Jump to content

ئۈزۈك تاۋۇش

ئورنى Wikipedia

ئۇيغۇر تىلىدا جەمئىي 32 تاۋۇش، 32 ھەرپ بار. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

ئا ئە ب پ ت ج چ خ د ر ز ژ س ش غ ف ق ك گ ڭ ل م ن ھ ئو ئۇ ئۆ ئۈ ۋ ئې ئى ي

تىلىمىزدىكى بۇ 32 تاۋۇش ئۆپكىدىن چىققان ھاۋا ئېقىمىنىڭ تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرىنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچراش ياكى ئۇچرىماسلىقىغا قاراپ، سوزۇق تاۋۇشلار ۋە ئۈزۈك تاۋۇشلار دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ:

ئۈزۈك تاۋۇشلار:

[تەھرىرلەش]

ئۆپكىدىن چىققان ھاۋا ئېقىمى تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرىنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچراش ئارقىلىق ئۈزۈپ ئېيتىلىدىغان تاۋۇشلار ئۈزۈك تاۋۇشلار دەپ ئاتىلىدۇ.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا جەمئىي 24 ئۈزۈك تاۋۇش بار. ئۇلار:

ب پ ت ج چ خ د ر ز ژ س ش غ ف ق ك گ ڭ ل م ن ھ ۋ ي

ئۈزۈك تاۋۇشلار تاۋۇش چىقىرىش ئورنى، تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى ۋە تاۋۇش پەردىسىنىڭ تىترەش-تىترىمەسلىكى جەھەتتىن تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ:

تاۋۇش پەردىسىنىڭ تىترەش-تىترىمەسلىكى

جەھەتتىن بۆلۈنۈشى

تاۋۇش چىقىرىش ئورنى جەھەتتىن بۆلۈنۈشى: تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن بۆلۈنۈشى:
جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشلار ب، ج، د، ر، ز، ژ، غ، گ، ڭ، ل، م، ن، ۋ، ي، ھ قوش كالپۇك تاۋۇشلىرى ب، پ، م پارتلىغۇچى تاۋۇشلار ب، پ، د، ت، گ، ك، ق
جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلار پ، ت، چ، خ، س، ش، ف، ق، ك چىش كالپۇك تاۋۇشلىرى ف، ۋ پارتلىغۇچى – سىيرىلاڭغۇ تاۋۇشلار ج، چ
تىل ئۇچى ئالدى چىش تۈۋى تاۋۇشلىرى ت، د، ن، ر، ل سىيرىلاڭغۇ تاۋۇشلار ف، ۋ، س، ز، ژ، ي، غ، خ، ش، ھ
تىل ئۇچى ئالدى چىش تاۋۇشلىرى س، ز دىماق تاۋۇشلىرى م، ن، ڭ
تىل ئۈستى ئالدى قاتتىق تاڭلاي تاۋۇشلىرى ج، چ، ش، ز قوۋۇز تاۋۇشى ل
تىل ئۈستى ئارقا قاتتىق تاڭلاي تاۋۇشلىرى گ، ك، ي تىترىگۈچى تاۋۇش ر
تىل تۈۋى يۇمشاق تاڭلاي تاۋۇشلىرى ق، ڭ، خ، غ
بوغۇز تاۋۇشى ھ

مەنبە

[تەھرىرلەش]

نىياىم تورى

سىرتقى ئۇلانمىلار

[تەھرىرلەش]
ئۇيغۇرچە گرامماتىكا
تۈرلەر ئۇيغۇرچە گرامماتىكا
فونېتىكا: سوزۇق تاۋۇش | ئۈزۈك تاۋۇش
سۆز: ئىسىم | سۈپەت| رەۋىش| ئالماش| ئالماش| باغلىغۇچى

پېئىل

جۈملە: ئىسىم جۈملە | پېئىل جۈملە