ئۆزبېكىستان

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى Özbékistan Jumhuriyiti)
ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى

ئۆزبېكچە: O‘zbekiston Respublikasi Ўзбекистон Республикаси
ئۆزبېكىستان

دۆلەت گربى

دۆلەت بايرىقى
مارش:



مەمۇرىي مەركىزى

ۋە

تاشكەند

41°16′ شىمال ′13°69 شەرق

رەسمىي تىللار

ئېتراپ قىلىنغان تىللار
خەلقئارا ئالاقىدە

ئۆزبېكچە

قاراقالپاقچە
رۇسچە

ئېتنىك گرۇپلار(1996)








81.1% ئۆبېكلەر

5.4% رۇسلار
4.0% تاجىكلەر
10% باشقىلار
3.0% قازاقلار
2.5% قاراقالپاقلار
1.5% تاتارلار
2.5% باشقىلار

ھۆكۈمەت

• ئەلباشى
• باشۋەكىل

جۇمھۇرىيەت

شەۋكەت مىرزىيايېۋ (مۇھەققەت)
شەۋكەت مىرزىيايېۋ

قۇرۇلۇش

بۇخارا ئەمىرلىكى
بۇخارا سوۋېت خلق جۇم.
ئۆزبېك س س ر
• مۇستەقىللىق ئېلانى
• ئىتىراپ قىلىنىشى
• تاماملىنىشى


1785
1920- 09- 02
1924- 10- 27
1991- 09- 01
1991- 12- 08
1991- 12- 25

ئاھالە

• 2016 تەخمىنەن
• زىچلىقى


31,576,400 جان (41.)
61.4/km2 جان (116.)

يەر مەيدانى

- توپلام

- سۇ (%)


448.978 km2
172.742 mil2
4,9

ئ.ئ.ۇ.ق (س.كۈچى)

- توپلام
- كىشى بېشى

2015- يىلى

$183.933 مىلىيارد (62.)
$5,939 ھەر كىشى

ئ.ئ.ۇ.ق (تۆۋەن)

- توپلام
- كىشى بېشى

2015- يىلى

$68.190 مىلىيارد (70.)
$2,202 ھەر كىشى (130.)

پۇل بىرلىكى سوم (UZS)
قاتناش ئوڭدىن
ۋاقىت رايونى UTC+5
خەلقئارالىق تېلېڧون 998+
ئنتېرنېت uz.

ئۆزبېكىستان (ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى) (ئۆزبېكچە: O‘zbekiston Respublikasi) ئوتتۇرا ئاسىياغا جايلاشقان، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تارقالغاندىن كېيىن مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن مەملىكەت. ھازىرقى زۇڭتۇڭ ساۋكات مىرزىيويەۋ.

ئۆزبېكىستان بۇگۈن خەلقئارادا مەۋجۇد مۇستەقىل 7 تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، "تۈركسوي"نىڭ ئەزاسىدۇر. دېڭىز ئوكيان چىگرىسى بولمىغان بۇ دۆلەتنىڭ قوشنىلىرى شىمال ۋە غەربتە قازاقىستان، شەرقتە قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان، جەنۇبتا تۈركمەنىستان ۋە ئاڧغانىستان باردۇر. زېمىنىنىڭ كۆپ قىسمى قەدىمكى ماۋەرائۇننەھرگە جايلاشقان. ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى ۋە ئەڭ چوڭ شەھىرى تاشكەنت. مەملىكەت 12 ۋىلايەت ۋە بىر ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتتىن تەشكىل تاپقان.

ئۆزبېكىستان ئىقتىسادى، پاختا، ئالتۇن، ئۇران ۋە تەبئىي گاز باشتا بولۇپ، كۆپىنچە مېتال ئىشلەپچىقىرىشقا تايىنىدۇ. بازار ئىقتىسادىغا كىرىشنى مەقسەد قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولىشىغا قارىماي، دۆلەت ئىچىدە مەبلەغ سالغۇچى سالغۇچى چەتئەللىكلەرنى زېرىكتۈرىدىغان قاتتىق ئىقتىسادىي تەكشۈرۈشلەر بىر شەكىلدە دەۋام قىلماقتا. ئۆزبېكىستان كىشىلىك ھوقۇق|ئىنسان ھەقلىرى ۋە شەخسىي ئەركىنلىك ھەققىدە ئىچكى سىياسەتلىرى بەئزى خەلقئارالىق تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئاغىر بىر شەكىلدە تەنقىد قىلىنماقتا.

جۇغراپىيە[تەھرىرلەش]

ئۆزبېكىستاننىڭ ئۇمۇمىي چىگرا ئۇزۇنلىقى 6،621 كىلۇمېتىرغا، غەرىبتىن شەرىققە ئۇزۇنلۇقى 1،425 كىلومېتىرغا، شىمالدىن جەنۇبقا 925 كىلۇمېتىرغا سوزۇلغان. ئۆزبېكىستان غەرب ۋە شىمالدا قازاقىستان بىلەن، شەرىقتە قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان بىلەن، جەنۇبىدا تۈركمەنىستان ۋە ئافغانىستان بىلەن چىگرىداش.

مەمۇرىي رايونلار[تەھرىرلەش]

ئۆزبەكىستاننىڭ مەمۇرىي رايونلىرى

ئۆزبەكىستاندا بىر مەكىزى پايتەخت شەھەر، 12 دانە ۋىلايەت ۋە بىر ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت بار، ئۇلار:







ئۆزبىكىستاندىكى چوڭ شەھەرلەر[تەھرىرلەش]

بۇخارا –ئۆزبىكىستاندىكى بەشىنچى چوڭ شەھەر، شۇنداقلا بۇخارا ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى بۇلۇپ، سوغدى تىلىدا "خەيىرلىك جاي "دىگەنلىكتۇر. 2009- يىلىغا قەدەر بولغان جەمئىي نۇپۇسى 263مىڭ. بۇخارا ئەتراپىدىكى رايونلاردا بەشمىڭ يىل ئىلگىرىلا كىشلەر ئولتۇراقلاشقان بۇلۇپ ،شەھەرنىڭ كەم دىگەندە 2500 يىللىق تارىخى بار.يىپەك يولىغا جايلاشقان بۇ شەھەر ئۇزاق دەۋىرلەردىن بۇيان سودا-سېتىق،ئىلىم-پەن،مەدەنىيەت ۋە دىننى مەركەز بولغان.بۇخارادا نۇرغۇنلىغان ئاسار ئەتىقە ،ساياھەت ئورۇنلىرى بۇلۇپ، كۆپىنچىسى ب د ت پەن مائارىپ تەشكىلاتى تەرىپىدىن دۇنيا مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.بۇخارادا تاجىكلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان،ئۇنىڭدىن باشقا يەھۇدى ۋە باشقا مىللەتلەرمۇ بار.

مەرغىلان-ئۆزبىكىستاننىڭ شەرقى قىسمىدىكى فەرغانە ۋىلايىتىگە قاراشلىق شەھەر بۇلۇپ ،2009-يىلىدىكى ئومۇمى نۇپۇسى 197مىڭ.ياۋروپا رىۋايەتلىرىگە قارىغاندا ،مەرغىلان بۈيۈك ئىمپىراتور ئالىكساندىر تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئىكەن.بىر كۈنلۈك چۈشلۈك تاماققا ئۇنىڭغا توخۇ(پارىسچە مەرۇغ ) ۋە نان (پارىسچە نان)كەلتۈرلىدىكەن.بۇ شەھەرنىڭ نامى شۇنىڭدىن كىلىپ چىققانمىش. مەرغىلان يىپەك يولىدىكى قەدىمى شەھەرلەدىن بۇلۇپ ،سودىگەرلەر ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاچقۇچ شەھەر ھىساپلىنىدۇ.مەرغىلان ئەتلىسىنىڭ داڭقى بار.

سەمەرقەند-ئۆزبىكىستاندىكى ئىككىنچى چوڭ شەھەر،سەمەرقەند ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى بۇلۇپ ،سو غدى تىلىدا "تاش قەلئە ،تاش كەنىت "دىگەن مەنىلەرگە ئىگە .بۇ شەھەر يىپەك يولىدىكى غەرىب ۋە شەرىقنى تۇتاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ئورنى ۋە ئىسلام مەركەز بۇلۇش سۈپىتى داڭلىق . 14-ئەسىرلەردە سەمەرقەند تىمورلەڭ ئىمپىريىسىنىڭ مەركىزى بولغان .(گۆر ئەمىر مەقبەرىسىمۇ شۇ يەردە.) بىبى خانۇم مەسچىتى سەمەرقەندنىڭ بەلگە خاراكتىرلىك ئىمارىتى.2001-يىلى ب د ت پەن مائارىپ تەشكىلاتى سەمەرقەندنى دۇنيا مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈپ ،مەدەنىيەتلەر دوقمۇشى دىگەن نامنى بەردى .

نەمەنگان-ئۆزبىكىستاندىكى ئۈچۈنجى چوڭ شەھەر،نەمەنگان ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى بۇلۇپ ،فەرغانە ۋادىسىنىڭ شىمالى قىسمىغا جايلاشقان.2010-يىلىدىكى ئومۇمى نۇپۇسى 441.3مىڭ. تاشكەنت –ئۆزبىكىستاننىڭ پايتەختى ،تاشكەنىت ۋىلايىتىگە قاراشلىق.ھۆكۈمەت سىتاتستىكىسىدا شەھەر نۇپۇس 2.2 مىليوندىن كۆپ دىيىلگەن بۇلۇپ ،باشقا مەلۇماتلاردا ھەقىقى نۇپۇسنىڭ 4.5مىليونغا يىتىدىغانلىقى ئېيتىلغان.

ئەندىجان-ئەندىجان ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى، ئۆزبىكىستاندىكى تۆتىنچى چوڭ شەھەر.ئەندىجان فەرغانە ۋادىسىدىكى قىرغىزىستان چىگرىسىغا يېقىن بولغان ئەندىجان ساي دەرياسى يېنىغا جايلاشقان.1999-يىلدىكى نۇپۇسى 323مىڭ. - فەرغانە-فەرغانە ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى بۇلۇپ ،ئۆزبىكىستان ،قرغىزىستان ۋە تاجىكىستاننى كىسىپ ئۆتكەن فەرغانە ۋادىسىنىڭ جەنۇبى قىسمىغا جايلاشقان.نۇپۇسى 214مىڭ ئەتراپىدا.فەرغانە تاشكەنىتنىڭ 420كىلومىتىر شەرق تەرىپىدە،ئەندىجاننىڭ 75كىلومىتر غەربىدە.

خىۋە-(تارىختىكى نامى خارازىم) خارازىم ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى،ئومومى نۇپۇسى 50مىڭ ئەتراپىدا.خىۋە خارازىم خاندانلىقى ،خىۋە خاندانلىقىنىڭ پايتەختى،شۇنداقلا ئۆزبىكىستاندىكى بىرىنچى بۇلۇپ دۇنيا مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن جاي.

زەرەفشان-ئۆزبىكىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى نەۋاۋىي ۋىلايىتىگە قاراشلىق بۇلۇپ ،ئومۇمى نۇپۇسى 65مىڭ.بۇ شەھەر قىزىلقۇم قۇملۇقىغا جايلاشقان بۇلۇپ ،220كىلومىتر يىراقلىقتىكى ئامۇ دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىشلىتىدۇ.

ئېتنىك تائىپىلەر[تەھرىرلەش]

ئۆزبېكىستان ئاھالىسى تەخمىنەن 28 مىلىيون بولۇپ، ئۆزبېكلەر ئاساسلىق مىللەت سۈپىتىدە 80% (22مىلىيون)نى تەشكىل قىلىدۇ. بولۇپمۇ فەرغانە ۋادىسى، خارەزم، قاشقا دەريا ۋېلايەتلىرىدە ئاھالە تەركىبىدە ئۆزبېكلەرنىڭ سالمىقى ئالاھىيدە زور. نوپۇسى 1 مىلىيوندىن ئاشىدىغان مىللەتلەردىن رۇسلار،تاجىكلار،قازاقلار؛ 500 ئەتراپىدىكىلەر، تاتارلار،قىرغىزلار،قارا قالپاقلار دىن باشقا فارسلار (پارىسلار) (200 مىڭ)،كورىئانلار(200 مىڭ) ئۇكرائيانلار (150 مىڭ)، تۈركمەنلەر (105 مىڭ)،ئەرمەنىيلەر 100 مىڭ، ئەرەبلەر ۋە لولىلار (50 مىڭ) ۋە باشقىلار. (ئۇيغۇرلارنىڭ ئايرىم مىللەت سۈپىتىدە سانى بېرىلمىگەن)

ئىقتىسادى[تەھرىرلەش]

يېزا ئىگىلىكى[تەھرىرلەش]

ساياھەتچىلىكى[تەھرىرلەش]

Gallery[تەھرىرلەش]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]