شاكال بەدىيان

ئورنى Wikipedia
شاكال بەدىيان

شاكال بەدىيان ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ھەزىمنى ياخشىلاش، يەل تارقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. شاكال بەدىيان ئادەتتە قارامۇچ، كاۋاۋىچىن، قىزلمۇچ، ياغمۇچ قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر بىلەن ئاچچىق-چۈچۈك تائاملارنى ئېتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى شاكال بەدىيان
ئەرەبچە نامى بىدىيان، رازىيەنەچ
ئىنگلىزچە truestar Anise

Illicium verum

تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
خەنزۇچە ئاتىلىشى 八角茴香 ba jiao huo xing
پارسچە نامى سېنى
ئوردۇچە نامى بادىيان سېنى، ئاناس پەلى

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

بۇ ماگىنولىيە ئائىلىسىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان، ئېگىزلىكى 10 ~14 مېتىرغىچە ئۆسىدىغان چاتقال دەرەخنىڭ ئۇرۇقى بولۇپ، تەمى ئاچچىق، پۇراقلىق كېلىدۇ. بۇ دەرەخنىڭ ئۇرۇقى «بەدىيان چىنى» ياكى «شاكال بەدىيان» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

تارقىلىش جۇغراپىيەسى[تەھرىرلەش]

ئېلىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، يۈننەن، تەيۋەن، گۈيجۇ، فۇجيەن قاتارلىق جايلىرىدىن چىقىدۇ.

يىغىش ۋە ساقلاش[تەھرىرلەش]

ھەر يىلى ئىككى قېتىم يىغىۋېلىنىدۇ. 2- ، 3- ئايدا پىشقان مېۋىسى ئاز چىقىدۇ. 8- ، 11– ئايلار بولسا يىغىۋېلىشنىڭ مول – ھوسۇل پەيتى. يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن، ئاپتاپتا ياكى بوش ئوتتا قاقلىتىپ قۇرۇتىلىدۇ. قۇرۇق – سالقىن جايدا ساقلىنىدۇ.

ئۈنۈملۈك تەركىبى[تەھرىرلەش]

مېۋىسىدە %5 ئۇچۇچان ياغ (Oleum Foeniculi)، تەخمىنەن %22 مايلىق ياغ، ئاقسىل، دىۋىرقاي قاتارلىقلار بار

فارماكولوگىيىلىك  تەسىرى[تەھرىرلەش]

1. ئۇچۇچان ماي تەركىبىدىكى ئانتول غىدىقلاش رولىغا ئىگە، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئاشۇرۇپ، قورساق ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ، بەلغەم بوشىتىش رولىغا ئىگە.

2. شاكال بەدىيان قايناتمىسى ئىنسانلاردىكى سىل تاياقچە باكتېرىيىسى ۋە سىبلىس تاياقچە باكتېرىيىسىگە نىسبەتەن تورمۇزلاش رولىغا ئىگە.

ئورۇنباسارى[تەھرىرلەش]

بەسباسە.

ئەكىس تەسىرى[تەھرىرلەش]

باش ئاغرىقىنى پەيدا قىلىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى[تەھرىرلەش]

قۇرۇتۇلغان شاكال بەدىيان.

ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى[تەھرىرلەش]

يەل تارقاتقۇچى مۇرەككەپ چايلىق.

كېسەللىك مىسالى[تەھرىرلەش]

سوغۇقتىن بولغان قۇسۇش، قورساق ئاغرىقى، بۆرەك كېسىلى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بەل ئاغرىقى، بۆرەك ئاجىزلىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى[تەھرىرلەش]

1. شاكال بەدىياننى قارا چاي بىلەن قوشۇپ دەملەپ ئىچسە، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ، يەل تارقىتىدۇ.

2. پىننە، بەدىيان، زىرە، شاكال بەدىيانلارنىڭ ھەر بىرىدىن 10 گرامدىن، دارچىن، لاچىندانە، سۇمبۇللارنىڭ ھەر بىرىدىن بەش گرامدىن ئېلىپ، چالا سوقۇپ، چاي دەملەپ ئىچسە ئاشقازاننى قىزىتىپ، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ، سوغۇق يەللەرنى تارقىتىدۇ.

3. شاكال بەدىيان ۋە سۆئلەپتىن 10 گرام، شاقاقۇلدىن 5 گرام، دارچىندىن گرام ئېلىپ ، قائىدە بويىچە سوقۇپ، جايلىق ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، بۆرەك ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

مىقدارى[تەھرىرلەش]

5 ~ 3 گرامغىچە.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار[تەھرىرلەش]

پەي – مۇسكۇللارنى بوشىتىۋېتىدۇ، باش ئاغرىتىدۇ، قورۇپ ئىشلىتىلىدۇ.

ئالبۇم[تەھرىرلەش]