ئىسلامدىكى بەش پەرز

ئورنى Wikipedia

ئىسلام

ئىتىقادلار

ئاللاھنىڭ بار ۋە بىرلىكى
پەيغەمبەرلەر
مۇقەددەس كىتابلار
پەرىشتەلەر · تەقدىر
قىيامەت كۈنى

ئىبادەتلەر

شاھادەت · ناماز
روزا · زاكات · ھەج

مەتىنلەر & قانۇن

قۇئان · سۈننەت · ھەدىس
فىقىھ ·شەرىئەت · كەلام

تارىخ & مۇھىم شەخسلەر

زامان سىزىقى · مۇھەممەد (ئە.س)
ئەھلى بەيت · ساھابە
تۆرت خەلىفە · ئىمامەت  · خىلافەت
ئىسلامنىڭ تارقىلىشى

مەزھەبلەر

سۇننىي ·شىئە · سۇفىيلىك
قادىرىيلىك · ئىبادىيلىك
قۇرئانچىلىق · مەزھەبسىزلىك

مەدەنىيەت & جەمئىيەت

ئوقۇ-ئوقۇتۇش · سەنئەت
كالىندار · دېموگرافى  ·سىياسەت
ھېيت-بايراملار · مەسجىدلەر
قۇربانلىق ·پەلسەپە
ئىلىم-پەن ·ئاياللار

ئالاقىدار

ئىسلامچىلىق · ئىسلاموفوبى
مۆتىدىل ئىسلام · ئىسلام دۇنياسى
ئىسلام مىللىتى  · باشقا دىنلەر

ئىسلام پورتالى

ئىسلامدىكى بەش پەرز، ئىسلام دىنىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھقا بويسۇنۇشى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن دىنىي مەجبۇرىيەتلەردۇر. «ئېتىقادنىڭ تۈۋرۈكى» دەپ ئاتالغان بەش پەرز ئىسلام دىنىنىڭ تۈپ مەجبۇرىيەتلىرىدۇر:

  1. شاھادەت ئېيتىش(ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولۇش)؛
  2. ھەر كۈنى بەش ۋاق ناماز ئوقۇش؛
  3. يىلدا بىر قېتىم زاكات بېرىش؛
  4. يىلدا بىر ئاي رامىزان روزىسى تۇتۇش؛
  5. ئىقتىسادىي شارائىتى يار بەرسە ئۆمرىدە بىر قېتىم ھەج قىلىش.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەمەلىيەتكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرەتتى، ئۇ ئورۇنلىغىلى بولمايدىغان ئىشلارنى دىنىي ئەمەل قىلىپ بەلگىلىگەن ئەمەس، تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان چۈشىنىكسىز ئەقىدىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانمۇ ئەمەس.

شاھادەت ئېيتىش: لائىلاھە ئىللەللاھۇ، مۇھەممەدىن رەسۇلۇللاھ (بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئالاھنىڭ ئەلچىسىدۇر) دەپ ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولۇش. ئەشھەدۇ ئەن لائىلاھە ئىللەللاھۇ، ۋە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدىن رەسۇلۇھۇ (گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، ئاللاھ تەئالادىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تەئالانىڭ بەندىسى ۋە بەرھەق پەيغەمبىرىدۇر) دەپ گۇۋاھلىق بېرىش.

زاكات ۋە سەدىقە: زاكات ھۆكۈمەت ئالىدىغان باج ئەمەس، خالىغاندا بېرىدىغان سەدىقە ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ ئەمرى. ”زاكات“ ئەرەبچە سۆز بولۇپ، مەنىسى ”پاكلاشتۇرۇش“ دېگەنلىك بولىدۇ. مۈلۈكدارلار ئاللاھ ئىلتىپات قىلغان مال-مۈلكىنىڭ بىر قىسمىنى ئاجرىتىپ يوقسۇللارنى ئۇنىڭدىن بەھرىمەن قىلغاندىلا، ئاندىن ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىنى پاكلاشتۇرۇپ ئۇنى ئىگىلەش ۋە ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتىگە ئىگە بولالايدۇ. زاكات ئارقىلىق مال- مۈلۈك پاكلىشىدۇ. بەلگىلىمە بويىچە، زاكات ئۆز تۇرمۇشىدىن ئېشىنغان مۈلۈكنىڭ %2.5 (40\1) بويىچە يىلدا بىر قېتىم بېرىلىدۇ. ھەرقانداق پايدا كەلتۈرىدىغان مۈلۈكلەر، مەسىلەن چارۋا- مال، تېرىلغۇ يەر، باغ- ۋاران، ئۆي-مۈلۈك قاتارلىقلارمۇ باھاغا سۇندۇرۇلۇپ، يۇقىرىقى پىرسەنت بويىچە زاكات بېرىلىدۇ.[1] زاكات ئىسلام دىنىدىكى بەش پەرزنىڭ بىرى بولغاچقا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئادا قىلىشى شەرت بولغان دىنىي مەجبۇرىيەت. ئادەتتىكى سەدىقە بولسا ئۆز ۋىجدانىغا ئاساسەن بېرىدىغان ساۋابلىق ھەرىكەتتۇر . ”سەدىقە“ دېگەن بۇ ئەرەبچە سۆز ”راستچىللىق“، ”سەمىمىيلىك“ دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرەتتى. كېيىن ساداقەتمەنلىكنىڭ مۇھىم مەجبۇرىيىتى بولغان سەدىقىنى بىلدۈرىدىغان بولدى.[2]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]