گىرامماتىكا

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

مەزمۇنى

گرامماتىكا دېگەن نېمە؟[تەھرىرلەش]

گرامماتىكا تىل ئىلمىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، تىل تاۋۇشلىرىنى، سۆز - جۈملىلەرنىڭ شەكلى، تۈزۈلىشى، مەنىسى ۋە تۈرلىرىنى، سۆزلەرنىڭ جۈملىلەردىكى رولى ۋە مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. گرامماتىكا يەنە تىلنىڭ قۇرۇلما قانۇنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ مورفولوگىيە بىلەن سىنتاكىسىسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


فونېتىكا دىگەن نىمە؟[تەھرىرلەش]

فونېتىكا بولسا تىل تاۋۇشلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.


لېكسىكا دېگەن نېمە؟[تەھرىرلەش]

سۆزلۈكلەرنى تەتقىق قىلىدىغان پەن لېكسىكا دەپ ئاتىلىدۇ.


ئىسىم دېگەن نېمە؟[تەھرىرلەش]

ئادەم ۋە شەيئىلەرنى بىلدۇردىغان سۆزلەر ئىسىم دەپ ئاتىلىدۇ.


سۆزنىڭ لېكسىكىلىق مەنسى ۋە گرامماتىكىلىق مەنىسى دېگەن نېمە؟[تەھرىرلەش]

سۆزنىڭ لېكسىكىلىق مەنسى بولسا ئايرىم تۇرغاندىكى خاس مەنىسىنى كۆرسىتىدۇ.

سۆزنىڭ گىرامماتىكىلىق مەنىسى بولسا باشقا سۆزلەر بىلەن قوشۇلۇپ كەلگەن چاغدا ئىپادىلەيدىغان مەنىسىنى كۆرسىتىدۇ.


سۆز دېگەن نېمە؟[تەھرىرلەش]

تاۋۇش جەھەتتىن ئايرىلماس بىر گەۋدە بولۇپ شەكىللەنگەن، ئايرىم تۇرغاندا مۇستەققىل بىر ئۇقۇمنى ئىپادىلەيدىغان ئەڭ كىچىك تىل بىرلىگى سۆز دىيىلىدۇ.


جۈملە دېگەن نېمە؟[تەھرىرلەش]

سۆز ياكى سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ مەلۇم گرامماتىكىلىق قائىدىلەر بويىىچە بىرىكىشىدىن تەركىب تاپقان، نىسپىي ئاياقلاشقان ئوي-پىكىرنى ئىپادىلەيدىغان ئالاقە بىرلىكى جۈملە دەپ ئاتىلىدۇ.


سان دېگەن نېمە؟[تەھرىرلەش]

ئادەم ۋەنەرسىلەرنىڭ سانىنى، سان جەھەتتىكى مىقدارىنى ۋە دەرىجىسىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر سان دەپ ئاتىلىدۇ. سان ئاساسلىقى:قانچە، نەچچە، قانچىنچى، نەچچىنچى دىگەن سۇئاللارغا جاۋاپ بۇلۇپ كىلىدۇ.


تىلىمىزدىكى سۆزلەر بىلدۈرىدىغان مەنىسىگە قاراپ قايسى تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ؟[تەھرىرلەش]

سۆزلەر خاس مەنىسىگە قاراپ بىر مەنىلىك سۆز، كۆپ مەنىلىك سۆز دەپ ئايرىلىدۇ. سۆزلەرنى تۈزۈلىشىگە قاراپ تۈپ سۆز، ياسالما سۆز، بىرىكمە سۆز، جۈپلەنمە سۆز، تەكرارلانما سۆز، قىسقارتىلما سۆز ۋە قاتما سۆز دېگەن تۈرلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ. سۆزلەرنى مەنىسى ۋە تۈرلىنىش ئالاھىدىلىكىگە قاراپ يەنە ئىسىم، سۈپەت، پېئىل، ئالماش، رەۋىش. . . قاتارلىق تۈرلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ.


تۈپ سۆز دېگەن نېمە، ياسالما سۆز دېگەنچۇ؟[تەھرىرلەش]

تۈپ سۆز — بىرلا باش مورفېمىدىن تۈزۈلگەن سۆزلەر تۈپ سۆزلەر دەپ ئاتىلىدۇ . مەسىلەن، ئىش، ئۈن، خىزمەت، ساندۇق، ئەمگەك . .

تۈپ سۆزلەرگە سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنى قوشۇش ئارقىلىق ياسالغان سۆزلەر ياسالما سۆزلەر دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: ئىشچى، توپچى، خىزمەتچى، ئەمگەكچى، . . . .


ئۇيغۇر تىلىنىڭ لۇغەت تەركىبى دېگەن نېمە؟ ئۇ قانچىگە بۆلىنىدۇ؟[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوغەت تەركىۋى ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆزلۈكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆزلۈكى ئاساسىي سۆزلۈك ۋە ئومۇمىي سۆزلۈك دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. ئومۇمىي سۆزلۈك ئۆز ئىچىدىن يەنە كونا سۆزلەر، يېڭى سۆزلەر، كەسپىي سۆزلەر، دېئالېكىت سۆزلىرى، ئەدەبىي سۆزلەر، چەت تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەر دېگەندەك بىرقانچە تارماققا بۆلۈنىدۇ.


بىرىكمە سۆز دېگەن نېمە، جۈپلەنمە سۆز دېگەنچۇ؟[تەھرىرلەش]

ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق باش مورفېمىنىڭ بېقىندىلىق مۇناسىۋەتتە بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن سۆزلەر بىرىكمە سۆز ياكى بىرىككەن سۆزلەر دەپ ئاتىلىدۇ.

ئىككى سۆزنىڭ ياكى بىر سۆز بىلەن ئادەتتە مۇستەقىل قوللىنىلمايدىغان باشقا بىر تەركىبنىڭ ۋەياكى مۇستەقىل قوللىنىلمايدىغان ئىككى تەكىبنىڭ جۈپلىنىشىدىن ھاسىل بولغان سۆزلەر جۈپلەنمە ياكى جۈپ سۆزلەر دەپ ئاتىلىدۇ.


مەنىداش سۆزلەر دېگەن نېمە؟ قارشى مەنىلىك سۆزلەر دېگەنچۇ؟[تەھرىرلەش]

بىلدۈرىدىغان مەنىلىرى ئوخشاش ياكى ئوخشاپراق كېتىدىغان، تەڭ ياكى يېقىن بولغان سۆزلەر مەنىداش سۆزلەر دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن:

چىرايلىق، ئۇز، سېتەڭ

ياخشى، بېلەن، ئوبدان،

تۈن، كېچە،

تاڭ، سەھەر، سۈبھى

. . .

دېگەنگە ئوخشاش.

بىلدۈرىدىغان مەنىلىرى بىر-بىرىگە قارمۇ-قارشى بولغان سۆزلەر قارشى مەنىلىك سۆزلەر دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن:

مەينەت، پاكىزە؛

چىرايلىق، سەت؛

ئىگىز، پەس؛

. . . دېگەنگە ئوخشاش.


تەكرارلانما سۆز دېگەن نېمە؟ قىسقارتىلما سۆز دېگەنچۇ؟[تەھرىرلەش]

ئىسىم بىلەن تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى ئارقىلىق تۈزۈلگەن تاۋۇش بىرىكمىسىنى تەكرارلاش ئارقىلىق ياسالغان سۆزلەر تەكرارلانما سۆز دېيىلىدۇ. مەسىلەن : كىيىم- كېچەك، جان-جەھلى. . . . . قاتارلىقلار.

تۇراقلىق سۆز بىرىكمىسى ئىچىدىكى سۆزلەرنىڭ بىرىنچى ھەرىپىنى ياكى بىر بوغۇمىنى قايتا بىرىكتۇرۇش ئارقىلىق ياسالغان سۆزلەرقىسقارتىلما سۆز دېيىلىدۇ. مەسىلەن: ب د ت، ش ئۇ ئا ر، پارتكوم، تىلكوم . . . . . . قاتارلىقلار.


قاتما سۆز دېگەن نېمە؟[تەھرىرلەش]

ئۇزاق ئەسىرلىك ئىستىمال جەريانىدا خاس بولغان تىل ئادىتى تۈپەيلىدىن بىر قىسىم سۆز ياكى سۆز بىرىكمىلىرى بەلگىلىك گىراماتىكىلىق شەكىلدە تۇراقلىشىپ قالىدۇ. بۇنداق سۆزلەرنى قاتما سۆز دەيمىز.

مەسىلەن: ھاجىم، بېگىم، قاقتى-سوقتى، توغرىسىدا، باشتا. . . دېگەندەك مۇئەييەن شەكىلدە قېلىپلىشىپ قالغان سۆزلەر.


سۈپەت دېگەن نېمە؟[تەھرىرلەش]

شەيئىلەرنىڭ خۇسۇسىيىتى، خاراكتېرى قاتارلىق بەلگىلىرىنى بىلدۇرىدىغان سۆزلەر سۈپەت دەپ ئاتىلىدۇ.

مەسىلەن: بىر جۈپ يوغان قىزىل شام ئاددىي، لىكىن رەتلىك يىغىشتۇرۇلغان ئۆينىڭ ئىچىنى يۇپيۇرۇق قىلىۋەتتى.

. . .

بۇ جۈملىدىكى "يوغان، قىزىل" دېگەن سۆزلەر "شام" دېگەن سۆزنىڭ خاراكتېرىنى بىلدۇرگەن سۈپەت سۆزلىرىدۇر.


تۈپ سۈپەت ۋە ياسالما سۈپەت دېگەن نېمە؟[تەھرىرلەش]

تۈپ سۆزلەردىن تۈزۈلگەن سۈپەت تۈپ سۈپەت دەپ ئاتىلىدۇ . مەسىلەن، ياخشى، يامان، ئېگىز، پاكار. . .

تۈپ سۈپەتكە سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنى قوشۇش ئارقىلىق ياسالغان سۈپەتلەر ياسالما سۈپەت دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: ياخشىچاق، يامانراق، ئېگىزرەك، پاكارراق. . .


پېئىل دېگەن نېمە؟[تەھرىرلەش]

ئىش -ھەرىكەت، پىسخىكىلىق پائالىيەت ۋە ئۆزگىرىش قاتارلىقلارنى بىلدۇردىغان سۆزلەر پېئىل دەپ ئاتىلىدۇ .

مەسىلەن: ئوقۇ - ، سۆزلە - ، سۆي- ، خۇشاللان- ، قىزار- ، ئۆل-، . . . . . . ۋە باشقىلار.


تاق پېئىل ۋە بىرىككەن پېئىل دېگەن نېمە؟[تەھرىرلەش]

بىرلا سۆز تومۇرىدىن تۈزۈلگەن پېئىل تاق پېئىل دېيىلىدۇ. م : ماڭ، تۇر، ئال. . .

ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق پېئىلنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن پېئىل بىرىككەن پېئىل دېيىلىدۇ.


سۆز تۈركۈمى[تەھرىرلەش]

تىلىمىزدىكى سۆزلەر مۇئەييەن مەنىگە ئىگە بولۇپ، بەزى سۆزلەر يەككە ھالدا مەلۇم مەنىنى ئىپادىلىسە، بەزى سۆزلەر جۈملىدە باشقا سۆزلەرگە قۇشۇلۇپ قۇشۇمچە مەنىلەرنى بىلدۈرۈىدۇ. سۆزلەرنىڭ تۈرلىنىش ۋە باشقا سۆزلەر بىلەن بىركىش ئالاھىدىلىكلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. تىلىمىزدىكى سۆزلەرنىڭ بىلدۈرگەن مەنىلىرى ۋە تۈرلىنىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى –سۆز تۈركۈملىرى دېيىلىدۇ.


تىلىمىزدىكى سۆزلەر ئالدى بىلەن، ئايرىم تۇرغاندا، لېكسىكىلىق مەنە ئىپادىلىشى ياكى ئىپادىلىمەسلىكى، ئۆز ئالدىغا جۈملە بۆلىكى بولالىشى ياكى بولالماسلىقىغا ئاساسەن مۇستەقىل سۆزلەر ياكى ياردەمچى سۆزلەر دەپ ئىككى چوڭ گۇرۇپپىغا بۆلۈنىدۇ.


مۇستەقىل سۆزلەر – ئايرىم تۇرغاندا لېكسىكىلىق مەنە ئىپادىلەيدىغان، جۈملىنىڭ مەلۇم بۆلىكى بولالايدىغان سۆزلەر بۇلۇپ، تىلىمىزدىكى مۇستەقىل سۆزلەر : ئىسىم، سۈپەت، سان، مىقدار سۆز، ئالماش، پېئىل، رەۋىش ۋە تەقلىد سۆزلەرگە بۆلۈنىدۇ.


ياردەمچى سۆزلەر – ئايرىم تۇرغاندا، لېكسىكىلىق مەنە ئىپادىلىمەيدىغان، ئۆز ئالدىغا جۈملە بۆلىكى بولالمايدىغان، پەقەت مۇستەقىل سۆزلەرگە ياكى جۈملىلەرگە قۇشۇلۇپ، قۇشۇمچە مەنە بىلدۈرىدىغان، سۆز-جۈملىلەرنى باغلاش رولىنى ئوينايدىغان سۆزلەر بۇلۇپ، تىلىمىزدىكى ياردەمچى سۆزلەر : باغلىغۇچىلار، ئۇلانمىلار (يۈكلىمىلەر) ۋە تىركەلمىلەر (سۆز ئارقا ياردەمچىلىرى) دەپ ئۈچ تۈرگە بۈلۈنىدۇ.


ئىسىم[تەھرىرلەش]

ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ، ۋەقە ھەم تەبىئەت ھادىسلىرىنىڭ نامىنى بىلدۈرىدىغان سۆز تۈركۈمى ئىسىم دېيىلدۇ. مەسىلەن: مەھمۇد، كىتاپ، يامغۇر ئىسىملارغا ئادەملەر ئۈچۈن «كىم، كىملەر»، نەرسىلەر ئۈچۈن «نېمە، نېمىلەر» دېگەن سۇئال ېرىلدۇ. ئىسىملار مەنە دائىرىسى جەھەتتىن تۆۋەندىكىدەك تۈرلەردە بولىدۇ.

1) ئادەم ئىسىملىرى 2) كەسىپ ئىسىملىرى 3) جۈنلىق نەرسىلەر ئىسىملىرى (قوي) 4) جانسىز نەرسىلەر ئىسىملىرى (قەلەم) 5) تەبىئى ھادىسىلەر ئىسىملىرى (يامغۇر) 6) ئىجتىمائى ھادىسىلەر ئىسىملىرى (زىياپەت) 7) ئابىستىراكىت ئىسىملار (تەشكىلات) 8) نەسەپ، تۇققانچىلىق ئىسىملىرى (بوۋا ) 9) جۇغراپىيەلىك ئىسىملار (دەريا، قىتئە)؛ 10) مەمۇرى بۆلۈنمە ئىسىملىرى (دۆلەت، ۋېلايەت) 11) بەلگە-ھالەت ئىسىملىرى (خوشاللىق، نامراتلىق ) 12) ئورۇن-جاي ئىسىملىرى (قەشقەر) 13) مىللەت، قەبىلە ئىسىملىرى 14) پەسىل، ۋاقىت ئىسىملىرى


سۈپەت[تەھرىرلەش]

ئادەم ۋە نەسىلەرنىڭ بەلگىسىنى (رەڭگى، تەمى، ھەجمى، خۇسۇسىيىتى، خۇلقى، پۇرىقى) بىلدۈرىدىغان سۆز تۈركۈمى سۈپەت دېيىلدۇ. مەسىلەن: قىزىل، تاتلىق، كەڭ، ھورۇن، يېڭى، خۇشبۇي، سىلىق، رەتلىك، مۇستەھكەم، ئازادە


سان[تەھرىرلەش]

ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ سانىنى، ھېسابىنى ۋە رەت تەرتىپىنى بىلدۈرىدىغان سۆز تۈركۈمى سان دېيىلدۇ. مەسىلەن: ئۈچ، مىليۇن، بىرىنچى، بەشەيلەن


مىقدار[تەھرىرلەش]

ئادەم ۋە نەرسە ۋە ئىش – ھەركەتنىڭ ھېساپلاش بىرلىكىنى بىلدۈرىدىغان سۆز تۈركۈمى – مىقدار دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: كىلوگىرام، مېتىر، دانە، نەپەر، توننا


ئالماش[تەھرىرلەش]

ئىسىم، سۈپەت، سان، سان-مىقدار بىرىكمىسى، تەقلىدى ۋە بىر قىسىم رەۋىشلەرنىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ شۇ سۆز تۈركۈملىرىنىڭ رولىدا كېلىدىغان سۆز تۈركۈمى – ئالماش دېيىلدۇ. مەسىلەن: مەن، سەن، ئۇلار، قەيەر، قانچە، قايسى، قېنى، كىم، ئۆز، ھېچكىم، بارلىق، ھەرقاچان


پېئىل[تەھرىرلەش]

ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ ئىش-ھەركىتىنى بىلدۈرىدىغان سۆز تۈركۈمى پېئىل دېيىلدۇ. مەسىلەن: ماڭ، ئولتۇر، سۆزلە، ئۆگىنىش، كەلدى، يازما، پاراڭلاشقاچ


رەۋىش[تەھرىرلەش]

ئىش – ھەركەتنىڭ ۋاقتى، ئورنى، ھالىتى، سۈپىتى ۋە دەرىجىسىنى بىلدۈرىدىغان سۆز تۈركۈمى – رەۋىش دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: ئەتىگەن، ئاۋال، يۇقىرى، كەينى، تويۇقسىز، ئىنتايىن


تەقلىد سۆز[تەھرىرلەش]

ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ ھەم تەبىئەت ھادىسلىرىنىڭ ھەر خىل ئاۋاز ۋە ھالەتلىرىگە تەقلىد قىلىپ ئېيتىلغان سۆز تۈركۈمى تەقلىدى سۆز دېيىلدۇ. مەسىلەن: جاراڭ-جۇرۇڭ پال-پۇل


باغلىغۇچىلار[تەھرىرلەش]

سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرىنى ھەم قوشما جۈملە تەركىبىدىكى ئاددى جۈملىلەرنى ئۆز ئارا باغلاش رولىنى ئوينايدىغان ياردەمچى سۆزلەر باغلىغۇچى دېيىلدۇ مەسىلەن: بىلەن، ۋە، ھەم ئەمما، بىراق، شۇڭا، يەنە، ھەتتا، بەلكى، ياكى، چۈنكى


تېركەلمىلەر[تەھرىرلەش]

ئىسىم ياكى ئىسىم خارەكتىرىدىكى سۆزلەرگە قۇشۇلۇپ، شۇ سۆزنىڭ جۈملە ياكى سۆز بىرىكمىسىدىكى باشقا سۆزلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بىلدۈرىدىغان ياردەمچى سۆزلەر تېركەلمىلەر دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: ئۇچۇن، دائىر، ئائىت، قەدەر، قارىتا، نىسپەتەن، ئىبارەت، ئارقىلىق، ھەققىدە، توغرۇلۇق،


يۈكلىمىلەر[تەھرىرلەش]

سۆز، سۆز بېرىكمىسى ۋە جۈملىلەرگە قۇشۇلۇپ، قۇشۇمچە مەنە بېرىدىغان ياردەمچى سۆزلەر يۈكلىمىلەر (ئۇلانمىلار) دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: دۇ، غۇ، چۇ، لا، زە، دە، ھە


ئىملىق سۆز[تەھرىرلەش]

كىشىلەرنىڭ تۈرلۈك ھېس تۇيغۇلىرىنى (خوشاللىنىش، زوقلىنىش، ھەيران بولۇش، پۇشايمان قىلىش ) ۋە بۇيرۇق چاقىرىقلىرىنى بىلدۈرىدىغان سۆز تۈركۈمى – ئىملىق سۆز دېيىلدۇ. مەسىلەن: ھوي، ۋايجان، پاھ، ھەي، ۋاي-ۋۇي، خوش، ئاپلا، ئىست

مۇستەقىل سۆزلەر: ئىسىم، سۈپەت، سان، مىقدار، ئالماش، پېئىل رەۋىش، تەقلىد سۆز

ياردەمچى سۆزلەر: باغلىغۇچىلار، تىركەلمىلەر(سۆز ئارقا ياردەمچىلىرى)، يۈكلىمىلەر(ئۇلانمىلار)


ئىسىملارنىڭ بىرلىك ۋە كۆپلۈك تۈرى[تەھرىرلەش]

ئىسىملار جۈملىدە بىرلىك ۋە كۆپلۈك شەكلىدە كېلىپ، شۇ ئىسىم ئىپادىلىگەن شەيئىنىڭ سان جەھەتتىن بىر ياكى بىردىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

1)بىرلىك ساندىكى ئىسىم : بىرلا ئادەم ياكى بىرلا نەرسىنى بىلدۈرىدىغان ئسىملاردۇر؛ مەسىلەن: تاغ، قوغۇن، مەكتەپ، پىئونېر

2) كۆپلۈك ساندىكى ئىسىملار : بىردىن ئۇشۇق ئادەم ياكى بىردىن ئارتۇق نەرسىنى بىلدۈرىدىغان ئىسىملاردۇر؛ مەسىلەن: بالىلار، گۈللەر

3) ئىسىملارنىڭ كۆپلۈك شەكلى ئادەتتە بىرلىك شەكلىنىڭ ئاخىرىغا «لار، لەر»نىڭ قۇشۇلۇشى بىلەن ياسىلىدۇ. ئۇنىڭ ياسىلىشى قائىدىسى تۆۋەندىكىچە:

(1) ئاخىرى تىل ئارقا سۇزۇق تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن بۇغۇن بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە «لار»، تىل ئالدى سۇزۇق تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن بۇغۇم بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە «لەر» ئۇلىنىدۇ. مەسىلەن: بالا+لار مەكتەپ + لەر

(2) ئىسىملارغا كۆپلۈك قۇشۇمچىلىرىدىن باشقا يەنە سۆز ياسىغۇچى ۋە سۆز تۈرلىگۈچى قۇشۇمچىلارمۇ ئۇلىنىپ كېلىدۇ. بۇنداق چاغدا سۆزلەرنىڭ بىرلىك ۋە كۆپلۈك مەنىسى ئۆزگەرمەيدۇ. مەسىلەن: ئوقۇغۇچىغا، ئوقۇغۇچىلارغا


ئىسىملارنىڭ تەۋەلىك قۇشۇمچىلىرى[تەھرىرلەش]

ئىسىم ئىپادىلىگەن ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ قايسى شەخىسكە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان قۇشۇمچىلار تەۋەلىك قۇشۇمچىلىرى دېيىلدۇ. تىلىمىزدىكى ئسىملارنىڭ تەۋەلىك شەكىللىرى ئۈچ شەخىسكە بۆلۈنىدۇ. بىرىنچى شەخىس سۆزلىگۈچى بۇلۇپ، بىرلىك ھەم كۆپلۈك شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئىككىنچى شەخىس تىڭشىغۇچى بۇلۇپ، ئاددى تۈر، سىپايە تۈر، ھۆرمەت تۈر بويىچە بىرلىك ھەم كۆپلۈك شەكىلدە بولىدۇ. ئۈچىنچى شەخىس ئۆزگە بۇلۇپ، سان جەھەتتىن پەرىقلەنمەيدۇ.

1) بىرنچى شەخىس: بىرلىك تۈرى: م، ئىم، ئۇم، ئۈم ئانام

كۆپلۈك تۈرى: مىز ئىمىز ئانىمىز

2) ئىككىنچى شەخىس: بىرلىك ئاددى تۈرى: ڭ، ئىڭ، ئۇڭ، ئۈڭ ئاناڭ

كۆپلۈك تۈرى: ڭلار، ئىڭلار، ئۈڭلار، ئۇڭلار ئاناڭلار

بىرلىك سىپايە تۈرى: ڭىز، ئىڭىز ئانىڭىز

كۆپلۈك سىپايە تۈرى: ڭىزلەر، ئىڭىزلەر ئانىڭىزلەر

ھۆرمەت تۈرى: لىرى ئانىلىرى

3) ئۈچىنچى شەخىس: سى ئى ئانىسى، كۆزى


تەۋەلىك قۇشۇمچىلىرى ئۇلانغان ئىسىملارنىڭ ئىملاسى

1) «ئا، ئە» سوزۇق تاۋۇشلىرى بىلەن تۈزۈلگەن بىر بۇغۇملۇق ئىسىملارغا تەۋەلىك قۇشۇمچىلىرى ئۇلانغاندا، شۇ سۆزلەر تەركىبىدىكى «ئا، ئە» سۇزۇق تاۋۇشلىرى «ئې» سۇزۇق تاۋۇشىغا نۆۋەتلىشىدۇ ۋە شۇنداق يېزىلىدۇ. مەسىلەن؛ ئاش + ئىم = ئېشىم

2) «ئا، ئە» سۇزۇق تاۋۇشلىرى بىلەن تۈزۈلگەن كۆپ بۇغۇملۇق ئىسىمغا ياكى ئاخىرقى بۇغۇمىغا «ئا، ئە» بىلەن ئاياغلاشقان كۆپ بۇغۇملۇق ئىسىملارغا تەۋەلىك قۇشۇمچىلىرى ئۇلانغاندا، شۇ ئىسىملارنىڭ ئاخىرقى بۇغۇمدىكى «ئا، ئە» سۇزۇق تاۋۇشلىرى «ئى»سۇزۇق تاۋۇشىغا نۆۋەتلىشىدۇ ھەم شۇنداق يېزىلىدۇ. مەسىلەن: ئانا+سى=ئانىسى

3) بەزى سۆزلەر تۇراقلىق ئورغۇغا ئىگە بولغاچقا، ئۇ سۆزلەر سۇزۇپراق ئوقۇلغاندا، سۇزۇپراق تەلەپپۇز قىلىندۇ. ئۇنداق سۆزلەرگە تەۋەلىك قۇشۇمچىلىرى ئۇلانسىمۇ، ئەمما ئۇ سۆزلەردىكى «ئا، ئە» سۇزۇق تاۋۇشلىرى ئاجىزلاشماي، يەنىلا ئۆز پېتى تەلەپپۇز قىلىندۇ. مەسىلەن: نام+ئى= نامى


ئىسىملارنىڭ كېلىشلەر بىلەن تۈرلىنىشى[تەھرىرلەش]

ئىسىلارنى جۈملىدىكى باشقا سۆزلەر بىلەن باغلايدىغان، ئىسىملارنىڭ سۆز بېرىكمىسى ياكى جۈملىدىكى ۋەزىپىسىنى بەلگىلەيدىغان قۇشۇمچىلار كېلىش قۇشۇمچىلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. ئىسىملارغا كېلىش قۇشۇمچىلىرىنىڭ ئۇلىنىپ يېزىلىشى، ئىسىملارنىڭ كېلىشلەر بىلەن تۈرلىنىشى دەيمىز.

ئىسىملارنىڭ كېلىش قۇشۇمچىلىرى ئىسىملارنىڭ بىرلىك ۋە كۆپلۈك شەكلىگە ئۇلىنىدۇ. بەزىدە ئىسىملارغا ئاۋال كۆپلۈك قۇشۇمچىلىرى ئاندىن تەۋەلىك قۇشۇمچىسى، ئاخىرىدا كېلىش قۇشۇمچىلىرى قۇشۇلۇلىدۇ. ئومۇمەن كېلىش قۇشۇمچىلىرى تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە ئۇلىندۇ.

ئىسىم + سان (كۆپلۈك) + تەۋەلىك + كېلىش

مەسىلەن : قەلەم (بىرلىك ئىسىم) + لەر (كۆپلۈك) – ئىم (تەۋەلىك) + نى (كېلىش)

ئۇيغۇر تىلىدا تۆۋەندىكىدەك ئالتە كېلىش بار.

كېلىش نامى قۇشۇمچىسى مىسال

باش كېلىش يوق قەلەم

ئىگىلىك كېلىش نىڭ قەلەمنىڭ

چۈشۈم كېلىش نى قەلەمنى

يۆنىلىش كېلىش غا، قا، گە، كە، قە قەلەمگە

چىقىش كېلىش دىن تىن قەلەمدىن

ئورۇن كېلىش دا، تا، دە، تە قەلەمدە


باش كېلىش[تەھرىرلەش]

ئىسىملارنىڭ كېلىش قۇشۇمچىلىرى قۇشۇلمىغان شەكلى ئارقىلىق جۈملىدىكى بايان قىلىنغۇچىنى (ئادەم ياكى نەرسىلەرنى) بىلدۈرىدىغان كېلىش شەكلى بۇلۇپ، ئۇنىڭ قۇشۇمچىسى يوق. باش كېلىشتە كەلگەن ئىسىملارغا «كىم، نېمە، كىملەر، نېمىلەر، كېمىسى، نېمىسى» دېگەندەك سۇئاللار بېرىلدۇ.


ئىگىلىك كېلىش[تەھرىرلەش]

ئىسىملارنىڭ جۈملىدىكى ئىگىلىگۈچى شەيئىنى (ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ كىمگە، نېمىگە قاراشلىق ئىكەنلىكىنى) بىلدۈرىدىغان كېلىش شەكلى بولۇپ، قۇشۇمچىسى «نىڭ» ؛ ئۇنىڭغا «كىمنىڭ، نېمىنىڭ »دېگەن سۇئاللار بېرىلىدۇ. ئىگىلىك كېلىشتە كەلگەن ئىسىملار جۈملىدە دائىم تەۋەلىك قۇشۇمچىلىرى ئۇلىنىپ كەلگەن ئىسىملار بىلەن باغلىنىپ، شۇ ئىسىملار بىلەن بىللە كېلىدۇ. مەسىلەن: بۇ كۆلنىڭ سۈيى سۈزۈك

جۈملىدە بەزىدە ئىسىملارغا ئۇلىنىپ كېلىدىغان ئىگىلىك كېلىش قۇشۇمچىسى «نىڭ» چۈشۈپ قالىدۇ. ئۇنىڭ چۈشۈپ قالغانلىقىنى شۇ ئىسىملا باغلىنىپ كەلگەن سۆزلەرگە ئۇلانغان تەۋەلىك قۇشۇمچىلىرى ئارقىلىق بىلىشكە بولىدۇ. مەسىلەن: ئىلى ئالمىسى – ئىلنىڭ ئالمىسى

ئىگىلىك كېلىش قۇشۇمچىسى «نىڭ» چۈشۈپ قالغان ئىسىملار كۆرۈنۈشتە باش كېلىشتە كەلگەن ئىسىملاردەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇلار باش كېلىشتە كەلگەن ئىسىملار ھېساپلانمايدۇ. بەلكى ئىگىلىك قۇشۇمچىسىز ئېيتىلغان ئىگىلىك كېلىشتە كەلگەن ئىسىملار ھېساپلىنىدۇ.


چۈشۈم كېلىش[تەھرىرلەش]

ئىسىملارنىڭ جۈملىدىكى ئىش ھەرىكەتنى قۇبۇل قىلغۇچى شەيئىنى بىلدۈرىدىغان كېلىش شەكلى بۇلۇپ، قۇشۇمچىسى «نى»، چۈشۈم كېلىشتە كەلگەن ئىسىملار ئىش ھەركەتنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر بىلەن باغلىنىپ كېلىدۇ. چۈشۈم كېلىشتىكى ئىسىملارغا «كىمنى، نېمىنى، كىملەرنى، نېمىلەرنى» دېگەن سۇئاللار بېرىلىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا چۈشۈم كېلىشتە كەلگەن ئىسىملاردىكى چۈشۈم كېلىش قۇشۇمچىسى «نى» چۈشۈپ قالىدۇ. بۇنداق ۋاقىتلاردا چۈشۈم كېلىشتە كەلگەن ئىسىملارغا «نېمە» دېگەن سۇئال بېرىلدۇ. مەسىلەن: ئەكبەر كىتاپنى ئوقۇۋاتىدۇ.

چۈشۈم كېلىش قۇشۇمچىسى چۈشۈپ قېلىپ ئېيتىلغان ئىسىملارنى باش كېلىشتە كەلگەن ئىسىملار دەپ قاراشقا بولمايدۇ.


يۆنىلىش كېلىش[تەھرىرلەش]

ئىسملارنىڭ جۈملىدىكى ئىش ھەركىتىنىڭ يۆنىلىشىنى بىلدۈرىدىغان كېلىش شەكلى بۇلۇپ، قۇشۇمچىسى «غا، قا، گە، كە، قە» بۇ خىلدىكى ئىسىملارغا «كىمگە، نېمىگە، كىملەرگە، نېمىلەرگە، قەيەرگە، نەگە» دېگەن سۇئاللار بېرىلىدۇ. يۆنىلىش كېلىشتە كەلگەن ئىسىملار جۈملىدە ئىش-ھەركەتنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر بىلەن باغلىنىپ كېلىدۇ.

مەسىلەن: رەنا، گۈللەرگە (نېمىلەرگە) سۇ قۇۋەتكىن. ،

يۆنىلىش كېلىش قۇشۇمچىلىرى تۆۋەندىكى قائىدىلەر بويىچە بويىچە ئىسىملارغا ئۇلىنىپ كېلىدۇ.

سۆزلەرنىڭ ئاخىرقى بۇغۇمىدا تىل كەينى سۇزۇق تاۋۇشى كېلىپ، جاراڭلىق تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشسا، «غا» قۇشۇمچىسى، جاراڭسىز تاۋۇش بىلەن ئاياقلاشسا، «قا» قۇشۇمچىسى ئۇلىنىدۇ.

مەسىلەن: ھاۋا + غا = ھاۋاغا ياتاق + قا = ياتاققا

سۆزلەرنىڭ ئاخىرقى بۇغۇمىدا تىل ئالدى سۇزۇق تاۋۇش كېلپ، جاراڭلىق تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشسا «گە» قۇشۇمچىسى، جاراڭسىز تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشسا «كە، قە» قۇشۇمچىلىرى ئۇلىنىدۇ.

مەسىلەن: ۋەتەن – ۋەتەنگە، مەكتەپ – مەكتەپكە


چىقىش كېلىش[تەھرىرلەش]

ئىسىملارنىڭ جۈملىدىكى ئىش –ھەركىتىنىڭ چىقىش ئورنى، سەۋەبى، ھەرىكەت مەزمۇن قىلىنغان ساھەنى بىلدۈرىدىغان كېلىش شەكلى بۇلۇپ، قۇشۇمچىسى «دىن، تىن»، بېرىلدىغان سۇئاللار «كىمدىن، نېمىدىن، كىملەردىن، نېمىلەردىن، قەيەردىن، نەدىن» قاتارلىقلار؛

چىقىش كېلىش قۇشۇمچىسى تۆۋەندىكى قائىدە بويىچە ئىسىملارغا ئۇلىنىدۇ.

ئاخىرى جاراڭلىق تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە «دىن» قۇشۇمچىسى ئۇلىنىدۇ. ئاخىرى جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە «تىن» قۇشۇمچىسى ئۇلىنىدۇ.


ئورۇن كېلىش[تەھرىرلەش]

ئىسىملارنىڭ جۈملىدىكى ئىش –ھەركىتىنىڭ ئورنى، ۋاقتى، شارائىتى، ۋاستىسى قاتارلىقلارنى بىلدۈرىدىغان كېلىش شەكلى – ئورۇن كېلىش دېيىلىدۇ. قۇشۇمچىسى «دا، تا، دە، تە»، بېرىلدىغان سۇئاللار: «كىمدە، نېمىدە، قەيەردە، نەدە، قاچان» دېگەن سۇئاللار بېرىلىدۇ.

ئۇرۇن كېلىش قۇشۇمچىلىرى تۆۋەندىكى قائىدە بويىچە ئىسىملارغا ئۇلىنىدۇ.

ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ ئاخىرقى بۇغۇمى تىل كەينى سۇزۇق تاۋۇش بىلەن كېلىپ، جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشسا، «دا»، جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشسا، «تا» قۇشۇمچىسى ئۇلىنىدۇ. مەسىلەن: باھار- باھاردا، ياز-يازدا بۇلاق- بۇلاقتا، ئاش- ئاشتا

ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ ئاخىرقى بۇغۇمى تىل ئالدى سۇزۇق تاۋۇش بىلەن كېلىپ، جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشسا «دە، « جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاسا، «تە» قۇشۇمچىسى ئۇلىنىدۇ. مەسىلەن: قەلەم-قەلەمدە، يۈرەك-يۈرەكتە ئۈستەل-ئۈستەلدە كۈچ – كۈچتە


جۈملە بىلەن گرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆزلەر دېگەن نېمە ؟[تەھرىرلەش]

جۈملە بۆلەكلىرى بىلەن سىنتاكسىسلىق مۇناسىۋەتتە بولمايدىغان جۈملە بۆلەكلىرىدىن ئۆزىگە خاس ئىنتوناتسىيە ۋە تىنىش بەلگىلىرى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان تەركىبلەر جۈملە بىلەن گرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆز ۋە بىرىكمىلەر دەپ ئاتىلىدۇ .

خۇسۇسىيەتلىرى :

1. جۈملە بىلەن گرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆز ۋە بىرىكمىلەر جۈملىدە بىرەر سىنتاكسىسلىق ۋەزىپە ئۆتىمەيدۇ، ئۇلار جۈملە تەركىبىدىن چىقىرۋېتىلسىمۇ، جۈملىنىڭ مەنىسى ۋە تۈزۈلۈشىگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ .

2. جۈملە بىلەن گرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆز ۋە بىرىكمىلەر ئەدەبىي ئېغىز تىلىدا ئىنتوناتسىيە ئارقىلىق، ئەدەبىي يېزىق تىلىدا تىنىش بەلگىلىرى ئارقىلىق ئۆزى تۇرىۋاتقان جۈملىدىكى بۆلەكلەردىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ .

جۈملە بىلەن گرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆزلەر ئىپادىلىگەن مەنىسىگە ئاساسەن قاراتما سۆز، قىستۇرما سۆز، ئىملىق سۆز ۋە ئىزاھلىغۇچى سۆز دېگەن تۆت تۈرگە بۆلۈنىدۇ .

1. قاراتما سۆز[تەھرىرلەش]

جۈملىدە ئىپادىلەنگەن پىكىرنىڭ كىمگە، نېمىگە قارىتىلغانلىقىنى كۆرسىتىش ياكى باشقىلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلغان، جۈملە بىلەن گرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆز قاراتما سۆز دەپ ئاتىلىدۇ .

ئۇيغۇر تىلىدا ئىسىملار قاراتما سۆز بولۇپ كېلىدۇ، قاراتما سۆزلەر بەزىدە سۆز، بەزىدە سۆز بىرىكمىسى شەكىلدە كېلىدۇ .

قاراتما سۆزلەر كۆپ ھاللاردا جۈملىنىڭ بېشىدا ياكى ئاخىرىدا كېلىدۇ . قىسمەن ھالدا جۈملىنىڭ ئوتتۇرسىدىمۇ كېلىدۇ .

قاراتما سۆزلەر جۈملىدىكى باشقا سۆزلەردىن پەش ئارقىلىق ئايرىپ يېزىلىدۇ .

2. قىستۇرما سۆزلەر[تەھرىرلەش]

جۈملىدە ئىپادىلەنگەن پىكىرگە قارىتا سۆزلىگۈچىنىڭ پوزۇتسىيىسىنى بىلدۈرىدىغان، جۈملە بىلەن گرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆزلەر قىستۇرما سۆز دەپ ئاتىلىدۇ .

قىستۇرما سۆزلەر بەزىدە بىر سۆز شەكلىدە بەزىدە سۆز بىرىكمىسى شەكلىدە، ئايرىم ئەھۋالدا جۈملە شەكىلدە قوللىنىلىدۇ . قىستۇرما سۆزمۇ جۈملىدىكى باشقا سۆزلەردىن پەش ئارقىلىق ئايرىلىدۇ .

3. ئىملىق سۆزلەر[تەھرىرلەش]

جۈملىدىكى پىكىرگە قارىتا سۆزلىگۈچىنىڭ تۈرلۈك ھېس-تۇيغۇسىنى بىلدۈرىدىغان، جۈملە بىلەن گرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆزلەر ئىملىق سۆز دەپ ئاتىلىدۇ .

ئىملىق سۆزلەر جۈملىگە خوشاللىق، ئەجەپلىنىش، زوقلىنىش، ماختاش . . . تۇيغۇلىرىنى قوشۇپ، پىكىرنىڭ تەسىرچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ .

4. ئىزاھلىغۇچى سۆز[تەھرىرلەش]

جۈملىدىكى مەلۇم بىر بۆلەكنىڭ مەنىسىنى ئىزاھلاش، روشەنلەشتۈرۈش رولىدا كېلىدىغان، جۈملە بىلەن گرامماتىكىلىق باغلىنىشى بولمىغان سۆز ئىزاھلىغۇچى دەپ ئاتىلىدۇ .

ئىزاھلىغۇچى سۆز جۈملە بۆلەكلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىزاھلايدۇ. ئىزاھلىغۇچى سۆزدىن كېيىن كېلىدۇ . ئىزاھلىغۇچى سۆز ئەدەبىي ئېغىز تىلىدا باشقا بۆلەكلەردىن ئىنتوناتسىيە ئارقىلىق پەرىقلىنىدۇ، ئەدەبىي يېزىق تىلىدا تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ، ياكى سىزىق ئارقىلىق ئايرىلىدۇ .

پېئېل دېگەن نېمە؟ ئۇ قانداق شەكىللەرگە ئىگە؟ مىسال كەلتۈرۈڭ؟

پېئېل-شەيئىلەرنىڭ ھەركىتى ۋە ھالىتىنى بىلدۈرىدىغان سۆز تۈركۈمى.

مەسىلەن: ماڭ، ياز، ئىشلە، ئوقۇدى، ئولتۇردى، يىغلىدى، سالدى. . .

پېئېللار تۆۋەندىكىدەك شەكىللەرگە ئىگە:

1› پېئېللار بولۇشلۇق ۋە بولۇشسىز شەكىلگە ئىگە.

ھەرىكەتنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردىغان پېئېل بولۇشلۇق پېئېل.

مەسىلەن: ئوقۇدى، يازدى، ئوينىدى، كۈلدى. . .

ھەرىكەتنىڭ ئىنكار قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان پېئېل بولۇشسىز پېئېل.

مەسىلەن: ئوقۇمىدى، يازمىدى، ئوينىمىدى، كۈلمىدى. . .

2› پېئېللار زامان شەكىللىرىگە ئىگە بولۇپ، ئۆتكەن زامان، ھازىرقى زامان ۋە كېلىدىغان زامان شەكلىدە كېلىدۇ.

ھەرىكەتنىڭ سۆزلىنىۋاتقان ۋاقىتتىن بۇرۇن بولغانلىقىنى ياكى بولمىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان زامان شەكلى پېئېلنىڭ ئۆتكەن زامان شەكلى دېيىلىدۇ.

مەسىلەن: ئوقۇدى، ئوقۇمىدى، ئوقۇپتۇ، ئوقۇماپتۇ، ئوقۇدىڭلار، ئوقۇمىدىڭلار، يازدۇق، يازمىدۇق. . .

ھەرىكەتنىڭ سۆزلىنىۋاتقان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بولىۋاتقانلىقىنى ياكى بولمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدىغان زامان شەكلى پېئېلنىڭ ھازىرقى زامان شەكلى دېيىلىدۇ.

مەسىلەن: ئوقۇۋاتىدۇ، ئوقۇمايۋاتىدۇ، يېزىۋاتىدۇ، يازمايۋاتىدۇ. . .

ھەرىكەتنىڭ سۆزلىنىۋاتقان ۋاقىتتىن كېيىن بولىدىغانلىقىنى ياكى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان زامان شەكلى پېئېلنىڭ كېلىدىغان زامان شەكلى دېيىلىدۇ.

مەسىلەن: ئىشلەيدۇ، ئىشلىمەيدۇ، قايتىدۇ، قايتمايدۇ. . .

3. › پېئېللار راي شەكىللىرىگە ئىگە بولۇپ، بايان راي، بۇيرۇق راي ۋە شەرت رايدىن ئىبارەت ئۈچ خىل شەكلى بار.

سۆزلىگۈچىنىڭ جۈملدىكى ھەرىكەت توغرىسىدىكى بايانىنى بىلدۈرىدىغان راي شەكلى بايان راي دېيىلىدۇ.

مەسىلەن: بۈگۈن چوڭ يىغىن ئېچىلدى. ئەخمەت مەكتەپكە كەتتى. ئۇنىڭ دېگىنى توغرا چىقتى. . .

مەلۇم بىر ھەرىكەتكە قارىتا ئىككىنچى بىر ھەرىكەتنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان راي شەكلى پېئېلنىڭ شەرت رايى دەپ ئاتىلىدۇ.

پېئېلنىڭ شەرت رايى مۇرەككەپ جۈملىلەردە قوللۇنىلىدۇ ھەم تۈپ پېئېلللارغا «-سا، -سە» قوشۇمچىلىرىنىڭ ئۇلىنىشى ئارقىلىق ياسىلىدۇ.

مەسىلەن: شامال چىقمىسا، توپ ئوينايمىز. ئوقۇغۇچىلار تولوق كەلمىسە، دەرس باشلىغىلى بولمايدۇ. . .

سۆزلىگۈچىنىڭ جۈملىدىكى ھەرىكەتكە قارىتا بۇيرۇق، تەلىپىنى بىلدۈرىدىغان راي شەكلى پېئېلنىڭ بۇيرۇق رايى دېيىلىدۇ.

پېئېلنىڭ بۇيرۇق راي شەكىللىرى پېئېل تۇمۇرىغا «-ئاي، -ئەي، -ي، -ئايلى، -ئەيلى، -يىلى، -غىن، -قىن، -گىن، -كىن، -ڭ، -ئىڭ، -ئۇڭ، -ئۈڭ، -ڭلار، -ئىڭلار، -ئۇڭلار، -ئۈڭلار، -سىلا، -سىلە، -سۇن، -غاي، -قاي، -گەي، -كەي» قوشۇمچىلىرىنىڭ ئۇلىنىشى ئارقىلىق ياسىلىدۇ.

مەسىلەن: كۆرەي، ئوينايلى، ماڭغىن، تۇرۇڭ، بارسىلا، كەلگەي. . .

4› مۇستەقىل ۋە ياردەمچى پېئېللار[تەھرىرلەش]

مۇستەقىل پېئېللار-ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل جۈملە بۆلىكى بولالايدىغان پېئېللار.

مەسىلەن: تۇرسۇن ئۆيىگە كەتتى. سەن جايىڭدا جىم تۇر. . .

ياردەمچى پېئېللار-ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل جۈملە بۆلىكى بولالمايدىغان، سۆزلەرگە قوشۇلۇپ قوشۇمچە مەنا ئىپادىلەيدىغان پېئېللار.

تىلىمىزدىكى ياردەمچى پېئېللار «ئىدى، ئىكەن، ئىمىش» قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلاردىن باشقا بەزى مۇستەقىل پېئېللار ئۆز مەنىسىدىن باشقا قوشۇمچە مەنا بىلدۈرگەندە ياردەمچى پېئېل بولۇپ كېلىدۇ.

مەسىلەن: ۋاقىت توشۇپ قالغان ئىدى. ئۇلار كەتتكەن ئىكەن. مەھەللىدە تۈنۆگۈن يامغۇر يېغىپتىمىش. تۇرسۇن ئۇخلاپ كەتتى. سەن جايىڭدا ئويناپ تۇر. . .

يۇقارقىلاردىن باشقا پېئېللار يەنە دەرىجە ۋە شەخىسلىك ھەم شەخىسسىز شەكىللەرگىمۇ ئىگە.

ئۇيغۇر تىلىدىكى بارلىق سۆزلەر ئالدى بىلەن مۇستەقىل ھەم ياردەمچى سۆزلەر دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بۇلاردىن پەقەت مۇستەقىل سۆزلەرلا ھەم لېكسىكىلىق ھەم گرامماتىكىلىق مەنىدىن ئىبارەت ئىككى خىل مەنىگە ئىگە. مەسىلەن:

«ئوقۇغۇچىلا كەلدى»دېگەن جۈملىدىكى «ئوقۇغۇچىلار»ئوقۇش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى بىلدۈرىدۇ. «كەلدى» كېلىش ھەرىكىتىنى بىلدۈرىدۇ. مانا بۇلار سۆزلەرنىڭ لېكسىكىلىق مەنىلىرى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، «ئوقۇغۇچىلار»— ئىسىم، كۆپلۈك سان، باش كېلىش، ئىگە قاتارلىق ئابستراكت مەنىلەرنى بىلدۈرسە، «كەلدى»— پېئىل ئەسلىي دەرىجىسى، بولۇشلۇق، ئاددىي ئۆتكەن زامان، ئۈچىنچى شەخس، خەۋەر قاتارلىق ئابستراكت مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. مانا بۇلار سۆزلەرنىڭ گرامماتىكىلىق مەنىلىرىدۇر.

ئۇيغۇر تىلىدىكى ياردەمچى سۆزلەر لېكسىكىلىق مەنە ئىپادىلىمەيدۇ، بەلكى، جۈملە ئىچىدە مۇستەقىل ۋە ئاددىي جۈملىلەرنى بىر - بىرىگە باغلاپ، ئۇلارنىڭ مەنىلىرىنى تولۇقلاش ۋە روشەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، قوشۇمچە گرامماتىكىلىق مەنە بىلدۈرىدۇ. ياردەمچى سۆزلەر ئۆزىگە خاس گرامماتىكىلىق كاتېگورىيىگە ئىگە ئەمەس، باشقا سۆز تۈركۈملىرىنىڭ گرامماتىكىلىق كاتېگورىيىلىرى بىلەنمۇ تۈرلەنمەيدۇ، ياسىغۇچى، تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلىرى بولمايدۇ، ئۆز ئالدىغا جۈملە بۆلىكى بولمايدۇ، مەسىلەن:

مەملىكىتىمىزنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ھەمدە دۆلەت مۇداپىئەسى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلماقتا. ھاۋا تۇتۇلدى، بىراق يامغۇر ياغمىدى. سىلەر تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولدۇڭلارمۇ؟ ئۇ مېنى كۆردى - دە، خۇشاللىقىدىن تۇرۇپلا قالدى. بۈگۈنكى يىغىندا ئۆگىنىشكە دائىر مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. مەن بۇ يەرگە ئايروپىلان بىلەن كەلدىم.

يۇقىرىقى مىساللاردىكى«ۋە، ھەمدە، بىراق، مۇ، دە، دائىر، بىلەن» قاتارلىقلار لېكسىكىلىق مەنە ئىپادىلىمەي، پەقەت تۈرلۈك گرامماتىكىلىق مەنە ئىپادىلەيدىغان ياردەمچى سۆزلەردىن ئىبارەت.

مەنبەسى : ئانا تىل تورى