مۇھەممەد سالىھ ھاجىم

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم، 1936-يىلى ئاتۇشتىكى فازىل، تۇنۇلغان ئالىم سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.

دەسلەپكى يىللىرى[تەھرىرلەش]

ئاتىسى ئەينى زاماندا ئەرەب، پارس ئەدەبىياتى بويىچە يېتىلگەن ئەدىب، ئىسلام دىنى ئىلمىدا توشقان كاتتا ئۆلىما، مەرىپەتپەرۋەر زات ئىدى. پەننى مەكتەپتە ئوقۇپ يۈرگەن مۇھەممەد سالىھ دادىسىنىڭ تەسىرىدە كىچىكىدىنلا ئەتراپلىق دىنى تەلىم ئېلىشقا باشلىدى. 11 يېشىدىلا خەتمىدىن ئۆتۈپ، مۇرەتتەب قارى بولغاندىن كىيىن ئەرەب، پارس تىللىرىنى ئۆرگىنىشكە كىرىشتى، كېيىنكى ئېغىر جاپالىق كۈنلەردىكى قىيىن شارائىت ۋە بېسىم ئۇنىڭ ئىلىمگە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى ۋە بۈيۈك غايە ئۈچۈن تىكىلىگەن ئىرادىسىنى بويسۇندۇرالمىدى. دادىسى سالىھ داموللا ھاجىم ئوغلىنىڭ يۇمران قەلبىدە ئۇنىڭ توغرا يۆلنىش بويىچە ئەتراپلىق يېتىلىشى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان ئۇنتۇلغۇسىز، ئىلھامبەخىش ئىزلارنى قالدۇرغانىدى. دادىسىنىڭ تەربىيسىدە ئىسلام دىنىنىڭ ھەر قايسى ئىلىم تۈرلىرىگە پۇختا ئاساس سېلىپ بولغان مۇھەممەد سالىھ كېيىن بېيجىڭغا بېرىپ، جۇڭگۇ ئىسلام ئېنىستىتۇتىدا بەش يىل ئوقۇدى. ئەينى چاغلاردا مىسىردىن تەكلىف قىلىنغان بەھىييۇددىن زەييانى، شەيخ ئابدۇللەتىف ھامىد سۇلايمان قاتارلىق پروفېسسرورلارنىڭ بىۋاستە يېتەكچىلىكىدە، تەفسىر، ھەدىس، فىقھ، ئەقىدە، ئىسلام پەلسەپىسى، ئىسلام تارىخى، ئىلمى بالاغەت، ئىلمى كالام، ئەرەب ئەدەبىياتى قاتارلىق پەنلەرنى سېستىملىق ئۆرگەندى. 1960- يىلى كۈزدە مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادېمىيسى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ مىللەتلەر تەتقىقات ئورنىغا ئورۇنلاشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كۆڭلىگە پۈككەن پىلانلىرى بويىچە پۈتۈن زېھنى بىلەندىن تەتقىقات خىزمىتىگە كىرىشىپ كەتتى. «قۇرئان كەرىم» دۇنيادا نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنىۋاتقان شارائىتتا، ئۇنىڭ ھازىقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسىنىڭ يوقلىقى زور بىر بوشلۇق ئىدى. ئۇنى تەرجىمە قىلىش ئۇيغۇر كىتابخانلىرىنى قۇرئاننى بىۋاستە چۈشىنىش، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئېتىقاد جەھەتتىكى جىددى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلىم-پەن خادىملىرىنى قۇرئاننى تەتقىق قىلىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلاتتى. ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ بۇ تەشنالىقىنى چۈشەنگەن مۇھەممەد سالىھ «قۇرئان كەرىم»نى تەرجىمە قىلىشنى نىيەت قىلىپ، خېلى بۇرۇندىن تارتىپ نۇپۇزلۇق قۇرئان تەفسىرلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى توپلاشقا كىرىشكەن ئىدى.

«قۇرئان كەرىم»نى تەرجىمە قىلىش[تەھرىرلەش]

«قۇرئان كەرىم»نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش مۇرەككەپ بىر تەتقىقات جەريانى بولدى. مۇھەممەد سالىھ ھەربىر ئايەتنى تەرجىمە قىلغاندا نۇپۇزلۇق تەفسىر كىتابلىرىغا ۋە كلاسسىك ئەرەب تىلى بىلەن ھازىرقى زامان ئەرەب تىلى سېلىشتۇرۇلغان لۇغەت-قامۇسلارغا مۇراجىئەت قىلدى. ئىپادىلەش جەھەتتىمۇ ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈپ، ھەربىر سۆز ئۈستىدە ئەتىراپلىق ئىزدەندى. «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئالاھىدە ئورنىنى ۋە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبىنى نەزەردە تۇتۇپ، ھەربىر ئايەتنىڭ مەزمۇنىنى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بويىچە ئەينەن تەرجىمە قىلدى. كىتابخانلارنىڭ چۈشىنىشىگە ئاسانلىق يارتىپ بېرىش ئۈچۈن، زۆرۈز تېپىلغاندا جايلارغا قىستۇرما سۆز ۋە قىسقىچە ئىزاھلارنى بەردى. بۇ ئىزاھلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىشەنچىلىك قۇرئان تەفسىرلىرىدىن تاللاپ ئېلىندى. ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھەر بىر مۆجىزە، ئۇلۇغ ئىشلار كىشىلەرنىڭ قان-تەر تۆكىشى بىلەن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. مۇھەممەد سالىھ كۆپ يىللىق جاپالىق ئەمگەك قىلىپ، نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئاخىر مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى دەستۇرى بولمىش «قۇرئان كەرىم» نى ئەرەب تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەلەپكە لايىق رەۋىشتە تەرجىمە قىلىپ چىقتى. قۇرئاننىڭ قىسقىچە تەفسىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ تەرجىمە پۈتۈپ نەشر قىلىنىش ئالدىدا، شىنجاڭ ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بويىچە دىيارىمىزدا مۆتىۋەر ھېسابلانغان 15 نەپەر نوپۇرلۇق ئالىمنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشىغا سۇنۇلدى. ئۆلىمالار تەرجىمىنى باشتىن-ئاخىر مۇتالىئە قىلىپ چىقىپ، بىر ئېغىزدىن ماقۇللاپ، ئالاھىدە تەھسىن ئوقۇپ، تەقرىز يېزىپ بەردى. بۇ تەرجىمە 1986-يىلى مەركىزى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 200 مىڭ پارچە بېسىپ تارقىتىلدى. شۇنداقلا «قۇرئان كەرىم» نىڭ بۇ تەرجىمە نۇسخىسى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى فەھدىنىڭ تەستىقلىشى ۋە ئەمرى بىلەن پادىشاھنىڭ قۇرئان بېسىش مەتبئەسىدە بىر قانچە يۈز مىڭ پارچە بېسىلىپ، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرگە تارقىتىلدى. سەئۇدىدا بېسىلغان بۇ نۇسخا جۇڭگۇ ئىسلام جەمئىيتى ئارقىلىق ئالدۇرۇلۇپ، شىنجاڭدىمۇ خېلى نۇرغۇن تارقىتىلدى. ئالىم ئىشلىگەن «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ سىلاۋىيان يېزىقىدىكى نۇسخىسى موسكۋادا نەچچە مىڭ نۇسخا بېسىپ تارقىتىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىردەك ئالقىشىغا ئېرىشتى. مۇھەممەد سالىھ يەنە ھەدىس ئىلمىدىكى ئالتە ئىشەنچىلىك، نوپۇزلۇق كىتابلارنىڭ بىرىنچىسى بولغان «سەھىھۇلبۇخارى»نى ۋە «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمھالى» قاتارلىق كىتابلارنىمۇ ئەرەبچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇردى. مەيلى قۇرئان ياكى ھەدىس بولسۇن، ئالاھىدە ئىجتىمائىي مۇھىتقا ۋە تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە، تىلى بۇنىڭدىن مىڭ نەچچە يۈز يىل ئىلگىرىكى ئەرەب بەدىئىي تىلىنى ئاساس قىلغان، پاساھەت-بالاغىتى ۋە بەدىئىيلىكى يۇقرى بولغان، ئۇنى چۈشىنىش، ئەسلىگە سادىق بولغان ھالدا تەرجىمە قىلىش ئاسان ئەمەس ئىدى. ئىستېداتلىق دىنى ئالىم مۇھەممەد سالىھ ئۇزۇن يىل كىتابلار دېڭىزىدا ئۈزۈش، نۇرغۈن زېھنى قۇۋۋىتىنى سەرپ قىلىش بەدىلىگە ئاخىر بۇ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. ئۇلاردىن باشقا، ئۇ يازغان « ‹قۇرئان كەرىم›نىڭ 29-ۋە30-پارىلىرىنىڭ تەپسىرى». ئىسلام ئېتىكىسىغا ئائىت 30 نەچچە تېمىنى ئۆز ئىچىگەئالغان « ‹قۇرئان كەرىم› ۋەھەدىسلەردىن تاللانما» ناملىق كىتاب ۋە ئوتتۇرا ھەجىملىك «ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت»نەشردىن چىقىپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. بولۇپمۇ بۇ ئىستېداتلىق ئالىمنىڭ 20 يىللىق جاپالىق ئەجرى ۋە يۈرەك قېنىنىڭ مېۋىسى بولغان چوڭ ھەجىمدىكى «ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت» 2002-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشردىن چىقىپ، بۇ ساھەدىكى زور بوشلۇقنى تولدۇردى. يەنە «دۇئانىڭ ئەھمىيتى ۋە خاسىيەتلىك دۇئالار» ناملىق كىتابىمۇ نەشرىدىن چىقىپ تارقىتىلدى. مۇھەممەد سالىھنىڭ تەتقىقاتى دىنىي تېمىلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، يەنە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى، تارىخ، تىل، مائارىپ ساھەلىرىگىمۇ چېتىلىدۇ. مۇھەممەد سالىھ 1961-يىلدىن تارتىپ تارىخشۇناس ئۇيغۇر سايرانى ئەپەندى بىلەن بىرلىشىپ «دىۋان لۇغەتىت تۈرك» كىتابىنى ئەرەبچە فاكسىمىل نۇسخىسى بىلەن باسما نۇسخىغا ئاساسەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشقا كىرىشكەنىدى. 4 يىل جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق بۇ ۋەزىپىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملاپ نەشرگە سۇنۇش ئالدىدا «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» باشلىنىپ شۇ «ئىنقىلاب» قالايمىقانچىلىقىدا ئۇ تەرجىمە نۇسخا تالان-تاراج قىلىنىپ زايا بولۇپ كەتتى.

ئىلمى خىزمەتلىرى[تەھرىرلەش]

مۇھەممەد سالىھ يەنە ئۆزى يالغۇز ۋە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئاساسىدا «جامىئۇتتەۋارىخ». «تەۋارىخ خەمسە»، «غازات دەر مۈلكى چىن»، «ئىھيائۇلۇمىددىن»، «مەكتۇبات»، «تەزكىرەئى ئەزىزان»، «سىررۇلمۇخلىس»، «زەپەرنامە»، «تەزكىرەئى ئۇۋەيسىييە»، «تەۋارىخ جەدىدە»، «جەھدۇلمۇقىل»، قاتارلىق كىتابلارنى تەرجىمە قىلىپ، ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىنى مول ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئەتتى.

ئالىم مۇھەممەد سالىھ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيسىدە 27 يىل ئىشلەش جەريانىدا نۇرغۇن ئىجتىمائىي، ئىلمى تەكشۈرۈشلەرگە ۋە ماتېرىيال توپلاشقا قاتناشتى. جاپالىق ئىزدىنىپ بىرىنچى قول ماتېرىياللارنى ئىگەللەش ئۈچۈن، شىنجاڭدا ئۇنىڭ ئايىغى تەگمىگەن قەدىمى جايلار، يادىكارلىقلار، مازا-ماشايىخلار، مەسجىد-مەدرىسلەر قالمىدى. ئەينى چاغدىكى نامدار ئۆلىمالار، پىشقەدەم ۋەقەشۇناسلار، يۇرت مۆتىۋەرلىرىنى زىيارەت قىلىپ ئىلمىي سۆھبەتلەرنى ئېلىپ باردى. ئۇ يەنە «تۈركى تىللار دىۋانىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئۇقۇغاندىن كىيىن»، «ئۇلۇغ ئەدىب تەجەللىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرى توغرىسىدا»، «رۇقەئاتى نەۋائىي ھەققىدە»، «ئاپپاق غۇجا مازىرى ۋە ئۇنىڭ تارىخى ئارقا كۆرىنىشى توغرىسىدا»، «مازارپەرەسلىكۋە ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى خۇسۇسىيەتلىرى»، « ‹قۇتادغۇبلىك›تىكى ئۇدغۇرمىش ئوبرازى توغرىسىدا»، «شىنجاڭنىڭ دىنى مائارىپى ۋە ئۇنىڭ تارىخى ئۆتمۈشى»، «ئىسلام دىنىتارىخىدىكى خاۋارىجلار گۇروھى»، «شىئە ئىسمائىلىيە مەزھىپى ۋە ئۇنىڭ تارىخى توغرىسىدا»، «شىنجاڭدىكى مازارلار توغرىسىدا»، «مەخدۇم ئەزەم ۋە ئۇنىڭ نەسەبنامىسى»، «ئىسلام دىنى ۋە ئىلىم پەن»، «دۇئانىڭ ئەھمىيتى ۋە خاسىيەتلىك دۇئالار»، «ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرى» قاتارلىق ئىلمى ماقالىلەرنى يازدى. بۇ ماقالىلەرنىڭ بەزىلىرى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا، بەزىلىرى مەملىكەتلىك يىغىنلاردا ئوقۇلدى ۋە مەركەز ۋە يەرلىكتە چىقىدىغان «دۇنيا دىنلىرى تەتقىقاتى»، «جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرستىتى ئىلمىي ژورنىلى» قاتارلىق ژورناللاردا ئېلان قىلىندى. مۇھەممەد سالىھ يەنە ۋاقىت ئاجرىتىپ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللاندى. «تەجدىد» ناملىق غەزەللەر دىۋانىنى، «تۇتنامە»نى، چوڭ ھەجىملىك داستان «مۇھەببەتنامە»، ھۈسەيىنخان تەجەللىنىڭ ۋە دادىسى سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىنى نەشرگە تەييارلىدى ۋە «بۇلاق» ژورنىلىنىڭ بەزى سانلىرىدا ئېلان قىلدى. مۇھەممەد سالىھ بىر تەرەپتىن جاپالىق ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن 1987-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئىسلام ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. ياراملىق دىنىي ئىزباسارلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ھاردىم-تالدىم دېمەي تەر تۆكتى. ئېنىستىتۇتنىڭ ھەر قايسى تەرەپتىكى خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىرگە ئوقۇ-ئوقۇتۇش تۈرىگە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قاراپ، نازارەتچىلىك قىلىشلا ئەمەس، بەلكى ئۆزى بىۋاستە قول تىقىپ ئىشلىدى، دەرىسلىكلەرنى تۈزدى، دەرىسخانىغا كىرىپ بىۋاستە دەرس ئۆتتى.

ئىستېداتلىق ئالىمنىڭ قان-تەرى،ئەجرى بىكارغا كەتمىدى.ئۇ ئىسلام دىنى تەتقىقاتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى بىلەن دۆلەت ئىچىدە جامائەت ئەرباپى سۈپىتىدە تونۇلۇپلا قالماي، خەلقئارادىمۇ مۇئەييەن تەسىر ۋە ئابرويغا ئىگە بولدى. دۆلىتىمىز ئىسلام ۋەكىللەر ئۆمىكى تەركىبىدە كۇۋەيت، سۇدان دېمۇكراتىك جۇمھۇرىيىتى، ئىران، تۇنىس جۇمھۇرىيىتى، سەئۇدى ئەرەبىستانى، پاكىستان، ماراكەش پادىشاھلىقى، مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيىتى، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولدى ۋە خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە، لېكسىيە ئوقۇش يىغىنلىرىغا كۆپ قېتىم قاتناشتى.

ئىجتىھاتلىق تۆھپىكار ئالىم 1991-يىلى 10- ئاي. ئەرەب مىسىر جۇمھۇرىيتىنىڭ پايتەختى قاھىرەدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەۋلۇدىنى خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارالىق تەنتەنىلىك يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. ئىلمى مۇھاكىمە خاراكتېرىنى ئالغان بۇقېتىملىق يېغىندا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن تاللانغان خەلقئارا ئىسلام دىنى تەتقىقاتى ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپە قوشقان 10 ئالىم مىسىر زۇڭتۇڭى مۇھەممەد ھۈسنى مۇبارەكنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىپ، ھۈسنى مۇبارەكنىڭ ئۆز ئىمزاسى قۇيۇلغان تەبرىك شاھادەتنامىسىنى ئۆز قولىدىن تاپشۇرۇپ ئېلىپ 1-دەرىجىلىك ئىلىم پەن ئوردىنى بىلەن مۇكاپاتلاندى. دۇنيادىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ تۆھپىكار ئالىملارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى بەس-بەستە خەۋەر قىلىشتى. بۇ ئون ئالىم ئىچىدىكى تولىمۇ يىراق تەكلىماكان باغرىدىن كەلگەن، بېشىغا يارىشىملىق بادام دوپپا، بەقەسەم تون كىيگەن بىر ئۇيغۇر گېزىت-ژورنال مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەت قىلىش ئوبېكتى بولۇپ قالدى. ئىسلام دىنى تەتقىقات ساھەسىدىكى سەمەرىلىك نەتىجىلىرى بىلەن ئۆز خەلقىنى خەلقئارالىق سەھنىلەرگە ئېلىپ چىققان بۇ كىشى دىنشۇناس، قۇرئانشۇناس، تەتقىقاتچى ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللام ئىدى. 1992-يىلى رامىزان ئېيى. ماراكەش پادىشاھلىقىنىڭ راباتتىكى خان ئوردىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن رامىزان لېكسىيە ئوقۇش يىغىنى داۋام قىلىۋاتاتتى. كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رەڭگارەڭ گىلەملەر بىلەن بېزەلگەن شاھلىق تۆشەك ئۈستىدە ماراكەش پادىشاھى ھەسەن II ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئەلچىلىرى، سول تەرىپىدە ماراكەشنىڭ ھەربىي، مۈلكى ئەمەلدارلىرى، ئالدى تەرىپىدە بولسا مەخسۇس تەكلىپ قىلىنغان چەتئەللىك نۇپۇزلۇق دىنى ئالىملار ئولتۇراتتى. پادىشاھنىڭ ئاتا-بوۋىسىدىن قالغان ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە ھەر يىلى رامىزان ئېيىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان، ئىسلامىيەت ئىلمىي تەتقىقاتىنى ئاساس قىلغان لېكسىيە ئوقۇش يېغىنىغا پادىشاھ ھەسەن II شەخسەن ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىۋاتاتتى. بۈگۈنكى لېكسىيە ئوقۇش نۆۋىتى جۇڭگۇدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئالىم مۇھەممەد سالىھقا كەلگەنىدى. مۇھەممەد سالىھ ئورنىدىن تۇرۇپ پادىشاھ ئالىيلىرىغا ئېھتىرام بىلدۈرگەندىن كېيىن ئەرەب تىلىدا يېزىپ تەييارلىغان «شىنجاڭدىكى مەسجىدلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىسلام دەۋىتىدىكى رولى» دېگەن تېمىدىكى ئىلمى ماقالىسىنى ئوقۇشقا باشلىدى. بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا ماقالىنىڭ ئاساسى ئىدىيسىنى يورۇتۇپ بېرىش ئاسانغا چۈشمەيتتى. ئەمما مۇھەممەد سالىھنىڭ بۇنداق خەلقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يېغىنلىرىغا قاتنىشىشى تۇنجى قېتىم ئەمەس ئىدى، شۇنداق بولغاچقا ئۇ ئانچە قىينالماستىن، ماقالىنى كۆڭلىگە پۈككەن پىلان بويىچە ئىخچاملاپ، چۈشىنىشلىك قىلىپ شەرھىلىدى. يىغىندىن كىيىن مۇھەممەد سالىھنى پادىشاھ ھەسەن II قوبۇل قىلدى. مۇھەممەد سالىھ جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى، ئىسلام مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئىسلام تەتقىقاتى ساھەسىدە ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى تۇنۇشتۇردى ۋە «قۇرئان كەرىم» بىلەن «سەھىھۇلبۇخارى جەۋھەرلىرى ۋە قەستەلانى شەرھى»نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى تەقدىم قىلدى. شۇ پۇرسەتتە مۇھەممەد سالىھ جۇڭگۇ-ماراكەش دوستلىقىنى مەدھىيلەپ ئەرەب تىلىدا يازغان قەسىدىسىنى پادىشاھقا سۇندى. كېيىن پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ تەكلىفى بىلەن بۇ قەسىدىنى لېكسىيە ئوقۇش يىغىنىنىڭ ئاخىرقى كۈنى ئېلىپ بېرىلغان داغدۇغۇلۇق تەبرىكلەش پائالىيتىدە دېكلاماتسىيە قىلىپ ئوقۇپ بەردى. تەكلىماكان باغرىدىن كەلگەن بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز ئانا تىلى بولمىغان، يەنە كىلىپ ئەڭ تەس تىل ھېسابلىنىدىغان ئەرەب تىلىدا يازغان بۇ پاساھەتلىك قەسىدىسىدىن يىغىن قاتناشچىلىرى ئىسلام تارىخىدا تۆھپىسى زور ئوتتۇرا ئاسىيا ئالىملىرىنىڭ تارىختىكى سىماسىنى قايتا كۆرگەندەك بولدى ۋە ئۇزاققىچە ئالقىش ياڭراتتى... قەسىدە ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن پادىشاھ ھەسەن II بۇ ئالىم بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرىشىۋىتىپ: «قەسىدىنى ناھايىتى پاساھەتلىك يېزىپسىز، خۇددى ئىبنى زەيدۇن (ئەرەبلەرنىڭ ئاتاقلىق كىلاسسىك شائىرى) نىڭ شېئرىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم» دېدى. ماراكەشنىڭ دىنى ئىشلار ۋەزىرى، ئاتاقلىق ئالىم ئابدۇلكەبىر ئەلەۋى «پادىشاھ ئالىيلىرى سىزنىڭ قەسىدىڭىزنى چاۋاك چېلىپ ئالقىشلىدى. ئىلگىرى بىرەر ئەدىبنىڭ ئوقۇغان شېئرىغا چاۋاك چالغان ئەمەس دېدى. شۇنىڭدىن كىيىن ۋەزىر ماراكەشتە يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان رامىزان ئېيى لېكسىيە ئوقۇش يىغىنىغا مۇھەممەد سالىھنى بىرەر قەسىدە يېزىپ ئوقۇپ بىرىشكە تەكلىپ قىلىپ تۇردى. ھەر يىلى ئۇنىڭ يېغىندا يېزىپ ئوقۇغان قەسىدىلىرى شۇ يىللىق لېكسىيە توپلىمىنىڭ ئالدىنقى بەتلىرىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلدى. 1998- يىل مۇھەممەد سالىھ رامىزان ئېيى لېكسىيە سۆزلەش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ماراكەشكە ئەمدىلا يېتىپ بېرىشىغا دىنى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان مۇھەممەد ئەلەۋى ئۇنىڭغا: «سىزگە خۇشخەۋەر، يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا پۈتۈن يىغىن قاتناشچىلىرى بولغان ئالىملارغا ۋاكالىتەن پادىشاھ ئالىيلىرى ھۇزۇرىدا خۇلاسە سۆزى قىلىشقا سىزنى تەيىنلىدۇق. بۇ چوڭ شەرەپ، بۇندىن بۇرۇن بۇ ئىشقا پەقەت ئەرەب ئالىملىرىلا تەكلىف قىلىنغان. غەيرى ئەرەب ئالىملىرىدىن تۇنجى بولۇپ سىز تەكلىپ قىلىندىڭىز» دېدى. شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد سالىھ پۇختا تەييارلىق قىلىپ، بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىپ، ئالىملارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. پادىشاھ ھەسەن II مۇھەممەد سالىھقا تارتۇقلاش يۈزىسىدىن، ماراكەشنىڭ ئادىتى بويىچە شاھنامە كۇلالىق تون بىلەن يەتتە قەۋەت لىباس كىيگۈزدى.

ئالىم ئىلگىرى كېيىن بولۇپ مىسىر زۇڭتۇڭى مۇھەممەد ھۇسنى مۇبارەك، ماراكەش پادىشاھى ھەسەن II، سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى فەھد، ئىراننىڭ داھىسى خامانەئى ۋە سۇداننىڭ سابىق زۇڭتۇڭى نېمەلى قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتناشقان چاغلاردا مەتبۇئاتتا ئالىمنىڭ ئىلمىي نەتىجىلىرى تونۇشتۇرۇلدى. مىسىردا ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ژورنىلىدا «ئېسىل مېھمان» ماۋزۇسىدا ئالىمنىڭ سۈرىتى، تەرجىمھالى ۋە يىغىنغا ئاتاپ يازغان ئۇزۇن ئەرەبچە قەسىدىسى بېرىلدى. ئىراننىڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىدە مۇھەممەد سالىھنىڭ ئىمام رىزانىڭ مىڭ يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق چوڭ يىغىندا ئوقۇغان قەسىدىسى ئېلان قىلىندى.

كۇۋەيت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 40 مىنۇتلۇق"نور الاسلام"(ئىسلام نۇرى) پروگراممىسىدا مۇخبىرنىڭ بۇ ئالىمنى زىيارەت قىلغان سوئال-جاۋاب خاراكتېرلىك زىيارىتى بېرىلدى. شۇنداقلا يىغىننىڭ كۈتىۋىلىش سورۇنىدا ئوقۇغان ئەرەبچە شېئىرى كۇۋەيتنىڭ «جامائەت پىكرى» گېزىتىدە ئېلان قىلىندى. مۇھەممەد سالىھنىڭ سۇداندا كۈتىۋىلىش مۇراسىمىدا ئوقۇغان ئەرەبچە شېئىرى سۇدان دىنىي مىنىستىرلىق ژۇرنىلىدا بېرىلدى. (1984-يىلى پاكىستان، كۇۋەيت، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى خادىملىرى جۇڭگوغا كېلىپ ئىشلىگەن فىلىملەردە ئالىمنىڭ ئۆيىدە ۋە ئىشخانىسىدا بولۇپ، قۇرئان تەفسىرىنى ئىشلەشكە ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىغا ئائىت كۆرۈنۈشلەر مەزكۇر دۆلەتلەردە قويۇلۇپ، ئالاھىدە تەسىر قوزغىغان).

مۇھەممەد سالىھ تونۇلغان ئالىم ۋە جامائەت ئەربابى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 8-،9-،10-نۆۋەتلىك كومىتېت ئەزاسى ۋە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنداقلا يەنە جۇڭگو دىنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ دىنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ئۇيغۇر مەدەنىيەت-تارىخ تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى بولۇشتەك ئىلمىي سالاھىيىتى بىلەن بىر قاتار ئاممىۋى، ئىلمىي تەشكىلاتلاردا تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلدى. ئالىمنىڭ نام-شەرىپى ۋە قىسقىچە تەرجىمھالى «دۇنيا مەشھۇر كىشىلىرى»،«دۇنيا مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىسلىرى»، «جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالى»، «جۇڭگو ئىختىساسلىقلار ئامبىرى» قاتارلىق 10دىن ئارتۇق قامۇس، ئىسكلوپېدىيەلەرنىڭ بەتلىرىدىن ئورۇن ئالدى.

بىر ئۆمۈر ئىلىمگە پەرۋانە بولۇپ ئەل ئىشقىدا كۆيگەن بۇ ئالىم ھازىر ئىككىنچى سەپكە چېكىنگەندىن كېيىنمۇ يەنە كۆڭلىگە پۈككەن ئاجايىپ پىلانلىرى، يېڭى تەتقىقات تېمىلىرى ئۈستىدە تىنىمسىز ئىزدەنمەكتە. ھايات ئىزلىرىدىن تامغان دۇردانىلەر كەبى يازغان:

دىيارىم قەرزى زىممەمدە ئۆمۈرۋايەت ئادا بولماس،

ھېلىغۇ تەندىكى بىر جان تۈمەنمىڭ جان نىسار بولسا.

بىكاردۇر ئەلگە خىزمەتسىز بىھۇدە ئۆتكۈزۈپ چاغنى،

تەبەسسۇم ئىلكىدە دەۋران سۈرۈپ مىڭ يىل ياشار بولسا،

تەمەيىم يوق مۇكاپاتتىن پەقەت ئالەمچە بەختىمدۇر،

ئىشىم مەقبۇل بولۇپ دىللاردا نامىم يادلىنار بولسا.

دېگەن شېئىر مىسرالىرىدەك،ئەل قەلبىنىڭ ھۆرمەت-ئېھتىرام تۆرىدىن ئورۇن ئالغان بۇ ئالىمنىڭ قەلىمى قۇت ۋە بەرىكەت تاپسۇن.

مەنبە[تەھرىرلەش]

ئادىل تۇنىياز، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ژورنىلى، 2003-يىللىق 3-سان.