مەجمەئۇززەۋائىد

ئورنى Wikipedia

مەجمەئۇززەۋائىد (‹زەۋائىد ھەدىسلەر› جەمگاھى / مجمع الزوائد ومنبع الفوائد)، مۇھەددىس نۇرىددىن ئەبۇلھەسەن ئەلھەيسەمىي (ھ. 735 – 807 / م. 1335 – 1405) نىڭ ئۆزى يازغان بەش «زەۋائىد» – بەزى ھەدىس كىتابلىرىدا قەيت قىلىنغان ھالدا مۆتىۋەر ھەدىس مەنبەلىرىدە بولمىغان رىۋايەتلەر جەملەنگەن ئەسەرلەر – كىتابىنى ئۇستازى ھافىز ئىراقىينىڭ تەكلىپ بېرىشى بىلەن بىرلەشتۈرگەن كىتابى بولۇپ، ئۇنىڭدا «كۇتۇبۇ سىتتە» (ئالتە كىتاب) دە بولمىغان، «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، تەبەرانىينىڭ ئۈچ «مۇئجەم»ى، «مۇسنەدۇ ئەبى يەئلا» ۋە «مۇسنەدۇ بەززار»لاردا كەلگەن ھەدىسلەرنى جەملىگەندۇر.

بۇ قىممەتلىك ئەسەر تەتقىقاتچىلارنىڭ ھەدىسلەرنى ئەسل مەنبەلىرىدىن تېپىشىنى قولايلاشتۇرۇپلا قالماي، يوقىلىپ كەتكەن تەبەرانىينىڭ ئۈچ «مۇئجەم»ىنىڭ بىر قىسمىنىمۇ بىزگە ساقلاپ بەرگەن. بۇ جەھەتتىن ھەدىس تەتقىقاتىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەدىسلەرنىڭ سەنەدلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلمىغان بولسىمۇ، فىقھ بابلىرى بويىچە تىزىپ كەلتۈرۈش ۋە سەنەدلەرگە باھا بېرىش ئارقىلىق ئورنىنى تولدۇرغان. 10 جىلد، 44 بۆلۈم، 3642 باب ۋە 18 مىڭ 776 ھەدىستىن تەشكىل تاپماقتا.