شىرك

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

ئىسلام
Allah1.png

ئىتىقادلار

ئاللاھنىڭ بار ۋە بىرلىكى
پەيغەمبەرلەر
مۇقەددەس كىتابلار
پەرىشتەلەر · تەقدىر
قىيامەت كۈنى

ئىبادەتلەر

شاھادەت · ناماز
روزا · زاكات · ھەج

مەتىنلەر & قانۇن

قۇئان · سۈننەت · ھەدىس
فىقىھ ·شەرىئەت · كەلام

تارىخ & مۇھىم شەخسلەر

زامان سىزىقى · مۇھەممەد (ئە.س)
ئەھلى بەيت · ساھابە
تۆرت خەلىفە · ئىمامەت  · خىلافەت
ئىسلامنىڭ تارقىلىشى

مەزھەبلەر

سۇننىي ·شىئە · سۇفىيلىك
قادىرىيلىك · ئىبادىيلىك
قۇرئانچىلىق · مەزھەبسىزلىك

مەدەنىيەت & جەمئىيەت

ئوقۇ-ئوقۇتۇش · سەنئەت
كالىندار · دېموگرافى  ·سىياسەت
ھېيت-بايراملار · مەسجىدلەر
قۇربانلىق ·پەلسەپە
ئىلىم-پەن ·ئاياللار

ئالاقىدار

ئىسلامچىلىق · ئىسلاموفوبى
مۆتىدىل ئىسلام · ئىسلام دۇنياسى
ئىسلام مىللىتى  · باشقا دىنلەر

Allah-green.svg ئىسلام پورتالى

شىرك ياكى شىركى بىللاھ (ئەرەبچە: شرك‎\الشرك بالله)، ئىسلامدا ئاللاھقا ئورتاق قوشۇش مەنىسىگە كەلگەن بىر ئۇقۇم. قۇرئانغا كۆرە ئەڭ مۇھىم ئىمان مەسىلىسى بولغان شىرك، ئاللاھقا ئورتاق قوشۇش، بىر نەرسىگە ياكى دىنىي ئالىملارغا، شەخسكە ئىلاھىي خاسلىققا ئىگە كۆزى بىلەن قاراش، ئاللاھ نامىدىن دىندا قانۇن-نىزام بەرپا قىلىش دېگەن مەنىلەرگە كېلىدۇ. شىرك قىلمىشى سادىر قىلغۇچىغا مۇشرىك دېيىلىدۇ.

كەلامشۇناسلار (ئىسلامىي ئەقائىد پەيلاسۇپلىرى) يارىتىلغانلارنىڭ قادىرى مۇتلەق بولغان ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىن غەيبنى بىلىش، يارىتىش، ئالەمنىڭ تەسەررۇڧى، ھىدايەتكە ئېرىشتۈرۈش ۋە يولدىن چىقىرىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرنىڭ باشقا ئىنسانلارغا، تەڭرىلەرگە، ڧەرىشتە، جىن - شەيتان ۋە باشقىلارغا لايىق كۆرۈش شىرك دەپ قارىلىدۇ.

بۇنىڭ ئەكسى بولمىش بىر ئانتروپوموڧىزم بولسا ئاللاھنىڭ ئۇلۇھىيەتىگە نامۇناسىپ سۈڧەتلەر لايىق كۆرۈلمەكتۇر. بۇ مەنادا كەلامشۇناسلار قۇرئاندا بايان قىلىنغان ئانتروپوموڧىك ئىپادەلەر مۇتەشابىھات دەپ قارايدۇ. مۇتەشابىھاتنىڭ قۇرئاندا يەر ئېلىشىنىڭ سەبەبى سىڧەتىدە، ئىنسانلار ئىشلەتكەن تىللارنىڭ، مۇتەشابىھ ئىپادەلەرنىڭ نېرسىدىكى ھەقىيقى مەنىلىرى ئەينەن ئىڧادە ئەتمەكتىن ئاجىز بولۇش دەپ تۈشەندۈرىلىدۇ.

قۇرئان ئايەتلىرىدە شىرك ئۇقۇمى[تەھرىرلەش]

قۇرئانغا كۆرە ئاللاھقا شىرك قوشماق گۇناھلارنىڭ ئەڭ كاتتىسىدۇر. قۇرئاندا بۇنىڭ بىلەن ئالاقەدەر نۇرغۇن ئايەتلەر ۋارىددۇر. بۇلاردىن بەئزىلىرى:

"قُلْ صَدَقَ اللَّهُ ۗ فَاتَّبِعُوا مِلَّةَ إِبْرَاهِيمَ حَنِيفًا وَمَا كَانَ مِنَ الْمُشْرِكِينَ

ئېيتقىنكى، «ئاللاھ راست ئېيتتى، (ئىسلام دىنىدىن ئىبارەت) ئىبراھىمنىڭ توغرا دىنىغا ئەگىشىڭلار، ئۇ (يەنى ئىبراھىم) مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى»"[1]

"وَمَا يُؤْمِنُ أَكْثَرُهُم بِاللَّهِ إِلَّا وَهُم مُّشْرِكُونَ

ئۇلارنىڭ تولىسى ئاللاھ قا شېرىك كەلتۈرۈپ تۇرۇپ ئىشىنىدۇ (يەنى ئاللاھ نى ياراتقۇچى، رىزىق بەرگۈچى دەپ ئىقرار قىلىش بىلەن بىللە، بۇتلارغىمۇ چوقۇنىدۇ)"[2]

"إِنَّ اللَّهَ لَا يَغْفِرُ أَن يُشْرَكَ بِهِ وَيَغْفِرُ مَا دُونَ ذَٰلِكَ لِمَن يَشَاءُ ۚ وَمَن يُشْرِكْ بِاللَّهِ فَقَدِ افْتَرَىٰ إِثْمًا عَظِيمًا

ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاللاھ قا شېرىك كەلتۈرۈش گۇناھىنى مەغپىرەت قىلمايدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھ قا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، چوڭ گۇناھ قىلغان بولىدۇ"[3]

"اتَّخَذُوا أَحْبَارَهُمْ وَرُهْبَانَهُمْ أَرْبَابًا مِّن دُونِ اللَّهِ وَالْمَسِيحَ ابْنَ مَرْيَمَ وَمَا أُمِرُوا إِلَّا لِيَعْبُدُوا إِلَٰهًا وَاحِدًا ۖ لَّا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۚ سُبْحَانَهُ عَمَّا يُشْرِكُونَ

ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھىبرىلىرىنى، راھىبلىرىنى (يەھۇدىيلار بىلەن ناسارالارنىڭ دىنىي باشلىقلىرىنى، ئۆلىمالىرىنى) ۋە مەريەم ئوغلى مەسىھنى مەبۇد قىلىۋالدى. (ھالبۇكى) ئۇلار (پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق) پەقەت بىر ئىلاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىدى، ئۇنىڭدىن باشقا (يەنى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ تىن باشقا) ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەنلىكلىرىدىن پاكتۇر"[4]

"لَوْ كَانَ فِيهِمَا آلِهَةٌ إِلَّا اللَّهُ لَفَسَدَتَا ۚ فَسُبْحَانَ اللَّهِ رَبِّ الْعَرْشِ عَمَّا يَصِفُونَ

ئەگەر ئاسمان - زېمىندا ئاللاھ تىن باشقا ئىلاھلار بولسا ئىدى، (كائىناتنىڭ تەرتىپى) ئەلۋەتتە بۇزۇلاتتى، ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر[5]

"مَا اتَّخَذَ اللَّهُ مِن وَلَدٍ وَمَا كَانَ مَعَهُ مِنْ إِلَٰهٍ ۚ إِذًا لَّذَهَبَ كُلُّ إِلَٰهٍ بِمَا خَلَقَ وَلَعَلَا بَعْضُهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ ۚ سُبْحَانَ اللَّهِ عَمَّا يَصِفُونَ

ئاللاھ نىڭ بالىسى يوق، ئۇنىڭغا باراۋەر باشقا بىر ئىلاھمۇ يوق، ئەگەر بۇنداق بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا ھەر ئىلاھ ئۆزى ياراتقان مەخلۇقنى يالغۇز ئىگىلەيتتى، بەزىسى بەزىسىدىن غالىب كېلەتتى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئاللاھ قا نىسبەت بەرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر"[6]

شىركنىڭ تۈرلىرى[تەھرىرلەش]

شىركنىڭ تۈرلىرى ھەققىدە بەئزى تۈشەنچىلەر باردۇر:

  1. شىركى ئىستىقلال: بىردىن كۆپ تەڭرىنىڭ مەۋجۇدىيەتكە ھۆكۈم يۈرگۈزىدىغانلىقىغا ئىشىنىلىدۇ. ئىككىنچى تەڭرى تۈشەنچىسى بۇ قاپسامدا كۆرۈلىدۇ. زەردۇشتىيلىك دىنىدا، كائىناتتا مەۋجۇد بولغان يامانلىقنىڭ مەۋجۇدلىقى تەڭرىنىڭ قاراى بىلەن ئىكەنلىكىنى قەبۇل قىلماق، تەڭرىنىڭ مۇكەممەللىكىنىڭ خىلاپىنى ئىلگىرى سۈرۈش دەپ ئاتىلغانلىقى ئۈچۈن، كائىناتتىكى يامانلىقنىڭ ۋە ھەر تۈرلۈك زىيانداش ئەھۋالنىڭ بىر يامانلىق تەڭرىسى تەرەپىدىن (زەردۇستىيلىكتە ئەھرىمەن) ياراتىلغانلىقىغا ئىشىنىلىدۇ. مانىزىمدە بولسا يامانلىقنىڭ بىر يامانلىق كۈچى تەرىپىدىن ياراتىلغانلىقىغا، ئاللاھنىڭ قادىرىي مۇتلەق ئەمەسلىكىگە - ئەستاغڧرۇللاھ - ئىشىنىلىدۇ. شىركنىڭ تۈرلىرى ھەققىدە بەئزى قاراشلار باردۇر. چۈنكى ئاللاھ، قادىرىي مۇتلەق ئىكەنلىكىگە - يامانلىقنىڭ مەۋجۇدىيىتىنىڭ ھەم ئاللاھنىڭ رۇخسىتى ۋە يارىتىشى بىلەن بولغانلىقىنى قەبۇل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن - يامانلىق كۈچىنىڭ بارلىقىنىڭ دەۋام قىلالىشى تۈشەندرۈپ بولمايدۇ. قۇرئاندا دۇئالىست (ئىككى تەڭرىچىلىك) ياكى پولىتېئىست (كۆپ تەڭرىلىك) ئىتىقادلار تۆۋەندىكى ئايەت بىلەن ئوپئوچۇق رەد قىلىنماقتا. "'وَقَالَ اللّهُ لاَ تَتَّخِذُواْ إِلهَيْنِ اثْنَيْنِ إِنَّمَا هُوَ إِلهٌ وَاحِدٌ فَإيَّايَ فَارْهَبُونِ' اللە: "ئىككى ئىلاھقا ئىبادەت قىلماڭلار، ئۇ پەقەت بىرلا ئىلاھتۇر، مەندىنلا قورقۇڭلار" دېدى.[7]
  1. شىركى تەبىز: تەڭرىنى بىر پۈتۈننىڭ پارچىسى دەپ قەبۇل قىلىش. ئۈچلۈك ئىتىقادى بۇ قاپسامدا كۆرۈلۈشكە بولىدۇ.
  1. شىركى ئەسباب: تاشقى كۈچنى رەد قىلغان، كائىناتتىكى مەۋجۇدىيەتلەر، ماددىنىڭ ۋە كائىناتنىڭ ئۆزىنىڭ ئىچ دىنامىكلەرى بىلەن تۈشەندۈرىدىغان قاراش، ئىشەنگەنلەر تەرىپىدىن بۇ قاپسامدا كۈرۈش مۇمكىن.

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]