بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى نۇفۇسى 1،056،970، يۈز ئۆلچىمى 140،749 كۋادىرات كىلومېتىر. شىمالىي كەڭلىك 36.11°، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 102°43.
تارىخ
[تەھرىرلەش]بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا قاراشلىق جايلار خەن سۇلالىسى دەۋرىدە كىنگىت، چىدىر، كىروران قاتارلىق 11 دۆلەت يېرى بولغان. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە چىدىر (بۈگۈنكى بۈگۈر)دە غەربىي يۇرۇن قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كىنگىن تۇتۇق مەھكىمىسى ۋە يېڭىسار (بۈگۈنكى خېجىڭ ناھىيىسىنىڭ جۇلتۇس ئويمانلىقى) تۇتۇق مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە بېشبالىق ۋاقىتلىق ۋازارىتىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ يىللىرىدا قاراشەھەر خان ئامبىلى قويۇلغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 8 - يىلى (1882 - يىلى) قاراشەھەر بىۋاسىتە قاراشلىق نازارىتى تەسىس قىلىنغان. گۇاڭشۈ 24 - يىلى (1898 - يىلى) دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ مەھكىمە قىلىپ، نامىنى كىنگىت دەپ ئۆزگەرتىپ ئاقسۇن دوتەيلىكىگە قارايدىغان قىلىنغان. مىنگو 9 - يىلى ( 1920 - يىلى) كىنگىت دوتەيلىكى تەسىس قىلىنغان. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 8 - مەمۇرىي رايون ۋە كىنگىت ۋالىي مەھكىمىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، 1954 - يىلى ئايرىم - ئايرىم ھالدا بايىغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە كورلا ۋالىي مەھكىمىسى قىلىپ تەسىس قىلىنغان. 1960 - يىلى كورلا ۋالىي مەھكىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، بايىغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا قوشۇۋېتىلگەن.
جۇغراپىيە
[تەھرىرلەش]بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەرقى جەنۇب قىسمىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرقى تەرىپى گەنسۇ، چىڭخەي ئۆلكىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى كوئىنلون تېغى ئارقىلىق شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن، غەربىي تەرىپى خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى بىلەن، شىمالىي تەرىپى تەڭرىتېغى ئارقىلىق ئىلى ۋىلايىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، تۇرپان ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئومۇمىي يەر مەيدانى 474 مىڭ 100 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، مەملىكەت بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئوبلاست ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭغا 1 شەھەر، 8 ناھىيە (يەنى كورلا شەھىرى، بۈگۈر ناھىيىسى، لوپنۇر ناھىيىسى، چەرچەن ناھىيىسى، چاقىلىق ناھىيىسى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى، خېجىڭ ناھىيىسى، خۇشۇت ناھىيىسى، باغراش ناھىيىسى) قارايدۇ. ئوبلاست تەۋەسىدە تارىم نېفىتلىكىنى قېدىرىپ تەكشۈرۈش، ئېچىش قوماندانلىق شتابى، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى ۋاقىتلىق باشقۇرۇش باشقارمىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 2 - شىسىگە قاراشلىق 21 تۇەن - مەيدانى بار. ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق جاي - كورلا شەھىرى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 464 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 930 مىڭ 700، بۇنىڭ ئىچىدە موڭغۇللار 4.73% نى، ئۇيغۇرلار 34.86% نى، خەنزۇلار 54.46% نى، باشقا مىللەتلەر 5.95% نى تەشكىل قىلىدۇ.
يەر تۈزۈلۈشى: شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ تىيانشان تېغى، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمى ۋە كوئىنلۇن تېغى، ئالتۇن تاغدىن ئىبارەت ئۈچ رايونغا ئايرىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە تاغ يېري 48.9% نى، تۈزلەڭلىك 51.1% نى، تەشكىل قىلىدۇ. ئوبلاست تەۋەسىدە تارىم دەرياسى، قاراشەھەر دەرياسى، كۆنچى دەرياسى قاتارلىق چوڭ - كىچىك دەريادىن 50 نەچچىسى، چوڭ - كىچىك كۆلدى 69 سى بار. بۇنىڭ ئىچىدە تارىم دەرياسى ئېلىمىزدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى، باغراش كۆلى ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى ھېسابلىنىدۇ. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 10 مىليارد 120 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 2 مىليون 980 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋان بايلىقىدىن ئاساسلىقى ياۋا قوتاز، زاڭزۇا ياۋا ئېشىكى، زاڭزۇ بۆجىنى، يىلپىز، ئارقار، ئاققۇ قاتارلىقلار بار. ياۋايى ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن ئاساسلىقى توغراق، يۇلغۇن، شامشاد، يىڭنە يوپۇرماقلىق قارىغاي، قارلەيلىسى، سوغىگۈل قاتارلىقلار بار. ئاساسلىقى نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، تۆمۈر، مانگان، سىنك، ئالتۇن قاتارلىق 56 خىل قېزىلما بايلىق بايقالدى. بايىغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كىلىماتىدا پەرق ناھايىتى چوڭ. چوڭ - كىچىك يۇلتۇز ئويمانلىقى (بايىنبۇلاق) ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ ئىقلىمى 2 - دەرىجىلىك سوغۇق بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى - 4.5℃ ، تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولغاندا 28.0℃قا چىقىدۇ. ئەڭ تۆۋەن بولغاندا - 46.6℃ قا چۈشىدۇ. قىروسىز مەزگىلى 18 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 250 - 500 مىللىمېتىر. قاراشەھەر ئويمانلىقى ئىقلىمى مۆتىدىل بەلۋاغ ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 6.2℃ - 7.8℃ بولىدۇ. ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 39.2℃. ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 35.2℃ بولىدۇ. قىروسىز مەزگىلى 170 - 190 كۈن بولىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 50 - 80 مىللىمېتىر بولىدۇ. تارىم ئويمانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى تۈزلەڭلىكلەرنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.5℃ ~ 10.1℃، تېمپېراتۇران ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 43.6℃ قا چىقىدۇ. ئەڭ تۆۋەن بولغاندا - 30.9℃ قا چۈشىدۇ. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4000℃ دىن يۇقىرى بولىدۇ. قىروسىز مەزگىلى 210 ~ 240 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 25 ~ 50 مىللىمېتىر. بۇ ئوبلاستتا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئاساس قىلىنىدۇ. 109 مىڭ 700 گېكتار ( 1 مىليون 645 مىڭ 500 مو) تېرىلغۇ يەر، 10 مىليون 666 مىڭ 300 گېكتار (160 مىليون مو) ئوتلاق بار. يەنە 2 مىليون 906 مىڭ گېكتار (43 مىليون 590 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىقى بۇغداي، شال، كۆممىقوناق، پاختا، قىزىلچا، ياغلىقدان، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىدا قوي بىلەن كالىنى ئاساس قىلىدۇ. سانائىتىدىن ئاساسلىقى نېفىت، ماشىنسازلىق، ئېلېكترون، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، توقۇمىچىلىق، قەغەزچىلىك، يېمەكلىك كەسىپلىرى بار. باينغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاساس مۇئەسسەسەلىرى بىرقەدەر ياخشى. جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، كورلا شەھىرى جەنۇبىي شىنجاڭغا بارىدىغان يولوچىلار، توشۇلىدىغان يۈكلەر توپلىشىدىغان، تارقىلىدىغان مەركەزگە ئايلاندى. تاشيوللار تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان بولۇپ، دۆلەت تاشيولىدىن 5 ى ئوبلاست تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. كورلا، چەرچەن ئايرودورمىدا ئۈرۈمچى ۋە بېيجىڭ قاتارلىق جايلارغا بارىدىغان ھاۋا لىنىيىسى ئېچىلدى. ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى كورلىنىڭ تېلېفون تورىغا كىرگۈزلۈلدى ھەمدە سىمسىز چاقىرىش ۋە كۆچمە تېلېفون يولغا قويۇلۇپ، پروگراممىلىق ئالماشتۇرۇش ۋە مىكرو دولقۇنلۇق، ئوپتىكىلىق يەتكۈزۈش ئاساس قىلىنغان كۆپ ۋاستىلىك زامانىۋى خەۋەرلىشىش تورى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى.
مەمۇرىي رايون
[تەھرىرلەش]ئىقتىساد
[تەھرىرلەش]ئاساسىي قۇرۇلۇش
[تەھرىرلەش]نۇپوس ئىستاتىستىكا
[تەھرىرلەش]تەربىيە
[تەھرىرلەش]ساياھەتچىلىك
[تەھرىرلەش]بۇ ئوبلاستنىڭ ئاساسلىق مەدەنىي يادىكارلىقلىرىدىن كىروران خارابىسى، بالونتاي بۆتخانىسى، شىكشىن مىڭ ئۆيى، بۇغداچىن قەدىمكى شەھىرى، چاپغا جىلغىسى قەدىمىي قەبرىستانلىقى، تۈرغۈت تور خارابىسى، باش ئەگىم قاتارلىقلار بار. ئاساسلىقى تەبىئىي مەنزىرىلىك جايلاردىن بايىنبۇلاق يايلىقى، <كىچىك بۇغدا كۆلى> ئاققۇ كۆلى، تىيانشان تاش ئويمانلىقى، خوتۇنسالا شارقىراتمىسى، كۈنەس دەرياسى جىلغىسى، باغراش كۆلى، تەكلىماكان قۇملۇقى ۋە مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ تەبىئىي قوغداش رايونى ئالتۇن تاغ تەبىئىي قوغداش رايونى قاتارلىقلار بار.
مائارىپ
[تەھرىرلەش]تەنھەرىكەت يىغىنى
[تەھرىرلەش]سىرتقى ئۇلاش
[تەھرىرلەش]مەنبەلەر
[تەھرىرلەش]