ئونسۇ ناھىيىسى
ئونسۇ ناھىيىسى
温宿县.Onsu County | |
ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | ناھىيە |
ۋىلايەت | ئاقسۇ ۋىلايىتى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە |
بازارلىق سانى | 5 دانە |
يېزا سانى | 5 دانە |
نوپۇس (2015-يىل) | 259,305 [1] |
يەر مەيدانى | 14,376 كۋادرات كىلومېتىر |
ۋاقىت رايونى | UTC+6 (ئۈرۈمچى ۋاقتى) |
تېلېفون رايون نومۇرى | 997 (0)86+ |
ماشىنا تاختا نومۇرى | 新N |
ئونسۇ ناھىيىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Onsu Nahiyisi) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئاقسۇ ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. ئونسۇ ناھىيىسى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى باي ناھىيىسى، توقسۇ ناھىيىسىبىلەن، جەنۇب تەرىپى ئاقسۇ شەھىرى بىلەن، غەرب تەرىپى ئۇچتۇرپان ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي شىمالىي تەرىپى قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 119 كىلومېتىر). شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 153 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 167 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 14 مىڭ 600 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بىر بازار، توققۇز يېزا، 108 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 1 - شىسنىڭ ئىككى تۇەن - مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1001 كىلومېتىر.
مەمۇرىي رايونلىرى
[تەھرىرلەش]ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيىسى قارمىقىدا 5 دانە بازارلىق بار بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
نومۇرى | ئىسمى | ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى
دا يېزىلىشى |
ئىنگلىزچە ئىسمى | خەنزۇچە ئىسمى | مەھەللە/كەنت سانى | نوپۇسى(مىڭ) | يەر مەيدانى(km2) |
1 | ئونسۇ بازىرى | Onsu Baziri | Onsu Town | 温宿镇 | 12 | 45 | |
2 | جام بازىرى | Jam Baziri | Jam Town | 佳木镇 | 7 | 4 | 47.74 |
3 | قىزىل بازىرى | Qizil Baziri | Qizil Town | 克孜勒镇 | 12 | 18.5 | 336 |
4 | تۇمشۇق بازىرى | Tumshuq Baziri | Tumshuq Town | 吐木秀克镇 | 10 | 11.2 | 473.2 |
5 | ئارال بازىرى | Aral Baziri | Aral Town | 阿热勒镇 | 15 | 23.5 | 198.9 |
ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيىسى قارمىقىدا 6 دانە يېزا بار بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
نومۇرى | ئىسمى | ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى
دا يېزىلىشى |
ئىنگلىزچە ئىسمى | خەنزۇچە ئىسمى | كەنت سانى | نوپۇسى(مىڭ) | يەر مەيدانى(km2) |
1 | توخۇلا يېزىسى | Toxula Yézisi | Toxula Township | 托乎拉乡 | 9 | 12.8 | 20 |
2 | ئىشلەمچى يېزىسى | Ishlemchi Yézisi | Ishlemchi Township | 依希来木其乡 | 10 | 11.6 | 375 |
3 | گۈلئاۋات يېزىسى | Gülawat Yézisi | Gulawat Township | 古勒阿瓦提乡 | 13 | 17.6 | 931.56 |
4 | چاغراق يېزىسى | Chaghraq Yézisi | Chaghraq Township | 恰格拉克乡 | 10 | 18 | ? |
5 | بوزدۆڭ قىرغىز يېزىسى | Bozdöng Qirghiz Yézisi | Bozdong Kyrgyz Township | 博孜墩柯尔克孜族乡 | 5 | 5.2 | 239.2 |
ئىزاھات:
يەر تۈزۈلۈشى
[تەھرىرلەش]شىمالىي تەرىپى ئېگىز، جەنۇب تەرىپى پەس، شىمالىي قىسمى تەڭرىتاغ رايونى بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 6000 مېتىردىن ئاشىدىغان تاغ چوققىسىدىن 20 دىن كۆپرەككى بار (تۆمۈر چوققىسى ئە ئېگىز چوققا بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 7435.29 مېتىر كېلىدۇ). جەنۇبىي قىسمى تاغ - دەريالار ئارىلىقىدىكى تۈزلەڭلىك ۋە دەريا ئېقىنىنىڭ تىنىشىدىن ھاسىل بولغان تۈزلەڭلىك. بۇنىڭ ئىچىدە تاغ يېرى 52.4% نى، تۈزلەڭلىك 17.6% نى، قۇملۇق 30% نى ئىگىلەيدۇ. دەرياسىدىن توشقان دەرياسى، قومئېرىق دەرياسى، تېرەڭ دەرياسى، قارا يۇلغۇن دەرياسى ۋە مۇزات دەرياسى قاتارلىقلار بار. يەر يۈزى سۇ بايلىقى ئۈچ مىليارد 20 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى بىر مىليارد 120 مىليون كۇب مېتىر. ياۋا ھايۋانات بايلىقىدىن قۇلان، يىلپىز، قاقىر، شىمال ئۆچكىسى، قوڭۇر ئېيىق، ئارقار، ئۇلاr قاتارلىقلار بار. ھازىرغىچە بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن كۆمۈر، گەج، قاشتېشى، تۇز، سېغىز توپا، مەرۋايىت تاش قاتارلىقلار بار.
يېزا ئىگىلىكى
[تەھرىرلەش]بۇ ناھىيە يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ناھىيە، ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 37 مىڭ 500 گېكتار ( 562 مىڭ 500 مو)، ئورمانلىق كۆلىمى 95 مىڭ 700 گېكتار (بىر مىليون 435 مىڭ 500 مو)، ئوتلاق كۆلىمى 541 مىڭ گېكتار (8 مىليون 115 مىڭ مو)، يەنە دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان 37 مىڭ 600 گېكتار (564 مىڭ مو) قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن شال، بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، قىزىلچا، قۇلماق، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئىنچىكىلىك بىلەن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۈرۈچ، پۇراقلىق گۈرۈچ، يېپىشقاق پۇراقلىق گۈرۈچ مەملىكەتلىك دېھقانچىلىق مىنىستىرلىكىنىڭ <يېشىل يېمەكلىك> گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشتى. چارۋىسىدىن كالا، قوي، ئات، ئېشەك قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن ئېنېرگىيە، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، يېمەكلىك، يېزا ئىگىلىك ۋە قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىشلىتىدىغان بۇيۇملار قاتارلىقلار بار. ئۆزىگە خاس مەھسۇلاتلىرىدىن دۇڭلىڭ قاشتېشىدىن سىپتا پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار، دورىلىق ناترىي خلورد، ئېفېرىن قاتارلىقلار بار.
ئىقلىمى
[تەھرىرلەش]ئونسۇ ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 10.2℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 37.6℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 27.4℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2718.1 سائەت. قىروسىز مەزگىلى 207 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 62.9 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 180.9 مىللىمېتىر.
ئىقتىسادى
[تەھرىرلەش]ساياھەتچىلىكى
[تەھرىرلەش]مائارىپى
[تەھرىرلەش]مەنبەلەر
[تەھرىرلەش]- ↑ "ئاپتونوم رايونلۇق سىتاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 2017-يىلىلىق نوپۇش سىتاتىستىكا جەدۋىلى". Archived from the original on 2017-10-11. Retrieved 2018-05-21.
سىرتقى ئۇلانمىلار
[تەھرىرلەش]