ئويغانغان زېمىن

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

بۇگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا ئەڭ مۇۋاڧڧەقىيەتلىك رومانلارنىڭ بىرى بولمىش ئىككى قىسىمدىن تەركىب تابقان ئويغانغان زېمىن رومانىنىڭ مۇئەللىڧى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر بولۇپ، بىرنچى نەشرى 1988- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرەڧىدىن نەشر قىلىنغان[1].

رومان ھەققىدە[تەھرىرلەش]

بۇ تارىخىي رومان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1988-يىل 10-ئايدا نەشر قىلىنغان. روماندا 20-يىللارنىڭ ئاخىرى، 30-يىللارنىڭ باشلىرىدىكى مۇرەككەپ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، 30-يىللارنىڭ باشلىرىدا پارتىلىغان قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ پارتلاش سەۋەبى، قوزغىلاڭنىڭ تەرەققىيات جەريانى ۋە تەقدىرى قاتارلىق مەسىلىلەر تارىخىي ئاساستا چىنلىق بىلەن بايان قىلىنغان. شىنجاڭ ئۆلكىسىگە ئون نەچچە يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، خەلقنىڭ قېنىنى ئىچكەن ياڭ زېڭشىن 1928-يىلى قول ئاستىدىكى ھەربىي ئەمەلدار پەن ياۋنەن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ ھاكىمىيەت ھوقۇقى زالىم، مۇستەبىت جىڭ شۇرېننىڭ قولىغا ئۆتىدۇ. ئۇ، خەلق ئۈستىدىكى ئالۋان-سېلىقنى، زۇلۇم-زورلۇقنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۋەتكەچكە، زۇلۇمغا چىدىمىغان قۇمۇل خەلقى 1931-يىلى خوجانىياز ھاجى، سالى دورغاقاتارلىقلارنىڭ رەھبەرلىكىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ ۋە ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت ئەۋەتكەن چېرىكلەرنى ئارقىمۇ ئارقا مەغلۇپ قىلىپ، غەلبىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. قوزغىلاڭنىڭ دائىرىسى كېڭىيىپ، تۇرپان، توقسۇن قاتارلىق جايلاردىمۇ قوزغىلاڭ پارتىلايدۇ. خەلق قۇزغىلىڭىنىڭ كۈچىدىن چۆچىگەن جىن شۇرېن بىر تەرەپتىن ھەربىي ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن خوجانىياز ھاجىلار بىلەن سۈلھى تۈزۈشكە ئۇرۇنىدۇ. ئاخىرى سۇلھى تۈزۈلۈپ قوزغىلاڭ ۋاقىتلىق پەسكويغا چۈشىدۇ. يازغۇچى رومانىدا مانا مۇشۇ تارىخىي رېئاللىقنى يۈكسەك بەدىئىيلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، ئاشۇ مۇرەككەپ تارىخنى ئەدەبىي يوسۇندا كۆرسىتىپ بەرگەن.

تارىخى ۋەقەلەر تېما قىلىنغان رومانلاردا ، شۇ ۋەقەلەر يۈز بەرگەن دەۋرنىڭ ماددى ھاياتى بىلەن بىر قاتاردا مەنىۋىي قىياپىتىنىمۇ ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرۈش زۆرۈر بولغانلىقتىن ،شۇ دەۋر كىشلىرىنىڭ تۇرمۇش ،ئۆرپ-ئادەت ،دۇنيا –قاراش ،پىكىر –ئىدىيە ،ئىقتاد ۋە سۆزلەش ئۇسۇللىرىنىمۇ چىنلىق بىلەن سۈرەتلەپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ ،روماندا ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان تارىخى دەۋردە رايوندىكى بەئزى يەر ۋە مىللەتلەرنىڭ نامى بۈگۈنكىدىن باشقىچە ئاتىلاتتى ،مەسىلەن ،ھازىرقى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى «ئالتىشەھەر» دەپ ئاتالسا ،بۇگۈنكى ئۇيغۇرلارنى «چەنتو »، خەنزۇلارنى «خىتاي» ،خۇيزۇلارنى «تۇڭگان»، موڭغۇللارنى «قالماق»دەپ ئاتاش ئادەت ئىدى .بىر قىسىم كىشلەر ئارىسىدا ئىسلام دىنىدا بولمىغانلارنى «كاپىر»دەپ ئاتاشمۇ بار ئىدى .بۇ روماندا ئەنە شۇنداق ئادەت خارەكتىرلىك ئاتاش ئەينەن ئېلىنغان ،جۈملىدىن بەئزى سەلبىي ئوبرازلارنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان خاتا كۆز-قاراش ۋە پىكىر مۇلاھىزىلىرىمۇ تارىخى نۇقتىدىن ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن .

تارىخى رومان ئويغانغان زېمىننىڭ نەشىردىن چىققان بىرىنچى قىسىمى تۆتىنچى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئازسانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى باھالاشتا مۇنەۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن[2].

ئويغانغان زېمىن روماننىڭ ئىككىنچى قىسمى 1994- يىلى نەشردىن چىققان[3].

رومان ئەسلىدە ئۈچ قىسىم يېزىش پىلانغان بولۇپ، 2- قىسمى يېزىلىپ بولغاندىن كېيىن، مۇئەللىڧنىڭ سالامەتلىكى يار بەرمەي ئۈچۈنچى قىسمى نەشردىن چىقمىغان.

بەئزى يازغۇچى ئەدىبلەر مەرھۇم يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئانا يۇرت رومانىنى ئويغانغان زېمىن رومانىنىڭ دەۋامى دەپ قارىماقتا.

ئەسەرنىڭ مۇندەرىجىسى[تەھرىرلەش]

بىرىنچى قىسىم

بىرىنچى باب........... ياڭ زېڭشىننىڭ ئۆلۈمى
ئىككىنچى باب ....... ناتونۇش كىشى
ئۈچىنچى باب ........ «ئۆي قاپلىنى»
تۆتىنچى باب ........ كۈشەندە

بەشىنچى باب ....... كىم ئەيىبلىك

ئالتىنىچى باب ....... پىچاق سۆڭەككە يەتكەندە

يەتتىنىچى باب ...... قاپلان ئۆز ماكانىنى تاپتى

سەككىزىچى باب ...... قان بىلەن تۈگىگەن ئەلچىلىك

توققۇزىنچى باب ..... قەبرىستانلىقتىكى پاجىئە

ئونىنچى باب .......... ساتقۇن

ئون بىرىنچى باب .... بالا سەركەردە

ئون ئىككىنچى باب ... غەزەپ

ئون ئۈچىنچى باب .... يولدا قوشۇلغان ھەمراھ

ئون تۆتىنچى باب .... ئەتىكى كۈن نېمە بىلەن باشلىناركىن

ئون بەشىنچى باب .... پىداكار مەھبۇبە

ئون ئالتىنىچى باب .. ناش ئەگمەس تاغلار

ئون يەتتىنىچى باب .. يالقۇنتاغ ئېتىكىدە بوران

ئون سەككىزىنچى باب . كۈتۈلمىگەن ئاقىۋەت


ئىككىنچى قىسىم

بىرىنچى باب.............ئىبلىس ھەرىكەتتە

ئىككىنچى باب...........«ئەمدى نەيزىلەشمەيلى»

ئۈچىنچى باب...........پاجىئە مۇشۇ يەردىن باشلاندى

تۆتىنچى باب............كاڭدىن چىققان« پەرىزات»

بەشىنچى باب............قەشقەردىن خەت

ئالتىنچى باب........«بالا سەركەردە» تۇرپاندا

يەتتىنىچى باب.........جادۇگەرنىڭ ئەپسۇنى

سەككىزىچى باب........باشئەگىم جىلغىسىدا

توققۇزىنچى باب........جىرجىس ھاجى

ئونىنچى باب................قەشقەر ئاسمىنىدا تۇمان

ئون بىرىنچى باب.........يول، كۇچاغا

ئون ئىككىنچى باب........سەكسەن قويغا بىر مىلتىق

ئون ئۈچىنچى باب.........«مېنىڭ بۇ بېشىمغا تاج ياراشمايدۇ»

ئون تۆتىنىچى باب.......ئەجەل كۆلەڭگىسى

ئون بەشىنچى باب........ھاۋادا رادىئو دولقۇنلىرى

ئون ئالتىنىچى باب......ئۈرۈنچى قامال كۈنلىرىدە

ئون يەتتىنچى باب......يول، قەشقەرگە

ئون سەككىزىنچى باب......قانغا بويالغان دىيار

ئون توققۇزىنچى باب......غەلىتە مەھبۇسلار

يىگىرمىنچى باب...........سىرلىق قاچقۇن

يىگىرمە بىرىنچى باب.......تۇمانلىق قىسمەت

يىگىرمە ئىككىنچى باب.......«ئۈرۈمچى سىزنى كۈتىدۇ»

يىگخرمە ئۈچىنچى باب......سەرلەۋھىسىز پاراڭلار

يىگىرمە تۆتىنچى باب......ھەسرەتلىك نىدا

يىگىرمە بەشىنچى باب.....قىسسىنىڭ ئاخىرى


ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]

  1. [1]http://www.wisalstudio.net/uy/Kitaplar-PDF/Oyghanghan_Zimin-1.pdf
  2. http://wiki.izda.com/?a=show&id=67
  3. http://www.wisalstudio.net/uy/Kitaplar-PDF/Oyghanghan_Zimin-2.pdf