سۇنەنۇ دارەقۇتنىي

ئورنى Wikipedia

سۈنەنۇددارەقۇتنىي (سنن الدارقطني)، ئاتاقلىق ھەدىسشۇناس ۋە قىرائەت ئالىمى ئەلى ئىبنى ئۆمەر ئەددارەقۇتنىي ئەلباغدادىي (ھ. 306 – 385 / م. 918 – 995) تەرىپىدىن باشقا «سۈنەن»لەرنىڭ ئەكسىچە، ئەھكام بىلەن ئالاقىدار ھەدىسلەرنى سەنەدلىرى بىلەن رىۋايەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى سەنەد بىلەن مەتنىدىكى پەرقلەر ۋە يوشۇرۇن ئىللەتلەرنى كۆرسىتىپ بېرىش ئۈچۈن يېزىلغان ئەسەر بولۇپ، مۇئەللىف ئۇ ھەدىسلەرگە «سەھىھ»، «ھەسەن»، «زەئىف» ۋە ھەتتا «مەۋزۇﺋ» دەپ باھا بېرىدۇ ۋە راۋىيلارنىڭ ئىشەنچلىكلىكى ھەققىدە توختىلىدۇ. شۇنداقلا فىقھىي تەتقىقاتمۇ ئېلىپ بارىدۇ. مەزكۇر «سۈنەن» فىقھىي كىتابلاردىكى ھەدىسلەرگە باھا بېرىشتە مۇھىم ئەسەر بولۇپ، ئۈچ تومدا، بابلارغا بۆلۈنمىگەن 27 بۆلۈمدە 4749 «مەرفۇﺋ»، «مەۋقۇف» ۋە «مەقتۇﺋ» ھەدىس باردۇر.