوتلىغان، يەنە بىرى تېخى پادا كىرىپ باقمىغان ئىككى يايلاققا كەلسەڭ، پادىلىرىڭنى قايسىسىدا يايلىتىسەن؟ — دەپ سورىدى، رەسۇلۇللاھ:

— تېخى پادا كىرىپ باقمىغان يايلاقتا يايلىتىمەن، — دەپ جاۋاب بەردى. ئائىشە:

— گەرچە شۇنداق بولسىمۇ مەن سېنىڭ باشقا ئاياللىرىڭغا ئوخشىمايمەن، مەندىن باشقا ھەممىسىنىڭ سەندىن ئىلگىرى ئەرلىرى بار ئىدى، — دېدى.

رەسۇلۇللاھ كۈلۈپ قۇيۇپ، باشقا ھېچنېمە دېمىدى. ئائىشە ئۆزىنىڭ شۇ چاغدىكى ھېسسىياتى توغرىلىق كېيىن مۇنداق دەيدۇ:

«مەن رەسۇلۇللاھنىڭ ئاياللىرىنىڭ ھېچبىرىگە خەدىچىگە ھەسەت قىلغاندەك ھەسەت قىلمايمەن. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا جەننەتتە ياقۇتتىن ياسالغان بىر ئىمارەت بىلەن خۇشخەۋەر بېرىشكە بۇيرۇغانلىقىنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيتتى. رەسۇلۇللاھ قاچانلا قوي قۇربانلىق قىلسا، دائىم خەدىچىنىڭ يېقىن دوستلىرىغا ئۇنىڭدىن ئەۋەتىپ بېرەتتى. مەن نۇرغۇن قېتىم رەسۇلۇللاھقا:

— جاھاندا خەدىچىدىن بۆلەك ئايال يوقتەك قىلىپ كېتىدىكەنسەن، — دېگەن ئىدىم.»

بىر قېتىم ئائىشە رەسۇلۇللاھتىن «بىر قېرى قۇرەيش ئايالى» نى نېمە ئۈچۈن شۇنچە چوڭ كۆرۈپ كېتىدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ ئاچچىقلىنىپ:

— ئۇ باشقىلار مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنى ئىنكار قىلغاندا ماڭا ئىمان ئېيتقان ئايال، باشقىلار مېنى يالغانغا چىقارغاندا، ئۇ مېنىڭ راستلىقىمنى چىن كۆڭلىدىن ئېتىراپ قىلدى، مەن ۋاز كەچمەكچى بولغاندا، ئۆزىنىڭ مال ـ دۇنياسىنى سەرپ قىلىپ، مېنىڭ قايغۇـ ھەسرىتىمنى يەڭگىللەتتى، — دېدى.

ئائىشە ناھايىتى قولى ئوچۇق، سەۋرچان ئايال ئىدى. ئائىشە رەسۇلۇللاھنىڭ نامرات ئائىلىسىدىكى جاپالىق تۇرمۇشقا ۋە ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملىشىدىغان ئاچلىققا سەۋر قىلاتتى. رەسۇلۇللاھنىڭ ئازغىنا بىسات بار ئۆيىدە تاماق ئېتىش ۋە نان پىشۇرۇش ئۈچۈن ھېچنېمە بولمىغاچقا، نەچچە كۈنلەپ ئۇچاققا ئوت يېقىلمايتتى، پەقەتلا خورما ۋە سۇ بىلەنلا كۈن ئۆتكۈزەتتى. تۇرمۇشتىكى كەمبەغەلچىلىكتىن ئائىشە قىلچىمۇ رەنجىمىدى ۋە ئىزا تارتىپ كەتمىدى.

بىر قېتىم رەسۇلۇللاھنىڭ ئاياللىرى ئۇنىڭدا يوق نەرسىلەرنى سوراپ ئۇنى خاپا قىلغاچقا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرىدىن بىر ئاي ئايرىلىپ تۇردى. بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ خەيبەر غازىتىدا نۇرغۇن غەنىمەت ئېلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى ئىش ئىدى. بىر ئايدىن كېيىن رەسۇلۇللاھ بىرىنچى بولۇپ، ئائىشەنىڭ ھوجرسىغا باردى، ئائىشە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتتى، ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئايەت نازىل قىلغانلىقىنى، ئائىشەنىڭ ئايەتتە دېيىلگەن ئىككى ئىشتىن بىرىنى تاللىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ ئاندىن ئايەتنى ئوقۇدى:

— ئى پەيغەمبەر! ئارتۇق خىراجەت سوراپ سېنى رەنجىتكەن ئاياللىرىڭغا ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەر دۇنيا ھاياتىنى ۋە ئۇنىڭ زىبۇزىننەتلىرىنى كۆزلىسەڭلار، كېلىڭلار، سىلەرگە بىر ئاز نەرسە بېرەي، ئاندىن سىلەرنى چىرايلىقچە قويۇپ بېرەي، ئەگەر سىلەر ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ۋە ئاخىرەت يۇرتىنى ئىختىيار قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ياخشى ئەمەل قىلغانلارغا كاتتا ساۋاب تەييارلىدى ئائىشە:

— مەن ئەلۋەتتە ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ۋە ئاخىرەت يۇرتىنى ئىختىيار قىلىمەن، — دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن رەسۇلۇللاھنىڭ باشقا ئاياللىرىمۇ ئائىشە بەرگەن جاۋابنى بېرىشتى. ئۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھايات ۋاقتىدا بولسۇن ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن بولسۇن، ئۆزىنىڭ شۇ ۋەدىسىدە مۇستەھكەم تۇردى. كېيىن مۇسۇلمانلار نۇرغۇن غەنىمەت ئالغان چاغدا، ئۇنىڭغا غەنىمەتتىن 100مىڭ دىرھەم تەگدى. ئۇ پۇلنى تاپشۇرۇۋالغان چاغدا روزا تۇتۇۋالغان ئىدى، پۇلنى شۇ چاغدىلا پېقىرـ ھاجەتمەنلەرگە تەقسىملەپ بېرىۋېتىپ، ئۆزىگە ئىپتار قىلغۇچىلىكمۇ بىر نەرسە قالدۇرمىدى. بىر دەمدىن كېيىن ئۇنىڭ بىر چۆرىسى ئۇنىڭغا:

— بىر دىرھەم قالدۇرۇپ قويۇپ، ئىپتار قىلىش ئۈچۈن گۆش سېتىۋالساڭ بولمامدۇ؟ — دېدى.

— ئەگەر ئىپتار قىلىش ئېسىمدە بولغان بولسا ئىدى، شۇنداق قىلغان بولاتتىم، — دەپ جاۋاب بەردى ئائىشە.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىشەگە بولغان مۇھەببىتى ئاخىرىغىچە سۇسلىشىپ قالمىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ كېسىلى بەك ئېغىرلىشىپ قالغاندا، باشقا ئاياللىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشەنىڭ ھۇجرىسىدا تۇردى ۋە بېشىنى ئائىشەنىڭ كۆكرىكىگە ياكى يۇتىسىغا قويۇپ ياتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مىسۋاك سورىدى، ئائىشە قېرىندىشىدىن بىر مىسۋاك ئەكېلىپ، چايناپ يۇمشىتىپ، ئاندىن رەسۇلۇللاھقا بەردى. رەسۇلۇللاھ ئۆزىنىڭ ئاجىزلاپ كەتكىنىگە قارىماي، ئۇنى كۈچ بىلەن چىشىغا سۈركەپ چىشىنى تازىلىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي رەسۇلۇللاھ ھوشىدىن كەتتى. ئائىشە رەسۇلۇللاھنى ۋاپات بولدى دەپ ئويلىغان ئىدى، ئەمما بىر سائەتتىن كېيىن ئۇ كۆزىنى ئاچتى، ئائىشە ئاللاھنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىك پەيغەمبىرىنىڭ سەكراتتىكى مىنۇتلىرىنى بىزگە ئەينەن تەسۋىرلەپ بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە كۆزىنى ئاچقاندا، ئائىشە ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئەسلىدى: «ئاللاھ ھېچبىر پەيغەمبەرگە ئۇنىڭ جەننەتتىكى ئورنىنى كۆرسەتمىگىچە ۋە ياشاش ياكى قەبزى روھ بولۇش ئىختىيارلىقىنى بەرمىگىچە، ئۇنى قەبزى روھ قىلمايدۇ»، «ئۇ ھازىر بىزنى تاللىمايدۇ» دېدى ئائىشە ئۆزىگە، ئاندىن ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ پەس ئاۋازدا:

— ئاللاھ ئۆزىنىڭ رەھمىتىنى چۈشۈرگەن پەيغەمبەرلەر، شېھىتلار ۋە سالىھلار بىلەن جەننەتتىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا بىللە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن، — دېگەنلىكىنى، ئاندىن يەنە پەس ئاۋازدا مۇنداق دەپ دۇئا قىلغانلىقىنى ئاڭلىدى، — ئى رەببىم، مېنى جەننەتتىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا...

ئەنە شۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سۆزلىرى بولدى. ئائىشەنىڭ كۆكرىكىگە قويغان بېشى ئاستا ـ ئاستا ئېغىرلاشتى. ئۆيىدىكىلەر ئېغىر قايغۇغا چۆمدى، ئائىشەمۇ بېشىنى ياستۇققا قويۇپ چوڭقۇر ھەسرەتلىنىپ كەتتى. بارچە كائىنات، تاغلار، دېڭىزلار، دەل ـ دەرەخلەر، قۇشلار... ھەسرەتلىنىپ كەتتى، پۈتۈن دۇنيا مۇسىبەت قايغۇسىغا پاتتى. ئائىشەنىڭ ھۇجرىسىدىكى رەسۇلۇللاھ ياتقان كارىۋاتنىڭ يېنىغا بىر قەبرە كولاندى. قاتتىق گاڭگىراش ۋە ئېغىر قايغۇ ئىچىدە، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى، شەرەپلىك، بۈيۈك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەپنە قىلىندى. ئاللاھ ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىگە ئەڭ ياخشى مۇكاپاتلارنى بەرسۇن، ئامىين!

628 - يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە سەپەرگە چىقىپ قايتىپ كەلگىچە يولدا سەپتىن ئايرىلىپ قالغاندا ياش مۇسۇلمان سەفۋاننىڭ بۈۋى ئائىشەنى ئەكىلىپ قويۇشىدىن كۆڭۈلسىزلىك پەيدا بولغان. بۇ ئىش توغرىسىدا <قۇرئان كەرىم> دىكى سەككىز ئايەتتە بۈۋى ئائىشەنىڭ پاك ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان

ئائىشە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن 50 يىل ئەتراپىدا ئۆمۈر كۆردى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن قىسقىغىنا 10 نەچچە يىل بىللە بولدى. شۇ ۋاقتنىڭ كۆپ قىسمىنى ئاللاھنىڭ مۇھىم ئىككى كۆرسەتمىسى بولغان قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى ئۆگىنىشكە سەرپ قىلدى. ئائىشە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئان كەرىمنى ئەستە قالدۇرغان ئۈچ ئايالىنىڭ بىرى بولدى (قالغان ئىككىسىنىڭ بىرى ھەفسە، يەنە بىرى ئۇممۇ سەلەمە). ھەفسەگە ئوخشاش، ئائىشەمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن قۇرئان كەرىمنى قوليازما قىلىپ يېزىپ چىقتى. رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرى توغرىلىق گەپ بولسىلا ئائىشە 2000 دىن كۆپرەك ھەدىس رىۋايەت قىلغان تۆت ئادەم (قالغانلىرى ئەبۇ ھۇرەيرە، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر، ئەنەس ئىبنى مالىك — ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) نىڭ بىرى بولۇپ تىلغا ئېلىنىدۇ. ئۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەرنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى، ئائىشەدىن باشقا ئادەم ئېيتىپ بېرەلمەيدىغان ئەرـ ئايال ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردۇر. تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭ ھەدىستىن ئىگىلىگەن بىلىملىرى ساھابىلەردىن كېيىنكى ئۆلىمالارنىڭ ئەڭ كاتتىسى بولغان جىيەنى ئۇرۋەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ كىشى تەرىپىدىن يېزىق شەكلى بىلەن بىزگە يىتىپ كەلگەن.

رەسۇلۇللاھنىڭ نۇرغۇن بىلىملىك ساھابىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئائىشەنىڭ بىلىمىدىن مەنپەئەتلەنگەن ئىدى. ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى بىر قېتىم:

— پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى بىرەر مەسىلىدە گاڭگىراپ قالساق، ئۇ توغرۇلۇق ئائىشەدىن سورايتتۇق، — دېگەن ئىدى.

ئائىشەنىڭ جىيەنى ئۇرۋە ئۇنىڭ فىقھى بىلىملىرىگە پىششىق بولۇپلا قالماي، تېبابەتچىلىك ۋە شېئىرىيەتتىمۇ كامالەتكە يەتكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. رەسۇلۇللاھنىڭ نۇرغۇنلىغان پېشقەدەم ساھابىلىرى يۇقىرى ماتىماتىكىلىق كاللا تەلەپ قىلىدىغان مىراسخورلۇققا ئائىت مەسىلىلەردە ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سوراش ئۈچۈن كېلەتتى. ئۆلىمالار ئائىشەنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، ئەلى ۋە ئابدۇللا ئىبنى ئابباسلارغا ئوخشاشلا ئىسلامنىڭ ئەڭ دەسلەپكى فىقھىشۇناسلىرىنىڭ بىرى دەپ ھىساپلىشىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ مول بىلىملىرىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى:

— بۇ قىزىل رەڭلىك ئايالدىن دىنىڭلارنى ئۈگىنىڭلار. «قىزىل رەڭلىك» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «ھۇمەيرە» — پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشەگە بەرگەن نام ئىدى.

ئائىشە چوڭقۇر بىلىملەرنى ئىگەللەپلا قالماي يەنە مائارىپ، جەمىئەت ئىسلاھاتىدىمۇ ئاكتىپ رول ئوينىدى. ئۇ خۇددى ئوقۇتقۇچىدەكلا ناھايىتى ئوچۇق ۋە قايىل قىلارلىق ھالەتتە پىكىر قىلاتتى. ئەھنەف ئائىشەنىڭ نۇتۇق قابىلىيىتىنى ئەڭ ياخشى ئاتالغۇلار بىلەن تەرىپلەپ مۇنداق دەيدۇ:

— مەن ھازىرغا كەلگۈچە ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر، ئوسمان ۋە ئەلىنىڭ نۇتۇقلىرىنى ئاڭلىدىم، ئەمما ھېچكىمنىڭ ئېغىزىدىن ئائىشەنىڭكىدەك قايىل قىلارلىق ۋە گۈزەلراق بولغان سۆزنى ئاڭلاپ باقمىدىم.

ئۇنىڭ بىلىمىدىن ئوزۇق ئېلىش ئۈچۈن، يىراق جايلاردىن ئەرـ ئاياللار كېلىپ تۇراتتى.

ئېيتىلىشىچە ئاياللارنىڭ سانى ئەرلەرنىڭكىدىن كۆپ ئىدى. ئۇ ئۇلارنىڭ سورىغانلىرىغا جاۋاب بەرگەندىن تاشقىرى، ئۆزىنىڭ ھامىيلىقىدىكى يىتىم قىزلار ۋە ئوغۇللارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئۇلارنى ياخشى تەربىيەلەيتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ ئۆيى مەكتەپكە ئايلىنىپ قالدى. ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بەزىلىرى ئۆزلىرىنىڭ كاتتا بىلىمى بىلەن نام چىقارغان ئىدى. بىز ئۇنىڭ جىيەنى ئۇرۋەنىڭ داڭلىق ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئىدۇق. ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىچىدە، ئۆمرە بىنت ئابدۇرراھمان ئىسىملىك بىر ئايالمۇ بار ئىدى. ئۆلىمالار ئۇنى ئەڭ ئىشەنچلىك ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچىلارنىڭ بىرى دەپ قارايدۇ. ئۆمرە ئائىشەنىڭ كاتىۋىدەكلا، ئائىشەگە كەلگەن خەتلەرنى تاپشۇرىۋېلىش ۋە جاۋاب قايتۇرۇش بىلەن مەشغۇل بولاتتى. ئائىشەنىڭ مائارىپنى يۈكسەلدۈرىشى، بولۇپمۇ مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ئىسلام قانۇنى ۋە ئىسلام مائارىپى بىلەن تەربىيىلىنىشى چوقۇم داۋاملاشتۇرۇشقا تېگىشلىك بىر ئىش بولۇپ قالدى.

خەدىچە كۇبرا، فاتىمە زەھرادىن كېيىن، ئائىشە سىددىق ئسلامدىكى ئەڭ ياخشى ئايال دەپ تەرىپلەندى، چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ كۈچلۈك تەبىئىتى بىلەن ئىلىم ـ پەن، جەمئىيەت، سىياسىي ۋە ئۇرۇش ساھەلىرىدە يېتەكچە رول ئوينىدى. ئۇ دائىم ئۆزىنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىپ قالغانلىقىغا قاتتىق پۇشايمان قىلاتتى، ئەمما ئۇزۇن يىل ياشاپ، ئۆزىنىڭ شۇ دەۋىردىكى «ئەڭ ھۆرمەتلىك ئايال» لىق نامىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. ئۇ ھىجرەتنىڭ 58ـ يىلى رامىزان ئېيىدا ئالەمدىن ئۆتتى، ئۆزىنىڭ تەلىپى بويىچە، مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى دەپنە قىلىنغان «جەننەتۇل بەقىي» قا دەپنە قىلىندى.

قاراڭ[تەھرىرلەش]

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام

ئەھلى بەيت

جەمەل ئۇرۇشى

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. "Aishah." Encyclopædia Britannica Ultimate Reference Suite. Chicago: Encyclopædia Britannica, 2011.
  2. 2.0 2.1 2.2 "Hazreti Aişe", Seyyid Süleyman Nedvi,s.20, Timaş yayınları, İstanbul-2003
  3. 3.0 3.1 "Hazreti Aişe", Seyyid Süleyman Nedvi,s.19, Timaş yayınları, İstanbul-2003
  4. Ebû Dâvud, "Kitâbul-edeb"
  5. İbn Hanbel,"Müsne-i Aişe"