ئۇيغۇر تىلىنىڭ شىۋىلىرى

ئورنى Wikipedia

ئۇيغۇر تىلىنىڭ شىۋىلىرى ياكى دىيالېكتلىرى، دىيالېكت مەلۇم رايوندىكى خەلقلەرنىڭ ئۆزئارا ئالاقىلىشىش قورالى بولۇپ، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ئۇيغۇر تىلىنى دىيالېكتلارغا بۆلۈشتە، ئۇيغۇرتىلىنىڭ تەركىبىي قىسىملىرى – فونېتىكا، لېكسىكا ۋە گىرامماتىكا قاتارلىقلاردا ئومۇمىي، سىستېمىلىق بولغان پەرقلەندۈرگۈچ ئالاھىدىلىكلەر ئۆلچەم قىلىنغان.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلى مانا شۇ ئۆلچەمگە ئاساسەن ئۈچ دىيالېكتقا بۆلۈنگەن. ئۇلار:

  • مەركىزىي دىيالېكت
  • خوتەن دىيالېكتى
  • لوپنۇر دىيالېكتى

سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، مائارىپ جەھەتلەردە باشقا رايونلارغا ئۈلگىلىك تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ۋە يېتەكلەش رولىغا ئىگە بولغان، كۆلەم جەھەتتە ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۇيغۇرلار ياشايدىغان رايوننىڭ تەخمىنەن 3/4 قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان، نوپۇس جەھەتتە باشقا شىۋە ياكى دىيالېكتتا سۆزلىشىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىدىن تەخمىنەن بەش ھەسسە ئارتۇق بولغان (80%)، باشقا دىيالېكتلارغا نىسبەتەن ئەدەبىي تىلىمىزغا يېقىن بولغان، شەرقتە قومۇلدىن تارتىپ، غەربىي جەنۇبتا يەكەنگىچە بولغان قومۇل، ئىلى، تۇرپان، بايىنغۇلىن، ئاقسۇ، كۇچا، قەشقەر قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە ئۈرۈمچى، قاراماي قاتارلىق شەھەرلەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەدەبىي تىلنىڭ مەركىزىي دىيالېكتى يېتەكچى دىيالېكتنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولغان.