پوسكام ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى Poskam nahiyisi)
پوسكام ناھىيىسى

泽普县.Poskam County

پوسكام ناھىيىسى (نومۇرى 5) نىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى ناھىيە
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت قەشقەر ۋىلايىتى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
بازارلىق سانى 2 دانە
يېزا سانى 10 دانە
نوپۇس 180 مىڭ
يەر مەيدانى 999.66 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 998(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新Q

پوسكام ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن قەشقەر ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. پوسكامنىڭ يەر مايدانى 999.66 كۇۋادرات كىلومېتىر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 180،000. پوسكام ناھىيىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي چېتىگە، زەرەپشان دەرياسىنىڭ يەلپۈگۈچسىمان تىنىمىسىغا جايلاشقان. جەنۇب تەرىپى قاغىلىق ناھىيىسى، شىمال تەرىپى يەكەن ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 61 كىلومېتىر. غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقىچە بولغان كەڭلىكى 14 - 23 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 1096.2 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدا بىر رايون، 2 بازار، 10 يېزا، 133 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1447 كىلومېتىر.

مەمۇرىي رايون[تەھرىرلەش]

قەشقەر ۋىلايىتى پوسكام ناھىيىسى قارمىقىدا 2 بازارلىق ۋە 10 يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

نومۇرى ئىسمى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

دا يېزىلىشى

ئىنگلىزچە ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى مەھەللە/كەنت سانى نوپۇسى(مىڭ) يەر مەيدانى(km2)
1 پوسكام بازىرى Poskam Baziri Poskam Town 泽普镇 6 32 5.1
2 كۈيباغ بازىرى Küybagh Baziri Kuybagh Town 奎依巴格镇 13 12 78.5
3 پوسكام يېزىسى Poskam Yézisi Poskam Town 波斯喀木乡 14 20 49.06
4 ئايكۆل يېزىسى Ayköl Yézisi Aykol Town 阿依库勒乡 14 11 78.5
5 ئاقتام يېزىسى Aqtam Yézisi Aqtam Town 阿克塔木乡 8 7 59.52
6 كۈيباغ يېزىسى Küybagh Yézisi Kuybagh Town 奎依巴格乡 13 12 78.5
7 سەيلى يېزىسى Seyli Yézisi Seyli Town 赛力乡 14 13.3 70.01
8 ئىككىسۇ يېزىسى Ikkisu Yézisi Ikkisu Town 依肯苏乡 18 16.5 91.4
9 تۇغچى يېزىسى Tughchi Yézisi Tughchi Town 图合其乡 9 10 28.8
10 يىما يېزىسى Yima Yézisi Yima Town 依玛乡 18 17 97.79
11 گۈلباغ يېزىسى Gülbagh Yézisi Gulbagh Town 古勒巴格乡 14 19 ؟
12 بۇيلۇق تاجىك يېزىسى Buyluq Tajik Yézisi Buyluq Tajik Town 布依鲁克塔吉克族乡 4 3.5 25.5

’’’ئىزاھات:’’’

يەر تۈزۈلۈشى[تەھرىرلەش]

غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغا پەسىيىپ بارىدۇ. تۈزلەڭلىك يېرى 67.5% نى، چۆللۈك 22.5% نى ئىگىلەيدۇ. تەۋەسىدە زەرەپشان دەرياسى بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 550 مىليون كۇب مېتىر ئەتراپىدا، تۈزلەڭلىك رايونلىرىنىڭ يەرئاستى سۇ زاپىسى 633 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋاناتتىن ساي تۈلكىسى، ئىپپار چاشقىنى قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقى بىرقەدەر مول، بۇنىڭ ئىچىدە چۈچۈكبۇيا كەڭ تارقالغان. قېزىلما بايلىقلىرىدىن نېفىت ۋە كۆمۈر بار.

ئىقلىمى[تەھرىرلەش]

پوسكام ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.4℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 38.8℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 23.0℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2659.7 سائەت. قىروسىز مەزگىلى 214 كۈن. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 49.0 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2228.2 مىللىمېتىر.

يېزا ئىگىلىكى[تەھرىرلەش]

بۇ ناھىيىنىڭ يېزا ئىگىلىكى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. ھازىر 24 مىڭ 200 گېكتار (362 مىڭ 400 مو) تېرىلغۇ يەر، 6200 گېكتار (93 مىڭ مو) ئورما، 5300 (75 مىڭ 700 مو) ئوتلاق، 8600 گېكتار (128 مىڭ 900 مو) سۇ يۈزى، 3300 گېكتار (50 مىڭ مو) دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان قاقاس يەر، 1200 گېكتار (17 مىڭ 500 مو) ئورمانچىلىققا باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن كېۋەز، بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، ئالما، ئامۇت، ياڭاق، بادام، چىلان ۋە كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا كالا، قوي، ئېشەك ئاساس قىلىنىدۇ. سانائىتىدىن پاختا توقۇمىچىلىق، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، كۆمۈر، ئېلېكتر قۇۋۋىتى، سۇلياۋ بۇيۇملىرى ئىشلەش قاتارلىقلار بار. پوسكام ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت يولى 315 - لىنىيىسى ناھىيە تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. شەھەر - يېزىلارنىڭ ئاسفالىت يوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىدۇ.

ساياھەتچىلىكى[تەھرىرلەش]

مائارىپى[تەھرىرلەش]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى