Jump to content

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى 中华人民共和国)
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى
中华人民共和国
  دۆلەت گېربى  
بايرىقى

دۆلەت گېمنى: «پىدائىيلار مارشى»

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۇنيا خەرىتىسىدىكى ئورنى

پايتەخت بېيجىڭ
ئەڭ چوڭ شەھرى شاڭخەي

ئورتاق تىل پۇتۇڭخۇا

ئېتنىك بۇدۇنلار جۇڭخۇا مىللىتى
・خەنزۇ (%91.51)
・ئۇيغۇر (%0.84)
・قاتارلىق سانلىق مىللەت (%8.49)

ھۆكۈمەت بىر پارتىيىلىك تۈزۈم
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ
باش ۋەزىر لى چياڭ
قانۇن تۇرغۇزۇش ئورنى مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى

مەۋجۇد ھەربىي ئارمىيە 2,285,000 كىشى
(1نچى)
يەر مەيدانى 9,600,000 كلومتر² (3نچى)

نۇڧۇس
(2020 تەخمىنەن)
1,411,778,724 جان
(2نچى)

ئ.ئ.ۇ.ق
(2023 تەخمىنەن)
19.373 تىرىلىيون دوللار (2نچى)
كىشى باشى US$ 13,721
(83نچى)

پۇل بىرلىكى خەلق پۇلى\يۈەن
(¥\CNY)

كالېندار yyyy\mmmm\dddd
يىل\ئاي\كۈن

قاتناش يۆنلىشى ئوڭنى بېسىپ (چوڭ قۇرۇقلۇقتا)
شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېندا (سولنى بېسىپ)

ۋاقىت رايۇنى بېيجىڭ ۋاقتى
(UTC+8)

ئىنتېرنېت cn.

خەلقئارالىق تېېلفۇن كود نۇمۇرى 86+

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى (خەنزۇچە: 中华人民共和国) ، قىسقارتىلىپ جۇڭگو (خەنزۇچە: 中国) ، شەرقىي ئاسىيا قىتئەسىگە جايلاشقان بىر دەۋلەت[1]. پايتەختى بېيجىڭ[2]، ئەڭ چوڭ شەھىرى شاڭخەي[3][4]، رايون بويىچە 23 ئۆلكە، بەش ئاپتونوم رايون، تۆت بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، ئىككى ئالاھىدە مەمۇرىي رايون بار. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 1949 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئېلان قىلىنغان، يەر مەيدانى 9 مىليون 640 مىڭ 821 كۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 1 مىليارد 443 مىليون 497 مىڭ، خەنزۇ، موڭغۇل، مانجۇ، ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق 56 مىللەتتىن تەركىب تاپقان بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت[5].

جۇڭگو تۆت چوڭ مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى ، ئۇزاق مەدەنىيەتلىك تارىخقا ئىگە ،يەر كۆلىمى جەھەتتىن دۇنيا بويىچە 3 -چوڭ دۆلەت، دۇنيا بويىچە 1-چوڭ نوپۇسى كۆپ دۆلەت ، ئەنگلىيە ،فرانسىيە،ئامېرىكا ، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت。 جۇڭگو دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە ، دۇنيا بويىچە بىرىنچى چوڭ سودا دۆلىتى، دۇنيا بويىچە 1-چوڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى دۆلىتى ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پولات تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى ۋە دۇنيا بويىچە بىرىنچى چوڭ يېزا ئىگىلىك دۆلىتى ، دۇنيا بويىچە 1-چوڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى ۋە دۇنيادىكى ئىقتىسادىي ئۆسۈپ يېتىلىشى ئەڭ تېز دۆلەتلەرنىڭ بىرى。 چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلغۇچى 2-چوڭ دۆلەت ، يەنە دۇنيادىكى نۇرغۇن خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مۇھىم ئەزاسى، يوشۇرۇن دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرى دەپ قارالغان。

قۇرۇلۇشى

[تەھرىر]

1949-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە،1 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى بېيپىڭدا ئېچىلغان. 9-ئاينىڭ 29-كۈنى، يىغىنىدا ۋاقىتلىق ئاساسىي قانۇن خاراكتېرىگە ئىگە «جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئورتاق پىروگراممىسى» ماقۇللانغان، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى ۋاكالىتەن يۈرگۈزگەن. 9-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كېيىن، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئومۇمىي يىغىندا سىياسىي كېڭەش 1-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى يىغىنىنىڭ ھەيئەتلىرى ۋۇجۇدقا كەلگەن، ماۋ زېدۇڭ مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسلىكىگە ، جۇ دې، ليۇ شاۋچى، سۇڭ چىڭلىڭ، لى جىشېن، جاڭ لەن، گاۋ گاڭ قاتارلىقلار مۇئاۋىن رەئىسلىككە، باشقا 56 كىشى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان.

1949- يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى، بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن، ماۋ زېدۇڭ تيەنئەنمېن راۋىقىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكالاپ مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەسمىي قۇرۇلغان.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قۇرۇش قانات يايدۇرۇلۇپ،1953- يىلدىن باشلاپ، ئۈچ چوڭ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلىپ، 1956- يىلى سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئورنىتىپ، سوتسىيالىزىم ئۈستىدە ئىزدىنىش باسقۇچىغا كىرگەن. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېلىپ بېرىلىپ، تەدرىجىي جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈم ئورنىتىلغان.

جوغرافىيىسى

[تەھرىر]

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇقلۇق كۆلىمى تەخمىنەن 960 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، چوڭ قۇرۇقلۇق دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسى 18 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق، ئارال قىرغاق لىنىيىسى 14 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق، ئىچكى دېڭىز، ۋە چېگرا، دېڭىز سۇ يۈزى تەخمىنەن 4مىليون 700 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. دېڭىز رايونىدا تارقالغان كىچىك ئاراللار 7600 دىن ئارتۇق، بۇنىڭ ئىچىدە تەيۋەن ئارىلى ئەڭ چوڭ بۇلۇپ، كۆلىمى 35798 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ . قۇرۇقلۇقتا 14 دۆلەت، دېڭىزدا بىلەن ئالتە دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ.

قۇرۇقلۇق تېررىتورىيەسى:

جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە دېڭىز بويىدىكى ئاراللار، تەيۋەن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللار دۇڭشا تاقىم ئارىلى، شىشا تاقىم ئاراللىرى، جۇڭشا تاقىم ئاراللىرى، نەنشا تاقىم ئارىلى ھەمدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە تەۋە باشقا بارلىق ئاراللارنى (جۈملىدىن دىياۋيۈ تىزما ئاراللىرى )، قۇرۇقلۇق زېمىنى 9 مىليون 600 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

دېڭىز - ئوكيان تېررىتورىيەسى:

بوخەي دېڭىزىنىڭ پۈتۈن دائىرىسى ۋە خۇاڭخەي دېڭىزى، دۇڭخەي دېڭىزى جەنۇبىي دېڭىزنىڭ كۆپ قىسمى ۋە مەخسۇس باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى ئىقتىسادىي رايونلار، جەمئىي تەخمىنەن 470 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇلار ئىچىدە جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى توققۇز خىل سىزىق ئىچىدىكى بارلىق دېڭىز تەۋەلىكى كۆلىمى تەخمىنەن 300 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. جۇڭگونىڭ ھاۋا تەۋەلىكى زېمىن ۋە دېڭىز تەۋەلىكىدىن 35 كىلومېتىردىن يۇقىرى بوشلۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شەرقى ۋە جەنۇبى، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى دېڭىز ياقىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 18400 كىلومېتىر،14 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق ئارال قىرغاق لىنىيىسى، ئىچكى دېڭىز ۋە چېگرا، دېڭىز سۇ يۈزى تەخمىنەن 4مىليون 700 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. دېڭىز رايونىدا 7600 كىچىك ئارال تارقالغان، بۇنىڭ ئىچىدە تەيۋەن ئارىلى ئەڭ چوڭ بۇلۇپ، تەخمىنەن 35989.76 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگرىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20000 كىلومېتىردىن ئارتۇق، قۇرۇقلۇقتا 14 دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ، دېڭىزدا ئالتە دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ.

يەر تۈزۈلۈشى يەر شەكلى

[تەھرىر]

جۇڭگونىڭ يەر تۈزۈلۈشى غەربى ئېگىز، شەرقى پەس، مۇرەككەپ، كۆپ خىل؛ تۈرلۈك يەر شەكلى پۈتۈن مەملىكەت قۇرۇقلۇق كۆلىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى: تاغلىق %33.3، ئېگىزلىك %26، ئويمانلىق %18.8، تۈزلەڭلىك %12، ئېدىرلىق %9.9 . جۇڭگودىكى تاغلىق،ئېگىزلىك ۋە ئېدىرلىق قۇرۇقلۇق كۆلىمىنىڭ %67 ىنى ئىگىلەيدۇ، ئويمانلىق ۋە تۈزلەڭلىك تەخمىنەن قۇرۇقلۇق كۆلىمىنىڭ %33 ىنى ئىگىلەيدۇ. تاغ تىزمىلىرى كۆپ ھاللاردا شەرق غەرب ۋە شەرقىي شىمال-غەربىي جەنۇبقا سوزۇلغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئالتاي تاغلىرى، تەڭرىتېغى، كوئىنلۇن تېغى، قاراقۇرۇم تېغى، ھىمالايا تىغى، يىنشەن تېغى، چىنلىڭ چوققىسى، نەنلىڭ چوققىسى، چوڭ ھىنگان تاغ تىزمىلىرى، چاڭبەيشەن تېغى، تەيخاڭشەن تېغى، ۋۇيىشەن تېغى، تەيۋەن تاغ تىزمىسى، ۋۇشەن ۋە خېڭدۈەنشەن تېغى قاتارلىق تاغ تىزمىلىرى بار.

يەر بايلىقى: تاغلىق رايون 3 مىليون 200 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئېگىزلىك 2 مىليون 500 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئويمانلىقى بىر مىليون 800 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، تۈزلەڭلىك 1 مىليون 150 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئېدىرلىق مىڭ 500 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ (1997).

مەمورىي رايونلار

[تەھرىر]

دۆلەت زېمىن كۆلىمى:

[تەھرىر]

قۇرۇقلۇق يەر كۆلىمى 960 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، دۇنيا قۇرۇقلۇق ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن 1/15 نى ئىگىلەيدۇ، سەل سوۋېت ئىتتىپاقىدىن باشقا ياۋروپا ئەللىرىنىڭ كۆلىمىگە تەڭ، رۇسىيە (17،075،000 كۋادرات كىلومېتىر)، كانادا (9،971،000كۋادرات كىلومېتىر) دىن قالسا، دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. شەرقىي رايونلارنىڭ %10.5، ئوتتۇرا رايونلارنىڭ %25.3، غەربىي رايوننىڭ %64.2 نى ئىگىلەيدۇ.

ۋىلايەت

2004-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگودا مەملىكەت بويىچە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەمۇرىي رايونلاردىن: 23 ئۆلكە، بەش ئاپتونوم رايون، تۆت بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، ئىككى ئالاھىدە مەمۇرىي رايون؛ 50 ۋىلايەت (ئوبلاست، ئايماق)؛ 661 شەھەر، بۇنىڭ ئىچىدە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر 4؛ ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر 283؛ ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر374؛ 1636 ناھىيە (ئاپتونوم ناھىيە، ئالاھىدە رايون ۋە ئورمان رايونى)؛ شەھەرگە قاراشلىق رايون 852.

مەملىكەتلىك يېزا-بازار ئومۇمىي سانى37334، بۇنىڭ ئىچىدە: بازار 19883 ؛ يېزا 17451. مەملىكەت بويىچە مەھەللە ئىش باشقارمىسى 5904.

مەملىكەت بويىچە تەسىس قىلىنغان ئاھالە كومىتېتى مەھەللە ( ئاھالە كومىتېتى ) 7 مىڭدىن ئارتۇق؛ ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى 129.6 مىڭدىن ئارتۇق، كەنت ئاھالە كومىتېتى 64.4 مىڭ؛ كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى 507.9 مىڭدىن ئارتۇق.

نۇفۇس

[تەھرىر]

ئومۇمىي نوپۇس

[تەھرىر]

2010-يىللىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشچە ، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليارد 370 مىليون 536 مىڭ 875 ئادەم. بۇنىڭ ئىچىدە ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈشتە تىزىملىتىلغان چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەرنىڭ نوپۇسى1 مىليارد 339 مىليون 724 مىڭ 852 ئادەم، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نوپۇسى 7 مىليون 097 مىڭ ئادەم، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نوپۇسى 552 مىڭ 300 ئادەم، تەيۋەن رايونىنىڭ نوپۇسى 23 مىليون 162 مىڭ 123 ئادەم.

مىللەت

[تەھرىر]

جۇڭگودا ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلىغان 56 مىللەت بار. خەنزۇ، موڭغۇل، خۇيزۇ، زاڭزۇ، ئۇيغۇر، مياۋزۇلار، يىزۇ مىللىتى، جۇاڭزۇ مىللىتى، بۇيى مىللىتى، چاۋشيەن مىللىتى، مانجۇ، دوڭزۇ مىللىتى، ياۋزۇ مىللىتى، بەيزۇ مىللىتى، تۇجيا مىللىتى، خانى مىللىتى، قازاق، دەيزۇلار، لىزۇ مىللىتى، لىسۇ مىللىتى، ۋازۇ، شېزۇ مىللىتى، گاۋشەن مىللىتى، لاخۇ مىللىتى، شۈيزۇ مىللىتى، دۇڭشىياڭ مىللىتى، ناشى مىللىتى، جىڭپو مىللىتى، قىرغىز، تۇزۇلار، داغۇر، مۇلاۋ مىللىتى، چياڭزۇ مىللىتى، بۇلاڭلار، سالالار، ماۋنەن مىللىتى، گېلاۋ مىللىتى، شىبە، ئاچاڭ مىللىتى، پۇمى مىللىتى، تاجىك، نۇزۇ مىللىتى، ئۆزبېك، روس، ئېۋېنكې مىللىتى، دېئاڭ مىللىتى، باۋئەن مىللىتى، يۇغۇر مىللىتى، جىڭزۇلار، تاتار، دۇلوڭلار، ئورونچون مىللىتى، خېجې مىللىتى، مېنبا مىللىتى، لوبا مىللىتى، جىنو قاتارلىق 56 مىللەت بار.

بەئزى شەھەرلىرى

[تەھرىر]
شەھىرى كىشى ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى Uyghur Latin Yéziqi
上海 Shanghai15,550,000 (2007)شاڭخەي شەھىرىShangxey shehiri
北京 Beijing13,133,000 (2007)بېيجىڭ شەھىرىBéyjing shehiri
广州 Guangzhou11,045,800 (2007)گۇاڭجۇ شەھىرىGuangju shehiri
深圳 Shenzhen8,464,300 (2006)شېنجېن شەھىرىShénjén shehiri
东莞 Dongguan6,450,000 (2007)دوڭۋەن شەھىرىDongwen shehiri
天津 Tianjin5,190,000تيەنجىن شەھىرىTyenjin shehiri
重庆 Chongqing5,087,197چۇڭچىڭ شەھىرىChungching shehiri
武汉 Wuhan4,890,000ۋۇخەن شەھىرىWuxen shehiri
哈尔滨 Harbin4,754,753خاربىن شەھىرىXarbin shehiri
沈阳 Shenyang4,420,000شېنياڭ شەھىرىShényang shehiri
成都 Chengdu3,750,000چېڭدۇ شەھىرChéngdu shehir
郑州 Zhengzhou3,500,000جېڭجۇ شەھىرىJéngju shehiri
青岛 Qingdao3,200,000چىڭداۋ شەھىرىChingdaw shehiri
汕头 Shantou3,200,000شەنتۇ شەھىرىShentu shehiri
南京 Nanjing3,110,000نەنجىڭ شەھىرىNenjing shehiri
惠州 Huizhou2,900,000خۇيجۇ شەھىرىXuyju shehiri
淄博 Zibo2,900,000زىبو شەھىرىZibo shehiri
福州 Fuzhou2,600,000فۇجۇ شەھىرىFuju shehiri
长沙 Changsha2,520,000چاڭشا شەھىرChangsha shehir
南昌 Nanchang2,440,000نەنچاڭ شەھىرىNenchang shehiri
无锡 Wuxi2,400,000ۋۇشى شەھىرىWushi shehiri
苏州 Suzhou2,400,000سۇجۇ شەھىرىSuju shehiri
杭州 Hangzhou2,350,000خاڭجۇ شەھىرXangju shehir
长春 Changchun2,290,000چاڭچۈن شەھىرىChangchün shehiri
贵阳 Guiyang2,180,000گۇيياڭ شەھىرىGuyyang shehiri
烟台 Yantai2,000,000يەنتەي شەھىرىYentey shehiri
昆明 Kunming3,055,000كۈنمىڭ شەھىرىKünming shehiri
宁波 Ningbo2,182,000نىڭبو شەھىرىNingbo shehiri
济南 Jinan2,090,000جىنەن شەھىرىJinen shehiri
石家庄 Shijiazhuang2,090,000شىجياجۇاڭ شەھىرىshijyajuang shehiri
兰州 Lanzhou2,060,000لەنجۇ شەھىرىLenju shehiri
西安 Xi'an1,960,000شىئەن شەھىرىShien shehiri
徐州 Xuzhou1,900,000شۈجۇ شەھىرىShüju shehiri
乌鲁木齐 Ürümqi1,830,000 (2007)ئۈرۈمچى شەھىرىÜrümchi shehiri
唐山 Tangshan1,700,000تاڭشەن شەھىرىTangshen shehiri
洛阳 Luoyang1,500,000لوياڭ شەھىرىLoyang shehiri
南通 Nantong1,500,000نەنتۇڭ شەھىرىNentung shehiri
齐齐哈尔 Qiqihar1,438,000چىچىخار شەھىرىChichixar shehiri
呼和浩特 Hohhot1,300,000خۇخوت/كۆكخوت شەھىرىXuxot/Kökxot shehiri
开封 Kaifeng80,100كەيفېڭ شەھىرىKeyféng shehiri
合肥 Hefei1,100,000خېفېي شەھىرXéféy shehir
连云港 Lianyungangليەنيۈنگاڭ شەھىرىLyenyün'gang shehiri
滁州 Chuzhouچۇجۇ شەھىرىChuju shehiri
绍兴 Shaoxingشاۋشىڭ شەھىرىShawshing shehiri
太原 Taiyuanتەييۈەن شەھىرىTeyyüen shehiri
吉林市 Jilin City1,900,751جىلىن شەھىرىJilin shehiri
信阳 Xinyang1,732,000شىنياڭ شەھىرىShinyang shehiri
大同 Datong1,426,000 (2004)داتۇڭ شەھىرDatung shehir
南宁 Nanning1,400,000نەننىڭ شەھىرىNenning shehiri
包头 Baotou1,400,000باۋتۇ شەھىرBawtu shehir
邯郸 Handan1,390,000 (2004)خەندەن شەھىرىXenden shehiri
厦门 Xiamenشيامېن شەھىرىShyamén shehiri
珠海 Zhuhaiجۇخەي شەھىرىJuxey shehiri
鞍山 Anshan1,285,849ئەنشەن شەھىرىEnshen shehiri
马鞍山 Ma'anshan1,281,000مائەنشەن شەھىرىMaenshen shehiri
扬州 Yangzhou1,125,200 (2003)ياڭجۇ شەھىرىYangju shehiri
周口 Zhoukouجۇكو شەھىرىJuko shehiri
西宁 Xining1,029,400شىنىڭ شەھىرىShining shehiri
镇江 Zhenjiang1,013,600جېنجياڭ شەھىرىJénjyang shehiri
柳州 Liuzhou950,000ليۇجۇ شەھىرىLyuju shehiri
保定 Baoding920,000باۋدىڭ شەھىرىBawding shehiri
平顶山 Pingdingshan891,814 (2006)تەكشى چوققىلىق تاغTekshi choqqiliq tagh
南平 Nanpingنەنپىڭ شەھىرىNenping shehiri
温州 Wenzhou873,000ۋېنجۇ شەھىرىWénju shehiri
泉州 Quanzhouچۈەنجۇ شەھىرىChüenju shehiri
南阳 Nanyang800,000نەنياڭ شەھىرىNenyang shehiri
廊坊 Langfang763,000لاڭفاڭ شەھىرىLangfang shehiri
衡阳 Hengyang761,888خېڭياڭ شەھىرىXéngyang shehiri
新乡 Xinxiangشىنشياڭ شەھىرىShinshyang shehiri
秦皇岛 Qinhuangdao759,000چىنخۇاڭداۋ شەھىرىChinxuangdaw shehiri
银川 Yinchuan736,300يىنچۈەن شەھىرىYinchüen shehiri
桂林 Guilin670,000گۇيلىن شەھىرىGuylin shehiri
安庆 Anqing650,000ئەنچىڭ شەھىرىEnching shehiri
绵阳 Mianyang600,000ميەنياڭ شەھىرىMyenyang shehiri
常州 Changzhouچاڭجۇ شەھىرChangju shehir
蚌埠 Bengbu585,000بېڭبۇ شەھىرBéngbu shehir
佳木斯 Jiamusi555,000جيامۇسى شەھىرىJyamusi shehiri
沧州 Cangzhou550,000 (2004)ساڭجۇ شەھىرSangju shehir
淮南 Huainan400,000خۇەينەن شەھىرىXueynen shehir
拉萨 Lhasa257,400لىخاسا شەھىرىLasa shehiri
北海 Beihai135,500بېيخەي شەھىرىBéyxey Shehiri
克拉瑪依 Karamayقاراماي شەھىرىQaramay shehiri
丽江 Lijiangلىجياڭ شەھىرىLijyang shehiri
黄石 Huangshiخۇاڭشى شەھىرىXuangshi shehiri
营口 Yingkouيىڭكۇ شەھىرىYingku shehiri
牡丹江 Mudanjiangمۇدەنجياڭ شەھىرىMudenjyang shehiri
辽阳 Liaoyangلياۋياڭ (شەھەر)Lyawyang sheher
和田 Xotenخوتەن شەھىرىXoten shehri
喀什 Kashgarقەشقەر شەھىرىQeshqer shehri
阿勒 泰 Altayئالتاي شەھىرىAltay shehiri
阿克 苏 Aksuئاقسۇ شەھىرىAqsu shehiri
舟山 Zhoushanجۇشەن شەھىرىJushen shehiri
台州 Taizhouتەيجۇ شەھىرىTeyju shehiri

سۇلالىلەر

[تەھرىر]
سۇلالەيىل
شيا سۇلالىسىمىلادىدىن ئالدىنقى 2070-يىلى-مىلادىدىن ئالدىنقى 1600-يىلى
شاڭ سۇلالىسىمىلادىدىن ئالدىنقى 1600-يىلى-مىلادىدىن ئالدىنقى 1046-يىلى
غەربىي جۇ سۇلسلىسىمىلادىدىن ئالدىنقى 1046-يىلى-مىلادىدىن ئالدىنقى 770-يىلى
شەرقىي جۇ سۇلالىسىمىلادىدىن ئالدىنقى 770-يىلى-221مىلادىدىن ئالدىنقى -يىلى بۇ دەۋىر ئەمىنىيۇە (مىلادىدىن ئالدىنقى 770-476مىلادىدىن ئالدىنقى )
تاڭ سۇلالىسى618-يىلى-907-يىلى
سۇڭ سۇلالىسى960-يىلى-1279-يىلى

مەنبەلەر

[تەھرىر]
  1. ↑ "中华人民共和国宪法". 全国人民代表大会. Retrieved 2018-03-13.
  2. ↑ "中华人民共和国首都". 中华人民共和国中央人民政府. Archived from the original on 2020-01-31. Retrieved 2020-01-29.
  3. ↑ 国务院第七次全国人口普查领导小组办公室.中国人口普查分县资料:2020 [DS].北京:中国统计出版社, 2022: 2-117.
  4. ↑ 中华人民共和国住房和城乡建设部.2022年城市建设统计年鉴 قېلىپ:Wayback [DS/OL].北京 (2023-10-13).
  5. ↑ "第七次全国人口普查主要数据情况". 国家统计局.