ئۈرۈمچى ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى Ürümchi nahiyisi)
ئۈرۈمچى ناھىيىسى

乌鲁木齐县.Ürümchi County

ئۈرۈمچى ناھىيىسىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى ناھىيە
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
شەھەر ئۈرۈمچى شەھىرى
مىللەتلەر ئۇيغۇر خەنزۇ
تىللار ئۇيغۇرچە خەنزۇچە
كوچا باشقارمىسى سانى 0 دانە
بازارلىق سانى 3 دانە
يېزا سانى 3 دانە
نوپۇس 80 مىڭ
يەر مەيدانى 4,332.16 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 991(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新A

ئۈرۈمچى ناھىيىسى تەڭرىتاغ نىڭ ئوتتۇرا قىسىمىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى ۋە تەڭرىتاغ رايونى نى ئوراپ تۇرىدۇ. شەرقتە تۇرپان شەھىرى بىلەن، غەربتە سانجى شەھىرى بىلەن، شىمالدا مىچۈەن شەھىرى بىلەن، جەنۇبتا توقسۇن ناھىيىسى، خوشۇت ناھىيىسى، خېجىڭ ناھىيىسى بىلەن تۇتۇشىدۇ. شەرقىي شىمالدا بۇغدا تېغىدىن ئۆتۈپ جىمىسار ناھىيىسى، فۇكاڭ شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 190 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 120 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 4212 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

مەمۇرىي رايون[تەھرىرلەش]

ئۈرۈمچى ناھىيىسىدە 3 دانە بازارلىق ۋە 3 دانە يېزا بار بولۇپ، ئۇنىڭ يېزا بازارلىرى تۆۋەندىكىچە:

نومۇرى ئىسمى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

دا يېزىلىشى

ئىنگلىزچە ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى كەنت سانى نوپۇسى(مىڭ)
1 تۆمۈرتى بازىرى Tömürti baziri Tömürti town 板房沟镇 8 13.5
2 شۈيشىگۇ بازىرى Shüyshigu baziri Shüyshigu town 水西沟镇 9 11.2
3 يوڭفېڭ بازىرى Yongfëng baziri Yongfeng town 永丰镇 6 7
4 تولى يېزىسى Toli yëzisi Toli town 托里乡 4 4.5
5 سارداۋان يېزىسى Sardawan yëzisi Sardawan town 萨尔达坂乡 6 10
6 گەنگۇ يېزىسى Gengu yëzisi Gengu town 甘沟乡 8 6

يەر تۈزۈلىشى[تەھرىرلەش]

ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى، غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ ئېگىزلەپ بارىدۇ. تىيانشان باغ تىزمىسىدىن ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەبنۇبىي تەرىپىدە سوزۇلۇپ ياتىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن 5445 مېتىر ئېگىز بولغان تىيانشان تېغىنىڭ ئاساسلىق چوققىسى-بۇغدا چوققىسى بۇ ناھىيەدىكى ئەڭ ئېگىز نۇقتا ھېسابلىنىدۇ. جەنۇبىي تەرەپتىكى تاغلىق رايون پۈتۈن ناھىيە ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن %50ىنى، تاغلىقتىكى ئۇششاق شېغىلدىن تەركىب تاپقان تۈزلەڭلىك ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن% 16.6ىنى، شىمالكىي تەرەپتىكى ئېدىرلىق ۋە توپا تۈزلەڭلىك ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ %33.4ىنى ئىگىلەيدۇ. تۇدۇڭخابا دەرياسى، ئۈرۈمچى دەرياسى، سەيۋوپۇ كۆلى، بەيياڭخېي دەرياسى، ئالغۇيدىن ئىبارەت بەش چوڭ سۇ سىستېمىسى بار.

كىلىماتى[تەھرىرلەش]

ئۈرۈمچى شەھىرى ئاسىيادىكى مۆتىدىل، قۇرغاق كىلىمات رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرسسى 5.7، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرسسى 40.5، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرسسى-41.5، يىلىغ ائوتتۇرا ھېساب بىلەن 36.7 كۈن ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق كۈن بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرسى 30 تىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە يورۇتۇش ۋاقتى 2733.6 سائەت، 10 جۇغلانما تېمپېراتۇرا 3063.3، قىروسىز مەزگىلى 156 كۈن، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 277.6 مىللىمېتىر، پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1914.1 مىللىمېتىر.

تەبىئىي بايلىقلىرى[تەھرىرلەش]

يەر ئۈستى سۇ بايلىقىنىڭ مىقدارى 800 مىليون كۇب مېتىر. پايدىلىنىدىغان تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۈيىنىڭ مىقدارى 556 مىليون كۇب مېتىر. ئۇلانباي-سەيۋوپۇ-داۋانچىڭ ئارىلىقى مەشھۇر شاماللىق رايون ھېسابلىنىدۇ. بۇ جايلارنىڭ شامال كۈچى بايلىقى ناھايىتى مول بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە شامال سۈرئىتى 2.6 مېتىر / سېكۇنت، ئۈنۈملۈك شامال قۇۋۋىتى 2000-3000 كىلوۋات. سائەت / كۋادرات مېتىر. ئۈرۈمچى ناھىيىسىدە يەر ئاستى كان بايلىقلىرى مول، 2013 - يىلىغا قەدەر، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان كان تۈرى 8، ئاساسلىقىكۆمۈر، گەج، ھاك تېشى، مىس، فوسفور، ئالتۇن، تۆمۈر، سېغىز توپا، شور، تۇز دېگەنگە ئوخشاشلاردىن ئىبارەت. كۆمۈر تىپىدىكى كان تېغىدىن 26 سى، قۇم، شېغىل توپىدىن ئىبارەت كۆمۈردىن باشقا كان تېغىدىن 40 ى بار.

ساياھەت[تەھرىرلەش]

ئۈرۈمچى ناھىيىسىدە بەييۈن خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى، نەنسەن شياۋچۈزى مەنزىرىسى، شۇيشىگۇ، يامالىق تېغى باغچىسى قاتارلىقلار بار.

ئىقتىسادى[تەھرىرلەش]

مائارىپى[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى