سۇرە يۇسۇف

ئورنى Wikipedia

UYGHURCHE, [[{{{2}}}|УЙҒУРЧӘ]]

يۇسۇڧ سۈرىسى

سورة يوسڧ

تۈرى مەككەئى
مەنىسى يۇسۇڧ پەيغەمبەر
سانلىق مەئلۇماتلار
بەتلەر 235-248
پارە\جۈز 12-13
سۇرە نومۇرى 12
ئايەت سانى 111
كەلىمە سانى 1795
ھەرف سانى 7125

يۇسۇڧ سۈرىسى (ئەرەبچە:سورة يوسڧ) قۇرئاننىڭ 12. سۈرىسى ۋە 111 ئايەتتۇر. 1-3. ئەيەتلەرنىڭ مەدىنەدە قالغانلىرى مەككەدە نازىل بولغان دەپ قارىلىدۇ.


ئىسمى ھەققىدە[تەھرىرلەش]

111. سۈرىنىڭ تامامىدا دېگۈدەك بايان قىلىنغان ھەزرىتى يۇسۇڧ پەيغەمبەرنىڭ ئىسمىدىن كەلمەكتە.


مەزمۇنى[تەھرىرلەش]

ئۇشبۇ سۇرەدە ئاساسەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلەرىدىن يۇسۇف ئىبن يەئقۇبنىڭ ھاياتى زىكر قىلىنىب، ئۇ زاتنىڭ بېشىغا تۈشكەن بالالار، ئاغا-ئىنىلىرى ۋە بېگانەلەردىن كۆرگەن كۈلفەتلەرى — قۇدۇققا تاشلانغانلىقى، تۆھمەتكە يولىقىشى، زىندانبەند بولغانلىق... ھەققىدە ۋە بۇنداق ئېغىر كورگۈلۈكلەرگە سەبر-تاقەت قىلىشلىرى نەتىجەسىدە ئاخىر-ئاقىبەت زىندان ئازابىدىن خالاس قىلىنىب، پۈتۈن مىسر زېمىنىنىڭ مۈلكۇ خەزىنەسىگە ئىگە بولغانلىقى خۇسۇسىدا سۆز بارىدۇ.

بۇ سۇرە ھۇد سۇرەسىدىن كېيىن — مۇھەممەد ئەلەيھىسسالەم ھاياتىنىڭ ئەڭ قارا كۈنلەرىدە — يېقىنلىرى ھەزرىتى خەدىچە ۋە ئەبۇ تالىبتىن ئايرىلغان، مۇشرىكلار تامانىدىن ئازار- ئەزىيەتلەر چېكىب قىينىلىب يۈرگەن كەزلىرىدا نازىل بولغاندۇر. گويا ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىگە ۋە شۇنداقلا، ئۇ زاتنىڭ بارچە ئۈممەتلىرىگە ئەگەر بېشىغا تۇشكەن بالايۇ كۈلپەتلەرگە ۋە دىيانەتسىز كىمسەلەرنىڭ زۇلم زوراۋانلىقلىرىغا سەبر- قانائەت قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ھەق يولىدىكى كۈرەشلىرىدىن تالماي، ئاللاھنىڭ دىنىدىن قالماي سابىتقەدەم بولۇشسا، پەرۋەردىگارى ئالەم ئۇلارنى زۇلمەتلەردىن ۋە تار - تەڭلىكچىلكلەردىن خالاس قىلىپ، نۇرلۇق، باخت - سائادەتلىك كۈنلەرگە يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۋاتقاندەك. بۇ سۇرىنىڭ نەزم ئۇسلۇبىدا ئۆزگىچىە لاتاپەت، ئالاھىيدە جازىبە مەۋجۇدكى، ئىسلام ئالەمىدىكى ئەڭ بۈيۈك قەلەم ئەھللىرى ئۇندىن مۇتەئەسسىر بولۇب، شىئېر ۋە داستانلار پۈتكەن، ئۇلەمالار ئىسە، بۇ سۇرە خۇسۇسىدا جىلد-جىلد كىتابلار تەسنىف ئەتكەنلەر. شۇنداق ئەسەرلەردىن بىرىدا «يۇسۇف سۇرەسى جەننەت ئەھللىرى جەننەتتە ھەم راھەت بىلەن تىلاۋەت قىلىب يۈرىدىغان سۇرەلەردىندۇر»، دېيىلگەن بولسا، يەنە بىرىدە: «ھەر قانداق غەم-تاشۋىشكە پاتقان مەھزۇن كىشى يۇسۇف سۇرەسىنى ئىشىتىشى بىلەن ئارام-ئاسايىش تاپۇر»، دەيىلىدۇ.


ئۇلىنىش[تەھرىرلەش]

سۇرە يۇسۇڧ {{|url=https://web.archive.org/web/20160125133723/http://ayet.info/sure.php?id=12 |date=2016-01-25 }}

ئالدىدا نازىل بولغا سۈرە:
{{{1}}}
سۇرە يۇسۇفنىڭ پۈتۈن مەتنى كېيىن نازىل بولغان سۈرە:
{{{2}}}
مۇسھەف تەرتىپىگە كۆرە سۈرىلەر
1 · 2 · 3 · 4 · 5 · 6 · 7 · 8 · 9 · 10 · 11 · 12 · 13 · 14 · 15 · 16 · 17 · 18 · 19 · 20 · 21 · 22 · 23 · 24 · 25 · 26 · 27 · 28 · 29 · 30 · 31

32 · 33 · 34 · 35 · 36 · 37 · 38 · 39 · 40 · 41 · 42 · 43 · 44 · 4546 · 47 · 48 · 49 · 50 · 51 · 52 · 53 · 54 · 55 · 56 · 57 · 58 · 59 · 60 · 61
62 ·
63 · 64 · 65 · 66 · 67 · 68 · 69 · 70 · 71 · 72 · 73 · 74 · 75 · 76 · 77 · 78 · 79 · 8081 · 82 · 83 · 84 · 85 · 86 · 87 · 88 · 89 · 90 · 91
92 ·
93 · 94 · 95 · 96 · 97 · 98 · 99 · 100 · 101 · 102 · 103 · 104 · 105 · 106 · 107 · 108 · 109 · 110 · 111 · 112 · 113 · 114