ئوق دۆلەتلەر

ئورنى Wikipedia
II. دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئەللەر ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر يېشىل (پېئورل خاربور ھۇجۇمىدىن كېيىن قوشۇلغانلار ئوچۇق يېشىل)، ڧاشىت دۆلەتلەر كۆك (ئىشغال ۋە بېسۋىلىنغان دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە بىتەرەپ دۆلەتلەر كۈلرەڭ ئىپادىلەنگەن.
1941 -1942 يىللاردىكى ياۋروپا

ئوق دۆلەتلەر (گېرمانچە:Achsenmächte، ئىتالىيەچە:Potenze dell'Asse، ياپونچە: 枢軸国 Sūjikukokuئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر لاگىرىغا قارشى ئاساسلىق گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيەنىڭ بۇنىڭدىن باشقا ھونگىرىيە، رومانىيە، بۇلغارىيە، ڧىنلاندىيە، مۇستەقىل كرودىيە، ۋىكي ڧرانسىيسى، ئالبانىيە، ئېڧىئوپىيە، مانجۇرىيە، تايلاند، بېرما، ھىندىستان، ڧىللىپىنلەر ۋە ئىراق قاتارلىقلار تەشكىل قىلغان بىرلىك. شۇنداقلا ئىران شاھى رىزا پەھلېۋىي گېرمانىيە تەرەپتارلىقىنى ئىزھار قىلغان. ئىسپانىيە بولسا ئوق كۈچلەرنىڭ تەرەپتارى سۈپىتىدە قالغان.

ئوق سۆزى، (ئىنگ:Axis) بۇ ئىتتىپاقنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن تۇنجى قېتىم ڧاشىست ھونگىر رەھبەر گيۇلا گۆمبۆس تىرىپىدىن قوللىنىلغان. 1936 دا بېنىتو موسسولىنى تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم رەسمىي قوللىنىلدى.

ئوقلارنىڭ ئاساسلىق نىشانلىرى[تەھرىرلەش]

  • گېرمانىيە: ئادولڧ ھېتلىر، ئەۋۋەلا ئوتتۇرا ياۋروپا، كېيىن شەرقىي ۋە غەربىي ياۋروپانى گېرمانىيە توپراقلىرىغا قوشۇشنى مەقسەد قىلاتتى. ئىككىنچى پىلانى بولسا ئاسىيانى، بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە يېقىن شەرقتىكى ئىستراتېگيىلىك نۇقتىلارنى قولغا كىرگۈزۈش ئىدى.
  • ئىتالىيە: I. دۇنيا ئۇرۇشىدا مۇرادىغا يېتەلمىگەن ئىتالىيە تار بىر مۇستەملىكە ساھەسى بىلەن سانائىتىنى ئاتقارىشقا تىرىشۋاتاتتى. شۇنداقلا 1. دۇنيا ئۇرۇشىدا ئانتانتا دۆلەتلىرى بىلەن ئىدىيە جەھەتتىن پەرق كۆرۈلگەن ئىتالىيە موسسولىنىنىڭ ڧاشىست سىياسەتلىرى سەۋەبىدىن ياۋروپادا كۆزگە سىغمايۋاتاتتى. ئىتالىينىڭ قەدىم رىم ئىمپېرىيىسىدەك كۈچلۈك بىر دۆلەت بولىشىنى ئارزۇ قىلغان موسسولىنى گېرمانىيە بىلەن يېقىنلىشىپ ئوق دۆلەتلەر گۇرۇھىا ئۇرۇشقا كىرگەن. ئىتالىيە؛ شىمالىي ئاڧرىقا ۋە بالقانلاردا ئىلگىرلىگەنىدى.
  • ياپونىيە: I. دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن گېرمانىيەنىڭ يىراق شەرق مۇستەملىكىلىرى ياپونىيەگە بېرىلگەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگونىڭ بىر بۆلىكىمۇ ياپونىيەنىڭ ھاكىمىيىتىدە ئىدى. پەقەت بۇ قەدەر مۇستەملىكىمۇ تېز سۈرەتتە سانائەتلەشكەن ۋە كۈچلەنگەن ياپون ئىقتىسادىنى تويغۇزالمايۋاتاتتى. ئىقتىسادىي مەنپەتلەر ئۈچۈن ئا ق ش بىلەن يېقىنلاشقان ياپونىيە، ئۇرۇشنىڭ پارتىلىشى بىلەن گېرمانىيەگە يېقىنلاشقانىدى. پېئورل خاربور ھۇجۇمى بىلەن ئا ق ش نىڭ ئۇرۇشقا كىرىشىگە سەبەب بولغان.

بۇ ئۈچ ئاساسلىق ئوق دۆلىتىنىڭ سىرتىدا ھونگىرىيە، رومانىيە، ڧىنلاندىيە ۋە بۇلغارىيەگە ئوخشىغان دۆلەتلەر يېڭى توپراق قازىنىش ۋە كونا دۈشمەنلىرىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئوق دۆلەتلەرگە قوشۇلغان.

ئوق دۆلەتلەرنىڭ تېزىملىكى[تەھرىرلەش]

  • ناتسېس گېرمانىيە
  • ئىتالىيە قراللىقى
  • ياپون ئىمېرىيىسى
  • ڧىنلاندىيە
  • ۋىكي ڧرانسىيىسى
  • ھونگىرىيە قراللىقى
  • رومانىيە قراللىقى
  • بۇلغارىيە قراللىقى
  • مۇستەقىل كرودىيە دۆلىتى
  • بۈيۈك ئالبانىيە
  • ئېڧىئوپىيە
  • مانجۇرىيە
  • تايلاند
  • بېرما
  • موڭغۇل ئاپتونوم ھۆكۈمىتى
  • ئىراق قراللىقى[1][2]
  • سلوۋاكىيە
  • سېربىيە
  • قاراتاغ
  • يوگوسلاۋىيە قراللىقى

مۇناسىۋەتلىك ماددىلار[تەھرىرلەش]

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. Young, Sh.: 7
  2. Mackenzie, Sh.: 101