تۈرك تىلى

ئورنى Wikipedia
تۈركچە Türkçe
قوللىنىدىغان دۆلەت

ۋە رايونلار

تۈركىيە، شىمالىي قىبرىس

ئوتتۇرا شەرق، ياۋروپا ۋ.ب

قوللانغۇچىلار تەخمىنەن 80 مىلىيون[13.نچى]
تەۋەلىكى ئالتاي تىل سېستىمسى

تۈركىي تىللار
ئوغۇز لەھچەسى

رەسمىي تىل تۈركىيە ۋە شىمالىي قىبرىس
ئەلڧبە لاتىن\29 ھەرڧ (1928)
تىل كودلىرى ISO 639-1 = tr

ISO 639-2 = tur
ISO 639-3 = tur

زامانداش تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئىچىدە قوللانغۇچى سانى ئەڭ كۆپ بولغان تۈركىي تىل بولۇپ تۈركىيە تۈركچەسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۈركىيە سىرتىدا ئاسىيادا سۇرىيە، ئىراق، مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلىقى ئەزاسى بولمىش مەركىزى ئاسىيادا، ياۋروپادا گوللاندىيە، گېرمانىيە، ئەنگىلىيە باشتا ياۋروپانىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدە، ئامېرىكا ۋە ئاۋىسترالىيە، يېڭى زېللاندىيە دە ئاز ساندا بولۇپ تەقرىبەن 80 مىليۇن كىشى بۇ تىلدا سۆزلىشىدۇ.

تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ ئانا ۋەتەنى بۇگۈنكى مەركەزى ئاسيا بوزقىرلىرى بولۇپ ئۆتۈكەندىن تارىم ۋادىسىغىچە، ئالتاي تاغلىرى - بالقاش كۆلى بويلىرىدىن تۈركمەن چۆللىرىگىچە بولغان كەڭ جوغراڧىيە پۈتۈن تۈركلەرنىڭ ئاتا ۋەتەن يۇرتىدۇر.

شېۋە[تەھرىرلەش]

تۈركچىنى شىۋىلىرى تراكيا، ئىستانبۇل، ئەگە، ئىچ ئاناتولىيە، يۆرۈك، قارادېڭىز، شەرقى ئاناتولىيە تۈركچىسى قاتارلىقلار.

يېزىق[تەھرىرلەش]

تۈركلەر تارىختا ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن كۆكتۈرك يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئىسلامىيەتتىن سوڭرە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن بىرگە ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى ڧارسچەگە «ڭ» ھەرىڧىنى قوشۇپ تۈركىي تىلنى خاتىرلەشتە قوللىنىشقا باشلىغان. تۈركلەر ئىسلەمىيەت بىلەن ئۇچرىشىپ 1000 يىلدىن كۆرەك ۋاقت ئەرەب ھەرىڧلىرى قوللانغان تۈركلەر 1923- تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، مۇستاڧا كامال پاشانىڭ تەشەببۇسى بىلەن 1928- يىلى، بۇگۈن قوللىنىلماقتا بولغان 29 ھەرڧلىك لاتىن ئەلىڧبەسىگە كۆچكەن.

ئۈلگە[تەھرىرلەش]

تۈركچە    ئۇيغۇرچە
Bütün insanlar hür, haysiyet ve haklar bakımından eşit doğarlar. Akıl ve vicdana sahiptirler ve birbirlerine karşı kardeşlik zihniyeti ile hareket etmelidirler.
ھەممە ئادەم زاتىدىنلا ئەركىن، ئىززەت-ھۆرمەت ۋە ھوقۇقتا بابباراۋەر بولۇپ تۇغۇلغان. ئۇلار ئەقىلغە ۋە ۋىجدانغا ئىگە ھەمدە بىر-بىرىگە قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىگە خاش روخ بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]