ئورخۇن-يېنسەي يېزىقى
Appearance
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى ئورقۇن-يېنسەي يېزىقى)
ئورقۇن-يېنسەي يېزىقى (تۈركچە: Orhun alfabesi، موڭغۇلچە: хөх Түрүгийн бичиг ھۆھ تۈرۈگىين بىچىگ) جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئالىملىرى بۇ يېزىق بىلەن يېزىلغان مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى موڭغۇلىيىدىكى ئورقۇن دەرياسى ۋادىلىرىدىن ھەم سىبىرىيىدىكى يېنسەي دەرياسى بويلىرىدىن تېپىلغاچقا، تېپىلغان ئورنىغا قاراپ ئورقۇن-يېنسەي يېزىقى دەپ ئاتىغان. شۇ ۋاقىتتا بۇ يېزىقنى ئىشلەتكەن ئاساسىي خەلقنىڭ نامىغا قاراپ قەدىمكى تۈرك يېزىقى، كۆكتۈرك يېزىقى دېگەن ناملار بىلەن ئاتىغان. بۇ يېزىق يەنە شەكىل جەھەتتىن شىمالىي ياۋروپادىن تېپىلغان قەدىمكى گېرمانلار ئىشلەتكەن رونىك (گوتچە «سىرلىق، نامەئلۇم») يېزىقىغا ئوخشاپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ياۋروپا ۋە رۇس تۈركولوگىيە ساھەسىدە، سىبىرىيا رۇن ھەرپلىرى، يېنىسەي رۇن ھەرپلىرى، رۇنىك ئېلىپبە ۋە قەدىمكى تۈرك-رونىك يېزىقى دەپمۇ ئاتالغان. شۇنداقلا تۈركىي خەلقلەر بۇ يېزىقنى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن ئىشلەتكەن يېزىق بولغاچقا، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى يېزىق دېگەنگە ئوخشاش ناملار بىلەنمۇ ئاتىغان. بۇ ناملار پەقەت يېزىقشۇناسلار ۋە تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن قويۇلغان ناملار ئىدى. بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە بۇ يېزىقنىڭ ئەسلى دولبارچىن يېزىقى دەيدىغان نامىنىڭ بارلىقى ھەققىدىكى مەلۇمات بىزگە كېيىنرەك مەلۇم بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ يېزىقنى ئۆز نامى بىلەن دولبارچىن يېزىقى دەپ ئاتاش ھەققىدە ماقالىلەر يېزىلىپ، تەشەببۇسلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئورقۇن-يېنسەي يېزىقىدا 39 ھەرپ، بىر ئايرىش بەلگىسى بولۇپ، بۇ يېزىق ئېلىپبەلىك يېزىق بىلەن بوغۇملۇق يېزىقنىڭ ئارىلاشمىسىدۇر. ئورقۇن-يېنسەي يېزىقى ئومۇمەن، ئوڭدىن سولغا قاراپ توغرىسىغا يېزىلىدۇ. لېكىن، يېنسەي مەڭگۈ تاشلىرىدا سولدىن ئوڭغا يېزىلغان، ئايرىم مەڭگۈ تاشلاردا بىر قۇرى ئوڭدىن سولغا، يەنە بىر قۇرى سولدىن ئوڭغا زەنجىرسىمان ئۇلاپ يېزىلغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدۇ. بۇ يېزىقتا تۆت ھەرپ سەككىز سوزۇق تاۋۇشنى، 31 ھەرپ 18 ئۈزۈك تاۋۇشنى، بەش ھەرپ قوش ھەرپلىك بوغۇملارنى ئىپادىلەيدۇ. سۆزلەر بىر-بىرىدىن قوش چېكىت ( : ) ئارقىلىق ئايرىپ يېزىلىدۇ. بەزى سۆز بىرىكمىلىرى بىر سۆز قىلىپ قوشۇپ يېزىلىدۇ. ئايرىم ئورۇنلاردا «~» سۆز ئايرىش بەلگىسى ئورنىدا قوللىنىلىدۇ. ئورقۇن-يېنسەي يېزىقىنىڭ مەنبەسى ۋە تۈركىي خەلقلەرنىڭ بۇ يېزىقنى قايسى دەۋردىن باشلاپ قوللانغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئالىملارنىڭ كۆز قارىشى بىردەك ئەمەس. بەزى تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا بۇ يېزىقنى ئۇيغۇرلار 5- ئەسىردىن 8- ئەسىرگىچە، يەنى، غەربكە كۆچۈشتىن ئىلگىرىكى مەزگىللەردە قوللانغان.
ئورقۇن-يېنسەي يېزىقىدا يېزىلغان مەدەنىي يادىكارلىقلار ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخىنى، سىياسىي، ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى، ئىتنوگرافىيىسىنى، تىل-يېزىقى، ئەدەبىيات-سەنئىتى ۋە مەدەنىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئورقۇن-يېنسەي يېزىقىدا يېزىلغان يادىكارلىقلارنىڭ ئاساسلىقى خاقانلار، قەبىلە باشلىقلىرى، لەشكەر باشلىقلىرىنىڭ قەھرىمانلىق ھاياتى، باتۇرلۇقى، تەسۋىرلەنگەن مەدھىيىلەر ۋە ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن ھاياتلىقىدىكى تۆھبىلىرى خاتىرىلەنگەن مەڭگۈ تاشلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.
- 1. چورىن مەڭگۈ تېشى
- 2. تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى
- 3. كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشى
- 4. بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى
- 5. كۇلچۇر مەڭگۈ تېشى
- 6. مويۇنچۇر مەڭگۈ تېشى
- 7. توققۇز ئوغۇز قاغانى مەڭگۈ تېشى
- 8- سۇجى مەڭگۈ تېشى
- 9. تېرخىن مەڭگۈ تېشى
- 10. تەس مەڭگۈ تېشى ۋە باشقىلار
ئورقۇن-يېنسەي ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئېلىپبەسى
[تەھرىرلەش]— خەت T²NGR²I — ھەرپ تەرجىمىسى /teŋri/ — تاۋۇش قىممىتى بويىچە IPA ئېلىپبەسى بويىچە تەرجىمىسى teñri — ئۇيغۇرچە تەڭرى
قاراڭ
[تەھرىرلەش]- ئورقۇن-يېنسەي يېزىقى
- Orkhon Inscriptions complete text {{|url=https://web.archive.org/web/20120411140854/http://gokturkanitlari.appspot.com/ |date=2012-04-11 }}
مەنبەلەر
[تەھرىرلەش]
مەنبەلەر
[تەھرىرلەش]ئۇيغۇر ئېلىپبەسى | ||
---|---|---|
ئۇيغۇر كونا يېزىقى | ئا · ئە · ب · پ · ت · ج ·چ · خ · د · ر · ز · ژ · س · ش · غ · ف · ق · ك · گ · ڭ · ل · م · ن · ھ · ئو · ئۇ · ئۆ · ئۈ · ۋ · ئې · ئى · ي؛ سوزۇق تاۋۇشلار · ئۈزۈك تاۋۇشلار | |
ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى | A · B · CH · D · E · Ë ·F · G · GH · H · I · J · K · L · M · N · NG · O · Ö · P · Q · R · S · SH · T · U · Ü · W · X · Y · Z · ZH | |
ئۇيغۇر كرىل يېزىقى | А · Б · В · Г · Ғ · Д ·Е · Ё · Ж · З · И · Й · К · Қ · Л · М · Н · Ң · О · Ө · П · Р · С · Т · У · Ү · Ф · Х · Һ · Ч · Ш · Ы · Э · Ю · Я | |
ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى | A · B · C · D · E · F · G · H · I · J · K · L · M · N · O · P · Q · R · S · T · U · V · W · X · Y · Z · Ƣ ·Ⱨ ·Ⱪ ·Ə ·Ɵ ·Ü ·Ⱬ ·NG ·ZH ·CH ·SH | |
چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى | ا · ﺀ · ب · پ · ت · ث · ج ·چ ·ح · خ · د ·ذ · ر · ز · ژ · س · ش · ص · ض · ط · ظ · ع · غ · ف · ق · ك · گ · نك · ل · م · ن · و · ە · لا · ى | |
ئىستىمالدىن قالغانلار | تۈرك-رۇنىك يېزىقى · قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى · خاقانىيە ئۇيغۇر يېزىقى | |
ئۇيغۇر تىلىنىڭ شىۋىلىرى - ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونولگىيسى - ئۇيغۇر تىلىنىڭ گرامماتىكىسى - ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھەرپلىرى |