قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن تارباغاتاي ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. قوبۇقسارنىڭ يەر مايدانى 28،799 كۇۋادىرات كىلومېتر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلانغاندا، نۇپۇسى 50،000.
تارىخ
[تەھرىرلەش]قوبۇقسار ئەزەلدىنلا چارۋا باقىدىغان يەر بولۇپ، كەلگەن. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇسۇنلار، ھونلارغا قارىغان، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بېشبالىق قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۇ 16 - يىلى (1890 - يىلى) چۆچەك بىۋاسىتە قاراشلىق نازارىتىگە قارىغان. مىنگونىڭ 4 - يىلى (1915 - يىلى) بۇ يەردە ساۋەنگە قاراشلىق قوشتولجاي يەرلىك ھاكىم بەگ قويۇلغان، مىنگونىڭ 18 - يىلى (1929 - يىلى) قوبۇقسار مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىگە ئۆزگەرتىلگەن ۋە چۆچەك دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىگە ئۆزگەرتىلگەن ۋە چۆچەك دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ 31 - يىلى (2194 - يىلى) ناھىيە قىلىپ تەسىس قىلىنغان ۋە قوبۇقسار دەپو ئاتالغان. 1954 - يىلى قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى قىلىپ قۇرۇلۇپ، تارباغاتاي ۋىلايىتىگە قارايدىغان بولغان.
جۇغراپىيە
[تەھرىرلەش]قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرقىي تەرىپى بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبى تەرىپى سانجى شەھىرى، ماناس ناھىيىسى، قۇتۇبىي ناھىيىسى، ساۋەن ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي جەنۇب تەرىپى دۆربىلجىن ناھىيىسى، تولى ناھىيىسى، قاراماي شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالىي تەرىپى جىمىنەي ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي شىمال تەرىپى قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 46 كىلومېتىر كېلىدۇ). جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 207 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 210 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 30 مىڭ 600 كۋادرات كىلومېتىر. ئۇنىڭغا 2 بازار، 5 يېزا، 65 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ، ئۇنىڭ تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 10 شىسىنىڭ 1 تۇەن - مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 500 كىلومېتىر كېلىدۇ. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 55 مىڭ 400، بۇنىڭ ئىچىدە موڭغۇللار 29.78% نى، خەنزۇلار 43.5% نى، قازاقلار 23.47% نى، باشقا مىللەتلەر 3.25% نى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇنىڭ يەر تۈزۈلۈشى: شىمالى ئېگىز، جەنۇبى پەس، شىمالىي قىسمى تاغلىق، ئېدىرلىق ئاساس قىلىنىدۇ، جەنۇبىي قىسمى تۈزلەڭلىك، قاسالىق ئاساس قىلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق رايون 19.1% نى، تۈزلەڭلىك 50.9% نى، قۇملۇق 30% نى ئىگىلەيدۇ. نامنىقۇل دەرياسى، قوبۇق دەرياسى قاتارلىق دەريالار بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 207 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 157 مىليون كۇب مېتىر كېلىدۇ. ياۋايى ھايۋان بايلىقىدىن سۈلەيسۈن، قوڭۇر ئېيىق، ئارقار، ئاق بوغۇز بۆكەن، ياۋا توڭگۇز قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن سۇغىگۈل، چۆچۈكبۇيا، يەرمەدىكى، كەتىرا، چاكاندا، مەرزنجوش، توشقان زەردىكى، رەۋەن، يۈەنبەي، چوغلۇق، بۇۋانە، بۇتاكۆز، قاسەي قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن كۆمۈر، تۇز، نېفىت، ھاك تاش، بىنتونىت، كۋارتس قۇم، گىلائۇبېر تۇزى، چىرىمتال، سېنرىپېنتىن، گرانىت، گاۋلىن توپىسى، مەرمەر، پىروخىللىت، خروم، ئالتۇن، تۆمۈر، مىس، ئۇران، گېزىنگېرىت قاتارلىقلار بار. قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. ئۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 3.0℃ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى34.6℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى- 33.4℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 3006.4 سائەت، 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 2066.8، قىروسىز مەزگىلى 133 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 142.3 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1831.4 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيە چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، ھازىر 6700 گېكتار (1000 مىڭ مو) تېرىلغۇ يېرى، 13 مىڭ 100 گېكتار (197 مىڭ مو) ئورمالىقى، 1 مىليون 583 مىڭ 300 گېكتار (23 مىليون 750 مىڭ مو) ئوتلىقى بار. يەنە 193 مىڭ 300 گېكتار (2 مىليون 900 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يېرى بار. چارۋىسىدىن كالا، قوي، ئات، تۆگە ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، ئارپا، ياڭيۇ، كۆك پۇرچاق، قىچاك، كۆك تاماكا، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن تۇز - خىمىيە سانائىتى ۋە كۆمۈرچىلىك، بېنىتونىت قېزىش قاتارلىقلار بار. قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولى 217 - لىنىيىسى ناھىيە ئىچىدىن ئۆتىدۇ، ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى ھەممە تەرەپكە تۇتۇشۇپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاساسىي جەھەتتىن ئاسفالىتلاشتۇرۇلغان. پروگراممىلىق تېلېفون، سىمسىز چاقىرغۇ ئارقا - ئارقىدىن ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.
مەمۇرىي رايون
[تەھرىرلەش]ئىقتىساد
[تەھرىرلەش]ئاساسىي قۇرۇلۇش
[تەھرىرلەش]نۇپوس ئىستاتىستىكا
[تەھرىرلەش]تەربىيە
[تەھرىرلەش]ساياھەتچىلىك
[تەھرىرلەش]بۇ ناھىيىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن قونچىنىڭ ئوۋبېل قىياتاش سىزمىلىرى، تاشتىن ياسالغان قەدىمكى قەبرىلەر، ۋاڭ ئوردىسى خارابىسى، دۆربۆن ئۆلتىيىن ئورمانلىقى قەدىمكى شەھىرى قاتارلىقلار بار. داڭلىق مەنزىرىلىك جايلىرىدىن قارغاي جىلغىسى، ئالۋاستى شەھىرى، ئارغالىت ھور ئارشىڭى قاتارلىقلار بار.
مائارىپ
[تەھرىرلەش]تەنھەرىكەت يىغىنى
[تەھرىرلەش]سىرتقى ئۇلاش
[تەھرىرلەش]