تولى ناھىيىسى
تولى ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن تارباغاتاي ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. تولىنىڭ يەر مايدانى 19،982 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 90،000.
تارىخ
[تەھرىرلەش]تولى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ھونلارغا قاراشلىق يەر ئىدى، سۈي - تاڭ سۇلالىرى دەۋرىدە تۈركلەرنىڭ چارۋا باقىدىغان يېرى بولغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئويرات موڭغۇللىرى تۇرۇغۇت قەبىلىسىنىڭ چارۋىچىلىرى تۇرىدىغان جاي بولغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىنىڭ ئاخىرى، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىنىڭ باشلىرىدا جۇڭغارلار ئىگىلىۋالغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۇ 14 - يىلى (1888 - يىلى) چۆچەك ناھىيىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ 7 - يىلى (1918 - يىلى) يېڭىدىن قۇرۇلغان دۆربىلجىن ناھىيىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، دۆربىلجىن ناھىيىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ تولى مەركىزىي رايونى تەسىس قىلىنغان. 1952 - يىلى تولى ناھىيىسى قىلىپ ئۆزگەتىلگەن. ھازىر تارباغاتاي ۋىلايىتىگە قارايدۇ.
جۇغراپىيە
[تەھرىرلەش]تولى ناھىيىسى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي چېتىگە جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرقىي تەرىپى قاراماي شەھىرى بىلەن تۇتۇشىدۇ، جەنۇبىي تەرىپى شەھىرى، جىڭ ناھىيىسى، بورتالا شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي تەرىپى چاغانتوقاي ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالىي تەرىپى دۆربىلجىن ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي جەنۇبى تەرىپى قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرالىنىيىسىنڭ ئۇزۇنلۇقى 53 كىلومېتىر كېلىدۇ). شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلىقى 6.221 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 3.159 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 01.2 كۋادرات كىلومېتىر. ئۇنىڭغا 3 بازار، 4 يېزا، 41 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 9 - شىسىنىڭ 1 تۇەن مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 514 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 77 مىڭ 300، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار 69.21% نى، خەنزۇلار 27.17% نى، باشقا مىللەتلەر 3.62% نى تەشكىل قىلىدۇ.
ئۇنىڭ يەر تۈزۈلۈشى: جەنۇبىي ئېگىز، شىمالى پەس، تاغلىق 53.6% نى، ئېدىرلىق 25.7% نى، جىلغا تۈزلەڭلىكى 20.7% نى ئىگىلەيدۇ، 53 بۇلاق، ئېقىن دەريا، جىلغىسى بار، يەر ئۈستى سۈيى بايلىقى مىقدارى 874 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 512 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋان بايلىقىدىن يىلپىز، غولجا، سايگاڭ بۆكىنى ئارقار، ئاق بوغۇز بۆكەن قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقدىن سۇغىگۈل، قانتېپەر، قوچاق قول، چۈچۈكبۇيا، توشقان زەردىكى، يەرمەدىكى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن كۆمۈر، خروم، ھاك تاش، ئالتۇن، بازالىت، سۇۋاق شىغىل، گرانت قاتارلىقلار بار. تولى ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ ئىككىنچى دەرىجىلىك قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. ئۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 4.3℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 40.2℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 36.6℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2857.9 سائەت، 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 2336.4℃، قىروسىز مەزگىلى 138 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 253.1 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1786.2 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيە چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 15 مىڭ گېكتار (233 مىڭ مو) تېرىلغۇ يېرى، 4400 گېكتار (66 مىڭ مو) ئورمانلىق، 1 مىليون 105 مىڭ 900 گېكتار (16 مىليون 895 مىڭ مو) ئوتلىقى بار. يەنە 4500 گېكتار (68 مىڭ مو) تېرىقچىلىققا باب كېلىدىغان قاقاس يېرى، 1000 گېكتار (15 مىڭ مو) ئورمان ئەھيا قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يېرىبار، چارۋىچىلىقتا يايلاقتا چارۋا بېقىشنى ئاساس قىلىدۇ، چارۋىسىدىن كالا، قوي قاتارلىقلار بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن قىچا، كۆممىقوناق، گازىر تاۋۇز، زىغىر، قىزىلچا قاتارلىقلار بار. سانائەتتىن ئېلېكتر قۇۋۋىتى، سېمونت ئىشلەش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، كۆمۈرچىلىك، تېرە - يۇڭ پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. تولى ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. ئۆلكە تاشيولى 221 - لىنىيىسى ناھىي تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ، ئوپتىكا كابىلى بىلەن ئالاقىلىشىش ئىشلىتىلىشكە باشلىدى، يېزىلاردىكى پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تورلاشتۇرۇلدى.
مەمۇرىي رايون
[تەھرىرلەش]ئىقتىساد
[تەھرىرلەش]ئاساسىي قۇرۇلۇش
[تەھرىرلەش]نۇپوس ئىستاتىستىكا
[تەھرىرلەش]تەربىيە
[تەھرىرلەش]ساياھەتچىلىك
[تەھرىرلەش]مائارىپ
[تەھرىرلەش]تەنھەرىكەت يىغىنى
[تەھرىرلەش]سىرتقى ئۇلاش
[تەھرىرلەش]