ئاۋستىرىيە

ئورنى Wikipedia


row 1, cell 1
دۆلەت گىمىنى
row 1, cell 1
پايتەختى
ئەڭ چوڭ شەھرى
رەسمى تىلى
ئېتنىك گۇرۇپلار
سىياسى سېستىمىسى
رەئىس جۇمھۇر
باش مىنىستىر
يەر مەيدانى
نۇپۇسى
نۇپۇس زىچلىقى
كىشى بېشىغا توغرا كىلدىغان كىرىم
پۇل بىرلىكى
ۋاقىت رايۇنى
ئىنتېرنېت
خەلقارالىق تېېلفۇن كود نۇمۇرى


ئاۋستىرىيە جۇمھۇرىيىتى Republic of Austria پايتەخت: ۋېنا، ئاھالىسى 2مىلىيۇن540مىڭ زىمىنى 83مىڭ 870 كۇۋادىرات كىلومېتىر ئاھالىسى: ئاۋىستىرىيىنىڭ 2006-يىللىق نوپۇسى 8مىلىيۇن 192مىڭ بولۇپ، ئاھالىنىڭ 90%نى ئاۋىستىرىيىلىكلەر، 4%نى سابىق يۇگۇسلاۋىيىلىكلەر، 2%نى تۈركلەر قالغىنىنى يەنە باشقا ئەللەردىن كەلگەن كۆچمەنلەر ئىگەللەيدۇ. دۆلەت تىلى گېرمان تىلى. دىنى :ئاۋستىرىيىدەئاھالىنىڭ 74%ى كاتولىك دىنىغا،5%ى پروتىستانت دىنىغا، 4.2%ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدۇ. پۇلى: ياۋرۇ.

ئىقتىسادى:[تەھرىرلەش]

2006 -يىلى ئاۋىستىرىيەنىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 293مىليارت407مىليۇن دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 35861دوللار توغرا كەلگەن. ئاۋىستىرىيەنىڭ2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 3%-4% بولۇۋاتىدۇ. دۆلەت بايرىمى:( 1955-يىلى)10-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئاۋستىرىيەنىڭ تۇنجى قېتىم بىتەرەپ دۆلەت بولۇش ئاساسى قانۇنىنى ماقۇللىغان كۈنى. ۋاقىت رايونى :ياۋروپا ۋاقتى(شەرقى1- ۋاقىت رايونى) قىسقىچە تارىخى: ئاۋستىرىيە زىمىنى ئەسلىدىلا گۇت خەلقىنىڭ ئانا زىمىنى بولۇپ مىلادى3-ئەسىرلەردە جەنۇپقا كۆچكەن بىر قىسىم گېرمانلار غەربى رىم ئىمپىرىيىسىنى يوقاتقاندىن بۇيان ئىزچىل تۈردە بۇ رايوندىكى كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ كەلگەن، 1804 -يىلى ئىمپىرىيە جاكارلاپ ئەتراپىدىكى ۋېنگىرىيە، چېخىيە، سلوۋاكىيە، رومانىيىنىڭ كۆپ قىسىم زىمىنى، لەھىستان ۋە ئىتالىيىنىڭ بىر قىسىم زىمىنىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇپ ئاۋستىرىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيە بىلەن بىرلەشكەن، 1955-يىلى مەڭگۈلۈك بىتەرەپ دۆلەت ئاساسى قانۇنىنى ماقۇللىغان. ئاۋىستىرىيە دوناي دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى سۇ ۋە قۇرۇقلۇق قاتنىشى تەرەققى قىلغان مۇنبەت تۇپراقنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان دۆلەت بولۇپ دۆلەتنىڭ غەربىدە تار ئۇچۇن تاغلىق رايون بار. ئاۋىستىرىيە ياۋروپادىكى تەرەققى قىلغان باي دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ئالى مائارىپ ئۇمۇملاشقان. ھەممىلا ساھە بولۇپمۇ خېمىيە سانائىتى يۈكسەك تەرەققى قىلغان. گەرچە ئوتتۇرا دوناي تۈزلەڭلىكى بۇغداي ئېكسپورت قىلىدىغان داڭلىق رايون بولسىمۇ 2006-يىلى ئاۋىستىرىيەنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى %1.2، سانائەت %30.4، مۇلازىمەت %68نى ئىگەللەيدۇ. -2006يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى3مىليۇن705مىڭ، يانپون ئابونتى 8 مىليۇن160مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى4مىلىيۇن 650مىڭ بولغان.