Jump to content

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى ھەزرىتى ئىبراھىم)

UYGHURCHE, [[{{{2}}}|УЙҒУРЧӘ]]


ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام

ھ. ئىبراھىم ئە.س مەقبەرىسى، شەھرى خەلىل
توغۇلغان يېرى تەخمىنەن م.ب. 2324-1850 يىللار

ئۇر ئىراق

ۋاڧاتى خەلىل (ڧەلەستىن)

ئىسپاتلانمىغان

كىتابى سۇھۇڧى ئىبراھىم
نەسەبى إبراهيم بن تارح بن ناحور بن ساروغ بن راغو بن فالغ بن عابر بن شالح بن أرفخشذ بن سام بن نوح.
ئۆمۈر يولداشى ھاجەر، سارا
ئەۋلادلىرى ئىسمائىل، ئىسھاق
پەيغەمبەر\دىن كاتتىسى ئىسلام، يەھۇدىيلىك، خرىستىيانلىق
ئىسلام

قۇرئاندا زىكىر قىلىنغان پەيغەمبەرلەر

ئادەم﵇ • ئىدرىس

نۇھ﵇ • ھۇد﵇ • سالىھ

ئىبراھىم﵇ • لۇت

ئىسمائىل﵇ • ئىسھاق

يەئقۇب﵇ • يۇسۇڧ

ئەييۇب﵇ • شۇئەيب

مۇسا﵇ • ھارۇن

داۋۇد﵇ • سۇلايمان

زۇلكېڧىل﵇ • يۇنۇس﵇ • ئىلياس

ئەليەسە﵇ • زەكەرىيا

يەھيا﵇ • ئىسا

مۇھەممەد بىن ئابدۇللاھ

ھەزرىتى ئىبراھىم ياكى ئابراھام (ئىبرانىيچە: אברהם)، تەقرىبەن م.ب ئىككىنچى مىڭ يىللاردا ياشىغان دەپ قارالغان ئىبرانىي دىنىي شەخس. ئىسلامغا كۆرە بىر پەيغەمبەر، يەھۇدىيلىك ۋە خرىستىيانلىققا كۆرە بىر دىن كاتتىسى ئېرۇر. ھەزرىتى ئىسمائىل ۋە ھەزرىتى ئىسھاقنىڭ ئاتىسى ئىكەنلىكىگە؛ يەھۇدىيلارنىڭ ھەزرىتى ئىسھاقنىڭ پۇشتىدىن كەلگەنلىكىگە، ھەزرىتى ئىسمائىلنىڭ ئىسە ئىسلام پەيغەمبەرى ھەزرىتى مۇھەممەد ۋە ئەرەبلەرنىڭ ئاتىلىرىدىن ئىكەنلىكىگە ئىشىنىلىدۇ.

بەئزى مەنبئەلەر يەھۇدىلارنىڭ ھىندىستان بىلەن بولغان باغلىنىشى ۋە ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ ھىند خەلقلىرىدىن بىر راھىب سۈپىتىدە غەربكە كۆچكەن بولۇش ئىھتىمالىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئىبراھىم سۆزى بىلەن براھما سۆزىنىڭ ئوخشىشىپ كېتىشى تەتقىقادچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان. مىسالەن، ئۆزىنىڭ ۋە ئاياللىرىنىڭ ئىسىملىرى، ھەر ئىككىلىسىنىڭ ''خەلقنىڭ ئاتاسى'' دېگەنلىك بولىشى، براھمانىڭ مېنىدىغان بىر قۇشى ۋە بۇ قۇشنىڭ تۆرت قوللۇق بولىشىغا قارشىلىق ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ بىر قۇشنى تۆرتكە بۆلۈپ تۆرت تەرەڧتىكى ئوخشىمىغان چوققىلارغا تاشلىشى ۋە چاقىرغىنىدا قۇشنىڭ پارچىلىرى توپلىنىپ تىرىلىپ ئۇچۇپ كېلىشى دېگەندەك.

ئېتىمولوگىيىسى

[تەھرىرلەش]

راھمان (رحمن) ۋە رەھىم (رحيم) كەلىمىلىرىنىڭ مەنبئەسى بولغان ر ح م تومۇرى باشتا قەدىمىي ئەقەدچەگە ئوخشاش نۇرغۇن ئوتتۇرا شەرق، ئىران ۋە ھىند تىللىرىدا ئورتاق مەنىگە ئىگىدۇر. كەلىمىنىڭ قايسى تىلدىن كېلىپ چىققانلىقى ۋا باشقا تىللارغا ئۆتكەنلىكى خۇسۇسىدا تىللارنىڭ تەرەققىيات باسقۇچلىرى، تارىخ ۋە كرونولوگىيە قاتارلىق ئىلىملەردىن پايدىلىنىش مۇمكىن.

بۇ ئىسىمنىڭ سامى تىللىرىدا ئاتا مەنىسىدىكى ''ئاب'' ۋە ''مۇقەددەس'' مەنىسىكى ''راام\راھام'' سۆزلۈكلىرىنىڭ بىرىكىشىدىن ئوتتۇرىغا چىققان مەنىسى؛ ''ئۇلۇغ ئاتا'' ياكى ئۇلۇغلانغانلارنىڭ ئاتاسى دېگەنلىك بولىدۇ. ئاب = ''ئاتا''، ھىر ياكى ھر = ''باش؛ ئۈست؛ ئۇلۇغلانغان''، ئام = ''خەلق، بودۇن''. نەتىجىدە ئابھىرام ياكى ئابھرام ''ئۇلۇغلانغانلارنىڭ ئاتاسى'' ياكى ''خەلقنىڭ ئاتاسى'' دېگەن مەنىلەرگە كەلمەكتە. ئىبرانىيچەدە راخام = ''ئىلاھىي مەرھەممەت''، ئاب راھام = مەرھەمەتنىڭ ياكى مەرھەمەتلىكلەرنىڭ ئاتاسى'' دېگەنلىكتۇر.

يەھۇدىي ئىرقىنىڭ ھىندىستان بىلەن مۇناسىبەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەرنىڭ بەئزى تەتقىقاتلىرىغا كۆرە: براھما ۋە ئابراھام بىر كىشىدۇر. ''ئابراھام'' براھما كەلىمىسىنىڭ خاتا تەلەڧڧۇزىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. كەشمىر تىلىدا ''ئاب'' ياكى ''ئاپ'' ئاتا، رامدىن كېلىپ چىققان ''راھام'' ئىلاھىي مەرھەممەت دېگەنلىكتۇر. نەتىجىدە ئاب+راھام = ئىلاھىي مەرھەممەتنىڭ ئاتاسى'' دېگەنلىك بولىدۇ، باشقا بىر قاراش: كۆپ تاڭرىچى ''براھم+ئاريان'' مەدەنىيىتىگە قارشى چىققان بىر راھىبنىڭ ئا+براھام (غەيرى براھمان) دەپ ئاتىلىشى بىلەن بۇ ئىسىم ئوتتۇرىغا چىققان.

راھمان، رەھىم ۋە ئىبراھىم دېگەندەك سۆزلەرنىڭ يىلتىزى ھەققىدە تۈركىيەلىك دىنشۇناس يازغۇچى ئىھسان ئەلىئاچىك ئەڧەندىنىڭ تۈشەندۈرۈشلىرى: بۇ تومۇردىن كەلگەن كەلىمىلەرنىڭ كونا دۇنيا تىللىرىدا مەشھۇر ۋە كەڭ تارقالغانلىقى كۆرمەكتىمىز. ئەقەدچەدە بالىياتقۇ، راھم (رەمۇ)، مەرھەمەد قىلغۇچى تەڭرى (رەمآنۇ)، ئارامىچە رەھىم، مەرھەممەت (رھم)، ئىبرانىچە رەھىم، مەرھەممەت (راھام)، ھىندچە ئېزگۈلىك ئىلاھەسى (براھما) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەينى يىلتىزدىن كەلگەن. سۆيگۈ ۋە مەرھەممەتنىڭ ئاتاسى مەناسىدىكى ئەب-راھام ئىسمىنىڭ پۈتۈن سامى تىللىرىدا ۋە ھەتتا ھىندچىدىمۇ قوللىنىلغانلىقى كۆرۈلىدۇ. بۇ يەردىن ئۆزگۈرۈپ ئەرەبچىگە ئىبراھىم شەكلىدە ئورناشقانلىقى تۈشۈنەلەيمىز.'' بۇ قاراش باشقا مەنبئەلەردىمۇ قۇۋۋەتلىندۇ.

يەھۇدىيلىكتە ھەزرىتى ئىبراھىم

[تەھرىرلەش]

مۇسەۋىيلىكتە ئىبراھىم پەيغەمبەر ھەققىدىكى مەزمۇنلار تەۋراتتىكى بايانلارغا تاقىلىدۇ. تۇنجى ئىسمى ئاۋرامدۇر ۋە تەڭرى ئۇنىڭ «خەلقلەرنىڭ ئاتاسى» مەنىسىدىكى ئابراھامغا ئۆزگەرتىلگەن. نۇھنىڭ پۇشتىدىن بولغان تەراھنىڭ ئوغلىدۇر.

ئاۋرام 75 يېشىدا ئۇر شەھرىدىن تەڭرىنىڭ ئەمرى بىلەن كەنئان ئېلىگە كۆچۈپ كېلىپ نۇرغۇن يىل شۇ يەردە ياشىدى.

كەنئاندا ئاچارچىلىق چىقىشى بىلەن مىسىرغا كۆچتى. مىسىردا باي بولدى ۋە كەنئانغا قايتتى. جىيەنى لۇت بىلەن ئۆزىنىڭ چارۋىلىرى كۆپىيىپ كەتكەنلىكتىن ئايرىلدىلار. ھەز. لۇت، سەدوم ۋە گومورا تەرەڧكە، ھەز. ئىبراھىم بولسا قارشى تەرەڧكە ماڭدى.

ھەز. ئىبراھىم 86 يېشىدا ئىككىنچى خاتۇنى ھەز. ھاجەر تۇنجى ئوغلى ئىسمائىل توغۇلدى. كېيىنچە ھەز. ئىبراھىم 100، سارە 90 ياشقا كىرگەندە مۆئجىزە بىر شەكىلدە ياشىنىپ قالغان تۇنجى خاتۇنى سارە ئىككىنچى ئوغلى ئىسھاقنى تۇغدى. (ياراتىلىش: 17:17-27) ھاجەر ۋە ئىسمائىلنى پارانغا ئىبەردى. تەۋرات مەنبئەلىرى ''پاران'' دەپ بايان قىلغان يەر سىنا تېغى ئىكەنلىكى ئىپادە قىلىنماقتا. ئىسمائىل ۋە ئەۋلادلىرى ئۇ يەردە چوڭ بولۇپ كۆپەيدى. ئىئوردانىيە، ئەرەبىستان ۋە جەنۇبىي ئەدومنى قولغا كىرگۈزدى. ئىسمائىل پۇشتى ئەرەبلەرنىڭ ئاتا-بوۋالىرىدۇر.

ئىبراھىم (س.ئە) 175 يېشىدا ۋاڧات تاپتى. ئىسمائىل ۋە ئىسھاق (س.ئە) لار ئۇنى ھىتىتلىق ئەڧروننىڭ ئېتىزىدىكى ماقپەلا غارىغا كۆمدى. ئىبراھىم (س.ئە) بۇ ئېتىزلىقنى 400 شەكەل كۈمۈشكە ئالغانىدى. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن كەنئاندىكى ئائىلىسى ۋە مىراسىغا ئىسھاق (س.ئە) ۋارىسلىق قىلدى. ئىسمائىل (س.ئە) ئۆز دۆلىتىگە قايتتى.

ئىسلامدا ئىبراھىم ئە.س

[تەھرىرلەش]
1410-1411- يىللاردا شىرازدا مىنياتۇر (Gurbenkyan يىغىپ ساقلىغان، لىزبون)

ئىبراھىم ئە.س مۇسۇلمانلارچە ھەنىڧلىك، قۇربان، كەئبەنىڭ قۇرۇلىشى، نەمرۇت بىلەن مۇجادىلە ۋە نەمرۇت تەرىپىدىن تاشلانغان گۈلخاندا كۆيمەسلىك دېگەندەك قىسسەلەرنىڭ سىموۋۇلىدۇر. قۇرئاندا نۇرغۇن ئايەتتە تىلغا ئېلىنىدۇ. پەيغەمبەر دەپ قەبۇل قىلىنىدۇ ۋە اللە ئۇنىڭ سەمىيمىي ۋە سادىقلىقىدىن ''خەلىلۇللاھ'' يەئنى اللەنىڭ دوستى سۈڧىتىنى بەرگەن. بۇندىن باشقا ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ ''ھەنىڧ'' يەئنى اللەنىڭ بىرلىكىگە ئىشەنگەن، اللەقا شرك قوشمىغان، ئاتا-بۇۋىلىرىنىڭ دىنىغا قارشى چىققان بىرى ئىكەنلىكى ئالاھىيدە تەكىتلەنگەن ۋە ئۇنى سۆيگەنلەرنىڭمۇ اللەنى بىر دەپ بىلىشى ۋە اللەقا شرك قوشماسلىقى تەلەپ قىلىنىدۇ.

ھەز. ئىبراھىم ئوغلى ھەز. ئىسمائىل بىلەن بىللە كەئبىنى قۇرغانلىقى ۋە ئىنسانلارنى ھەجگە چاقىرغانلىقىغا ئىشىنىلىدۇ.

ھەز. ئىبراھىمنىڭ اللەنى ئىزدىگەنلىكى ھەققىدە قۇرئاندىكى ئۇچۇرلار سۇرە ئەنئام 74-81، سۇرە بەقەرە 127، سۇرە ھەج 26-29 ئايەتلەردە بايان قىلىنغان.

ئىسلامدا ھەز. ئىبراھىمنىڭ كۆرگەن بىر تۈشىنى ئوغلى ئىسمائىلنى قۇربان قىلىشى تەلەپ قىلىنغان دەپ تۈشۈنۈپ ئوغلىنى قۇربان قىلىشقا چىققانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ بۇ سەمىيمىيىتىنى تەغدىرلەش يۈزىسىدىن بىر قوچقار نازىل قىلغانلىقىغا ئىشىنىلىدۇ.

قۇرئاندا بالىنىڭ ئىسمى بېرىلمەي بايان قىلنغان ھىكايە ھەر قۇربان ھېيتتا تەكرار ئەسلىنىدۇ.

بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمنىڭ سۇرە ساڧڧاتنىڭ 100-109- ئايەتلىرىدە بايان قىلىنىدۇ.


مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]