كامبودژا

ئورنى Wikipedia
'كامبودژا پادىشاھلىقى

Kingdom of Cambodia

گېرب بايراق
پايتەخت Phnom Penh
رەسمىي تىللار
دىنى
نۇپۇسى
قۇرۇلىشى
يەر كۆلىمى 652مىڭ 300 كىلومېتىر2
ۋاقىت رايونى 5+UTC
پۇلى

كامبودژانىڭ 2010-يىلى 10-ئايدىكى ئاھالىسى 14 مىليون 500 مىڭ بولۇپ، كامبودژانىڭ يەر مەيدانى 181 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر. شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسىمىغا جايلاشقان، شىمالدا لائوس بىلەن ، غەربىي شىمالدا تايلاند بىلەن قوشنا، شەرق ۋە شەرقىي جەنۇبى قىسمى ۋېينام بىلەن تۇتىشىدۇ. كامبودژانىڭ 2010-يىلى 10-ئايدىكى ئاھالىسى 14 مىليون 500 مىڭ بولۇپ، كامبودژانىڭ يەر مەيدانى 181 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر. شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسىمىغا جايلاشقان، شىمالدا لائوس بىلەن ، غەربىي شىمالدا تايلاند بىلەن قوشنا، شەرق ۋە شەرقىي جەنۇبى قىسمى ۋېينام بىلەن تۇتىشىدۇ. دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 460 كىلومېتىر. ئوتتۇرا ۋە جەنۇبى قىسمى تۈزلەڭلىك، شەرق، شىمال ۋە غەربىي قىسمى تاغلىق ھەم ئېگىزلىكلەر بىلەن ئورالغان، ككپ قىسىم رايونلىرى ئورمان بىلەن قاپلانغان. كراۋانج تاغ تىزمىسىنىڭ شەرقىي بۆلىكىدىكى ئابرال تېغىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1813 مېتىر كېلىدۇ. مىكون دەرياسىنىڭ چېگرا ئىچىدىكى ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 500 كىلومېتىر بولۇپ، بۇ دەريا كامبودژانىڭ شەرقىي قىسىمىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ. تونلې ساب كۆلى ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىدىكى ئەڭ كۆپ كۆل ھېسابلىنىدۇ. دېڭىز ئەتراپىدا ئۇششاق ئاراللار كۆپ بولۇپ، كائوخ كوڭ ئارىلى، لوڭ ئارىلى ئاساسلىق ئاراللاردۇر.


تارىخى[تەھرىرلەش]

كامبودژا ئۇزاق تارىخقا ئېگە مەدەنىيەتلىك دۆلەت، مىلادىيە 1 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا دۆلەت بولۇپ قۇرۇلغان. مىلادىيە 9 - ئەسىردىن 14 - ئەسىرگىچە ئانكور ئىمپىرىيسى قۇدرەت تاپقان، مەدەنىيەت تەرەققىي قىلغان، دۇنياغا مەشھۇر ئانكور مەدەنىيىتى يارىتىلغان. 1863 - يىلىدىن باشلاپ كامبودژا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ فرانسىيە مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغان، 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپونىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان، 1953 - يىلى 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى مۇستەقىل بولغان. دەسلەپ قىزىل كىىمىرنىڭ قانلىق دىكتاتۇرىسىدا شۇ چاغدىكى ئاھالىنىڭ %20 دىن ئايرىلىپ قالغان بولسا، 1978- يىللىرىدىن باشلاپ كامبودژا ۋېتنامنىڭ تاجاۋۇزى، تايلاندنىڭ زىمىن ئىگەللىېرلىشىغا دۇچ كېلىپ ئۇزاق مەزگىللىك تاشقى ۋە ئىچكى ئۇرۇش مالىمانچىلىقىنى باشتىن كەچۈرگەن. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاياقلاشقاندىن كېيىن قىزىل كىخمىر ئاجىزلىشىپ 1993- يىلى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ كېلىشتۈرۈشى ۋە ھەيدەكچىلىكى بىلەن چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈپ، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇن تۈزۈمى ۋە دىموكراتىيە ئەسلىگە كەلگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كامبودژا تىنچلىق ۋە تەرەققىيات دەۋرىگە قەدەم قويغان.

مەمۇرىي رايونلار[تەھرىرلەش]

كامبودژانىڭ مەمۇرىي رايونلىرى
















تىلى ۋە دىنى[تەھرىرلەش]

كامبودژادا 20 دىن ئارتۇق مىللەت بار، بۇنىڭ ئىچىدە شەرقى جەنۇبى ئاسىيا تىللىرى سېستىمىسى، مون-كىخمېر تىللىرى ئائىلىسىەە تەۋە كىخمىر تىلىدا سۆزلىشىدىغان كىخمېر مىللىتى %90 نى، ۋېتناملىقلار %5 نى ، جۇڭگۇلۇقلار %1 نى ئىگەللەيدۇ. يەنە %4 نى پۇنۇڭ ، تاي، ستيېنگ، چامپۇ قاتارلىق ئاز سانلىق مىلللەتلەر ئىگەللەيدۇ. دۆلەت تىلى كىخمېر تىلى بولۇپ ئورتاق قوللىنىلىدۇ، ئىنگلىز تىلى ۋە فرانسۇز تىلى مائارىپ ۋە ھۆكۈمەت تىلى ھېسابلىنىدۇ .

بۇددا دىنى دۆلەت دىنى بولۇپ، مەملىكەت ئاھالىسىنىڭ %97 ى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، چامپۇ قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان %2.1 ئاھالە ئىسلام دىنىغا ، ئاز بىر قىسىم ئاھالە كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.

ئىقتىسادى[تەھرىرلەش]

كامبودژا شەرقى جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى ئىتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە بىر قەدەر تەرەققى قىلمىغان دۆلەلەرنىڭ بىرى بولۇپ ئاھالىنىڭ %70 ى يېزا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېزائىگىلىك كىرىمى دۆلەت ئۇمۇمى كىرىمىنىڭ %30 نى ئىگەللەيدۇ. 2010-يىلى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 2000 دوللار بولغان بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يىللىق ئېشىش نىسبىتى 2007-يىلى %10 ، 2008-يىلى %54 ، 2009-يىلى % 1بولغان. كامبودژانىڭ پۇلى كامبودژا رىلى بولۇپ 2010-يىلى بىر دوللار = 4135 كىخمر رېلى غا تەڭ بولغان . 2010-يىلىغا قەدەر كامبودژادا مۇقىم تېلىفون 55 مىڭ، يان تېلىفون 5 مىلىيۇن 500 مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 84 مىڭ بولغان.

يەر تۈزۈلىشى[تەھرىرلەش]

بايلىقى[تەھرىرلەش]

ئىقلىمى[تەھرىرلەش]

يېزا ئىگىلىكى[تەھرىرلەش]

ساياھەتچىلىكى[تەھرىرلەش]

مائارىپى[تەھرىرلەش]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]