شەرھى سەھىھۇ مۇسلىم

ئورنى Wikipedia

شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم (منهاج المحدثين وسبيل طالبيه المحققين في شرح صحيح أبي الحسين مسلم بن الحجاج القشيري). ئىمام مۇھيىددىن نەۋەۋىي (ھ. 631 – 676 / م. 1233 – 1277) تەرىپىدىن ئىمام مۇسلىمنىڭ «ئەلمۇسنەدۇسسەھىھ»ناملىق يىرىك ئەسىرىگە (ھ. 664 – 675 / م. 1266 – 1276 - يىللار ئارىلىقىدا) ۋاپاتىدىن بىر يىل بۇرۇن تاماملانغان شەرھ بولۇپ، «سەھىھۇ مۇسلىم»نىڭ ئەڭ ياخشى شەرھلىرىدىن بىرىدۇر.

ئىمام بۇ شەرھنى يېزىشتا ئىلگىرىكى شەرھلەردىن بولۇپمۇ قازى ئىيازنىڭ شەرھىدىن كۆپرەك پايدىلانغان بولۇپ، پايدىلانغان ۋە ئىسمىنى تىلغا ئالغان 16 خىل ئىلىمدىكى مەنبەلەر 250 كە يېتىدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي بۇ ئەسىرىگە ئىنتايىن قىممەتلىك بىر مۇقەددىمە يازغان بولۇپ، ئۇنىڭدا بۇ شەرھىگە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى بايان قىلغان. ئاندىن بىرقانچە پاراگرافتا سەھىھۇ مۇسلىم راۋىيلىرىنىڭ ئەھۋالى، ھەدىس ئىلمىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالغان. ئاندىن ئىمام مۇسلىم بىلەن ئارىلىقىدىكى ئۇستازلىرىنىڭ تەرجىمىھاللىرىنى بايان قىلغان ۋە «سەھىھۇ مۇسلىم»نى مۇناسىپ بابلارغا ئايرىپ، بابلارغا ئىسىم قويغان. راۋىيلارنىڭ تەرجىمىھالىنى، ئىشەنچلىك دەرىجىسىنى بېرىش بىلەن بىللە ئىسىملىرىنى زىر - زەبەر بىلەن ئېنىق قىلىپ بېكىتكەن.

ھەدىسلەردىن ئېلىنىدىغان ئىلمىي مەزمۇننى گاھىدا ئىخچام، گاھىدا تەپسىلىي يازغان. ھەربىر قاراشنى ئۆز ئىگىسىگە نىسبەت بەرگەن. بەزىدە ئوقۇرمەننى ئۆزىنىڭ باشقا ئەسەرلىرىگە مۇراجىئەت قىلىشقا بۇيرۇغان. ئالىملار بىردەك ئىجماﺋ قىلغان مەسىلىلەرنى تىلغا ئالغان ۋە ناتونۇش سۆزلەرنى ئىزاھلىغان. بۇ ئىخچام شەرھ بەزى نەشرىدە 18 تومدا بېسىلغان.