پەيزاۋات ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى Peyziwat nahiyisi)
Jump to navigation Jump to search
پەيزاۋات ناھىيىسى

伽师县.Peyzawat County

Location of Peyziwat within Xinjiang (China).png
پەيزاۋات ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى ناھىيە
ۋىلايەت قەشقەر ۋىلايىتى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
بازارلىق سانى 4 دانە
يېزا سانى 9 دانە
نوپۇس (2017-يىل) 445,846 [1]
يەر مەيدانى 6,000.68 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 998(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新Q

پەيزاۋات ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن قەشقەر ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. پەيزاۋات ناھىيىسى تەڭرىتاغ نىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى مارالبېشى ناھىيىسى بىلەن، غەرب تەرىپى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى، كونا شەھەر ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى يوپۇرغا ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي شىمال تەرىپى ئاتۇش شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 140 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 80 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر كۆلىمى 2.6316 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1415 كىلومېتىر.

مەمۇرىي رايون[تەھرىرلەش]

قەشقەر ۋىلايىتى پەيزاۋات ناھىيىسى قارمىقىدا 4 بازارلىق ۋە 9 يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

نومۇرى ئىسمى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

دا يېزىلىشى

ئىنگلىزچە ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى مەھەللە/كەنت سانى نوپۇسى(مىڭ) يەر مەيدانى(km2)
1 بارىن بازىرى Barin Baziri Barin Town 巴仁镇 12 34 ؟
2 شاپتۇل بازىرى Shaptul Baziri Shaptul Town 夏普吐勒镇 22 29 ؟
3 غولتوغراق بازىرى Gholtoghraq Baziri Gholtoghraq Town 卧里托格拉克镇 35 41 1894
4 شېكەركۆل بازىرى Shékerköl Baziri Shekerkol Town 西克尔库勒镇 3 2 198
5 تېرىم يېزىسى Térim Yézisi Terim Town 铁日木乡 10 15 50
6 يېڭىمەھەللە يېزىسى Yéngimehelle Yézisi Yengimehelle Town 英买里乡 20 30 420
7 جانباز يېزىسى Janbaz Yézisi Janbaz Town 江巴孜乡 27 33 204
8 قىزىلبويى يېزىسى Qizilboyi Yézisi Qizilboyi Town 克孜勒博依乡 34 38 365
9 مىشا يېزىسى Misha Yézisi Misha Town 米夏乡 24 27 95
10 قوشئاۋات يېزىسى Qoshawat Yézisi Qoshawat Town 和夏阿瓦提乡 41 55 389
11 قىزىلسۇ يېزىسى Qizilsu Yézisi Qizilsu Town 克孜勒苏乡 40 36 251.33
12 گۈللۈك يېزىسى Güllük Yézisi Gulluk Town 古勒鲁克乡 28 22 1013.33
13 ئۆردەكلىك يېزىسى Ördeklik Yézisi Ordeklik Town 玉代克力克乡 12 15 95

ئىزاھات:

  • 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئەسلىدىكى شاپتۇل يېزىسى شاپتۇل بازىرى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.[2]
  • 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئەسلىدىكى غولتوغراق يېزىسى غولتوغراق بازىرى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.[3]

يەر تۈزۈلۈشى[تەھرىرلەش]

غەربىي قىسمى ئېگىز، شەرقىي قىسمى پەس، شىمالىي قىسمى ئېگىز، جەنۇبىي قىسمى پەس. تاغلىق يەر 8.4% نى، تۈزلەڭلىك 46.6% نى، چۆللۈك، سايلىق، قۇملۇق 45% نى ئىگىلەيدۇ. قىزىل دەرياسى بىردىبىر دەرياسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ يىللىق ئېقىن مىقدارى 870 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلارنىڭ يەر ئاستى سۇ زاپىسى 799 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ئاق بوغۇز بۆكەن، ياۋا توڭگۇز، ساي تۈلكىسى قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا، چاكاندا، يەر مەدىكى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا، چاكاندا، يەر مەدىكى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلاردىن مىس، گۈڭگۈرت، ياقۇت، گەژ قاتارلىقلار بار.

ئىقلىمى[تەھرىرلەش]

پەيزىۋات ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.7℃ ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41.2℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى ـ 22.5℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2923.3 سائەت، 10℃ جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى 4277.4℃، قىروسىز مەزگىلى 233 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 54.0 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2251.1 مىللىمېتىر.

يېزا ئىگىلىكى[تەھرىرلەش]

بۇ ناھىيىدە دېھقانچىلىق ئاساس قىلىنىدۇ. ھازىر 40 مىڭ 900 گېكتار ( 613 مىڭ 500 مو) تېرىلغۇ يەر، 30 مىڭ 900 گېكتار ( 463 مىڭ 500 مو) ئورمان، 240 مىڭ گېكتار (3 مىليون 600 مىڭ مو) ئوتلاق، 28 مىڭ 200 گېكتار (423 مىڭ 600 مو) دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان بوزيەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كېۋەز، كۆممىقوناق، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە ئاساس قىلىنىدۇ. جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردە داڭقى <پەيزىۋات قوغۇنى> ئىچكىرىدىكى 22 ئۆلكە، 54 شەھەر ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونلىرى شۇنىڭدەك چاۋ شىيەن، ياپونىيە، سىنگاپور، مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەرگە سېتىلماقتا. چارۋىچىلىقتا كالا، قوي، ئېشەك ئاساس قىلىنىدۇ. سانائىتىدىن ئېلېكتر قۇۋۋىتى، يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرىنى رېمونت قىلىش، كۆن - خۇرۇم، مەتبۇئاتچىلىق، پاختا چىقىرىش ۋە ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.

ئىسمىنىڭ كىلىپ چقىشى[تەھرىرلەش]

كونىلار شۇنداق رىۋايەت قىلىپتۇرلەركى، ئۇزاق ئۆتكەن زامانلارنىڭ بىرىدە، قەشقەردە ئارسلانخان ئىسىمىلىك بىر خان ئۆتكەنىكەن. ئۇنىڭ ھارۇنخان ئىسىملىك بىر مەسلىھەتچى ۋەزىرى بار ئىكەن. ئارسلانخان ئېلى ئىسىملىك، ھارۇنخاننىڭ بولسا پەيزۇللا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولغانىكەن. بۇ ئىككىيلەننىڭ يېشى ئانچە پەرقلەنمەيدىكەن، بىر - بىرى بىلەن ئىناق خۇشال ئۆتىدىكەن. بىرەر خۇشاللىقى بولسا تەڭ كۈلۈپ، خاپىلىققا تەڭ قايغۇرىدىكەن. بىر مەكتەپتۇ، بىر ئۇزتازدىن تەلىم ئالغانىكەن. ئۇلار چوڭ بولغانسېرى ئات مىنىش، قىلىچ - نەيزىۋازلىق، ئوقيا ئېتىش ئىشلىرىغا قىزىقىدىغان بوپتۇ. كۈنلەردىن بىركۈنى ئىككى بەگزادە ئاتلىرىدىن رۇخسەت ئېلىپ، قەدىمىي ئوردا «خانئۆي» ئەتراپىغا ئوۋغا چىقىپتۇ. قۇمباغ، سايۋاغ، چارۋاغ، بايتوقاي، لەڭگەر . . . دېگەندەك يۇرت - ئۆتەڭلەردىن ئۆتۈپ، قىزىل دەرياسى بىلەن چاقماق دەرياسى ئارىلىقىدىكى غورۇ جاڭگال ئىچىگە كەپتۇ. ئۇ يەرلەردە بۆرە، تۈلكە، قاۋان، ياۋا توڭگۇز، كېيىك، توشقان، تاغ تېكىسى، قوتاز، قىرغاۋۇل، قارىچىغا، جاغالماي، كەكلىك، بۆدۈنە، لاچىن، بۈركۈت ۋە تورغاي، قۇشقاچقا ئوخشاش گۆشخور، ئوتخور، تۆت ئاياغلىق، جۈپ قاناتلىق چوڭ - كىچىك ياۋايى ھايۋان ۋە قۇشلار ياشايدىكەن. توغراق، يۇلغۇن، جىگىدە، سۆگەت، سېدە قاتارلىق دەرەخلەر، خىلمۇ خىل ئوت - چۆپلەر ئۆسىدىكەن. ئارىلاپ - ئارىلاپ قونالغۇ ئۆيلەرمۇ ئۇچراپ تۇرىدىكەن. شاھزادىلەر تاغ باغرىدىكى ساغۇنباغدىن كۈنپېتىشقا بۇرۇلۇپ، كەڭ كەتكەن يايلاقنى توغرا كېسىپ، «ئاقسۇ دەرياسى» بويىغا كېلىشىپتۇ. ئىلگىرى ئۇلار بۇ يەرلەرگە كېلىپ باقىمىغانىكەن. بۇ يەردە بىر كېچىك، بىر - ئىككى ئۆيلۈك دېھقان بار ئىكەن. كەچقۇرۇن بىر بېلىقچى بوۋاينىڭ ئۆيىدە قونۇپتۇ. ئوۋ غەنىيمەتلىرىنى كاۋاپ قىلىپ، ئۆي ئىگىسى بىلەن تەڭ يېيىشىپتۇ. ئەتىسى ئەتىگەندە ئاتلىرىنى تەۋەككۈل دەرياسىغا سېلىپ، قىزىلسۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپتۇ. بۇ يەردە دەريادىن سۇ چىقىدىغان، كۈنپېتىشقا ئېقىپ كېتىدىغان بىر ئۆستەڭ، ئۇ ئۆستەڭنى بويلاپ كەتكەن تار ھارۋا يولى بار ئىكەن، بەگزادىلەر يول بىلەن خېلى ئۇزاق ماڭغاندىن كېيىن، بىر كىچىك يۇرتقا يېتىپ كەپتۇ.

بەگزادىلەر يۇرتنىڭ ئىچىگە كىرىپ، چوڭ بىر كۆلنىڭ بويىدا ئاتلىرىدىن چۈشۈپتۇ. ھايال ئۆتمەيلا ئەسىر نامىزىدىن يانغان جامائەتلەر بۇ يەرگە كېلىپ «ئۆتكۈنچى مۇساپىرلار» بىلەن كۆرۈشۈپتۇ. جامائەتنىڭ «كۈسەنباي ئىسىملىك بىر ئاقساقىلى بارئىكەن، ئۇ ھەم يۇرت بېشى، ھەم ئىمام ئىكەن. كۈسەنباي بۇ ئىككى مۇساپىرنى ئۆز ھويلىسىغا تەكلىپ قىلىپتۇ. كەچقۇرۇن يۇرت ئەھلى قوي سويۇپ، مەشرەپ قىلىپ مېھمانلارنى كۈتۈۋاپتۇ. ئەتىسى مىھمانلار يىراق - يېقىننى كۆرۈپ ئېتىزلارنى ئارىلاپ، باغلاردا سەيلە - ساياھەت قىپتۇ. كەچلىرى ھويلىدا ئولتۇرۇپ ھېكايە ئاڭلاپتۇ. ئاۋۋال كۈسەنباي بۇ يەرنىڭ خەلقى، يەرلىرى، ھوسۇلى، يوللىرى، قەيەرگە قاراشلىق ئىكەنلىكىنى، قانچىلىك غەللە - پاراق تۆكىدىغانلىقى ئۈستىدە چۈشەندۈرۈپتۇ. ئاندىن بۇ « كەنگىندى»لەرنىڭ قەيەردىن، نېمە سەۋەب بىلەن بۇ يەرلەرگىچە كېلىپ قالغانلىقىنى سوراپتۇ. بەگزادىلەر ئۆز ئاتىلىرىنىڭ تاپشۇرۇقىغا بىنائەنم، ئۆزلىرىنى«يولدىن ئېزىپ بۇ يەرگە كېلىپ قالغان مۇساپىرلار» دەپ كۆرسىتىشىپتۇ. كۈسەنباي كۆپنى كۆرگەن، تەجرىبىلىك ئادەم ئىكەن. ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ سۆزلىرىدىن ئۆزىچە شۈبھىلىنىپ، تولىمۇ ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرۈپ، ئۇلارنى قولىدىن كېلىشىچە ياخشى كۈتۈۋېلىپتۇ. بەگزادىلەر كېتىدىغان چاغدا، كۈسەنباي ئۇلارغا بىر قانچە قارا كۆكچى قوغۇن يوللۇق تۇتۇپتۇ ۋە دەپتۇ: _ قىزىلسۇ دەرياسىنىڭ بويىدىكى يېڭى مەھەللە دېھقانلىرى ئارسلان بۇغراخانىمىزغا سالام يوللىدى! - دەپ قويۇشالا، بەگچىلىرىم! بەگزادىلەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ سالاھىيىتى ئاشكارىلىنىپ قالغانلىقىنى سېزىپ، كۈسەنبايغا ھەقىقىي نام- شەرىپلىرىنى مەلۇم قىپتۇ. بىر قانچە كۈنلەر ئۆتۈپ كېتىپتۇ. بۇ جەرياندا ئۇلار كۈسەنباينىڭ ھېكايىسىنى بەكمۇ قىزىقىپ ئاڭلاپتۇ. بۇ ھېكايىنى ئاستانىگە بارغاندىن كېيىن خان ئاتىمىزغا سۆزلەپ بېرىمىز، مولا تەكلىپ قىلىپ كىتابقا پۈتكۈزىمىز، - دەپتۇ. شاھزادە ئېلى، بەگزادە پەيزۇللالار ئوردىغا قايتىپ كەپتۇ. ئەھۋاللارنى تولۇق مەلۇم قىپتۇ. ئارسلانخان ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ھارۇنخاندىن : «پەيزۇللا بەگزادە ئۇ يەرگە بارسا قانداق» دەپ سوراپتۇ. ھارۇنخان: «ئىلتىپاتلىرىغا رەھمەت شاھىم! ئۆزلىرى بىلىلا، مەن ياشىنىپ قالدىم. ئۆز يۇرتۇمنى سېغىنىۋاتىمەن، ئوغلۇم ئالدىن يېتىپ بارسا، ئارقىسىدىن مەنمۇ يېتىپ بارىمەن » دەپتۇ.

ئارسلانخان پەيزۇللادىن بۇ ئىشقا مەيلى بار - يوقلۇقىنى سورىغانىكەن، ئۇ دەرھاللا: _ مەن ئۇ يەرنى خانلىقىمىزنىڭ باياشات ئۆلكىسى قىلىپ چىقىشقا بەل باغلىدىم!- دەپتۇ. شۇنداق قىلىپ، پەيزۇللا قىزىلسۇ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى يۇرتلارغا «بەگ» قىلىپ تەيىنلىنىپتۇ. پەيزۇللا بەگنىڭ ئوردىسى دەسلەپتە «يېڭى مەھەللە»گە قۇرۇلۇپتۇ. بەگنىڭ ھويلا يېنىدا ھەشەمەتلىك «شەرئى مەھكىمە خانا» قۇرۇلۇپتۇ. پەيزۇللا بەگ ئالدى بىلەن كۈسەنباينى باش قىلغان « پېشقەدەملەر ئويۇشمىسى» تەسىن قىلىپ، چوڭ - كىچىك ئىشلاردا ئۇلارنىڭ توغرا، پايدىلىق مەسلىھەتلىرىنى ئالدىكەن. پەيزۇللا بەگ ئىشنى ئۆز تەۋەلىكىنى ئايرىش، ھەر بىر يۇرتلارغا يېڭىدىن «ئاقساقال»لارنى تەيىنلەش، غەللە - پاراقنى بىر ئورۇنغا يېغىۋېلىش، ئېرىق - ئۆستەڭلەرنى رېمۇنت قىلىشتىن باشلاپتۇ. بىر - ئىككى يىل ئۆتمەيلا يېڭى - يېڭى يۇرتلار پەيدا بولۇشقا باشلاپتۇ. كۆپ يىللار داۋام قىلغان ئۇرۇش - يېغىلىق دەستىدىن يۇرتىنى تاشلاپ، سەرسان بولۇپ چىقىپ كەتكەنلەرمۇ قايتىپ كېلىپ، ئۆز ماكانلىرىنى قايتا قۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پەيزۇللا بەگ ئەسىرگە چۈشكەنلەردىن مىڭلاپ كۆچۈرۈپ كۆچۈرۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشتۇرۇپتۇ . . . بىر يىلى، دەريا سۈيى تېشىپ، يېڭى مەھەللىنى سۇ بېسىپ كېتىپتۇ. دېھقانلار كۈنچىقىشقا قاراپ قېچىپتۇ. كېيىن يېڭىدىن يەنە كۆپ مەھەللە بارلىققا كەپتۇ. پەيزۇللا بەگ چوڭلارنىڭ مەسلىھىتى بويىچە «بەگلىك ھويلا» ۋە «شەرئى مەھكىمە» لەرنى قىزىل دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى بىر يۇرتقا كۆچۈرۈپتۇ. قەدىمكى يىپەك يولى مۇشۇ يەردىن ئۆتىدىكەن. كۆپ ئۆيمەي بۇ يەردە گۈزەل كوچىلار، رەتلىك ئۆيلەر، جۈمە كۈنلۈكى قاينايدىغان بازار سودىسى، ئۆتەڭ - سارايلار پەيدا بوپتۇ. سودا كارۋانلىرى بۇ يېڭى ئۆتەڭگە كېلىپ چۈشىدىكەن، سودا - سېتىق قىلىشىدىكەن. شۇنداق قىلىپ بۇ يۇرت بىنا بولغانىكەن. يۇرت ئىسمىنى كىشىلەر دەسلەپتە «پەيزۇللا بەگنىڭ ئاۋات قىلغان لەڭگىرى» دەپتۇ. كېيىنچە «پەيزۇللا ئاۋاتى» دەپتۇ. ھازىرقى پەيزىۋات (پەيزۇ ئاۋات) دېگەن نام ئەنە شۇنىڭدىن ئۆزگەرگەنىكەن.

ئىقلىمى[تەھرىرلەش]

ساياھەتچىلىكى[تەھرىرلەش]

مائارىپى[تەھرىرلەش]

مەنبە[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: ئىدىقۇت رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كۇچار ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى ساۋەن ناھىيىسى | | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى