سىيەرۇ ئەئلامىن نۇبەلا

ئورنى Wikipedia

سىيەرۇ ئەئلامىن نۇبەلا (ئېسىل زاتلارنىڭ مەشھۇرلىرىنىڭ تەرجىمىھاللىرى / سير أعلام النبلاء)، ئاتاقلىق ھەدىسشۇناس تارىخچى ئىمام زەھەبىي (ھ. 673 – 748 / م. 1274 – 1348) بۈيۈك ئەسىرى «تارىخۇل ئىسلام»دىن سۈزۈپ ئالغان چوڭ ھەجىملىك (25 توم) ۋە قىممەتلىك تەرجىمىھال كىتابى بولۇپ، يەتتە ئەسىر مابەينىدىكى ئۈممەتنىڭ سەرخىللىرىنىڭ ئوبرازىنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

مۇئەللىف بۇ شانلىق ئەسىرىنى ھ. 739 / م. 1338 - يىلى تاماملىغان ۋە 5964 تەرجىمىھالنى 40 تەبىقە ياكى ئەۋلادقا ئايرىپ، دەسلەپكى بىرقانچە جىلدتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سىيرىتى، خۇلەفائى راشىدىنلار ۋە ساھابە كىراملارنى تونۇشتۇرغان.

كېيىنكىلەرنى زامان تەرتىپى بويىچە كەلتۈرگەن ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەشرىقىدىن مەغرىبىگىچە ھەممە يۇرتلاردا ياشىغان تۈرلۈك ساھەلەردىكى مەشھۇرلارنىڭ بولۇپمۇ مۇھەددىسلەرنىڭ تەرجىمىھالىنى ئۆزى بېكىتكەن ئىلمىي مېتود ئاساسىدا يازغان.

تارىخچىلارنىڭ باھالىرىنى مۇھاكىمە قىلغان. ئەسىرىدە نۇرغۇن ھەدىسلەرنى كەلتۈرگەن ۋە ئۇنىڭ سەنەدى ۋە مەتنىدە توختالغان. سەرخىللارغا باھا بېرىشتە مەدھىيە ئوقۇش بىلەنلا كۇپايىلەنمەي، تەنقىدلەنگەن تەرەپلەرنىمۇ بايان قىلغان. ئۇنىڭ تەنقىدىدىن ئۇستازى ئىمام ئىبنى تەيمىيە ۋە ھەتتا ئۆز ئوغلىمۇ ساق قالمىغان.