سۈنەنۇ تىرمىزىي

ئورنى Wikipedia

سۈنەنۇتتىرمىزىي ئەلجامىئۇل كەبىر (سنن الترمذي / الجامع المختصر من السنن عن رسول الله ومعرفة الصحيح والمعلول وما عليه العمل»، ئاتاقلىق مۇھەددىس مۇھەممەد ئىبنى ئىيسا ئەتتىرمىزىي (ھ. 209 – 279 / م. 824 – 892) تەرىپىدىن ساھابە - تابىئىن ۋە مۇجتەھىد ئالىملار تەرىپىدىن ئەمەل قىلىنىپ كەلگەن ئەھكامغا دائىر 3956 ھەدىسنى فىقھىي تەرتىپ بويىچە 51 بۆلۈم ۋە 2285 بابقا ئايرىپ، ھەدىس بىلەن فىقھنى جەملەپ تۈزۈلگەن ئەسەر بولۇپ، «كۇتۇبۇ سىتتە» (ئالتە كىتاب) ئىچىدىكى «تۆت سۈنەن»نىڭ بىرىدۇر.

ئۇنىڭدىكى «مەرفۇﺋ»، «مەۋقۇف» ۋە «مەقتۇﺋ» ھەدىسلەرنىڭ كۆپ قىسمى «سەھىھ» ۋە «ھەسەن» بولۇپ، ئاز بىر قىسمى «مۇرسەل»، ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى بەكلا «زەئىف»تۇر. ئىمام تىرمىزىي ھەدىسلەرگە «سەھىھ» ياكى «ھەسەن»، ياكى «ھەسەن سەھىھ»، ياكى «غەرىب» دېگەنگە ئوخشىغان باھا بېرىش بىلەن بىللە، ئۇ ھەدىسلەرگە قارىتا ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ۋە چۈشەنچىلىرىنى، ھەدىسلەردىكى ئىللەتلەرنى، راۋىيلارنىڭ ئىسىم، كۇنيەتلىرىنى ۋە ئىشەنچلىك دەرىجىسىنى بايان قىلىدۇ. «ئىلەلۇتتىرمىزىي» نامىدا ئايرىم ئەسەر سۈپىتىدە تونۇلغان ئەسەرمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇشبۇ ئەسەرنىڭ بىر بۆلۈمىدۇر.

«سۈنەنى تىرمىزىي» مەتبەئەدە تۇنجى بولۇپ 1875 - يىلى قاھىرەدە، كېيىن 1910 - يىلى دېھلىدا بېسىلغان. ئەڭ سۈپەتلىك نەشرى 2009 - يىلى شەيخ شۇئەيب ئەلئەرنائۇت تەرىپىدىن تەييارلىنىپ 6 تومدا (ئاخىرقى تومى مۇندەرىجە ۋە تىزىقلار) بېسىلغان. شەيخ ناسىرۇددىن ئالبانىي مەزكۇر ئەسەردىكى ھەدىسلەرنى «سەھىھۇتتىرمىزىي» ۋە «زەئىفۇتتىرمىزىي» ناملىق ئىككى كىتابتا %73.2 «سەھىھ» ۋە %16.8 «زەئىف»كە ئايرىغان.