مۇسەننافۇ ئىبنى ئەبى شەيبە

ئورنى Wikipedia

مۇسەننەفۇ ئىبنى ئەبى شەيبە (ھەدىسلەر ۋە ساھابە – تابىئىنلار بايانلىرى توپلىمى مصنف ابن أبي شيبة - المصنف في الأحاديث والآثار)»، مەشھۇر مۇھەددىس، مۇفەسسىر ۋە تارىخشۇناس ئەبۇبەكرى ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەبي شەيبە (ھ. 159 – 235 / م. 776 – 850) نىڭ ئەڭ مەشھۇر ئەسىرى. مۇئەللىف ئۆزىگە يېتىپ كەلگەن ھەدىسلەرنى ۋە ئۇلارنى ئىزاھلىغان ساھابە بايانلىرى بىلەن تابىئىن پەتۋالىرىنى سەنەدلىرى بىلەن بىرلىكتە توپلىغان ۋە كېيىن بۇلارنى بۆلۈم ۋە بابلارغا ئايرىپ تەسنىف قىلغان. مۇئەللىف بۇ ئەسىرى بىلەن فىقھىي مەزھەبلەر تېخى شەكىللەنمىگەن ئۆز دەۋرىدە ھەدىسلەردە مەۋجۇد ئەھكاملارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ۋە نامايان قىلىشقا تىرىشقان.

كىتاب «كۇتۇبۇ سىتتە» (ئالتە كىتاب) دىن بۇرۇنقى دەۋردە تەئلىف قىلىنغان مۇھىم ئەسەرلەردىن بولۇپ، سەئىد ئەللەھھام تەرىپىدىن 9 تومدا چاپى قىلىنغان ئەڭ يېڭى نەشرىدە 41 بۆلۈم، 5435 بابتىن تەشكىل تاپماقتا. ئەسەردە 38 مىڭغا يېقىن ھەدىس بار بولۇپ، كامال يۈسۈف ئەلھۇت نەشرىدە 37 مىڭ 943 ھەدىس مۇقىمدالغان.