جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى
中华人民共和国
| |
دۆلەت گېربى | بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق |
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۇنيا خەرىتىسىدىكى ئورنى | |
دۆلەت گېمنى | |
تولۇق ئاتى
قىسقارتما |
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى
جۇڭگو |
قۇرۇلىشى | 1949- يىلى 1- ئوغۇز\ئۆكتەبىر |
پايتەخت
- ئەڭ چوڭ شەھرى |
بېيجىڭ |
رەسمى تىللەر
- ئېتىراپ قىلىنغان تىللار |
خەنزۇچە (ئورتاق تىل) |
ئېتنىك بۇدۇنلار
|
خەنزۇلار 91.51%
ئۇيغۇر(0.79%) قاتارلىق 55 ئاز سانلىق مىللەت 8.49% |
ھۆكۈمەت | |
خاراكتېرى | بىر پارتىيىلىك تۈزۈم |
دۆلەت رەئىسى
ج ك پ 1.سېكرىتارى |
شى جىنپىڭ |
باش مېنىستېر (زۇڭلى) | لى چياڭ |
مەملىكەتلىك خەلق ۋ. قۇر. دائىمىي كوم. باشلىقى | لى جەنشۇ |
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى | ۋاڭ ياڭ |
دۆلەت رەئىىسى ئورۇنباسارى | ۋاڭ چىشەن |
قانۇن تۇرغۇزۇش ئورنى | مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى |
مەۋجۇد ھەربىي ئارمىيە | 2,285,000 كىشى (1نچى) |
يەر مەيدانى - سۇ ساھەسى(%) |
9,596,961 كلومتر² (3\4نچى)
3,706,581 ئىنگلىز مىل² |
نۇڧۇس(2015 تەخمىنەن)
- 2010 رەسمى ساناق |
1,376,049,000 جان(1نچى) 1,339,724,852 جان (1نچى) |
ئ.ئ.ۇ.ق(2016) - كىشى باشى |
20.853 تىرىلىيون دوللار (1نچى)
US$ 15,095 (دوللار)(83نچى) |
پۇل بىرلىكى | خەلق پۇلى\يۈەن (¥\CNY) |
كالىندار |
yyyy\mmmm\dddd
يىل\ئاي\كۈن |
قاتناش يۆنلىشى | چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئوڭنى بېسىپ
- شىياڭگاڭ ۋە ئاۋمېندا سولنى بېسىپ |
ۋاقىت رايۇنى | بېيجىڭ ۋاقتى (UTC+8) |
ئىنتېرنېت | cn. |
خەلقئارالىق تېېلفۇن كود نۇمۇرى | 86+ |
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاسىيا قىتئەسىگە جايلاشقان بىر دەۋلەت. پايتەختى بېيجىڭ، ئەڭ چوڭ شەھىرى شاڭخەي شەھىرى. دۆلەت تىلى خەنزۇ تىلى/خەنزۇچە. ھازىرىقى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ. ھازىرىقى باش ۋەزىر/زۇڭلى لى كېچياڭ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 1949 يىلى 10 ئاينىڭ 1 كۇنى مۇستەققىلىقىنى ئېلان قىلغان، يەر مەيدانى 9 مىليون 640 مىڭ 821 كۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 1 مىليارد 321 مىليون 851 مىڭ.
ھەققىدە
[تەھرىرلەش]جوڭخۇا خەلق جومھۇرىيىتى 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇرۇلغان، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى دۆلەت بايرىقى قىلغان، دۆلەت شېئىرى « پىدائىيلار مارشى»، دۆلەت گېربى مەزمۇنى دۆلەت بايرىقى، تيەنەنمېن، چىشلىق چاق ۋە بۇغداي، شال باشىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پايتەختى بېيجىڭ، ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون بويىچە 23 ئۆلكە، بەش ئاپتونوم رايون، تۆت بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، ئىككى ئالاھىدە مەمۇرىي رايون بار. خەنزۇ مىللىتىنى ئاساسىي مىللەت قىلغان، 56 مىللەتتىن تەركىب تاپقان بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇپ، خەنزۇلار ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ % 91.5 ىنى ئىگىلەيدۇ.
جۇڭگو تۆت چوڭ مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى، ئۇزاق مەدەنىيەتلىك تارىخقا ئىگە ،يەر كۆلىمى جەھەتتىن دۇنيا بويىچە 3 - چوڭ دۆلەت، دۇنيا بويىچە 1-چوڭ نوپۇسى كۆپ دۆلەت، ئەنگلىيە ،فرانسىيە،ئامېرىكا، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت . جۇڭگو دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، دۇنيا بويىچە بىرىنچى چوڭ سودا دۆلىتى، دۇنيا بويىچە 1-چوڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى دۆلىتى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پولات تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى ۋە دۇنيا بويىچە بىرىنچى چوڭ يېزا ئىگىلىك دۆلىتى، دۇنيا بويىچە 1-چوڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى ۋە دۇنيادىكى ئىقتىسادىي ئۆسۈپ يېتىلىشى ئەڭ تېز دۆلەتلەرنىڭ بىرى. چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلغۇچى 2-چوڭ دۆلەت، يەنە دۇنيادىكى نۇرغۇن خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مۇھىم ئەزاسى، يوشۇرۇن دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرى دەپ قارالغان.
قۇرۇلىشى
[تەھرىرلەش]1949-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە،1 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى بېيپىڭدا ئېچىلغان. 9-ئاينىڭ 29-كۈنى، يىغىنىدا ۋاقىتلىق ئاساسىي قانۇن خاراكتېرىگە ئىگە « جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئورتاق پىروگراممىسى » ماقۇللانغان، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى ۋاكالىتەن يۈرگۈزگەن. 9-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كېيىن، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئومۇمىي يىغىندا سىياسىي كېڭەش 1-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى يىغىنىنىڭ ھەيئەتلىرى ۋۇجۇدقا كەلگەن، ماۋ زېدۇڭ مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسلىكىگە ، جۇ دې، ليۇ شاۋچى، سۇڭ چىڭلىڭ، لى جىشېن، جاڭ لەن، گاۋ گاڭ قاتارلىقلار مۇئاۋىن رەئىسلىككە، باشقا 56 كىشى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان.
1949- يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى، بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن، ماۋ زېدۇڭ تيەنئەنمېن راۋىقىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكالاپ مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەسمىي قۇرۇلغان.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قۇرۇش قانات يايدۇرۇلۇپ،1953- يىلدىن باشلاپ، ئۈچ چوڭ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلىپ، 1956- يىلى سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئورنىتىپ، سوتسىيالىزىم ئۈستىدە ئىزدىنىش باسقۇچىغا كىرگەن. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېلىپ بېرىلىپ، تەدرىجىي جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈم ئورنىتىلغان.
جوغرافىيىسى
[تەھرىرلەش]جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇقلۇق كۆلىمى تەخمىنەن 960 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، چوڭ قۇرۇقلۇق دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسى 18 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق، ئارال قىرغاق لىنىيىسى 14 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق، ئىچكى دېڭىز، ۋە چېگرا، دېڭىز سۇ يۈزى تەخمىنەن 4مىليون 700 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. دېڭىز رايونىدا تارقالغان كىچىك ئاراللار 7600 دىن ئارتۇق، بۇنىڭ ئىچىدە تەيۋەن ئارىلى ئەڭ چوڭ بۇلۇپ، كۆلىمى 35798 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ . قۇرۇقلۇقتا 14 دۆلەت، دېڭىزدا بىلەن ئالتە دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ.
قۇرۇقلۇق تېررىتورىيەسى:
جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە دېڭىز بويىدىكى ئاراللار، تەيۋەن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللار دۇڭشا تاقىم ئارىلى، شىشا تاقىم ئاراللىرى، جۇڭشا تاقىم ئاراللىرى، نەنشا تاقىم ئارىلى ھەمدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە تەۋە باشقا بارلىق ئاراللارنى (جۈملىدىن دىياۋيۈ تىزما ئاراللىرى )، قۇرۇقلۇق زېمىنى 9 مىليون 600 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.
دېڭىز - ئوكيان تېررىتورىيەسى :
بوخەي دېڭىزىنىڭ پۈتۈن دائىرىسى ۋە خۇاڭخەي دېڭىزى، دۇڭخەي دېڭىزى جەنۇبىي دېڭىزنىڭ كۆپ قىسمى ۋە مەخسۇس باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى ئىقتىسادىي رايونلار، جەمئىي تەخمىنەن 470 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇلار ئىچىدە جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى توققۇز خىل سىزىق ئىچىدىكى بارلىق دېڭىز تەۋەلىكى كۆلىمى تەخمىنەن 300 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. جۇڭگونىڭ ھاۋا تەۋەلىكى زېمىن ۋە دېڭىز تەۋەلىكىدىن 35 كىلومېتىردىن يۇقىرى بوشلۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شەرقى ۋە جەنۇبى، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى دېڭىز ياقىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 18400 كىلومېتىر،14 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق ئارال قىرغاق لىنىيىسى، ئىچكى دېڭىز ۋە چېگرا، دېڭىز سۇ يۈزى تەخمىنەن 4مىليون 700 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. دېڭىز رايونىدا 7600 كىچىك ئارال تارقالغان، بۇنىڭ ئىچىدە تەيۋەن ئارىلى ئەڭ چوڭ بۇلۇپ، تەخمىنەن 35989.76 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگرىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20000 كىلومېتىردىن ئارتۇق، قۇرۇقلۇقتا 14 دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ، دېڭىزدا ئالتە دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ.
يەر تۈزۈلۈشى يەر شەكلى
[تەھرىرلەش]جۇڭگونىڭ يەر تۈزۈلۈشى غەربى ئېگىز، شەرقى پەس، مۇرەككەپ، كۆپ خىل؛ تۈرلۈك يەر شەكلى پۈتۈن مەملىكەت قۇرۇقلۇق كۆلىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى : تاغلىق %33.3، ئېگىزلىك % 26، ئويمانلىق %18.8، تۈزلەڭلىك % 12، ئېدىرلىق% 9.9 . جۇڭگودىكى تاغلىق،ئېگىزلىك ۋە ئېدىرلىق قۇرۇقلۇق كۆلىمىنىڭ % 67 ىنى ئىگىلەيدۇ، ئويمانلىق ۋە تۈزلەڭلىك تەخمىنەن قۇرۇقلۇق كۆلىمىنىڭ % 33 ىنى ئىگىلەيدۇ. تاغ تىزمىلىرى كۆپ ھاللاردا شەرق غەرب ۋە شەرقىي شىمال-غەربىي جەنۇبقا سوزۇلغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئالتاي تاغلىرى، تەڭرىتېغى، كوئىنلۇن تېغى، قاراقۇرۇم تېغى، ھىمالايا تىغى، يىنشەن تېغى، چىنلىڭ چوققىسى، نەنلىڭ چوققىسى، چوڭ ھىنگان تاغ تىزمىلىرى، چاڭبەيشەن تېغى، تەيخاڭشەن تېغى، ۋۇيىشەن تېغى، تەيۋەن تاغ تىزمىسى، ۋۇشەن ۋە خېڭدۈەنشەن تېغى قاتارلىق تاغ تىزمىلىرى بار.
يەر بايلىقى : تاغلىق رايون 3 مىليون 200 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئېگىزلىك 2 مىليون 500 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئويمانلىقى بىر مىليون 800 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، تۈزلەڭلىك 1 مىليون 150 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئېدىرلىق مىڭ 500 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ ( 1997 ).
مەمورىي رايونلار
[تەھرىرلەش]دۆلەت زېمىن كۆلىمى :
قۇرۇقلۇق يەر كۆلىمى 960 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، دۇنيا قۇرۇقلۇق ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن 1/15 نى ئىگىلەيدۇ، سەل سوۋېت ئىتتىپاقىدىن باشقا ياۋروپا ئەللىرىنىڭ كۆلىمىگە تەڭ، رۇسىيە (17075000 كۋادرات كىلومېتىر)، كانادا (9971000كۋادرات كىلومېتىر) دىن قالسا، دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. شەرقىي رايونلارنىڭ % 10.5، ئوتتۇرا رايونلارنىڭ % 25.3، غەربىي رايوننىڭ % 64.2 نى ئىگىلەيدۇ.
2004-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگودا مەملىكەت بويىچە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەمۇرىي رايونلاردىن : 23 ئۆلكە، بەش ئاپتونوم رايون، تۆت بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، ئىككى ئالاھىدە مەمۇرىي رايون؛ 50 ۋىلايەت ( ئوبلاست ، ئايماق )؛ 661 شەھەر، بۇنىڭ ئىچىدە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر 4؛ ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر 283؛ ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر374؛ 1636 ناھىيە ( ئاپتونوم ناھىيە، ئالاھىدە رايون ۋە ئورمان رايونى )؛ شەھەرگە قاراشلىق رايون 852.
مەملىكەتلىك يېزا-بازار ئومۇمىي سانى37334، بۇنىڭ ئىچىدە : بازار 19883 ؛ يېزا 17451. مەملىكەت بويىچە مەھەللە ئىش باشقارمىسى 5904.
مەملىكەت بويىچە تەسىس قىلىنغان ئاھالە كومىتېتى مەھەللە ( ئاھالە كومىتېتى ) 7 مىڭدىن ئارتۇق؛ ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى 129.6 مىڭدىن ئارتۇق، كەنت ئاھالە كومىتېتى 64.4 مىڭ؛ كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى 507.9 مىڭدىن ئارتۇق.
نۇفۇس
[تەھرىرلەش]ئومۇمىي نوپۇس
[تەھرىرلەش]2010-يىللىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشچە ، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي نوپۇسى 1370536875ئادەم. بۇنىڭ ئىچىدە ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈشتە تىزىملىتىلغان چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەرنىڭ نوپۇسى1339724852 ئادەم، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نوپۇسى 7097000 ئادەم، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نوپۇسى 552300 ئادەم، تەيۋەن رايونىنىڭ نوپۇسى 23162123 ئادەم.
مىللەت
[تەھرىرلەش]جۇڭگودا ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلىغان 56 مىللەت بار. خەنزۇ، موڭغۇل، خۇيزۇ، زاڭزۇ، ئۇيغۇر، مياۋزۇلار، يىزۇ مىللىتى، جۇاڭزۇ مىللىتى، بۇيى مىللىتى، چاۋشيەن مىللىتى، مانجۇ، دوڭزۇ مىللىتى، ياۋزۇ مىللىتى، بەيزۇ مىللىتى، تۇجيا مىللىتى، خانى مىللىتى، قازاق، دەيزۇلار، لىزۇ مىللىتى، لىسۇ مىللىتى، ۋازۇ، شېزۇ مىللىتى، گاۋشەن مىللىتى، لاخۇ مىللىتى، شۈيزۇ مىللىتى، دۇڭشىياڭ مىللىتى، ناشى مىللىتى، جىڭپو مىللىتى، قىرغىز، تۇزۇلار، داغۇر، مۇلاۋ مىللىتى، چياڭزۇ مىللىتى، بۇلاڭلار، سالالار، ماۋنەن مىللىتى، گېلاۋ مىللىتى، شىبە، ئاچاڭ مىللىتى، پۇمى مىللىتى، تاجىك، نۇزۇ مىللىتى، ئۆزبېك، روس، ئېۋېنكې مىللىتى، دېئاڭ مىللىتى، باۋئەن مىللىتى، يۇغۇر مىللىتى، جىڭزۇلار، تاتار، دۇلوڭلار، ئورونچون مىللىتى، خېجې مىللىتى، مېنبا مىللىتى، لوبا مىللىتى، جىنو قاتارلىق 56 مىللەت بار.
بەئزى شەھەرلىرى
[تەھرىرلەش]شەھىرى | كىشى | ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى | Uyghur Latin Yéziqi |
---|---|---|---|
上海 Shanghai | 15,550,000 (2007) | شاڭخەي شەھىرى | Shangxey shehiri |
北京 Beijing | 13,133,000 (2007) | بېيجىڭ شەھىرى | Béyjing shehiri |
广州 Guangzhou | 11,045,800 (2007) | گۇاڭجۇ شەھىرى | Guangju shehiri |
深圳 Shenzhen | 8,464,300 (2006) | شېنجېن شەھىرى | Shénjén shehiri |
东莞 Dongguan | 6,450,000 (2007) | دوڭۋەن شەھىرى | Dongwen shehiri |
天津 Tianjin | 5,190,000 | تيەنجىن شەھىرى | Tyenjin shehiri |
重庆 Chongqing | 5,087,197 | چۇڭچىڭ شەھىرى | Chungching shehiri |
武汉 Wuhan | 4,890,000 | ۋۇخەن شەھىرى | Wuxen shehiri |
哈尔滨 Harbin | 4,754,753 | خاربىن شەھىرى | Xarbin shehiri |
沈阳 Shenyang | 4,420,000 | شېنياڭ شەھىرى | Shényang shehiri |
成都 Chengdu | 3,750,000 | چېڭدۇ شەھىر | Chéngdu shehir |
郑州 Zhengzhou | 3,500,000 | جېڭجۇ شەھىرى | Jéngju shehiri |
青岛 Qingdao | 3,200,000 | چىڭداۋ شەھىرى | Chingdaw shehiri |
汕头 Shantou | 3,200,000 | شەنتۇ شەھىرى | Shentu shehiri |
南京 Nanjing | 3,110,000 | نەنجىڭ شەھىرى | Nenjing shehiri |
惠州 Huizhou | 2,900,000 | خۇيجۇ شەھىرى | Xuyju shehiri |
淄博 Zibo | 2,900,000 | زىبو شەھىرى | Zibo shehiri |
福州 Fuzhou | 2,600,000 | فۇجۇ شەھىرى | Fuju shehiri |
长沙 Changsha | 2,520,000 | چاڭشا شەھىر | Changsha shehir |
南昌 Nanchang | 2,440,000 | نەنچاڭ شەھىرى | Nenchang shehiri |
无锡 Wuxi | 2,400,000 | ۋۇشى شەھىرى | Wushi shehiri |
苏州 Suzhou | 2,400,000 | سۇجۇ شەھىرى | Suju shehiri |
杭州 Hangzhou | 2,350,000 | خاڭجۇ شەھىر | Xangju shehir |
长春 Changchun | 2,290,000 | چاڭچۈن شەھىرى | Changchün shehiri |
贵阳 Guiyang | 2,180,000 | گۇيياڭ شەھىرى | Guyyang shehiri |
烟台 Yantai | 2,000,000 | يەنتەي شەھىرى | Yentey shehiri |
昆明 Kunming | 3,055,000 | كۈنمىڭ شەھىرى | Künming shehiri |
宁波 Ningbo | 2,182,000 | نىڭبو شەھىرى | Ningbo shehiri |
济南 Jinan | 2,090,000 | جىنەن شەھىرى | Jinen shehiri |
石家庄 Shijiazhuang | 2,090,000 | شىجياجۇاڭ شەھىرى | shijyajuang shehiri |
兰州 Lanzhou | 2,060,000 | لەنجۇ شەھىرى | Lenju shehiri |
西安 Xi'an | 1,960,000 | شىئەن شەھىرى | Shien shehiri |
徐州 Xuzhou | 1,900,000 | شۈجۇ شەھىرى | Shüju shehiri |
乌鲁木齐 Ürümqi | 1,830,000 (2007) | ئۈرۈمچى شەھىرى | Ürümchi shehiri |
唐山 Tangshan | 1,700,000 | تاڭشەن شەھىرى | Tangshen shehiri |
洛阳 Luoyang | 1,500,000 | لوياڭ شەھىرى | Loyang shehiri |
南通 Nantong | 1,500,000 | نەنتۇڭ شەھىرى | Nentung shehiri |
齐齐哈尔 Qiqihar | 1,438,000 | چىچىخار شەھىرى | Chichixar shehiri |
呼和浩特 Hohhot | 1,300,000 | خۇخوت/كۆكخوت شەھىرى | Xuxot/Kökxot shehiri |
开封 Kaifeng | 80,100 | كەيفېڭ شەھىرى | Keyféng shehiri |
合肥 Hefei | 1,100,000 | خېفېي شەھىر | Xéféy shehir |
连云港 Lianyungang | ليەنيۈنگاڭ شەھىرى | Lyenyün'gang shehiri | |
滁州 Chuzhou | چۇجۇ شەھىرى | Chuju shehiri | |
绍兴 Shaoxing | شاۋشىڭ شەھىرى | Shawshing shehiri | |
太原 Taiyuan | تەييۈەن شەھىرى | Teyyüen shehiri | |
吉林市 Jilin City | 1,900,751 | جىلىن شەھىرى | Jilin shehiri |
信阳 Xinyang | 1,732,000 | شىنياڭ شەھىرى | Shinyang shehiri |
大同 Datong | 1,426,000 (2004) | داتۇڭ شەھىر | Datung shehir |
南宁 Nanning | 1,400,000 | نەننىڭ شەھىرى | Nenning shehiri |
包头 Baotou | 1,400,000 | باۋتۇ شەھىر | Bawtu shehir |
邯郸 Handan | 1,390,000 (2004) | خەندەن شەھىرى | Xenden shehiri |
厦门 Xiamen | شيامېن شەھىرى | Shyamén shehiri | |
珠海 Zhuhai | جۇخەي شەھىرى | Juxey shehiri | |
鞍山 Anshan | 1,285,849 | ئەنشەن شەھىرى | Enshen shehiri |
马鞍山 Ma'anshan | 1,281,000 | مائەنشەن شەھىرى | Maenshen shehiri |
扬州 Yangzhou | 1,125,200 (2003) | ياڭجۇ شەھىرى | Yangju shehiri |
周口 Zhoukou | جۇكو شەھىرى | Juko shehiri | |
西宁 Xining | 1,029,400 | شىنىڭ شەھىرى | Shining shehiri |
镇江 Zhenjiang | 1,013,600 | جېنجياڭ شەھىرى | Jénjyang shehiri |
柳州 Liuzhou | 950,000 | ليۇجۇ شەھىرى | Lyuju shehiri |
保定 Baoding | 920,000 | باۋدىڭ شەھىرى | Bawding shehiri |
平顶山 Pingdingshan | 891,814 (2006) | تەكشى چوققىلىق تاغ | Tekshi choqqiliq tagh |
南平 Nanping | نەنپىڭ شەھىرى | Nenping shehiri | |
温州 Wenzhou | 873,000 | ۋېنجۇ شەھىرى | Wénju shehiri |
泉州 Quanzhou | چۈەنجۇ شەھىرى | Chüenju shehiri | |
南阳 Nanyang | 800,000 | نەنياڭ شەھىرى | Nenyang shehiri |
廊坊 Langfang | 763,000 | لاڭفاڭ شەھىرى | Langfang shehiri |
衡阳 Hengyang | 761,888 | خېڭياڭ شەھىرى | Xéngyang shehiri |
新乡 Xinxiang | شىنشياڭ شەھىرى | Shinshyang shehiri | |
秦皇岛 Qinhuangdao | 759,000 | چىنخۇاڭداۋ شەھىرى | Chinxuangdaw shehiri |
银川 Yinchuan | 736,300 | يىنچۈەن شەھىرى | Yinchüen shehiri |
桂林 Guilin | 670,000 | گۇيلىن شەھىرى | Guylin shehiri |
安庆 Anqing | 650,000 | ئەنچىڭ شەھىرى | Enching shehiri |
绵阳 Mianyang | 600,000 | ميەنياڭ شەھىرى | Myenyang shehiri |
常州 Changzhou | چاڭجۇ شەھىر | Changju shehir | |
蚌埠 Bengbu | 585,000 | بېڭبۇ شەھىر | Béngbu shehir |
佳木斯 Jiamusi | 555,000 | جيامۇسى شەھىرى | Jyamusi shehiri |
沧州 Cangzhou | 550,000 (2004) | ساڭجۇ شەھىر | Sangju shehir |
淮南 Huainan | 400,000 | خۇەينەن شەھىرى | Xueynen shehir |
拉萨 Lhasa | 257,400 | لىخاسا شەھىرى | Lasa shehiri |
北海 Beihai | 135,500 | بېيخەي شەھىرى | Béyxey Shehiri |
克拉瑪依 Karamay | قاراماي شەھىرى | Qaramay shehiri | |
丽江 Lijiang | لىجياڭ شەھىرى | Lijyang shehiri | |
黄石 Huangshi | خۇاڭشى شەھىرى | Xuangshi shehiri | |
营口 Yingkou | يىڭكۇ شەھىرى | Yingku shehiri | |
牡丹江 Mudanjiang | مۇدەنجياڭ شەھىرى | Mudenjyang shehiri | |
辽阳 Liaoyang | لياۋياڭ (شەھەر) | Lyawyang sheher | |
和田 Xoten | خوتەن شەھىرى | Xoten shehri | |
喀什 Kashgar | قەشقەر شەھىرى | Qeshqer shehri | |
阿勒 泰 Altay | ئالتاي شەھىرى | Altay shehiri | |
阿克 苏 Aksu | ئاقسۇ شەھىرى | Aqsu shehiri | |
舟山 Zhoushan | جۇشەن شەھىرى | Jushen shehiri | |
台州 Taizhou | تەيجۇ شەھىرى | Teyju shehiri |
سۇلالىلەر
[تەھرىرلەش]
مەنبئە
[تەھرىرلەش]