ئا
Jump to navigation
Jump to search
ئا (ɑ،a) ھەرىپى ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنىڭ بىرىنچى ھەرپى ۋە سەككىز سوزۇق تاۋۇشنىڭ بىرىدۇر.
رەت جەھەتتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان شەيئىنى بىلدۈرىدۇ. م: ئا سىنىپ، "ئاۋۇ 1- يىللىق ئا سىنىپقا كىرىڭ".
- يۈك. پىئېللارنىڭ ئاخىرىغا قوشۇلۇپ تەكىتلەشنى بىلدۈرىدۇ:
چاققانراق ماڭغىن+ا؛ كېلىمەن دەمسىز+ا!
- تۇرغۇن سۆزلەردىن پىئېل ياسايدىغان قوشۇمچە: ياش+ا=ياشا؛ ئوين+ا=ئوينا؛[1]
- بەزى ئىسىملارغا قوشۇلۇپ قاراتمىلىق مەنىسى ئىپادىلەيدۇ.
ئوقۇلىشى[تەھرىرلەش]
ئا ھەرىپىنىڭ ئەرەب ئەلىفبەسى «آ» ھەرىپىگە يېقىن بولۇپ، خەلقئارالىق ترانسكرېپسىيە بويىچە (\a\،\ɑ\) م: ئادەم (Adem)، ئاتا (Ata)؛
تۈرلىنىشى[تەھرىرلەش]
ئا ھەرىپى ھەم لەۋلەشمىگەن ھەم تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشتۇر.
يېزىلىشى[تەھرىرلەش]
ئاۋۋال ئوڭدىن سولغا ئاساسىي گەۋدە (ىا) سوڭرە يوقرىدىن تۆۋەنگە ھەمزە (ء) يېزىلىدۇ. پەقەت ئوتتۇرا ئا (ا) يوقرىدىن تۈۋەنگە تۈز يېزىلىدۇ.
باشتا | ئوتتۇرا\ئاخىرىدا | ئاخىرىدا | ئاخىرىدا ئايرىم |
---|---|---|---|
ئا | ا | ﺎ | ﯫ |
باشقا ئەلىفبەلەردە:[تەھرىرلەش]
لاتىن: A,a
رۇس: A,a
مەنبە[تەھرىرلەش]
- ↑ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى، 1. توم 1. بەت