فەتھۇل بارىي

ئورنى Wikipedia

فەتھۇل بارىي (فتح الباري بشرح صحيح البخاري). ئاتاقلىق ھەدىسشۇناس ۋە شافىئىي فەقىھ شىھابۇددىن ئەبۇلفەزل ئەھمەد ئىبنى ئەلى ئىبنى ھەجەر ئەلئەسقەلانىي (ھ. 773 – 852 / م. 1371 – 1449) تەرىپىدىن ئىمام بۇخارىينىڭ «جامىئۇسسەھىھ»ىگە يېزىلغان مۇكەممەل شەرھ بولۇپ، مۇئەللىف ئۇنى 25 يىلدا (ھ. 817 – 842 / م. 1414 – 1439) تاماملىغان. مۇئەللىف مەزكۇر شەرھنى يېزىشتا ئىلگىرىكى شەرھلەرنى خۇلاسىلىگەن ۋە بۇرۇنقى 1200 ئەسەردىن پايدىلانغان. ئالدى بىلەن ئەسىرىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ۋە ئىلمىي پىلانىنى بايان قىلىپ «ھۇدەسسارىي» نامىدا بىر مۇقەددىمە يازغان. ئاندىن ھەربىر ھەدىسنى ئىزاھلاشقا باشلاپ، ئالىملار ئىتتىپاق مەسىلىلەرنى ۋە قاراشلىرى ئوخشاش بولمىغان مەسىلىلەرنى فىقھىي تەتقىقات ۋە تەرجىھلىرى بىلەن بايان قىلغان.

«سەھىھۇل بۇخارىي»نىڭ قوليازما نۇسخىلىرىدىكى ۋە ئاغزاكى رىۋايەتلىرىدىكى پەرقلەرنى سېلىشتۇرغان. ئۆزى كەلتۈرگەن ھەدىسلەرگە سەھىھلىك جەھەتتىن باھا بەرگەن.

ئەقىدە، تەفسىر، ھەدىس، فىقھ، تارىخ، تىل، قىرائەت، ئەدەبىيات، تېبابەت ۋە باشقا تۈرلۈك ئىلىملەرگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە چوڭقۇر ۋە قىممەتلىك تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان.

ھەر بۆلۈمنىڭ ئاخىرىدا شۇ بۆلۈمدىكى ھەدىسلەرنىڭ ئىمام مۇسلىم ھەم «جامىئۇسسەھىھ»ىدە رىۋايەت قىلغىنى، تەكرارلانغىنى ۋە ئومۇمىي سانىنى بايان قىلىپ خاتىمە يازغان.

ئەسەرنىڭ ئىسمى ئىمام زەينۇددىن ئىبنى رەجەب ئەلباغدادىي (ھ. 736 – 795 / م. 1336 – 1393) نىڭ شۇ نامدا تاماملىيالمىغان بىر ئەسىرىگە ۋە مۇئەللىف ھافىز ئىبنى ھەجەرنىڭ ئۇستازى مەجدۇددىن فەيروزئابادىي (ھ. 729 – 817 / م. 1329 – 1415) نىڭ قەلىمىگە ئائىت شۇ ناملىق ئەسىرىگە ئىشارە سۈپىتىدە «فەتھۇل بارىي» دەپ ئاتالغان. ئەڭ سۈپەتلىك نەشرى 1958 - يىلى شەيخ مۇھىببۇددىن ئەلخەتىب (ھ. 1305 – 1389 / م. 1886 – 1969) تەرىپىدىن تەييارلىنىپ 1959 - يىلى قاھىرەدە «ئەلمەكتەبەتۇسسەلەفىييە» تەرىپىدىن 12 تومدا بېسىلغان.