ئۇيغۇر تارىخىدىكى چوڭ ئىشلار يىلنامىسى

ئورنى Wikipedia

ئۇيغۇر تارىخىدىكى چوڭ ئىشلار يىلنامىسى

1.بۇنىڭدىن تەخمىنەن 6-7مىڭ يىللار ئىلگىرى : ئۇيغۇر رايۇنىدا ئىنسانلار ياشىغان .

2.مىلادىدىن ئىلگىرىكى 209-يىلى : ھونلار تەڭرىقۇتى مۆتې تەخىتكە چىققان .

3.مىلادىدىن ئىلگىرىكى 176-يىلى : توخرىلار دۇنخۇاڭ . چىليەنشەن تېغى ئەتراپىدىكى غەربكە كۆچۈپ ئىلى دەرياسى ۋادىسىنى ئىگىلىگەن .

4.مىلادىدىن ئىلگىرىكى161-يىلى : ئۈسۇنلار چوڭ توخرىلارنى مەغلۇپ قىلىپ ، ئىلى دەرياسى ۋادىسىنى ئىگىلىگەن .

5.مىلادىدىن ئىلگىرىكى 138-يىلى : جاڭ چيەن غەربىي يۇرتقا تۇنجى قېتىم ئەلچىلىككە كەلگەن.

6.مىلادىدىن ئىلگىرىكى 119-يىلى : جاڭ چىيەن غەربىي يۇرتقا ئىككىنچى قېتىم ئەلچىلىككە كەلگەن.

7.مىلادىدىن ئىلگىرىكى 105يىلى : خەن سۇلالىسى مەلىكىسى شى جۈن ئۈسۇنلارنىڭ كۈنبېيى ئېلجاۋبىيغا ياتلىق بولغان .

8.مىلادىدىن ئىلگىرىكى 101-يىلى : خەن سۇلالىسى بۈگۈر . چېدىردا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈلگەن ، « يالۋاچ چېرىكچى » تەسىس قىلىپ باشقۇرغان.

9.مىلادىدىن ئىلگىرىكى 92-يىلى :ھونلار غەربىي يۇرتتا « چاكارلار كاھبېگى » تەسىس قىلغان .

10.مىلادىدىن ئىلگىرىكى 64-يىلى : خەن سۇلالىسى جېڭ جىنى « پىشامشاننىڭ غەربىي قوغدۇغۇچى ئەمەلدارى » قىلىپ تەيىنلەپ جەنۇبىي يولنى قوغدىغان .

11. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 60-يىلى : خەن سۇلالىسى جېڭ جىنى « غەربىي يۇرت باش قۇرۇقچى بەگ » قىلىپ تەيىنلىگەن ، غەربىي يۇرت خەن سۇلالىسىنىڭ زېمىنى دائىرىسىگە تەۋە قىلىنغان .

12. مىلادى 73-يىلى : بەن چاۋ غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە بارغان .

13. 74-يىلى شەرقىي خەن سۇلالىسى يېڭىباشتىن غەربىي يۇرت باش قورۇقچى بەگ تەسىس قىلىپ چېن مۇنى باش قورۇقچى بەگ قىلىپ تەيىنلىگەن .

14. 91-يىلى شەرقىي خەن سۇلالىسى بەن چاۋنى غەربىي يۇرت باش قۇرۇقچى بەگ قىلىپ تەيىنلىگەن ، ئۇ كۈسەندە تۇرغان.

15. 97 يىلى بەن چاۋ گەن يىڭنى داكچىن (رىم ئىمپىرىيىسى ) غا ئەلچى قىلىپ تەيىنلىگەن.

16. 327-يىلى ئالدىنقى لياڭ ھاكىمىيىتى قۇچۇدا ۋىلايەت – ناھىيە تەسىس قىلغان .

17. 460-يىلى جۇجانلار جۇرچى قەۋىمىنىڭ قۇچۇدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ، گەن بوجۇنى قۇچۇغا پادىشاھ قىلغان .

18. 552-يىلى تۈرك خانلىقى قۇرۇلغان .

19. 583-يىلى تۈرك خانلىقى شەرقىي تۈرك خانلىقى ۋە غەربىي تۈرك خانلىقى دەپ ئىككى قىسىمغا رەسمىي بۆلۈنۈپ كەتكەن .

20. 609-يىلى سۇي سۇلالىسى غەربىي يۇرتتا پىشامشان ، چۇرچاندىن ئىبارەت ئىككى ۋىلايەت تەسىسى قىلغان سۇي سۇلالىسى قۇچۇ بېگى چۈبوياغا كېڭەش تۆرە قۇست ۋالىيسى دەپ مەرتېۋە نامى بەرگەن .

21. 610-يىلى سۈي سۇلالىسى ئېۋىر غۇلدا ۋىلايەت تەسىس قىلغان .

22. تاڭ سۇلالىسى شەرقى تۈركنى تىنچىتقان تاڭ سۇلالىسى ئېۋىرغۇلدا غەربىي ئېۋىرغۇل ئايمىقىنى تەسىس قىلغان .

23. 640 -يىلى تاڭ سۇلالىسى قۇچۇدىكى چۈ جەمەتى بەگلىكىنى ( پادىشاھلىقىنى ) تىنچىتقان ، چۇقۇدا غەربىي ئايماق ، قاغانبۇت شەھىرىدە بېشبالىق ئايمىقى تەسىس قىلغان . يارغول شەھىرىدە يەنە ئەنشى قۇرۇقچى بەگ مەھكىمىسى تەسىس قىلغان .

24 . 646 -يىلى تۇمەت تۇنجى ئۇيغۇر ھاكىمىيىتى بەرپا قىلغان .

25 . 648-يىلى تاڭ سۇلالىسى كۈسەن توپىلىڭىنى تىنچىتىپ ، تىيانشاننىڭ جەنۇبىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن .

26. 649-يىلى تاڭ سۇلالسى كىنگىت كۈسەن ، ئۇدۇن ، سۇلى تۆت قورغاننى تەسىس قىلغان ، بۇ تارىختا « ئەنشەندىكى تۆت قورغان » دەپ ئاتالغان .

27. 651 -يىلى ئاشنا قۇلى تاڭ سۇلالىسىدىن يۈز ئۆرىگەن.

28. 657 -يىلى تاڭ سۇلالىسى ئاشنا قۇلىنىڭ توپىلىڭىنى تىنچىتىپ ، غەربىي تۈرك خانلىقىنى يۇقاتقان ، غەربىي تۈرۈكلەر رايۇنىدا ئىسسىقكۆل ۋە تىنىقنۇر قۇرۇقچى بەگ مەھكىمىسى تەسىس قىلىنىپ غەربىي يۇرتتا بىرلىككە كەلگەن ئەنشى قۇرۇقچى بەگ مەھكىمىسىنى باش قۇرۇقچى بەگ مەھكىمىسى قىلىپ ئۆستۈرگەن.

29. 702-يىلى تاڭ سۇلالىسى ئالتۇنتاغ قۇرۇقچى بەگ مەھكىمىسى ئورنىغا بېشبالىق باش قۇرۇقچى بەگ مەھكىمىسى قىلىپ ئۆستۈرگەن.

30. 744-يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغان .

31. 840-يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى خاككاسلار تەرىپىدىن تارمار قىلىنىپ ، ئۇيغۇر قەبىلىللىرىنىڭ كۆپىنچىسى غەربىي يۇرتقا كۆچۈپ كىرگەن.

32. 866-يىلى بۆگۈ تېكىن قۇچۇ ئۇيغۇر پادىشاھلىقىنى رەسمىي قۇرۇپ چىققان .

33. 9-ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمدا قارخانىلار خانلىقى قۇرۇلغان .

34. 1001-يىلى ئۇدۇن پادىشاھلىقى قارخانىلار خانلىقى تەرىپىدىن ئىشغان قىلىنغان ، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان .

35. 1124-يىلى يەللىغ تاشىن ئۆزىنى خان قىلىپ ، غەربىي لياۋ ( قاراقىتان ) سۇلالىسىنى قۇرغان .

36. 1132-يىلى يەللىغ تاشىن كىرماندا ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئاتىغان .

37. 1134 -يىلى غەربىي لياۋ قۇز ئوردۇنى پايتەخت قىلغان .

38. 1209-يىلى قۇچۇ ئۇيغۇر ئىدىقۇتى – بارچۇق ئارتېكىن مۇڭغۇللارغا ئەل بولغان .

39. 1218-يىلى مۇڭغۇللار غەربىي لياۋنى يۇقىتىپ ، غەربىي يۇرتنى بىرلىككى كەلتۈرگەن.

40. 1251-يىلى مۆڭگۈز بېشبالىق ۋە ئامۇ دەرياسى ۋادىسى قاتارلىق جايلاردا ۋاقىتلىق دىۋانبىگى ۋازارىتىنى تەسىس قىلغان .

41. 1275-يىلى يۈەن سۇلالىسى ئالمالىق ۋاقىتلىق دىۋانبېگى ۋازارىتىنى قۇرۇپ ، ئىلى رايۇنىنى بىر تۇتاش باشقۇرغۇرغان .

42. 1281-يىلى يۈەن سۇلالىسى ئۇيغۇرلار پىچىمچى بەگ مەھكىمىسىنى بېشبالىق قۇرۇقچى بەگ مەھكىمىسىگە تۈزگەن.

43. 1282-يىلى يۈەن سۇلالىسى ئالمالىق ئەمىر – لەشكەر مەھكىمىسىنى تەسىس قىلىپ ، تىيانشاننىڭ شىمالىي تەرىپىنى باشقۇرغان .

44. 1283-يىلى يۈەن سۇلالىسى بېشبالىق ، قارا قۇچۇ ۋە ئۇدۇن ئايغاقچى مەھكىمىسىنى تەسىس قىلغان.

45. 1286-يىلى يۈەن سۇلالىسى بېشبالىق ئەمىر -لەشكەر مەھكىمىسىنى قۇرۇپ ، تىيانشاننىڭ جەنۇبىي تەرىپىنى باشقۇرغان.

46. يۈەن سۇلالىسى كۈسەن ، تارىم ۋە بېشبالىق ئەمىر -لەشكەر مەھكىمىسىنى قۇرۇپ ، تىيانشاننىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىي تەرىپىنى باشقۇرغان .

47. 1348-يىلى شەرقىي چاغاتاي خانلىقى قۇرۇلغان .

48. 1406-يىلى مىڭ سۇلالىسى قۇمۇل سەرۋازخانىسىنى تەسىس قىلغان .

49. 1514-يىلى چاغاتاي ئەۋلادى سۇلتان سەئىدىخان يەكەن خانلىقىنى قۇرغان .

50. 1630-يىلى تۇرغاتلار قەبىلىسى ۋولگا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئىقىمىدىكى رايۇنغا كۆچۈپ بارغان .

51. 1671-يىلى غالدان جۇڭغارلار قەبىلىسىنىڭ ھاكىمىيىتىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان.

52. 1678-يىلى غالدان يەكەن خانلىقىنى يۇقىتىپ تىيانشاننىڭ جەنۇبىي تەرىپىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان.

53. 1690-يىلى غالدان چىڭ سۇلالىسىگە قارشى ئۇرۇش قىلىپ ، ئۇلانباتۇندا چىڭ سۇلالىسى قۇشۇنى تەرىپىدىن قاتتىق مەغلۇپ قىلىنغان .

54. 1696-يىلى غالدان قوشۇنى جۇمۇتۇدا بولغان جەڭدە ، چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى تەرىپىدىن قاتتىق مەغلۇپ قىلىنغان .

55. 1697-يىلى غالدان ئۇشتۇمتۇت كېسەل بولۇپ ئۆلگەن.

56. 1755-يىلى چىڭ سۇلالىسى ئىلىنغان ئەسكەر چىقىرىپ ، داۋاچىنى مەغلۇپ قىلغان.

57. 1757-يىلى ئامۇرسانا مەغلۇپ بولۇپ روسىيەگە قاچقان . چوڭ-كىچىك غۇجىلار توپىلاڭ كۆتۈرگەن.

58. 1759-يىلى چىڭ سۇلالىسى چوڭ-كىچىك غۇجىلار توپىلىڭنى تىنجىتىپ ، ئۇيغۇرنى بىرلىككە كەلتۈرگەن.

59. 1771-يىلى تۇرغۇت قەبىلىسى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن.

60.جاھانگىر خوجا توپىلاڭ كۆتۈرگەن ۋە ئۇنىڭ توپىلىڭى تىنچىتقان.

61. 1851-يىلى چىڭ سۇلالىسى ئوردىسى « جۇڭگو – روسىيە ئىلى ، تارباغاتاي سۇدا نىزامنامىسى » نى مەجبۇرى ئىمزالاتقان.

62. 1854-يىلى چارروسىيە ئىلىمىزنىڭ شەرقىي جەنۇبىنى بېسىۋالغان .

63. 1855-يىلى چۆچەك خەلقى چارروسىيەنى سودا چەمبىرىكىگە ئوت قويۇپ كۆيدۈرگەن .

64. 1864-يىلى ئۇيغۇردا دېھقانلار زور ئىنقىلابى بولغان .

65. 1864-يىلى « جۇڭگو – روسىيە كىلىشىمى » ئىمزالانغان .

66. 1865-يىلى قوقەنلىك ئوفىستىر ياقۇپ بەگ قەشقەرگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن.

67. 1867-يىلى ياقۇپ بەگ « يەتتە شەھەر ھاكىمىيىتى » نى قۇرغان .

68. 1871-يىلى چارروسىيە تاجاۋۇزچى قوشۇنى ئىلىنى بېسىۋالغان.

69. 1872-يىلى چارروسىيە ياقۇپ بەگ بىلەن « روسىيە – قەشقەر شەرتنامىسى » نى ئىمزالىغان .

70. 1875-يىلى چىڭ سۇلالىسى ئېلىدىن باشلقا جايلارنى قايتۇرۋالغان.

71. 1877-يىلى ياقۇپ بەگ ئۇشتۇمتۇت ئۆلگەن شۇنداقلا مەغلۇپ بولغان.

72. 1881-يىلى جۇڭگو روسىيە ئىلى شەرتنامىسى ئىمزالانغان.

73. 1911-يىلى ئۈرۈمچىدە قوزغىلاڭ پارتىلغان .

74. 1912-يىلى ئۇيغۇر – ئىلى ئۇرۇشى پارتىلغان.

75. 1912-يىلى قۇمۇلدا تۆمۈر خەلپە قوزغىلىڭى پارتىلغان.

76. 1913-يىلى تۆمۈر خەلپە ، مۆھىدىن خەلپە ئۆلتىرىلگەن.

77. 1934-يىلى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسى قۇرۇلغان.

78. 1945-يىلى مىللىي ئارمىيە ئۈچ سەپ بويىچە ھۇجۇمغا ئاتلانغان .

79. 1948-يىلى « ئۇيغۇردا تىنىچلىق ، خەلقچىللىقىنى قوغداش ئىتىپاقى » غۇلجىدا قۇرۇلغان.

80. 1949-يىلى ئۇيغۇر ھەربىي رايونى بىلەن ئۇيغۇر ئۆلكىلىك خەلق ھۆكىمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى.

81. تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشىنى مىلادىيە 712-716-يىللىرى ئارلىقىدا تۇنيۇقۇق ھايات ۋاقتىدا ئۆزى تەرپىدىن مەرمەر تاشقا ئويۇپ تەييارلانغان . 1897-يىلى ھازىرقى مۇڭغۇلىيە خەلىق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئولانباتور شەھىرىدىن 60 كېلومىتىر يىراقلىقتىكى بايىن چوكتۇ دېگەن جايدىن تېپىلغان .

82.بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى ﻣﯩﻼﺩﻯ 735 – ﻳﯩﻠﻰ ﻳﻮﻟﻠﯘﻍ ﺗﯧﻜﯩﻦ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ . بىلگە قاغان تاغىسىنى ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ 716 – ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 734 – ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺗﻪﺧﺘﺘﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ .

1950-يىلى 30-يانۋار كۇنى قومۇل ۋىلايىتىنىڭ ئارا تۆرۇك ناھىيىسىدە ناسىر ۋە ئابدۇللا باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر قازاق توپىلاڭچىلىرى قىزىل ئارمىيىنىڭ ئالدىنى توسۇپ ھۇجۇم قىلدى،نۇرغۇن قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى ئۆلتۇرۇلدى.بۇ توپىلاڭغا ئالتايدىكى ئوسمان باتۇر كۇچلىرى كېلىپ قوشۇلدى،توپىلاڭچىلارنىڭ سانى 15مىڭدىن ئېشىپ.ئۇيغۇرنىڭ ئازادلىقىغا چوڭ تەھدىت سالدى. 2.ئوسمان باتۇر 1951-يىلى5-ئاينىڭ2-كۇنى ئۇرۇمچىدە قىزىل ئارمىيە تەرىپىدىن ئېتىپ ئولتۇرۇلدى. 3.ئۇرۇمچىدە 1950-يىلى يانۋاردا 2000دىن ئارتۇق ئاتلىق توپىلاڭچى سىدەق زالىڭ،ئورازباي،ۋەلى رەھبەرلىكىدە قومۇلدىكى توپىلاڭچىلارغا ماسلىشىپ، قىزىل ئارمىيىگە ھۇجۇم قىلدى، مۇستەقىل دكلەت قۇرۇش پىروگىراممىسىنى ئېلان قىلىپ ،جاھىللىق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتتى.دىكابىرغىچە قارشىلىق كۆرسىتىپ ،كۆپ قىسمى ئېتىپ ئۆلتۇرۇلدى،بىر قىسمى چەتئەللەرگە قېچىپ كەتتى. 4.-1951-يىلى غۇلجا شەھرىگە توپلانغان 51نەپەر زىيالىي،«51چىلەر »قۇرۇلتىيىنى ئېچىپ،مەركىزىي مەركىزىي ھۆكۆمەتكە بايانات تاپشۇردى،يامان نىيەت بىلەن مۇستەقىل بولۇشنى تەلەپ قىلدىۋە مىللى ئارمىيىنى كۇشكۇرتۇپ،قۇراللىق توپىلاڭ قىلىشقا تەييارلىنىشنى تەلەپ قىلدى،ئارمىيىمىز بۇلارنىڭ سيقەستىنى ۋاقتىدا سېزىپ يىتىپ،بىتچىت قىلدى. 5.-1951-يىلى 12-نويابىر كۇنى ئۇرۇمچى قاتارلىق قايلاردا ئابدۇل ئەزىز داموللام،قۇربان قۇداي،سېيىت ئەخمەت خوجا،ئابدۇللا سەمەدى،ھامۇت ھاجى،نۇربەك،پاشابەك،جانىمقان قاتارلىق 350 كىشىگە ئۇلۇم جازاسى بېرىلىپ،سوتسىيالىزىم دېكتاتورىسىنىڭ تەمى تېتىتىپ قويۇلدى.2000مىڭدىن ئارتۇق ئۇنسۇر تۇرمىگە تاشلاندى.غۇلجىدا پولكوۋنىك ئابدۇغوپۇر سابىر ھاجىيېۋ، پولكوۋنىك قۇربانجان،ئىلدىرىم مەسئۇت،ياقۇپ راخمانوۋ،سۇيدۇڭدە ئىدرىس،سېيىت ھاقى،قازىباي،بەكرى غازى،ھوشۇرمەت،شىخودىن نەسىردىن ھاكىم قاتارلىقلار، بولۇپ 20000دىن شېرىكى بىلەن مۇستەقىللىقق سۇيقەستىدە بولغانلىقى ئۇچۇن ئازاتلىق ئارمىيە تەرپىدىن ئۆلتۈردى ۋە تۇرمىلەرگە ئۆزگەرتىش ئۇچۇن ئەۋەتىلدى.