شۇئەبۇل ئىمان

ئورنى Wikipedia

شۇئەبۇل ئىمان (ئىمان شاخچىلىرى توپلىمى / شعب الإيمان - الجامع لشعب الإيمان)، مەشھۇر مۇھەددىس ۋە شافىئىي فەقىھ ئەھمەد ئىبنى ھۈسەين ئەلبەيھەقىي (ھ. 384 – 458 / م. 994 - 1066) تەرىپىدىن كامىل ئىماننى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن قىلىنىدىغان دىنىي ئىش - ھەرىكەتلەر ھەققىدە تەسنىف قىلىنغان 7 جىلدلىق ئەسەردۇر.

مۇئەللىف ئەسەرنى يېزىشتا بۇخارالىق شافىئىي فەقىھ ئەبۇ ئابدۇللاھ ئەلھەلىيمىي (ھ. 338 – 403 / م. 950 - 1012) نىڭ شۇ نامدىكى بىر ئەسىرىنى ئۆرنەك ئالغان ۋە دەۋرىدىكى ئىماننىڭ ھەقىقىتى ھەققىدىكى تالاش - تارتىشلارنى ھەل قىلىشنى ئويلىغان ھەمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئىمان ئاتمىش نەچچە شاخچىدۇر، ھايامۇ ئىماننىڭ بىر شاخچىسىدۇر» دېگەن ھەدىسىنى چىقىش قىلغان.

ئەسىرىنى 12 بابقا بۆلۈشتىمۇ ئەبۇ ئابدۇللاھ ھەلىيمىيگە ئەگەشكەن. ئەسەرنىڭ مۇھەممەد ئىبنى سەئىد نەشرى 1100 بەتلىك ھەدىس ۋە ئەسەر مۇندەرىجىلىرى بولۇپ، توپلام 12 مىڭ 269 رىۋايەتتىن تەشكىل تاپقان.

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]